< 1 Kings 22 >

1 Now for three years there was no war between Aram and Israel.
ئۈچ يىلغىچە سۇرىيە بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا جەڭ بولمىغاچقا، ئۇلار تىنچلىقتا ئۆتتى.
2 And it came about in the third year, that Jehoshaphat, king of Judah, came down to the king of Israel.
ئۈچىنچى يىلدا بولسا يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنى يوقلاپ باردى.
3 And the king of Israel said to his servants, Do you not see that Ramoth-gilead is ours? and we are doing nothing to get it back from the hands of the king of Aram.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: ــ گىلېئادتىكى راموت بىزنىڭكى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەرغۇ؟ شۇنداق ئىكەن، نېمىشقا بىز جىم ئولتۇرۇپ، تېخىچە سۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىدىن ئۇنى ئالمايمىز؟ ــ دېدى.
4 And he said to Jehoshaphat, Will you go with me to Ramoth-gilead to make war? And Jehoshaphat said to the king of Israel, I am as you are: my people as your people, my horses as your horses.
ئۇ يەھوشافاتقا: ــ جەڭ قىلغىلى مېنىڭ بىلەن گىلېئادتىكى راموتقا بېرىشقا ماقۇل بولامدىلا؟ ــ دەپ سورىدى. يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا جاۋاب بېرىپ: ــ بىز سىلىنىڭ-مېنىڭ دەپ ئايرىمايمىز؛ مېنىڭ خەلقىم ئۆزلىرىنىڭ خەلقىدۇر، مېنىڭ ئاتلىرىم سىلىنىڭ ئاتلىرىدۇر، دېدى.
5 Then Jehoshaphat said to the king of Israel, Let us now get directions from the Lord.
لېكىن يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: ــ ئۆتۈنىمەنكى، بۈگۈن ئاۋۋال پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى سوراپ كۆرگەيلا، دېدى.
6 So the king of Israel got all the prophets together, about four hundred men, and said to them, Am I to go to Ramoth-gilead to make war or not? And they said, Go up: for the Lord will give it into the hands of the king.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەيغەمبەرلەرنى، يەنى تۆت يۈزچە ئادەمنى يىغدۇرۇپ ئۇلاردىن: ــ سوقۇشقىلى گىلېئادتىكى راموتقا چىقسام بولامدۇ، يوق؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇلار: ــ چىققىن، رەب ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا بېرىدۇ، دېيىشتى.
7 But Jehoshaphat said, Is there no other prophet of the Lord here from whom we may get directions?
لېكىن يەھوشافات بولسا: ــ بۇلاردىن باشقا، يول سورىغۇدەك پەرۋەردىگارنىڭ بىرەر پەيغەمبىرى يوقمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
8 And the king of Israel said to Jehoshaphat, There is still one man by whom we may get directions from the Lord, Micaiah, son of Imlah; but I have no love for him, for he is a prophet of evil to me and not of good. And Jehoshaphat said, Let not the king say so.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا جاۋاب بېرىپ: ــ پەرۋەردىگاردىن يول سورايدىغان يەنە بىر ئادەم بار؛ لېكىن ئۇ مېنىڭ توغرامدا قۇتلۇقنى ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەتنى كۆرسىتىپ بېشارەت بەرگەچكە، مەن ئۇنى ئۆچ كۆرىمەن. ئۇ بولسا ئىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر، دېدى. يەھوشافات: ــ ئى ئالىيلىرى، سىلى ئۇنداق دېمىگەيلا، دېدى.
9 Then the king of Israel sent for one of his unsexed servants and said, Go quickly and come back with Micaiah, the son of Imlah.
ئاندىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىر چاكىرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ چاققان بېرىپ، ئىملاھنىڭ ئوغلى مىكايانى چاقىرتىپ كەل، دەپ بۇيرۇدى.
10 Now the king of Israel and Jehoshaphat, the king of Judah, were seated on their seats of authority, dressed in their robes, by the doorway into Samaria; and all the prophets were acting as prophets before them.
ئەمدى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات شاھانە كىيىملىرىنى كىيىشىپ، سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى خاماندا ھەربىرى ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى بېشارەت بەرمەكتە ئىدى.
11 And Zedekiah, the son of Chenaanah, made himself horns of iron and said, The Lord says, Pushing back the Aramaeans with these, you will put an end to them completely.
كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا بولسا ئۆزى تۆمۈردىن مۈڭگۈزلەرنى ياساپ چىقىپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مۇشۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن سۇرىيلەرنى يوقاتقۇچە ئۈسۈپ ئۇرسىلا»، دېدى.
12 And all the prophets said the same thing, saying, Go up to Ramoth-gilead, and it will go well for you, for the Lord will give it into the hands of the king.
ھەممە پەيغەمبەرلەر شۇنىڭغا ئوخشاش بېشارەت بېرىپ: «گىلېئادتىكى راموتقا چىقىپ سۆزسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلا؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرىدىكەن»، دېيىشتى.
13 Now the servant who had gone to get Micaiah said to him, See now, all the prophets with one voice are saying good things to the king; so let your words be like theirs and say good things.
مىكايانى قىچقىرغىلى بارغان خەۋەرچى ئۇنىڭغا: ــ مانا، ھەممە پەيغەمبەرلەر بىردەك پادىشاھقا ياخشى خەۋەر بەرمەكتە؛ ئەمدى ئۆتۈنىمەن، سېنىڭ سۆزۈڭمۇ ئۇلارنىڭ سۆزى بىلەن بىردەك بولۇپ، ياخشى بىر خەۋەرنى بەرگىن، دېدى.
14 And Micaiah said, By the living Lord, whatever the Lord says to me I will say.
ئەمما مىكايا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ماڭا نېمە ئېيتسا، مەن شۇنى ئېيتىمەن، دېدى.
15 When he came to the king, the king said to him, Micaiah, are we to go to Ramoth-gilead to make war or not? And in answer he said, Go up, and it will go well for you; and the Lord will give it into the hands of the king.
ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلگەندە پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ئى مىكايا، جەڭ قىلغىلى گىلېئادتىكى راموتقا چىقساق بولامدۇ، يوق؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ چىقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شەھەرنى پادىشاھنىڭ قولىغا بېرىدۇ، دېدى.
16 Then the king said to him, Have I not, again and again, put you on your oath to say nothing to me but what is true in the name of the Lord?
لېكىن پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا قانچە قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا راست گەپتىن باشقىسىنى ماڭا ئېيتماسلىققا قەسەم ئىچكۈزۈشۈم كېرەك؟! ــ دېدى.
17 Then he said, I saw all Israel wandering on the mountains like sheep without a keeper; and the Lord said, These have no master: let them go back, every man to his house in peace.
مىكايا: ــ مەن پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ تاغلاردا پادىچىسىز قويلاردەك تارىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار: «بۇلارنىڭ ئىگىسى يوق؛ بۇلارنىڭ ھەربىرى تىنچ-ئامان ئۆز ئۆيىگە قايتسۇن»، دېدى، ــ دېدى.
18 And the king of Israel said to Jehoshaphat, Did I not say that he would not be a prophet of good but of evil?
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا: ــ مانا، مەن سىلىگە «ئۇ مېنىڭ توغرامدا قۇتلۇقنى ئەمەس، بەلكى ھامان بالايىئاپەتنى كۆرسىتىپ بېشارەت بېرىدۇ»، دېمىگەنمىدىم؟ ــ دېدى.
19 And he said, Give ear now to the word of the Lord: I saw the Lord seated on his seat of power, with all the army of heaven in their places round him at his right hand and at his left.
مىكايا يەنە: ــ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىن؛ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز تەختىدە ئولتۇرغانلىقىنى، ئاسماننىڭ پۈتكۈل قوشۇنلىرى ئۇنىڭ يېنىدا، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.
20 And the Lord said, How may Ahab be tricked into going up to Ramoth-gilead to his death? And one said one thing and one another.
پەرۋەردىگار: «كىم ئاھابنى گىلېئادتىكى راموتقا چىقىپ، شۇ يەردە ھالاك بولۇشقا ئالدايدۇ؟» ــ دېدى. بىرسى ئۇنداق، بىرسى مۇنداق دېيىشتى؛
21 Then a spirit came forward and took his place before the Lord and said, I will get him to do it by a trick.
شۇ ۋاقىتتا بىر روھ چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: «مەن بېرىپ ئالداي»، دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: «قانداق ئۇسۇل بىلەن ئالدايسەن؟» ــ دەپ سورىۋىدى،
22 And the Lord said, How? And he said, I will go out and be a spirit of deceit in the mouth of all his prophets. And he said, Your trick will have its effect on him: go out and do so.
ئۇ: ــ «مەن چىقىپ ئۇنىڭ ھەممە پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزىدا يالغانچى بىر روھ بولىمەن»، دېدى. پەرۋەردىگار: ــ «ئۇنى ئالداپ ئىلكىڭگە ئالالايسەن؛ بېرىپ شۇنداق قىل» ــ دېدى.
23 And now, see, the Lord has put a spirit of deceit in the mouth of all these your prophets; and the Lord has said evil against you.
مانا ئەمدى پەرۋەردىگار سېنىڭ بۇ ھەممە پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ئاغزىغا يالغانچى بىر روھنى سالدى؛ پەرۋەردىگار سېنىڭ توغراڭدا بالايىئاپەت كۆرسىتىپ سۆزلىدى» ــ دېدى.
24 Then Zedekiah, the son of Chenaanah, came near and gave Micaiah a blow on the side of the face, saying, Where is the spirit of the Lord whose word is in you?
شۇنى ئاڭلاپ كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا كېلىپ مىكايانىڭ كاچىتىغا بىرنى سېلىپ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قايسى يول بىلەن مەندىن ئۆتۈپ، ساڭا سۆز قىلىشقا باردى؟! ــ دېدى.
25 And Micaiah said, Truly, you will see on that day when you go into an inner room to keep yourself safe.
مىكايا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۆزۈڭنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىچكىرىدىكى ئۆيگە يۈگۈرگەن كۈنىدە شۇنى كۆرىسەن، دېدى.
26 And the king of Israel said, Take Micaiah and send him back to Amon, the ruler of the town, and to Joash, the king's son;
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمدى: ــ مىكايانى ئېلىپ قايتۇرۇپ بېرىپ، شەھەر ھاكىمى ئامون بىلەن پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشقا تاپشۇرۇپ،
27 And say, It is the king's order that this man is to be put in prison and given prison food till I come again in peace.
ئۇلارغا تاپىلاپ: «پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇنى زىندانغا سولاپ مەن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلگۈچىلىك قىيناپ نان بىلەن سۇنى ئاز-ئاز بېرىپ تۇرۇڭلار» ــ دېگىن، دەپ بۇيرۇدى.
28 And Micaiah said, If you come back at all in peace, the Lord has not sent his word by me.
مىكايا: ــ ئەگەر سەن ھەقىقەتەن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلسەڭ، پەرۋەردىگار مېنىڭ ۋاسىتەم بىلەن سۆز قىلمىغان بولىدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇ يەنە: ــ ئەي جامائەت، ھەربىرىڭلار ئاڭلاڭلار، دېدى.
29 So the king of Israel and Jehoshaphat, the king of Judah, went up to Ramoth-gilead.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات گىلېئادتىكى راموتقا چىقتى.
30 And the king of Israel said to Jehoshaphat, I will make a change in my clothing, so that I do not seem to be the king, and will go into the fight; but do you put on your robes. So the king of Israel made a change in his dress and went into the fight.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا: ــ مەن باشقا قىياپەتكە كىرىپ جەڭگە چىقاي؛ سىلى بولسىلا ئۆز كىيىملىرىنى كىيىپ چىققايلا، دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى باشقا قىياپەت بىلەن جەڭگە چىقتى.
31 Now the king of Aram had given orders to the thirty-two captains of his war-carriages, saying, Make no attack on small or great, but only on the king of Israel.
سۇرىيەنىڭ پادىشاھى جەڭ ھارۋىلىرى ئۈستىدىكى ئوتتۇز ئىككى سەردارغا: ــ چوڭلىرى ياكى كىچىكلىرى بىلەن ئەمەس، پەقەت ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن سوقۇشۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى.
32 So when the captains of the war-carriages saw Jehoshaphat, they said, Truly, this is the king of Israel; and turning against him, they came round him, but Jehoshaphat gave a cry.
ۋە شۇنداق بولدىكى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى يەھوشافاتنى كۆرگەندە: ــ ئۇنى چوقۇم ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى دەپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى بۇرۇلدى. لېكىن يەھوشافات پەرياد كۆتۈردى.
33 And when the captains of the war-carriages saw that he was not the king of Israel, they went back from going after him.
جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى ئۇنىڭ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمەسلىكىنى كۆرگەندە ئۇنى قوغلىماي، بۇرۇلۇپ كېتىپ قېلىشتى.
34 And a certain man sent an arrow from his bow without thought of its direction, and gave the king of Israel a wound where his breastplate was joined to his clothing; so he said to the driver of his war-carriage, Go to one side and take me away out of the army, for I am badly wounded.
ئەمما بىرەيلەن قارىسىغىلا بىر ئوقيا ئېتىۋىدى، ئوق ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ ساۋۇتىنىڭ مۈرىسىدىن تۆۋەنكى ئۇلىقىدىن ئۆتۈپ تەگدى. ئۇ ھارۋىكېشىگە: ھارۋىنى ياندۇرۇپ مېنى سەپتىن چىقارغىن؛ چۈنكى مەن يارىدار بولدۇم، دېدى.
35 But the fight became more violent while the day went on; and the king was supported in his war-carriage facing the Aramaeans, and the floor of the carriage was covered with the blood from his wound, and by evening he was dead.
ئۇ كۈنى جەڭ بارغانسېرى قاتتىق بولدى. پادىشاھ بولسا سۇرىيلەرنىڭ ئۇدۇلىدا ئۆز جەڭ ھارۋىسىغا يۆلىنىپ ئۆرە تۇردى. زەخمىدىن قېنى ھارۋىنىڭ تېگىگىچە ئېقىپ، كەچ كىرگەندە ئۇ ئۆلدى.
36 And about sundown a cry went up from all parts of the army, saying, Let every man go back to his town and his country, for the king is dead.
كۈن پاتاردا قوشۇن ئارىسىدا بىر قاتتىق سادا ئاڭلىنىپ: ــ ھەر ئادەم ئۆز شەھىرىگە يانسۇن! ھەربىرى ئۆز يۇرتىغا يېنىپ كەتسۇن! ــ دېيىلدى.
37 And they came to Samaria, and put the king's body to rest in Samaria.
پادىشاھ ئۆلدى، كىشىلەر ئۇنى سامارىيەگە ئېلىپ كەلدى؛ ئۇلار پادىشاھنى سامارىيەدە دەپنە قىلدى.
38 And the war-carriage was washed by the pool of Samaria, which was the bathing-place of the loose women, and the dogs were drinking his blood there, as the Lord had said.
بىرسى پادىشاھنىڭ ھارۋىسىنى سامارىيەنىڭ كۆلىدە [يۇغاندا] (بۇ كۆل پاھىشە ئاياللار يۇيۇنىدىغان جاي ئىدى)، پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئىتلار ئۇنىڭ قېنىنى يالىدى.
39 Now the rest of the acts of Ahab, and all he did, and his ivory house, and all the towns of which he was the builder, are they not recorded in the book of the history of the kings of Israel?
ئاھابنىڭ باشقا ئىشلىرى، قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇنىڭ ياسىغان «پىل چىش سارىيى» ۋە بىنا قىلغان ھەممە شەھەرلەر توغرۇلۇق «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
40 So Ahab was put to rest with his fathers; and Ahaziah his son became king in his place.
ئاھاب ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى ئاھازىيا ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
41 And Jehoshaphat, the son of Asa, became king over Judah in the fourth year of Ahab's rule over Israel.
ئاسانىڭ ئوغلى يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاھابنىڭ سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلىدا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى.
42 Jehoshaphat was thirty-five years old when he became king, and he was king for twenty-five years in Jerusalem. His mother's name was Azubah, the daughter of Shilhi.
يەھوشافات پادىشاھ بولغاندا ئوتتۇز بەش ياشتا ئىدى، ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە بەش يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئازۇباھ بولۇپ، ئۇ شىلھىنىڭ قىزى ئىدى.
43 He did as Asa his father had done, not turning away from it, but doing what was right in the eyes of the Lord; but the high places were not taken away: the people went on making offerings and burning them in the high places.
ئۇ ھەر ئىشتا ئاتىسى ئاسانىڭ بارلىق يوللىرىدا يۈرۈپ، ئۇلاردىن چىقماي پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى. پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىغانىدى؛ خالايىق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»دا قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى.
44 And Jehoshaphat made peace with the king of Israel.
ۋە يەھوشافات بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق بولدى.
45 Now the rest of the acts of Jehoshaphat, and his great power, and how he went to war, are they not recorded in the book of the history of the kings of Judah?
يەھوشافاتنىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن قۇدرىتى، قانداق جەڭ قىلغانلىرى توغرىسىدا «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
46 He put an end to the rest of those who were used for sex purposes in the worship of the gods, all those who were still in the land in the time of his father Asa.
ئۇ ئاتىسى ئاسانىڭ كۈنلىرىدە زېمىندىن قوغلىۋېتىلمىگەن كەسپىي بەچچىۋازلارنى زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقاردى.
47 At that time there was no king in Edom;
ئۇ ۋاقىتتا ئېدومنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى، بەلكى بىر ۋالىي ھۆكۈم سۈرەتتى.
48 And the representative of King Jehoshaphat made a Tarshish-ship to go to Ophir for gold, but it did not go, because it was broken at Ezion-geber.
يەھوشافات ئوفىردىن ئالتۇن ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بىر «تارشىش كېمە» ئەترىتىنى قۇردى. لېكىن كېمىلەر ھېچيەرگە بارالمىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئەزىئون-گەبەردە ئۇرۇلۇپ ۋەيران بولغانىدى.
49 Then Ahaziah, the son of Ahab, said to Jehoshaphat, Let my men go with yours in the ships. But Jehoshaphat would not let them.
ئۇ ۋاقىتتا ئاھابنىڭ ئوغلى ئاھازىيا يەھوشافاتقا: ــ مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بىلەن كېمىلەردە بارسۇن، دېدى. لېكىن يەھوشافات ئۇنىمىدى.
50 Then Jehoshaphat went to rest with his fathers, and his body was put into the earth in the town of David his father; and Jehoram his son became king in his place.
يەھوشافات ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يەھورام ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
51 Ahaziah, the son of Ahab, became king over Israel in Samaria in the seventeenth year of the rule of Jehoshaphat, the king of Judah, and he was king over Israel for two years.
ئاھابنىڭ ئوغلى ئاھازىيا يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون يەتتىنچى يىلىدا سامارىيەدە ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولۇپ ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى.
52 He did evil in the eyes of the Lord, going in the ways of his father and his mother, and in the ways of Jeroboam, the son of Nebat, who made Israel do evil.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ ئاتىسىنىڭ يولىدا ۋە ئانىسىنىڭ يولىدا يۈرۈپ، شۇنداقلا ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ يولىدا ماڭدى؛
53 He was a servant and worshipper of Baal, moving the Lord, the God of Israel, to wrath, as his father had done.
ئۇ ئاتىسى قىلغاننىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، بائالنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.

< 1 Kings 22 >