< Zechariah 3 >

1 Then the angel showed me Joshua the high priest standing before the angel of the LORD, with Satan standing at his right hand to accuse him.
ئاندىن ئۇ ماڭا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان باش كاھىن يەشۇئانى، شۇنىڭدەك يەشۇئانىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىشكە تۇرغان شەيتاننى كۆرسەتتى.
2 And the LORD said to Satan: “The LORD rebukes you, Satan! Indeed, the LORD, who has chosen Jerusalem, rebukes you! Is not this man a firebrand snatched from the fire?”
پەرۋەردىگار شەيتانغا: «پەرۋەردىگار سېنى ئەيىبلىسۇن، ئى شەيتان! بەرھەق، يېرۇسالېمنى تاللىۋالغان پەرۋەردىگار سېنى ئەيىبلىسۇن! بۇ [كىشى] ئوتتىن تارتىۋېلىنغان بىر چۇچۇلا ئوتۇن ئەمەسمۇ؟» ــ دېدى.
3 Now Joshua was dressed in filthy garments as he stood before the angel.
يەشۇئا بولسا پاسكىنا كىيىملەرنى كىيگەن ھالدا پەرىشتىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى.
4 So the angel said to those standing before him, “Take off his filthy clothes!” Then he said to Joshua, “See, I have removed your iniquity, and I will clothe you with splendid robes.”
ئۇ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلارغا: «بۇ پاسكىنا كىيىمنى ئۇنىڭدىن سالدۇرىۋېتىڭلار» ــ دېدى ۋە ئۇنىڭغا: «قارا، مەن قەبىھلىكىڭنى سەندىن ئېلىپ كەتتىم، ساڭا ھېيتلىق كىيىم كىيگۈزدۈم» ــ دېدى.
5 Then I said, “Let them put a clean turban on his head.” So a clean turban was placed on his head, and they clothed him, as the angel of the LORD stood by.
مەن: «ئۇلار بېشىغا پاكىز بىر سەللىنى ئورىسۇن!» ــ دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاكىز بىر سەللىنى ئۇنىڭ بېشىغا ئوراپ، ئۇنىڭغا كىيىم كىيدۈردى؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىر ياندا تۇراتتى.
6 Then the angel of the LORD gave this charge to Joshua:
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەشۇئاغا مۇنداق جېكىلىدى: ــ
7 “This is what the LORD of Hosts says: ‘If you walk in My ways and keep My instructions, then you will govern My house and will also have charge of My courts; and I will give you a place among these who are standing here.
«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەگەر يوللىرىمدا ماڭساڭ، تاپىلىغىنىمنى چىڭ تۇتساڭ، مېنىڭ ئۆيۈمنى باشقۇرىسەن، ھويلىلىرىمغا قارايدىغان بولىسەن؛ ساڭا يېنىمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن.
8 Hear now, O high priest Joshua, you and your companions seated before you, who are indeed a sign. For behold, I am going to bring My servant, the Branch.
ــ ئى باش كاھىن يەشۇئا، سەن ۋە سېنىڭ ئالدىڭدا ئولتۇرغان ھەمراھلىرىڭ ئاڭلاڭلار (چۈنكى ئۇلار بېشارەتلىك ئادەملەر): ــ مانا، مەن «شاخ» دەپ ئاتالغان قۇلۇمنى مەيدانغا چىقىرىمەن.
9 See the stone I have set before Joshua; on that one stone are seven eyes. Behold, I will engrave on it an inscription, declares the LORD of Hosts, and I will remove the iniquity of this land in a single day.
مانا، مەن يەشۇئانىڭ ئالدىغا قويغان تاشقا قارا! ــ بۇ بىر تاشنىڭ ئۈستىدە يەتتە كۆز بار؛ مانا، مەن ئۇنىڭ نەقىشلىرىنى ئۆزۈم ئويىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ۋە مەن بۇ زېمىننىڭ قەبىھلىكىنى بىر كۈن ئىچىدىلا ئېلىپ تاشلايمەن.
10 On that day, declares the LORD of Hosts, you will each invite your neighbor to sit under your own vine and fig tree.’”
شۇ كۈنى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلارنى ئۈزۈم تېلى ۋە ئەنجۈر دەرىخى ئاستىغا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىسىلەر».

< Zechariah 3 >