< Proverbs 14 >

1 Every wise woman builds her house, but a foolish one tears it down with her own hands.
ھەربىر دانا ئايال ئۆز ئائىلىسىنى ئاۋات قىلار؛ ئەخمەق ئايال ئائىلىسىنى ئۆز قولى بىلەن ۋەيران قىلار.
2 He who walks in uprightness fears the LORD, but the one who is devious in his ways despises Him.
دۇرۇسلۇق يولىدا ماڭىدىغان كىشى پەرۋەردىگاردىن قورقار؛ قىڭغىر يولدا ماڭغان كىشى [خۇدانى] كۆزگە ئىلماس.
3 The proud speech of a fool brings a rod to his back, but the lips of the wise protect them.
ئەخمەقنىڭ تەكەببۇر ئاغزى ئۆزىگە تاياق بولار؛ ئاقىلانىنىڭ لەۋلىرى ئۆزىنى قوغدار.
4 Where there are no oxen, the manger is empty, but an abundant harvest comes through the strength of the ox.
ئۇلاغ بولمىسا، ئېغىل پاك-پاكىز تۇرار؛ بىراق ئۆكۈزنىڭ كۈچى بولغاندىلا [ساڭغا] ئاشلىق تولار.
5 An honest witness does not deceive, but a dishonest witness pours forth lies.
ئىشەنچلىك گۇۋاھچى يالغان ئېيتماس؛ ساختا گۇۋاھچى يالغان گەپنى نەپەستەك تىنار.
6 A mocker seeks wisdom and finds none, but knowledge comes easily to the discerning.
ھاكاۋۇرلار دانالىق ئىزدەپ تاپالماس؛ بىراق يورۇتۇلغان ئادەمگە بىلىم ئېلىش ئاسانغا چۈشەر.
7 Stay away from a foolish man; you will gain no knowledge from his speech.
بىراۋنىڭ ئاغزىدا بىلىم يوقلۇقىنى بىلىپ يەتكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭنى نېرى تارت.
8 The wisdom of the prudent is to discern his way, but the folly of fools deceives them.
ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىنىڭ دانالىقى ئۆز يولىنى ئويلىنىشتىدۇر؛ ئەخمەقلەرنىڭ ئەقىلسىزلىكى بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنىشىدۇر.
9 Fools mock the making of amends, but goodwill is found among the upright.
ئەخمەقلەر بولسا «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى»نى كۆزگە ئىلمايدۇ، ھەققانىيلار ئارىسىدا بولسا ئىلتىپات تېپىلار.
10 The heart knows its own bitterness, and no stranger shares in its joy.
كۆڭۈلدىكى دەردنى پەقەت ئۆزىلا كۆتۈرەلەر؛ كۆڭۈلدىكى خۇشلۇققىمۇ باشقىلار شېرىك بولالماس.
11 The house of the wicked will be destroyed, but the tent of the upright will flourish.
ياماننىڭ ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشەر؛ ھەققانىي ئادەمنىڭ چېدىرى گۈللىنىپ كېتەر.
12 There is a way that seems right to a man, but its end is the way of death.
ئادەم بالىسىغا توغرىدەك كۆرۈنىدىغان بىر يول بار، لېكىن ئاقىۋىتى ھالاكەتكە بارىدىغان يوللاردۇر.
13 Even in laughter the heart may ache, and joy may end in sorrow.
ئويۇن-كۈلكە بولسا قەلبتىكى غەم-قايغۇنى ياپار، خۇشاللىق ئۆتۈپ كەتكەندە، غەم-قايغۇ يەنىلا قالار.
14 The backslider in heart receives the fill of his own ways, but a good man is rewarded for his ways.
توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ يانغان ئادەم ھامان ئۆز يولىدىن تويار؛ ياخشى ئادەم ئۆز ئىشىدىن قانائەتلىنەر.
15 The simple man believes every word, but the prudent man watches his steps.
ساددىلار ھەممە گەپكە ئىشىنىپ كېتەر؛ لېكىن پەم-پاراسەتلىك كىشى ھەربىر قەدەمنى ئاۋايلاپ باسار.
16 A wise man fears and turns from evil, but a fool is careless and reckless.
دانا ئادەم ئېھتىياتچان بولۇپ ئاۋارىچىلىكتىن نېرى كېتەر؛ ئەخمەق ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ ئالدىغا ماڭار.
17 A quick-tempered man acts foolishly, and a devious man is hated.
تېرىككەك ئەخمەقلىق قىلار؛ نەيرەڭۋاز ئادەم نەپرەتكە ئۇچرار.
18 The simple inherit folly, but the prudent are crowned with knowledge.
ساددىلار ئەخمەقلىققا ۋارىسلىق قىلار؛ پەم-پاراسەتلىكلەر بىلىمنى ئۆز تاجى قىلار.
19 The evil bow before the good, and the wicked at the gates of the righteous.
يامانلار ياخشىلارنىڭ ئالدىدا ئىگىلەر؛ قەبىھلەر ھەققانىينىڭ دەرۋازىلىرى ئالدىدا [باش ئۇرار].
20 The poor man is hated even by his neighbor, but many are those who love the rich.
نامرات كىشى ھەتتا ئۆز يېقىنىغىمۇ يامان كۆرۈنەر. باينىڭ دوستى بولسا كۆپتۇر.
21 He who despises his neighbor sins, but blessed is he who shows kindness to the poor.
يېقىنىنى پەس كۆرگەن گۇناھكاردۇر؛ لېكىن مىسكىنلەرگە رەھىم قىلغان بەرىكەت تاپار.
22 Do not those who contrive evil go astray? But those who plan goodness find loving devotion and faithfulness.
يامانلىق ئويلىغانلار يولدىن ئاداشقانلاردىن ئەمەسمۇ؟ بىراق ياخشىلىق ئويلىغانلار رەھىم-شەپقەت، ھەقىقەت-سادىقلىققا مۇيەسسەر بولار.
23 There is profit in all labor, but mere talk leads only to poverty.
ھەممە مېھنەتتىن پايدا چىقار؛ بىراق قۇرۇق پاراڭلار ئادەمنى موھتاجلىقتا قالدۇرار.
24 The crown of the wise is their wealth, but the effort of fools is folly.
ئاقىلانىلەر ئۈچۈن بايلىقلار بىر تاجدۇر؛ ئەخمەقلەرنىڭ نادانلىقىدىن پەقەت يەنە شۇ نادانلىقلا چىقار.
25 A truthful witness saves lives, but one who utters lies is deceitful.
ھەققانىي گۇۋاھلىق بەرگۈچى كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزار؛ يالغان-ياۋىداق سۆزلەيدىغان [گۇۋاھچى] يالغان گەپنى نەپەستەك تىنار.
26 He who fears the LORD is secure in confidence, and his children shall have a place of refuge.
پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغاننىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بار، ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ ھىمايىگە ئىگە بولار.
27 The fear of the LORD is a fountain of life, turning a man from the snares of death.
پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ھاياتنىڭ بۇلىقىدۇر؛ ئۇ كىشىنى ئەجەللىك تۇزاقلاردىن قۇتقۇزار.
28 A large population is a king’s splendor, but a lack of subjects is a prince’s ruin.
پادىشاھنىڭ شان-شەرىپى پۇقراسىنىڭ كۆپلىكىدىندۇر؛ پۇقراسىنىڭ كەملىكى ئەمىرنىڭ ھالاكىتىدۇر.
29 A patient man has great understanding, but a quick-tempered man promotes folly.
ئېغىر-بېسىق كىشى ئىنتايىن ئاقىل كىشىدۇر؛ چېچىلغاق ئەخمەقلىقنى ئۇلۇغلار.
30 A tranquil heart is life to the body, but envy rots the bones.
خاتىرجەم كۆڭۈل تەننىڭ ساقلىقىدۇر؛ ھەسرەت چېكىش بولسا سۆڭەكلەرنى چىرىتار.
31 Whoever oppresses the poor taunts their Maker, but whoever is kind to the needy honors Him.
مىسكىننى بوزەك قىلغۇچى ــ پەرۋەردىگارغا ھاقارەت قىلغۇچىدۇر؛ ھاجەتمەنلەرگە شاپائەت قىلىش ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىكتۇر.
32 The wicked man is thrown down by his own sin, but the righteous man has a refuge even in death.
يامان ئۆز يامانلىقى ئىچىدە يىقىتىلار؛ ھەققانىي ئادەم ھەتتا سەكراتتا ياتقاندىمۇ خاتىرجەم بولار.
33 Wisdom rests in the heart of the discerning; even among fools she is known.
يورۇتۇلغان كىشىنىڭ كۆڭلىدە دانالىق ياتار؛ بىراق ئەخمەقنىڭ كۆڭلىدىكىسى ئاشكارا بولماي قالماس.
34 Righteousness exalts a nation, but sin is a disgrace to any people.
ھەققانىيەت ھەرقايسى ئەلنى يۇقىرى كۆتۈرەر؛ گۇناھ ھەرقانداق مىللەتنى نومۇسقا قالدۇرار.
35 A king delights in a wise servant, but his anger falls on the shameful.
پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتى ئەقىللىق خىزمەتكارنىڭ بېشىغا چۈشەر؛ بىراق ئۇنىڭ غەزىپى نومۇستا قالدۇرغۇچى ئۇياتسىز خىزمەتكارىنىڭ بېشىغا چۈشەر.

< Proverbs 14 >