< Nehemiah 13 >

1 At that time the Book of Moses was read aloud in the hearing of the people, and in it they found the passage stating that no Ammonite or Moabite should ever enter the assembly of God,
شۇ كۈندە مۇسانىڭ كىتابى جامائەت ئالدىدا ئوقۇپ بېرىلدى، كىتابتا: ئاممونىيلار بىلەن موئابىيلار مەڭگۈ خۇدانىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن،
2 because they had not met the Israelites with food and water, but had hired Balaam to call down a curse against them (although our God had turned the curse into a blessing).
چۈنكى ئۇلار ئىسرائىللارنى ئوزۇقلۇق ۋە سۇ ئەكىلىپ قارشى ئالماي، ئەكسىچە ئۇلارنى قارغاشقا بالائامنى ياللىۋالغان؛ ھالبۇكى، خۇدايىمىز ئۇ قارغاشلارنى بەخت-بەرىكەتكە ئايلاندۇرىۋەتكەن، دەپ يېزىلغان سۆزلەر چىقتى.
3 As soon as the people heard this law, they excluded from Israel all of foreign descent.
شۇنداق بولدىكى، جامائەت بۇ قانۇن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بارلىق شالغۇت كىشىلەرنى ئىلغاپ چىقىرىۋەتتى.
4 Now before this, Eliashib the priest, a relative of Tobiah, had been put in charge of the storerooms of the house of our God
بۇ ئىشتىن ئاۋۋال، خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىسىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل كاھىن ئەلىياشىب توبىيانىڭ تۇغقىنى بولۇپ،
5 and had prepared for Tobiah a large room where they had previously stored the grain offerings, the frankincense, the temple articles, and the tithes of grain, new wine, and oil prescribed for the Levites, singers, and gatekeepers, along with the contributions for the priests.
ئۇنىڭغا كەڭرى بىر ئۆينى تەييارلاپ بەرگەنىدى. شۇ ئۆيدە ئىلگىرى ئاشلىق ھەدىيەلەر، مەستىكى، قاچا-قۇچا، شۇنىڭدەك لاۋىيلار، غەزەلكەشلەر ۋە دەرۋازىۋەنلەرگە بېرىشكە بۇيرۇلغان ئاشلىق ئۆشرىلەر، يېڭى شاراب ۋە يېڭى زەيتۇن مېيى، شۇنداقلا كاھىنلارغا ئاتالغان «كۆتۈرمە قۇربانلىق»لار ساقلىناتتى.
6 While all this was happening, I was not in Jerusalem, because I had returned to Artaxerxes king of Babylon in the thirty-second year of his reign. Some time later I obtained leave from the king
بۇ ۋاقىتلاردا مەن يېرۇسالېمدا ئەمەس ئىدىم؛ چۈنكى بابىل پادىشاھى ئارتاخشاشتانىڭ ئوتتۇز ئىككىنچى يىلى مەن پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتكەنىدىم؛ بىر مەزگىلدىن كېيىن مەن يەنە پادىشاھتىن رۇخسەت ئېلىپ
7 to return to Jerusalem. Then I discovered the evil that Eliashib had done on behalf of Tobiah by providing him a room in the courts of the house of God.
يېرۇسالېمغا قايتىپ بارسام، ئەلىياشىبنىڭ خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ھويلىلاردا توبىياغا ئۆي ھازىرلاپ بەرگەنلىكىدەك رەزىل ئىشنى ئۇقتۇم.
8 And I was greatly displeased and threw all of Tobiah’s household goods out of the room.
بۇ ئىش مېنى قاتتىق ئازابلىدى، مەن توبىيانىڭ ئۆيىدىكى بارلىق ئۆي جاھازلىرىنى قويماي تالاغا تاشلاتقۇزىۋەتتىم.
9 Then I ordered that the rooms be purified, and I had the articles of the house of God restored to them, along with the grain offerings and frankincense.
مەن يەنە ئەمر قىلىپ، ئۇ ئۆيلەرنى پاكلاتقۇزۇپ، ئاندىن خۇدانىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچا، ئاشلىق ھەدىيەلەر بىلەن مەستىكنى ئۇ يەرگە ئەكىرگۈزۈپ قويدۇم.
10 I also learned that because the portions for the Levites had not been given to them, all the Levites and singers responsible for performing the service had gone back to their own fields.
مەن يەنە خەقلەرنىڭ لاۋىيلارنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك ئۈلۈشلىرىنى بەرمىگەنلىكىنى، ھەتتا ۋەزىپىگە قويۇلغان لاۋىيلار بىلەن غەزەلكەشلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆز يەر-ئېتىزلىقىغا قېچىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم؛
11 So I rebuked the officials and asked, “Why has the house of God been neglected?” Then I gathered the Levites and singers together and stationed them at their posts,
شۇڭا مەن ئەمەلدارلار بىلەن سوقۇشۇپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ: ــ نېمىشقا خۇدانىڭ ئۆيى شۇنداق تاشلىۋېتىلدى؟! ــ دەپ، [لاۋىيلارنى] يىغىپ ئۇلارنى ئىلگىرىكى ئورنىغا يېڭىۋاشتىن تۇرغۇزدۇم.
12 and all Judah brought a tenth of the grain, new wine, and oil into the storerooms.
ئاندىن بارلىق يەھۇدىيە خەلقى ئاشلىق ئۆشرىسىنى، يېڭى شاراب ۋە يېڭى زەيتۇن مېيىنى خەزىنە-ئامبارلىرىغا ئېلىپ كېلىپ تاپشۇردى.
13 I appointed as treasurers over the storerooms Shelemiah the priest, Zadok the scribe, and Pedaiah of the Levites, with Hanan son of Zaccur, the son of Mattaniah, to assist them, because they were considered trustworthy. They were responsible for distributing the supplies to their fellow Levites.
مەن خەزىنە-ئامبارلارغا مەسئۇل بولۇشقا خەزىنىچى-ئامبارچىلارنى تەيىنلىدىم؛ ئۇلار كاھىن شەلەمىيا، تەۋراتشۇناس زادوك بىلەن لاۋىيلاردىن بولغان پىدايا ئىدى؛ ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا ماتتانىيانىڭ نەۋرىسى، زاككۇرنىڭ ئوغلى ھانان بار ئىدى؛ چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى سادىق، ئىشەنچلىك دەپ ھېسابلىناتتى؛ ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى قېرىنداشلىرىغا تېگىشلىك ئۈلۈشلەرنى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىش ئىدى.
14 Remember me for this, O my God, and do not blot out my deeds of loving devotion for the house of my God and for its services.
ــ «ئاھ خۇدايىم، مۇشۇ ئىش يۈزىسىدىن مېنى ياد ئەيلىگەيسەن، خۇدايىمنىڭ ئۆيى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت خىزمەتلەر ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھرىمنى ئۆچۈرۈۋەتمىگەيسەن!»
15 In those days I saw people in Judah treading winepresses on the Sabbath and bringing in grain and loading it on donkeys, along with wine, grapes, and figs. All kinds of goods were being brought into Jerusalem on the Sabbath day. So I warned them against selling food on that day.
شۇ كۈنلەردىمۇ مەن يەھۇدىيەدە بەزىلەرنىڭ شابات كۈنلىرىدە شاراب كۆلچەكلىرىنى چەيلەۋاتقىنىنى، ئۆنچىلەرنى باغلاپ، بۇلارنى ۋە شۇنىڭدەك شاراب، ئۈزۈم، ئەنجۈر ۋە ھەرخىل يۈكلەرنى ئېشەكلەرگە ئارتىپ، توشۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم؛ ئۇلار بۇلارنى يېرۇسالېمغا شابات كۈنىدە ئېلىپ كىردى؛ ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئاش-تۈلۈكلەرنى سېتىپ يۈرگەن كۈنى مەن ئۇلارنى گۇۋاھلىق بېرىپ ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم.
16 Additionally, men of Tyre who lived there were importing fish and all kinds of merchandise and selling them on the Sabbath to the people of Judah in Jerusalem.
يەنە يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان بەزى تۇرلۇقلار بېلىق ۋە ھەرخىل مال-تاۋارلارنى توشۇپ كېلىپ شابات كۈنى يەھۇدىيەلىكلەرگە ساتىدىكەن، يەنە كېلىپ بۇلارنى يېرۇسالېمدا ساتىدىكەن!
17 Then I rebuked the nobles of Judah and asked, “What is this evil you are doing—profaning the Sabbath day?
شۇ سەۋەبتىن مەن يەھۇدىيە ئەمىرلىرى بىلەن سوقۇشۇپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ: ــ سىلەرنىڭ شابات كۈنىنى بۇلغاپ، رەزىل ئىش قىلغىنىڭلار نېمىسى؟
18 Did not your forefathers do the same things, so that our God brought all this disaster on us and on this city? And now you are rekindling His wrath against Israel by profaning the Sabbath!”
ئىلگىرى ئاتا-بوۋاڭلار ئوخشاش ئىشنى قىلغان ئەمەسمۇ، شۇنىڭ بىلەن خۇدايىمىز بىزنىڭ بېشىمىزغا ۋە بۇ شەھەرگە ھازىرقى بۇ بالايىئاپەتنى ياغدۇرغان ئەمەسمۇ؟ ئەمدى سىلەر شابات كۈنىنى بۇلغاپ، ئىسرائىلنىڭ بېشىغا خۇدانىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ ياغدۇرىدىغان بولدۇڭلار، دېدىم.
19 When the evening shadows began to fall on the gates of Jerusalem, just before the Sabbath, I ordered that the gates be shut and not opened until after the Sabbath. I posted some of my servants at the gates so that no load could enter on the Sabbath day.
شۇڭا، شۇنداق بولدىكى، شابات كۈنىدىن ئىلگىرى، گۇگۇم سايىسى يېرۇسالېم قوۋۇقلىرىغا چۈشكەن ۋاقتىدا، مەن شەھەر قوۋۇقلىرىنى ئېتىشنى بۇيرۇدۇم ۋە شۇنىڭدەك شابات كۈنى ئۆتۈپ كەتكۈچە قوۋۇقلارنى ئاچماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردۇم. مەن يەنە ھېچقانداق يۈكنىڭ توشۇلۇپ قوۋۇقلاردىن كىرگۈزۈلمەسلىكى ئۈچۈن خىزمەتكارلىرىمنىڭ بەزىلىرىنى شەھەر قوۋۇقلىرىغا كۆزەتچى قىلىپ تۇرغۇزۇپ قويدۇم.
20 Once or twice, the merchants and those who sell all kinds of goods camped outside Jerusalem,
شۇنداق بولسىمۇ سودىگەرلەر ۋە ھەرخىل مال-تاۋار ساتىدىغانلار بىر-ئىككى قېتىم يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدا تۈنىدى.
21 but I warned them, “Why are you camping in front of the wall? If you do it again, I will lay hands on you.” From that time on, they did not return on the Sabbath.
مەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ــ سىلەر نېمىشقا سېپىلنىڭ ئالدىدا تۈنەيسىلەر؟ يەنە شۇنداق قىلىدىغان بولساڭلار، مەن ئۈستۈڭلارغا قول سالىمەن، دېۋىدىم، ئۇلار شۇنىڭدىن باشلاپ شابات كۈنىدە كەلمىدى.
22 Then I instructed the Levites to purify themselves and guard the gates in order to keep the Sabbath day holy. Remember me for this as well, O my God, and show me mercy according to Your abundant loving devotion.
ئاندىن شابات كۈنىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، مەن لاۋىيلارغا: ــ ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار؛ ئاندىن كېلىپ سېپىل دەرۋازىلىرىنى بېقىڭلار، دېدىم. ــ «ئى خۇدايىم، مۇشۇ ئىش يۈزىسىدىنمۇ مېنى ياد ئەيلىگەيسەن، ئۆزۈڭنىڭ زور ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن مېنى ئايىغايسەن!»
23 In those days I also saw Jews who had married women from Ashdod, Ammon, and Moab.
شۇ كۈنلەردە مەن يەنە ئاشدود، ئاممون ۋە موئاب قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئالغان بەزى يەھۇدالارنى بايقىدىم.
24 Half of their children spoke the language of Ashdod or of the other peoples, but could not speak the language of Judah.
ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ يېرىمى ئاشدودچە سۆزلەيدىكەن (ۋە ياكى يۇقىرىقى ئەللەرنىڭ بىرىنىڭ تىلىدا سۆزلەيدىغان) ۋە يەھۇدىي تىلىدا شۆزلىيەلمەيدىكەن.
25 I rebuked them and called down curses on them. I beat some of these men and pulled out their hair. Then I made them take an oath before God and said, “You must not give your daughters in marriage to their sons or take their daughters as wives for your sons or for yourselves!
مەن ئۇلارنى [سوقۇشۇپ] ئەيىبلىدىم، ئۇلارنى قارغىدىم، بىر نەچچىسىنى ئۇرۇپ چاچ-ساقاللىرىنى يۇلدۇم، خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكۈزۈپ: ــ سىلەرنىڭ قىزلىرىڭلارنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرمەيسىلەر، ئوغۇللىرىڭلارغىمۇ، ئۆزۈڭلارغىمۇ ئۇلاردىن قىز ئالمايسىلەر!
26 Did not King Solomon of Israel sin in matters like this? There was not a king like him among many nations, and he was loved by his God, who made him king over all Israel—yet foreign women drew him into sin.
ئىسرائىل پادىشاھى سۇلايمان مۇشۇنداق ئىشلاردا گۇناھ سادىر قىلغان ئەمەسمۇ؟ نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىدا ئۇنىڭغا ئوخشاش ھېچقانداق پادىشاھ يوق ئىدى؛ ئۇ ئۆز خۇداسى تەرىپىدىن سۆيۈلگەن، خۇدا ئۇنى پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەتتا ئۇنىمۇ يات ئەللىك ئاياللار ئازدۇرۇپ گۇناھقا پاتقۇزغان.
27 Must we now hear that you too are doing all this terrible evil and acting unfaithfully against our God by marrying foreign women?”
ئەمدى سىلەرنىڭ گېپىڭلارغا كىرىپ بۇنداق چوڭ رەزىللىك قىلىپ، يات ئەللىك قىزلارنى ئېلىپ خۇدايىمىزغا ۋاپاسىزلىق قىلىمىزمۇ؟ ــ دېدىم.
28 Even one of the sons of Jehoiada son of Eliashib the high priest had become a son-in-law to Sanballat the Horonite. Therefore I drove him away from me.
باش كاھىن ئەلىياشىبنىڭ نەۋرىسى، يويادانىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى ھورونلۇق سانباللاتنىڭ كۈيئوغلى ئىدى؛ مەن ئۇنى يېنىمدىن قوغلىۋەتتىم.
29 Remember them, O my God, because they have defiled the priesthood and the covenant of the priesthood and of the Levites.
ــ «ئى خۇدايىم، سەن ئۇلارنى يادىڭدا تۇتقايسەن، چۈنكى ئۇلار كاھىنلىققا داغ تەگكۈگۈچىلەر، كاھىنلىق ھەم لاۋىيلارغا تەۋە ئەھدىنىمۇ بۇلغىغۇچىلاردۇر!».
30 Thus I purified the priests and Levites from everything foreign, and I assigned specific duties to each of the priests and Levites.
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى يات ئەللىكلەرنىڭ بۇلغاشلىرىدىن نېرى قىلىپ پاكلاندۇردۇم ۋە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنىمۇ [يېڭىۋاشتىن] بەلگىلەپ، ھەركىمنى ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئىگە قىلدىم.
31 I also arranged for contributions of wood at the appointed times, and for the firstfruits. Remember me, O my God, with favor.
مەن يەنە ئۆز ۋاقتىدا ئوتۇن-ياغاچ ئېلىپ كېلىنىشى ۋە دەسلەپكى ھوسۇلنى يەتكۈزۈپ تۇرۇشقىمۇ ئادەم ئورۇنلاشتۇردۇم. «ئاھ خۇدايىم، مېنى يادىڭدا تۇتۇپ، ماڭا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن!».

< Nehemiah 13 >