< Leviticus 14 >

1 Then the LORD said to Moses,
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
2 “This is the law for the one afflicted with a skin disease on the day of his cleansing, when he is brought to the priest.
پېسە-ماخاۋ بولغان كىشى پاك قىلىنىدىغان كۈنىدە بەجا قىلىش كېرەك بولغان قانۇن-بەلگىلىمە مانا تۆۋەندىكىدەكتۇر: ــ ئۇ كاھىننىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن.
3 The priest is to go outside the camp to examine him, and if the skin disease of the afflicted person has healed,
كاھىن چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا چىقىپ، پېسە-ماخاۋ بولغان كىشىگە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر پېسە-ماخاۋ بولغان كىشى كېسىلىدىن ساقايغان بولسا،
4 the priest shall order that two live clean birds, cedar wood, scarlet yarn, and hyssop be brought for the one to be cleansed.
ئۇنداقتا كاھىن پاك قىلىنىدىغان كىشىگە پاك، تىرىك قۇشتىن ئىككىنى ئۇنىڭغا قوشۇپ كېدىر ياغىچى، قىزىل رەخت ۋە زوفا كەلتۈرۈشكە بۇيرۇسۇن.
5 Then the priest shall command that one of the birds be slaughtered over fresh water in a clay pot.
ئاندىن كاھىن قۇشلارنىڭ بىرىنى ئېقىن سۇ قاچىلانغان ساپال كوزىنىڭ ئۈستىدە بوغۇزلاڭلار دەپ بۇيرۇسۇن؛
6 And he is to take the live bird together with the cedar wood, scarlet yarn, and hyssop, and dip them into the blood of the bird that was slaughtered over the fresh water.
ئاندىن تىرىك قۇشنى بولسا، كاھىن ئۇنى كېدىر ياغىچى، قىزىل رەخت ۋە زوفا بىلەن ئېلىپ كېلىپ، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تىرىك قۇش بىلەن بىرگە ئېقىن سۇنىڭ ئۈستىدە بوغۇزلانغان قۇشنىڭ قېنىغا چىلىسۇن،
7 Seven times he shall sprinkle the one to be cleansed of the skin disease. Then he shall pronounce him clean and release the live bird into the open field.
ئاندىن پېسە-ماخاۋدىن پاك قىلىنىدىغان كىشىگە يەتتە قېتىم سېپىشى بىلەن ئۇنى پاك دەپ جاكارلىسۇن؛ ۋە تىرىك قۇشنى دالاغا قويۇپ بەرسۇن.
8 The one being cleansed must wash his clothes, shave off all his hair, and bathe with water; then he will be ceremonially clean. Afterward, he may enter the camp, but he must remain outside his tent for seven days.
پېسە-ماخاۋدىن پاك قىلىنىدىغان كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىدىكى بارلىق تۈكلەرنى چۈشۈرۈپ، سۇدا يۇيۇنغاندىن كېيىن پاك ھېسابلىنىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا چېدىرگاھقا كىرىشكە ئىجازەت بولىدۇ؛ پەقەت ئۇ يەتتە كۈنگىچە ئۆز چېدىرىنىڭ تېشىدا تۇرۇشى كېرەك.
9 On the seventh day he must shave off all his hair—his head, his beard, his eyebrows, and the rest of his hair. He must wash his clothes and bathe himself with water, and he will be clean.
يەتتىنچى كۈنى ئۇ بەدىنىدىكى ھەممە تۈكلەرنى چۈشۈرسۇن؛ باشنىڭ چاچ-ساقاللىرى ۋە قېشىنى، يەنى بارلىق تۈكلىرىنى چۈشۈرسۇن؛ ئۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ ئۆز بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئاندىن پاك بولىدۇ.
10 On the eighth day he is to bring two unblemished male lambs, an unblemished ewe lamb a year old, a grain offering of three-tenths of an ephah of fine flour mixed with olive oil, and one log of olive oil.
سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى بېجىرىم ئەركەك قوزا بىلەن بىر ياشقا كىرگەن بېجىرىم چىشى قوزىدىن بىرنى، شۇنىڭدەك بىر [ئەفاھنىڭ] ئوندىن ئۈچىگە باراۋەر زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇن «ئاشلىق ھەدىيە»نى، بىر لوگ زەيتۇن مېيىنى كەلتۈرسۇن.
11 The priest who performs the cleansing shall present the one to be cleansed, together with these offerings, before the LORD at the entrance to the Tent of Meeting.
ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلايدىغان بۇ رەسىم-قائىدىنى ئۆتكۈزىدىغان كاھىن پاك قىلىنىدىغان كىشىنى ۋە ئۇ نەرسىلەرنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر قىلسۇن.
12 Then the priest is to take one of the male lambs and present it as a guilt offering, along with the log of olive oil; and he must wave them as a wave offering before the LORD.
ئاندىن كاھىن ئەركەك قوزىلارنىڭ بىرىنى ئېلىپ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ سۇنۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ بىر لوگ زەيتۇن مېيىنىمۇ كەلتۈرۈپ، پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن.
13 Then he is to slaughter the lamb in the sanctuary area where the sin offering and burnt offering are slaughtered. Like the sin offering, the guilt offering belongs to the priest; it is most holy.
قوزا بولسا مۇقەددەس بىر جاينىڭ ئىچىدە گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايدا بوغۇزلانسۇن؛ چۈنكى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولسا گۇناھ قۇربانلىقىغا ئوخشاش، كاھىنغا تەۋە بولۇپ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» سانىلىدۇ.
14 The priest is to take some of the blood from the guilt offering and put it on the right earlobe of the one to be cleansed, on the thumb of his right hand, and on the big toe of his right foot.
كاھىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئېلىپ پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا ۋە ئوڭ قولىنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن ئوڭ پۇتىنىڭ چوڭ بارمىقىغىمۇ سۈرۈپ قويسۇن.
15 Then the priest shall take some of the log of olive oil, pour it into his left palm,
ئاندىن كاھىن شۇ بىر لوگ زەيتۇن مېيىدىن ئېلىپ، ئۆزىنىڭ سول قولىنىڭ ئالىقىنىغا ئازغىنا قۇيسۇن.
16 dip his right forefinger into the oil in his left palm, and sprinkle some of the oil with his finger seven times before the LORD.
كاھىن ئوڭ بارمىقىنى سول قولىدىكى زەيتۇن مېيىغا چىلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يەتتە قېتىم بارمىقى بىلەن سەپسۇن.
17 And the priest is to put some of the oil remaining in his palm on the right earlobe of the one to be cleansed, on the thumb of his right hand, and on the big toe of his right foot, on top of the blood of the guilt offering.
ئاندىن كاھىن قولىدىكى قالغان مايدىن ئېلىپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىغا ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرۈلگەن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ قېنىنىڭ ئۈستىگە سۈرۈپ قويسۇن.
18 The rest of the oil in his palm, the priest is to put on the head of the one to be cleansed, to make atonement for him before the LORD.
سۈرۈپ بولۇپ، كاھىن قولىدىكى ئېشىپ قالغان ماينى پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ بېشىغا قۇيسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ.
19 Then the priest is to sacrifice the sin offering and make atonement for the one to be cleansed from his uncleanness. After that, the priest shall slaughter the burnt offering
ئاندىن كاھىن گۇناھ قۇربانلىقىنى سۇنۇپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنى ناپاكلىقىدىن پاك قىلىشقا كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئاخىرىدا ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى بوغۇزلىسۇن.
20 and offer it on the altar, with the grain offering, to make atonement for him, and he will be clean.
كاھىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەنى قۇربانگاھتا سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، ئۇ كىشى پاك بولىدۇ.
21 If, however, the person is poor and cannot afford these offerings, he is to take one male lamb as a guilt offering to be waved to make atonement for him, along with a tenth of an ephah of fine flour mixed with olive oil for a grain offering, a log of olive oil,
لېكىن ئۇ كەمبەغەللىكتىن شۇنداق قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئۆزىگە كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە يالغۇز بىر ئەركەك قوزىنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ كەلتۈرسۇن، شۇنىڭدەك ئاشلىق ھەدىيە ئۈچۈن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىگە باراۋەر زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇن بىلەن بىر لوگ زەيتۇن مېيىنى كەلتۈرسۇن
22 and two turtledoves or two young pigeons, whichever he can afford, one to be a sin offering and the other a burnt offering.
ۋە ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكا ئېلىپ كەلسۇن؛ بىرى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن؛
23 On the eighth day he is to bring them for his cleansing to the priest at the entrance to the Tent of Meeting before the LORD.
سەككىزىنچى كۈنى بۇلارنى ئۆزىنىڭ پاك قىلىنىشى ئۈچۈن جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن.
24 The priest shall take the lamb for the guilt offering, along with the log of olive oil, and wave them as a wave offering before the LORD.
كاھىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولىدىغان ئەركەك قوزا بىلەن شۇ بىر لوگ ماينى ئېلىپ، بۇلارنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن.
25 And after he slaughters the lamb for the guilt offering, the priest is to take some of the blood of the guilt offering and put it on the right earlobe of the one to be cleansed, on the thumb of his right hand, and on the big toe of his right foot.
ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىنغان ئەركەك قوزىنى بولسا ئۆزى بوغۇزلىسۇن؛ ئاندىن كاھىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىغا ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرسۇن.
26 Then the priest is to pour some of the oil into his left palm
ئاندىن كاھىن مايدىن ئېلىپ، سول قولىنىڭ ئالىقىنىغا ئازغىنا قۇيسۇن.
27 and sprinkle with his right forefinger some of the oil in his left palm seven times before the LORD.
شۇنداق قىلىپ، كاھىن ئوڭ بارمىقى بىلەن سول قولىدىكى مايدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يەتتە قېتىم سەپسۇن.
28 The priest shall also put some of the oil in his palm on the right earlobe of the one to be cleansed, on the thumb of his right hand, and on the big toe of his right foot—on the same places as the blood of the guilt offering.
ئاندىن كاھىن ئۆزى قولىدىكى مايدىن ئېلىپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا ۋە ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقى بىلەن ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ قېنىنىڭ ئۈستىگە سۈرسۇن.
29 The rest of the oil in his palm, the priest is to put on the head of the one to be cleansed, to make atonement for him before the LORD.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا كافارەت كەلتۈرۈشكە كاھىن قولىدىكى ماينىڭ قالغىنىنى پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ بېشىغا قۇيسۇن؛
30 Then he must sacrifice the turtledoves or young pigeons, whichever he can afford,
ئاندىن شۇ كىشى ئۆز قۇربىغا قاراپ پاختەكتىن بىرنى ياكى باچكىدىن بىرنى سۇنسۇن؛
31 one as a sin offering and the other as a burnt offering, together with the grain offering. In this way the priest will make atonement before the LORD for the one to be cleansed.
ئۆز قۇربىغا قاراپ، بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ ئاشلىق ھەدىيە بىلەن بىللە سۇنسۇن. بۇ يولدا كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پاك قىلىنىدىغان كىشى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ.
32 This is the law for someone who has a skin disease and cannot afford the cost of his cleansing.”
ئۆزىدە پېسە-ماخاۋ بولغان، پاك قىلىنىشى ئۈچۈن ۋاجىپ بولىدىغان نەرسىلەرنى كەلتۈرۈشكە قۇربى يەتمەيدىغان كىشىلەر توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمە مانا شۇلاردۇر.
33 Then the LORD said to Moses and Aaron,
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى: ــ
34 “When you enter the land of Canaan, which I am giving you as your possession, and I put a contamination of mildew into a house in that land,
ــ سىلەر مەن ئۆزۈڭلارغا مىراس قىلىپ بېرىدىغان قانائان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن، مەن سىلەر ئىگە بولىدىغان شۇ زېمىندىكى بىر ئۆيگە بىرخىل پېسە-ماخاۋ يارىسىنى ئەۋەتسەم،
35 the owner of the house shall come and tell the priest, ‘Something like mildew has appeared in my house.’
ئۆينىڭ ئىگىسى كاھىننىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا بۇنى مەلۇم قىلىپ: «مېنىڭ ئۆيۈمگە ۋابا يۇققاندەك كۆرۈنىدۇ»، دەپ مەلۇم قىلىشى كېرەك.
36 The priest must order that the house be cleared before he enters it to examine the mildew, so that nothing in the house will become unclean. After this, the priest shall go in to inspect the house.
كاھىن بولسا: ــ ئۆيدىكى ھەممە نەرسىلەر ناپاك بولمىسۇن ئۈچۈن مەن بېرىپ بۇ ۋاباغا سەپسېلىپ قاراشتىن بۇرۇن ئۆينى بىكارلاڭلار، دەپ بۇيرۇسۇن. ئاندىن كاھىن كىرىپ ئۆيگە سەپسېلىپ قارىسۇن.
37 He is to examine the house, and if the mildew on the walls consists of green or red depressions that appear to be beneath the surface of the wall,
ئۇ شۇ ۋاباغا سەپسېلىپ قارىغىنىدا، مانا ئۆينىڭ تاملىرىغا ۋابا داغلىرى يۇققان جايلار كاۋاك بولسا، ھەم يېشىلغا مايىل ياكى قىزغۇچ بولۇپ، تامنىڭ يۈزىدىن قېنىقراق بولسا،
38 the priest shall go outside the doorway of the house and close it up for seven days.
كاھىن ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئىشىكنى يەتتە كۈنگىچە تاقاپ قويسۇن.
39 On the seventh day the priest is to return and inspect the house. If the mildew has spread on the walls,
ئاندىن كاھىن يەتتىنچى كۈنى يېنىپ كېلىپ، سەپسېلىپ قارىغىنىدا، ئۆينىڭ تاملىرىدىكى ئىز-داغ كېڭىيىپ كەتكەن بولسا،
40 he must order that the contaminated stones be pulled out and thrown into an unclean place outside the city.
كاھىن: ــ ۋابا يۇققان تاشلارنى چىقىرىپ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ناپاك بىر جايغا تاشلىۋېتىڭلار، دەپ بۇيرۇسۇن.
41 And he shall have the inside of the house scraped completely and the plaster that is scraped off dumped into an unclean place outside the city.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئۆينىڭ ئىچىنىڭ تۆت ئەتراپىنى قىردورسۇن ۋە ئۇلار قىرغان سۇۋاقنى بولسا شەھەرنىڭ تېشىدىكى ناپاك بىر جايغا تۆكۈۋەتسۇن.
42 So different stones must be obtained to replace the contaminated ones, as well as additional mortar to replaster the house.
ئاندىن ئۇلار باشقا تاشلارنى ئېلىپ، ئىلگىرىكى تاشلارنىڭ ئورنىدا قويسۇن ۋە باشقا ھاك لاي ئېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆينى قايتىدىن سۇۋىسۇن.
43 If the mildew reappears in the house after the stones have been torn out and the house has been scraped and replastered,
ئەگەر ئۇ تاشلارنى چىقىرىپ، ئۆينى قىردۇرۇپ قايتىدىن سۇۋاتقاندىن كېيىن، ئۆيدە ۋابا دېغى يەنە پەيدا بولسا،
44 the priest must come and inspect it. If the mildew has spread in the house, it is a destructive mildew; the house is unclean.
ئۇنداقتا كاھىن يەنە كىرىپ بۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن. سەپسېلىپ قارىغىنىدا، مانا ئىز-داغ ئۆيدە كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، بۇ ئۆيگە يۇققىنى چىرىتكۈچ ۋابا بولىدۇ؛ ئۆي ناپاك سانىلىدۇ.
45 It must be torn down with its stones, its timbers, and all its plaster, and taken outside the city to an unclean place.
بۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئۆينى، يەنى ياغاچ-تاش ۋە بارلىق سۇۋىقى بىلەن بىللە چۈشۈرۈپ، ھەممىسىنى كۆتۈرۈپ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ناپاك بىر جايغا تاشلىۋەتسۇن.
46 Anyone who enters the house during any of the days that it is closed up will be unclean until evening.
كىمدەكىم ئۆي تاقالغان مەزگىلدە ئۇنىڭغا كىرسە، ئۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ.
47 And anyone who sleeps in the house or eats in it must wash his clothes.
ئەگەر بىركىم ئۆي ئىچىدە ياتقان بولسا، كىيىملىرىنى يۇسۇن؛ ۋە ئەگەر بىرسى ئۆيدە غىزالانغان بولسا، ئۇمۇ ئۆز كىيىملىرىنى يۇسۇن.
48 If, however, the priest comes and inspects it, and the mildew has not spread after the house has been replastered, he shall pronounce the house clean, because the mildew is gone.
لېكىن كاھىن كىرىپ، ئۆيگە سەپسېلىپ قارىغىنىدا ئۆي سۇۋالغاندىن كېيىن ۋابا ئۇنىڭدا كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۆينى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇنىڭدىكى ۋابا ساقايغان بولىدۇ.
49 He is to take two birds, cedar wood, scarlet yarn, and hyssop to purify the house;
ئاندىن ئۇ ئۆينىڭ پاك قىلىنىشى ئۈچۈن ئىككى قۇش، كېدىر ياغىچى، قىزىل رەخت بىلەن زوفا ئېلىپ كېلىپ،
50 and he shall slaughter one of the birds over fresh water in a clay pot.
قۇشلارنىڭ بىرىنى ئېقىن سۇ قاچىلانغان ساپال كوزىنىڭ ئۈستىدە بوغۇزلىسۇن؛
51 Then he shall take the cedar wood, the hyssop, the scarlet yarn, and the live bird, dip them in the blood of the slaughtered bird and the fresh water, and sprinkle the house seven times.
ئاندىن ئۇ كېدىر ياغىچى، زوفا، قىزىل رەخت ۋە تىرىك قۇشنى بىللە ئېلىپ كېلىپ، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بوغۇزلانغان قۇشنىڭ قېنىغا، شۇنداقلا ئېقىن سۇغا چىلاپ، ئۆيگە يەتتە مەرتىۋە سەپسۇن؛
52 And he shall cleanse the house with the bird’s blood, the fresh water, the live bird, the cedar wood, the hyssop, and the scarlet yarn.
بۇ يول بىلەن ئۇ ئۆينى قۇشنىڭ قېنى، ئېقىن سۇ، تىرىك قۇش، كېدىر ياغىچى، زوفا ۋە قىزىل رەخت ئارقىلىق ناپاكلىقتىن پاكلايدۇ.
53 Finally, he is to release the live bird into the open fields outside the city. In this way he will make atonement for the house, and it will be clean.
ئاندىن ئۇ تىرىك قۇشنى شەھەرنىڭ سىرتىدا، دالادا قويۇپ بەرسۇن. ئۇ شۇنداق قىلىپ، ئۆي ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇ ئۆي پاك سانىلىدۇ.
54 This is the law for any infectious skin disease, for a scaly outbreak,
بۇلار بولسا ھەرخىل پېسە-ماخاۋ جاراھىتى، قاقاچ،
55 for mildew in clothing or in a house,
كىيىم-كېچەك ۋە ئۆيگە يۇققان پېسە-ماخاۋ ۋاباسى،
56 and for a swelling, rash, or spot,
تېرىدىكى چىقانلار، تەمرەتكە ۋە پارقىراق ئاق ئىز-داغلار توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىدۇر.
57 to determine when something is clean or unclean. This is the law regarding skin diseases and mildew.”
شۇ بەلگىلىمىلەر بىلەن بىر نەرسىنىڭ قايسى ئەھۋالدا ناپاك، قايسى ئەھۋالدا پاك بولىدىغانلىقىنى پەرق ئېتىشكە كۆرسەتمە بېرىشكە بولىدۇ؛ مانا بۇ پېسە-ماخاۋ توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىدۇر.

< Leviticus 14 >