< Joshua 5 >

1 Now when all the Amorite kings west of the Jordan and all the Canaanite kings along the coast heard how the LORD had dried up the waters of the Jordan before the Israelites until they had crossed over, their hearts melted and their spirits failed for fear of the Israelites.
شۇنداق بولدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ھەممە پادىشاھلىرى بىلەن دېڭىزنىڭ يېنىدىكى قانائانىيلارنىڭ ھەممە پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللار ئۆتۈپ كەتكۈچە ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئىئوردان سۇلىرىنى قانداق قۇرۇتۇپ بەرگىنىنى ئاڭلىغاندا، يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ، ئىسرائىللارنىڭ سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ روھى چىقاي دەپ قالدى.
2 At that time the LORD said to Joshua, “Make flint knives and circumcise the sons of Israel once again.”
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ سەن چاقماق تاشلىرىدىن پىچاقلارنى ياساپ، ئىسرائىللارنى ئىككىنچى قېتىم خەتنە قىلغىن، دېدى.
3 So Joshua made flint knives and circumcised the sons of Israel at Gibeath-haaraloth.
شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا چاقماق تاشلىرىدىن پىچاقلارنى ياساپ، ئىسرائىللارنى «خەتنىلىك دۆڭلۈكى»دە خەتنە قىلدى.
4 Now this is why Joshua circumcised them: All those who came out of Egypt—all the men of war—had died on the journey in the wilderness after they had left Egypt.
يەشۇئانىڭ ئۇلارنى خەتنە قىلىشىنىڭ سەۋەبى شۇ ئىدىكى، مىسىردىن چىققان جەڭگە يارىغۇدەك ھەممە ئەركەكلەر مىسىردىن چىققاندىن كېيىن چۆللۈكنىڭ يولىدا ئۆلۈپ تۈگىگەنىدى.
5 Though all who had come out were circumcised, none of those born in the wilderness on the journey from Egypt had been circumcised.
چۈنكى مىسىردىن چىققان بارلىق خەلق خەتنە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن مىسىردىن چىقىپ چۆللۈكنىڭ يولىدا يۈرگەن ۋاقىتتا ئىسرائىل ئارىسىدا تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى خەتنىسىز قالغانىدى؛
6 For the Israelites had wandered in the wilderness forty years, until all the nation’s men of war who had come out of Egypt had died, since they did not obey the LORD. So the LORD vowed never to let them see the land He had sworn to their fathers to give us, a land flowing with milk and honey.
چۈنكى ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىغان، مىسىردىن چىققان خەلق ئىچىدىكى جەڭگە يارىغۇدەك بارلىق ئەركەكلەر ئۆلۈپ تۈگىگۈچە ئىسرائىللار قىرىق يىل چۆلدە يۈرگەنىدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارغا: ــ سىلەرنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بېرىشكە قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىننى، يەنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان يۇرتنى كۆرگۈچىلەر قىلمايمەن، دەپ قەسەم قىلغانىدى.
7 And Joshua raised up their sons in their place, and these were the ones he circumcised. Until this time they were still uncircumcised, since they had not been circumcised along the way.
لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئورنىنى باستۇرغان ئەۋلادلىرى بولسا، يولدا خەتنە قىلىنمىغاچقا، يەشۇئا ئۆزى ئۇلارنى خەتنە قىلدى.
8 And after all the nation had been circumcised, they stayed there in the camp until they were healed.
بارلىق خەلق خەتنە قىلىنىپ، ساقايغۇچىلىك چېدىرلىرىدا، ئۆز ئورۇنلىرىدىن چىقماي تۇردى.
9 Then the LORD said to Joshua, “Today I have rolled away the reproach of Egypt from you.” So that place has been called Gilgal to this day.
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: ــ بۈگۈن مەن مىسىرنىڭ ئار-نومۇسىنى ئۈستۈڭلاردىن يۇمىلىتىۋەتتىم، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جايغا «گىلگال» دەپ نام قويۇلۇپ، تاكى بۈگۈنگىچە شۇنداق ئاتالماقتا.
10 On the evening of the fourteenth day of the month, while the Israelites were camped at Gilgal on the plains of Jericho, they kept the Passover.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار گىلگالدا چېدىر تىكىپ تۇردى. بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئاخشىمى يېرىخو دىيارىنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىدە «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزدى.
11 The day after the Passover, on that very day, they ate unleavened bread and roasted grain from the produce of the land.
«ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نىڭ ئەتىسى ئۇلار شۇ يەرنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىدىن يېدى، جۈملىدىن شۇ كۈنى پېتىر نانلارنى ۋە قوماچلارنى يېدى.
12 And the day after they had eaten from the produce of the land, the manna ceased. There was no more manna for the Israelites, so that year they began to eat the crops of the land of Canaan.
ئۇلار شۇ زېمىننىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىدىن يېگەندىن كېيىن، ئەتىسى «ماننا»نىڭ چۈشۈشى توختىدى. شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ئىسرائىللارغا ھېچ ماننا بولمىدى؛ شۇ يىلدا ئۇلار قانائان زېمىنىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن يېدى.
13 Now when Joshua was near Jericho, he looked up and saw a man standing in front of him with a drawn sword in His hand. Joshua approached Him and asked, “Are You for us or for our enemies?”
ئەمما يەشۇئا يېرىخوغا يېقىن كەلگەندە، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا ئۇنىڭ ئالدىدا سۇغۇرۇلغان قىلىچنى تۇتۇپ تۇرغان بىر ئادەم تۇراتتى. يەشۇئا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن: ــ سەن بىز تەرەپتىمۇ، ياكى دۈشمەنلىرىمىز تەرەپتىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
14 “Neither,” He replied. “I have now come as Commander of the LORD’s army.” Then Joshua fell facedown in reverence and asked Him, “What does my Lord have to say to His servant?”
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ياق، ئۇنداق ئەمەس، بەلكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ سەردارى بولۇپ كەلدىم» ــ دېدى. يەشۇئا يەرگە دۈم يىقىلىپ سەجدە قىلىپ ئۇنىڭغا: ــ رەببىمنىڭ قۇلىغا نېمە تاپشۇرۇقلىرى باركىن؟ دەپ سورىدى.
15 The Commander of the LORD’s army replied, “Take off your sandals, for the place where you are standing is holy.” And Joshua did so.
پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى يەشۇئاغا: ــ پۇتۇڭدىكى كەشىڭنى سالغىن، چۈنكى سەن تۇرغان يەر مۇقەددەس جايدۇر، دېۋىدى، يەشۇئا شۇنداق قىلدى.

< Joshua 5 >