< Joshua 24 >

1 Then Joshua assembled all the tribes of Israel at Shechem. He summoned the elders, leaders, judges, and officers of Israel, and they presented themselves before God.
ئاندىن يەشۇئا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى شەكەمگە يىغىپ، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى، باشلىقلىرى، ھاكىم-سوتچىلىرى بىلەن بەگ-ئەمەلدارلىرىنى چاقىردى؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر قىلغاندا
2 And Joshua said to all the people, “This is what the LORD, the God of Israel, says: ‘Long ago your fathers, including Terah the father of Abraham and Nahor, lived beyond the Euphrates and worshiped other gods.
يەشۇئا پۈتكۈل خەلققە: ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار: ــ «قەدىمكى زاماندا ئاتا-بوۋىلىرىڭلار، جۈملىدىن ئىبراھىم بىلەن ناھورنىڭ ئاتىسى تەراھ دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە ئولتۇراتتى؛ ئۇلار باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولاتتى.
3 But I took your father Abraham from beyond the Euphrates and led him through all the land of Canaan, and I multiplied his descendants. I gave him Isaac,
لېكىن مەن ئاتاڭلار ئىبراھىمنى دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى باشلاپ پۈتكۈل قانائان زېمىنىنى ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ نەسلىنى ئاۋۇتۇپ ئۇنىڭغا ئىسھاقنى بەردىم.
4 and to Isaac I gave Jacob and Esau. I gave Esau Mount Seir to possess, but Jacob and his sons went down to Egypt.
ئاندىن مەن ئىسھاققا ياقۇپ بىلەن ئەساۋنى بەردىم؛ ئەساۋغا سېئىر تاغلىق رايونىنى تەۋەلىك قىلىپ بەردىم، ياقۇپ بىلەن ئوغۇللىرى بولسا مىسىرغا چۈشۈپ باردى.
5 Then I sent Moses and Aaron, and I afflicted the Egyptians by what I did there, and afterward I brought you out.
كېيىنرەك مەن مۇسا بىلەن ھارۇننى ئەۋەتىپ، مىسىرلىقلار ئارىسىدا ئەمەللىرىم بىلەن ئۇلارغا دەھشەتلىك ۋابالارنى چۈشۈردۇم؛ ئاندىن سىلەرنى شۇ يەردىن ئېلىپ چىقتىم.
6 When I brought your fathers out of Egypt and you reached the Red Sea, the Egyptians pursued them with chariots and horsemen as far as the Red Sea.
مەن بۇ تەرىقىدە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئۇلار [قىزىل] دېڭىزغا يېتىپ كەلگىنىدە، مىسىرلىقلار جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلىرى بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى قوغلاپ دېڭىزغىچە كەلدى.
7 So your fathers cried out to the LORD, and He put darkness between you and the Egyptians, over whom He brought the sea and engulfed them. Your very eyes saw what I did to the Egyptians. Then you lived in the wilderness for a long time.
ئىسرائىللار شۇئان پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىۋىدى، ئۇ سىلەر بىلەن مىسىرلىقلارنىڭ ئارىسىغا تۇم قاراڭغۇلۇق چۈشۈردى؛ ئاندىن دېڭىزنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ ياپتى. سىلەر ئۆز كۆزلىرىڭلار بىلەن مېنىڭ مىسىردا نېمە قىلغىنىمنى كۆردۈڭلار؛ ئاندىن سىلەر ئۇزۇن ۋاقىتقىچە چۆلدە تۇردۇڭلار.
8 Later, I brought you to the land of the Amorites who lived beyond the Jordan. They fought against you, but I delivered them into your hand, that you should possess their land when I destroyed them before you.
كېيىنرەك مەن سىلەرنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرغان ئامورىيلارنىڭ زېمىنىغا باشلاپ كەلدىم؛ ئۇلار سىلەر بىلەن سوقۇشقاندا مەن ئۇلارنى قولۇڭلارغا بېرىپ، سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدىڭلار. مەن ئۇلارنى ئالدىڭلاردىن يوقىتىۋەتتىم.
9 Then Balak son of Zippor, the king of Moab, set out to fight against Israel. He sent for Balaam son of Beor to curse you,
ئۇ ۋاقىتتا موئابنىڭ پادىشاھى، زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق قوپۇپ، ئىسرائىل بىلەن جەڭگە چۈشتى ۋە سىلەرنى قارغاش ئۈچۈن بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنى چاقىرىپ كەلدى؛
10 but I would not listen to Balaam. So he blessed you again and again, and I delivered you from his hand.
لېكىن مەن بالائامنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدىم؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرگە قايتا-قايتا بەخت-بەرىكەت تىلىدى ۋە مەن سىلەرنى [بالاقنىڭ] قولىدىن قۇتقۇزدۇم.
11 After this, you crossed the Jordan and came to Jericho. The people of Jericho fought against you, as did the Amorites, Perizzites, Canaanites, Hittites, Girgashites, Hivites, and Jebusites, and I delivered them into your hand.
كېيىنرەك سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ يېرىخوغا بارغاندا يېرىخونىڭ ئادەملىرى ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، قانائانىيلار، ھىتتىيلار، گىرگاشىيلار، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلار سىلەر بىلەن ئۇرۇشقا قوپقىنى بىلەن مەن ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بەردىم؛
12 I sent the hornet ahead of you, and it drove out the two Amorite kings before you, but not by your own sword or bow.
مەن ئالدىڭلارغا سېرىق ھەرىنى ئەۋەتتىم، سېرىق ھەرە ئامورىيلارنىڭ ئىككىلا پادىشاھىنى ھەيدىۋەتكەندەك ئۇلارنىمۇ ھەيدىۋەتتى؛ بۇ ئىش سىلەرنىڭ قىلىچىڭلار ياكى ئوقيايىڭلار بىلەن بولمىدى.
13 So I gave you a land on which you did not toil and cities that you did not build, and now you live in them and eat from vineyards and olive groves that you did not plant.’
مەن سىلەرگە ئۆز قولۇڭلار بىلەن ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن بىر زېمىننى، ئۆزۈڭلار ياسىمىغان شەھەرلەرنى بەردىم، ۋە سىلەر شۇلاردا ماكان قىلدىڭلار؛ ئۆزۈڭلار تىكمىگەن ئۈزۈمزارلىقلار بىلەن زەيتۇنزارلىقلاردىن مېۋىلىرىنى يەۋاتىسىلەر» دەيدۇ، ــ دېدى.
14 Now, therefore, fear the LORD and serve Him in sincerity and truth; cast aside the gods your fathers served beyond the Euphrates and in Egypt, and serve the LORD.
ــ شۇڭا ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ ئىخلاسمەنلىك ۋە ھەقىقەت ئىچىدە ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار؛ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە ۋە مىسىردا چوقۇنغان ئىلاھلارنى تاشلاپ، پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇڭلار.
15 But if it is unpleasing in your sight to serve the LORD, then choose for yourselves this day whom you will serve, whether the gods your fathers served beyond the Euphrates, or the gods of the Amorites in whose land you are living. As for me and my house, we will serve the LORD!”
لېكىن ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتى سىلەرگە يامان كۆرۈنسە، كىمگە ئىبادەت قىلىدىغىنىڭلارنى تاللىۋېلىڭلار ــ مەيلى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرغاندا چوقۇنغان ئىلاھلار بولسۇن ياكى سىلەر تۇرۇۋاتقان زېمىندىكى ئامورىيلارنىڭ ئىلاھلىرى بولسۇن، ئۇلارنى تاللاڭلار؛ لېكىن مەن بىلەن ئۆيۈمدىكىلەر بولساق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولىمىز، ــ دېدى.
16 The people replied, “Far be it from us to forsake the LORD to serve other gods!
خەلق جاۋاب بېرىپ: ــ پەرۋەردىگارنى تەرك ئېتىپ باشقا ئىلاھلارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇش بىزدىن نېرى بولسۇن!
17 For the LORD our God brought us and our fathers out of the land of Egypt, out of the house of slavery, and performed these great signs before our eyes. He also protected us throughout our journey and among all the nations through which we traveled.
چۈنكى بىز بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى «قۇللۇق ماكانى» بولغان مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ، كۆزىمىزنىڭ ئالدىدا بۇ چوڭ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىپ، قايسى يولدا ماڭمايلى، قايسى خەلقنىڭ ئارىسىدىن ئۆتمەيلى، بىزنى ساقلىغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆزىدۇر!
18 And the LORD drove out before us all the nations, including the Amorites who lived in the land. We too will serve the LORD, because He is our God!”
پەرۋەردىگار بۇ زېمىندا تۇرغان بارلىق تائىپىلەرنى، جۈملىدىن ئامورىيلارنى ئالدىمىزدىن قوغلىۋەتتى؛ شۇڭا بىزمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولىمىز؛ چۈنكى ئۇ بىزنىڭ تەڭرىمىزدۇر! ــ دېدى.
19 But Joshua said to the people, “You are not able to serve the LORD, for He is a holy God; He is a jealous God; He will not forgive your rebellion or your sins.
يەشۇئا خەلققە: ــ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولالمايسىلەر، چۈنكى ئۇ مۇقەددەس بىر خۇدادۇر؛ ئۇ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى بىر تەڭرى بولغاچقا، ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلار بىلەن گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرەلمەيدۇ.
20 If you forsake the LORD and serve foreign gods, He will turn and bring disaster on you and consume you, even after He has been good to you.”
ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، يات ئىلاھلارغا چوقۇنغان بولساڭلار ئۇمۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈپ، سىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ كەلگەننىڭ ئورنىدا سىلەرگە بالا كەلتۈرۈپ يوقىتىدۇ، ــ دېدى.
21 “No!” replied the people. “We will serve the LORD!”
لېكىن خەلق يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ! بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولىمىز، ــ دېدى.
22 Then Joshua told them, “You are witnesses against yourselves that you have chosen to serve the LORD.” “We are witnesses!” they said.
بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا خەلققە: ــ ئۆزۈڭلارنىڭ پەرۋەردىگارنى، ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇشنى تاللىغانلىقىڭلارغا ئۆز-ئۆزۈڭلارغا گۇۋاھچى بولدۇڭلار، دېۋىدى، ئۇلار: ــ ئۆزىمىز گۇۋاھ! ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
23 “Now, therefore,” he said, “get rid of the foreign gods among you and incline your hearts to the LORD, the God of Israel.”
ئۇ: ــ ئۇنداق بولسا ئەمدى ئاراڭلاردىكى يات ئىلاھلارنى چىقىرىپ تاشلىۋېتىپ، كۆڭلۈڭلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىنتىلىدىغان قىلىڭلار، دېدى.
24 So the people said to Joshua, “We will serve the LORD our God and obey His voice.”
خەلق يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغىلا قۇلاق سالىدىغان بولىمىز، دېدى.
25 On that day Joshua made a covenant for the people, and there at Shechem he established for them a statute and ordinance.
شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئۇ كۈنى خەلق بىلەن ئەھدە باغلىشىپ، شەكەمدە ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەرنى توختىتىپ بەردى.
26 Joshua recorded these things in the Book of the Law of God. Then he took a large stone and set it up there under the oak that was near the sanctuary of the LORD.
ئاندىن يەشۇئا بۇ ھەممە سۆزلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن كىتابىغا پۈتۈپ، يوغان بىر تاشنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس جايىنىڭ يېنىدىكى دۇب دەرىخىنىڭ ئاستىغا تىكلەپ قويدى.
27 And Joshua said to all the people, “You see this stone. It will be a witness against us, for it has heard all the words the LORD has spoken to us, and it will be a witness against you if you ever deny your God.”
ئاندىن يەشۇئا خەلققە: ــ مانا بۇ تاش بولسا بىزگە گۇۋاھ بولۇپ تۇرىدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇردى؛ ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن تانماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۈستۈڭلاردا گۇۋاھچى بولۇپ تۇرىدۇ، ــ دېدى.
28 Then Joshua sent the people away, each to his own inheritance.
يەشۇئا شۇلارنى دەپ خەلقنى يولغا سېلىپ، ھەربىرىنى ئۆز مىراس يېرىگە ياندۇردى.
29 Some time later, Joshua son of Nun, the servant of the LORD, died at the age of 110.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن نۇننىڭ ئوغلى، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى يەشۇئا بىر يۈز ئون يېشىدا ۋاپات بولدى.
30 And they buried him in the land of his inheritance, at Timnath-serah in the hill country of Ephraim, north of Mount Gaash.
ئۇلار ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، ئەفرائىم تاغلىق رايونىدا، گائاش تېغىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئۆز مىراس ئۈلۈشى بولغان تىمنات-سېراھ دېگەن جايدا دەپنە قىلدى.
31 Israel had served the LORD throughout the days of Joshua and of the elders who outlived him and who had experienced all the works that the LORD had done for Israel.
يەشۇئانىڭ پۈتكۈل ھايات كۈنلىرىدە، شۇنداقلا يەشۇئادىن كېيىن قالغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ھەممە مۆجىزىلىك ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلىدىغان ئاقساقاللارنىڭ پۈتكۈل ھايات كۈنلىرىدىمۇ ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ تۇردى.
32 And the bones of Joseph, which the Israelites had brought up out of Egypt, were buried at Shechem in the plot of land that Jacob had purchased from the sons of Hamor, Shechem’s father, for a hundred pieces of silver. So it became an inheritance for Joseph’s descendants.
يۈسۈپنىڭ سۆڭەكلىرىنى بولسا، ئىسرائىللار ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇلار بۇلارنى شەكەمگە ئېلىپ بېرىپ، ياقۇپ شەكەمنىڭ ئاتىسى ھامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن يۈز كەسىتاھ كۈمۈشكە سېتىۋالغان يەردە دەپنە قىلدى. شۇ يەر يۈسۈپلەرنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ قالدى.
33 Eleazar son of Aaron also died, and they buried him at Gibeah, which had been given to his son Phinehas in the hill country of Ephraim.
ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارمۇ ۋاپات بولدى؛ ئۇلار ئۇنى ئوغلى فىنىھاسقا مىراس قىلىپ بېرىلگەن ئەفرائىمنىڭ تاغلىق رايونىدىكى گىبېئاھ دېگەن جايدا دەپنە قىلدى.

< Joshua 24 >