< Joshua 2 >

1 Then Joshua son of Nun secretly sent two spies from Shittim, saying, “Go, inspect the land, especially Jericho.” So they went and entered the house of a prostitute named Rahab and stayed there.
ئاندىن كېيىن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ئىككى چارلىغۇچىنى شىتتىمدىن ئەۋەتىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر بېرىپ ئۇ زېمىننى، بولۇپمۇ يېرىخو شەھىرىنى چارلاپ كېلىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، راھاب ئاتلىق بىر پاھىشىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قوندى.
2 And it was reported to the king of Jericho: “Behold, some men of Israel have come here tonight to spy out the land.”
لېكىن بىرسى كېلىپ يېرىخو پادىشاھىغا: ــ بۈگۈن كېچە ئىسرائىللاردىن بىرنەچچە كىشى بۇ زېمىننى چارلىغىلى كەپتۇ، دەپ خەۋەر يەتكۈزدى.
3 So the king of Jericho sent to Rahab and said, “Bring out the men who came to you and entered your house, for they have come to spy out the whole land.”
شۇنىڭ بىلەن يېرىخو پادىشاھى راھابنىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ سېنىڭ قېشىڭغا كېلىپ، ئۆيۈڭگە كىرگەن شۇ كىشىلەرنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەرگىن، چۈنكى ئۇلار بۇ زېمىننىڭ ھەر يېرىنى پايلىغىلى كەپتۇ، ــ دېدى.
4 But the woman had taken the two men and hidden them. So she said, “Yes, the men did come to me, but I did not know where they had come from.
لېكىن ئۇ ئايال ئۇ ئىككى كىشىنى ئېلىپ چىقىپ يوشۇرۇپ قويغانىدى؛ ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ دەرۋەقە بۇ كىشىلەر مېنىڭ قېشىمغا كەلدى، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلمىدىم؛
5 At dusk, when the gate was about to close, the men went out, and I do not know which way they went. Pursue them quickly, and you may catch them!”
قاراڭغۇ چۈشۈپ، قوۋۇقنى ئېتىدىغان ۋاقىت كەلگەندە شۇنداق بولدىكى، بۇ ئادەملەر چىقىپ كەتتى. مەن ئۇلارنىڭ قەيەرگە كەتكىنىنى بىلمەيمەن. ئۇلارنى تېزدىن قوغلىساڭلار، چوقۇم يېتىشىۋالىسىلەر، ــ دېدى.
6 (But Rahab had taken them up to the roof and hidden them among the stalks of flax that she had laid out there.)
لېكىن ئۇ ئايال ئۇلارنى ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىنىڭ ئۈستىدە رەتلەپ يېيىپ قويغان زىغىر پاخاللىرىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويغانىدى.
7 So the king’s men set out in pursuit of the spies along the road to the fords of the Jordan, and as soon as they had gone out, the gate was shut.
ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئىزدەپ قوغلىغۇچىلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ يولى بىلەن چىقىپ دەريا كېچىكلىرىگىچە قوغلاپ باردى. ئۇلارنى قوغلىغۇچىلار شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا، شەھەرنىڭ قوۋۇقى تاقالدى.
8 Before the spies lay down for the night, Rahab went up on the roof
شۇ ۋاقىتتا، ئۇ ئىككىيلەن تېخى ئۇخلاشقا ياتمىغانىدى، راھاب ئۆگزىگە چىقىپ ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ
9 and said to them, “I know that the LORD has given you this land and that the fear of you has fallen on us, so that all who dwell in the land are melting in fear of you.
ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ بۇ زېمىننى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەنلىكىنى، شۇنداقلا سىلەردىن بولغان ۋەھىمەڭلار بىزلەرگە چۈشۈپ، بۇ زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىڭلاردا ھالىدىن كېتەي دېگىنىنى بىلىمەن؛
10 For we have heard how the LORD dried up the waters of the Red Sea before you when you came out of Egypt, and what you did to Sihon and Og, the two kings of the Amorites across the Jordan, whom you devoted to destruction.
چۈنكى بىز سىلەر مىسىردىن چىققىنىڭلاردا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىڭلاردا قىزىل دېڭىزنى قورۇتقانلىقىنى، شۇنداقلا سىلەرنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھى سىھون بىلەن ئوگنى قانداق قىلغانلىقىڭلارنى، ئۇلارنى مۇتلەق يوقاتقانلىقىڭلارنى ئاڭلىدۇق.
11 When we heard this, our hearts melted and everyone’s courage failed because of you, for the LORD your God is God in the heavens above and on the earth below.
بۇنى ئاڭلاپ يۈرىكىمىز سۇ بولۇپ، سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن ھەرقايسىمىزنىڭ روھى چىقىپ كەتتى. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بولسا يۇقىرىدا، ئاسمانلارنىڭ ھەمدە تۆۋەندە يەرنىڭ خۇداسىدۇر.
12 Now therefore, please swear to me by the LORD that you will indeed show kindness to my family, because I showed kindness to you. Give me a sure sign
ئەمدى سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مەن سىلەرگە كۆرسەتكەن ھىممىتىم ئۈچۈن سىلەرمۇ مېنىڭ ئاتامنىڭ جەمەتىگە ھىممەت قىلىشقا پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ماڭا قەسەم قىلىڭلار، شۇنداقلا ئاتا-ئانامنى، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرىمنى ۋە ئۇلارغا تەۋە بارلىقىغا چېقىلماسلىقىڭلار، جېنىمىزنى تىرىك قالدۇرۇپ، ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇشۇڭلار توغرىسىدا ماڭا بىر كاپالەت بەلگىسىنى بېرىڭلار، ــ دېدى.
13 that you will spare the lives of my father and mother, my brothers and sisters, and all who belong to them, and that you will deliver us from death.”
14 “Our lives for your lives!” the men agreed. “If you do not report our mission, we will show you kindness and faithfulness when the LORD gives us the land.”
ئىككىيلەن ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سەن بۇ ئىشىمىزنى ئاشكارىلاپ قويمىساڭ، سىلەر جېنىڭلاردىن ئايرىلساڭلار، بىزمۇ جېنىمىزدىن ئايرىلغايمىز! شۇنىڭدەك شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار بىزگە بۇ زېمىننى ئىگە قىلغۇزغاندا، بىز جەزمەن سىلەرگە مېھرىبانلارچە ۋە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولىمىز، دېدى.
15 Then Rahab let them down by a rope through the window, since the house where she lived was built into the wall of the city.
شۇنىڭ بىلەن ئايال ئۇلارنى پەنجىرىدىن بىر تانا بىلەن چۈشۈرۈپ قويدى (چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيى شەھەرنىڭ سېپىلىدا بولۇپ، ئۇ سېپىلنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى).
16 “Go to the hill country,” she said, “so that your pursuers will not find you. Hide yourselves there for three days until they have returned; then go on your way.”
ئايال ئۇ ئىككىسىگە: ــ قوغلىغۇچىلار سىلەرگە ئۇچراپ قالماسلىقى ئۈچۈن، تاغقا چىقىپ، ئۇ يەردە ئۈچ كۈن يوشۇرۇنۇپ تۇرۇڭلار؛ قوغلىغۇچىلار شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن سىلەر ئۆز يولۇڭلارغا ماڭساڭلار بولىدۇ، ــ دېدى.
17 The men said to her, “We will not be bound by this oath you made us swear
ئىككىسى ئايالغا: ــ ئەگەر سەن بىزنىڭ دېگىنىمىزدەك قىلمىساڭ، سەن بىزگە قىلغۇزغان قەسەمدىن خالاس بولىمىز: ــ
18 unless, when we enter the land, you have tied this scarlet cord in the window through which you let us down, and unless you have brought your father and mother and brothers and all your family into your house.
مانا، بىز زېمىنغا كىرگەن چاغدا، سەن بىزنى چۈشۈرۈشكە ئىشلەتكەن بۇ قىزىل تانىنى پەنجىرىگە باغلاپ قويغىن؛ ئاندىن ئاتا-ئاناڭنى، ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلىرىڭنى، شۇنداقلا ئاتاڭنىڭ بارلىق جەمەتىدىكىلەرنى ئۆيۈڭگە، ئۆزۈڭگە يىغىپ جەم قىلغىن.
19 If anyone goes out the door of your house into the street, his blood will be on his own head, and we will be innocent. But if a hand is laid on anyone with you in the house, his blood will be on our heads.
شۇنداق بولىدۇكى، ئۆيۈڭنىڭ ئىشىكلىرىدىن تاشقىرىغا چىققان ھەركىمىنىڭ قېنى ئۆز بېشىدا بولىدۇ؛ بىز ئۇنىڭغا مەسئۇل ئەمەسمىز؛ لېكىن بىراۋ ئۆيۈڭدە سەن بىلەن بىللە بولغان بىرسىنىڭ ئۈستىگە قول سالسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قېنى بىزنىڭ بېشىمىزغا چۈشكەي!
20 And if you report our mission, we will be released from the oath you made us swear.”
ئەگەر سەن بۇ ئىشىمىزنى ئاشكارىلاپ قويساڭ، سەن بىزگە قىلغۇزغان بۇ قەسەمدىن خالاس بولىمىز، ــ دېدى.
21 “Let it be as you say,” she replied, and she sent them away. And when they had gone, she tied the scarlet cord in the window.
راھاب جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەرنىڭ دېگىنىڭلەردەك بولسۇن دەپ، ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، ئايال پەنجىرىگە ئۇ قىزىل تانىنى باغلاپ قويدى.
22 So the spies went out into the hill country and stayed there three days, until their pursuers had returned without finding them, having searched all along the road.
ئۇ ئىككىسى ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، تاغقا چىقىپ، قوغلىغۇچىلار [شەھەرگە] قايتىپ كەتكۈچە ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردى. قوغلىغۇچىلار يول بويىدىكى ھەممە يەرنى ئىزدەپمۇ ئۇلارنى تاپالمىدى.
23 Then the two men started back, came down from the hill country, and crossed the river. So they came to Joshua son of Nun and reported all that had happened to them.
ئاندىن بۇ ئىككىسى تاغدىن چۈشۈپ، قايتىپ ماڭدى؛ ئۇلار دەريادىن ئۆتۈپ، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئانىڭ قېشىغا كېلىپ، بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا دەپ بەردى.
24 “The LORD has surely delivered the entire land into our hands,” they said to Joshua. “Indeed, all who dwell in the land are melting in fear of us.”
ئۇلار يەشۇئاغا: ــ پەرۋەردىگار دەرۋەقە بارلىق زېمىننى قولىمىزغا تاپشۇردى؛ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ تۈپەيلىمىزدىن روھى چىقىپ كەتتى، ــ دېدى.

< Joshua 2 >