< Jeremiah 40 >

1 This is the word that came to Jeremiah from the LORD after Nebuzaradan captain of the guard had released him at Ramah, having found him bound in chains among all the captives of Jerusalem and Judah who were being exiled to Babylon.
قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئۇنى راماھ شەھىرىدىن قويۇۋەتكەندە، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا سۆز قىلدى. ئۇ چاغدا نېبۇزار-ئادان يېرۇسالېم ھەم يەھۇدادىكى بارلىق ئەسىرلەرنى ئېلىپ بابىلغا سۈرگۈن قىلماقچى ئىدى؛ يەرەمىيامۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زەنجىر بىلەن باغلانغان ھالدا ئېلىپ مېڭىلغانىدى.
2 The captain of the guard found Jeremiah and said to him, “The LORD your God decreed this disaster on this place,
قاراۋۇل بېگى يەرەمىيانى بىر چەتكە تارتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭ مۇشۇ يەرگە بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن دەپ ئاگاھلاندۇردى؛
3 and now the LORD has fulfilled it; He has done just as He said. Because you people have sinned against the LORD and have not obeyed His voice, this thing has happened to you.
مانا، پەرۋەردىگار ئۆز دېگىنى بويىچە شۇنداق قىلىپ ئۇنى كەلتۈردى؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلغانسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىغانسىلەر؛ شۇڭا بۇ ئىش بېشىڭلارغا چۈشتى.
4 But now, behold, I am freeing you today from the chains that were on your wrists. If it pleases you to come with me to Babylon, then come, and I will take care of you. But if it seems wrong to you to come with me to Babylon, go no farther. Look, the whole land is before you. Wherever it seems good and right to you, go there.”
لېكىن مەن قولۇڭنى ئىشكەللەنگەن زەنجىرلەردىن يېشىپ سېنى قويۇۋېتىمەن؛ مەن بىلەن بىللە بابىلغا بېرىش ساڭا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، قېنى كەل، مەن سەندىن خەۋەر ئالىمەن؛ ئەمما مەن بىلەن بىللە بابىلغا بېرىشنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىساڭ، كېرەك يوق. مانا، پۈتكۈل زېمىن ئالدىڭدا تۇرىدۇ؛ قەيەرگە بېرىش ساڭا لايىق، دۇرۇس كۆرۈنسە شۇ يەرگە بارغىن».
5 But before Jeremiah turned to go, Nebuzaradan added, “Return to Gedaliah son of Ahikam, the son of Shaphan, whom the king of Babylon has appointed over the cities of Judah, and stay with him among the people, or go anywhere else that seems right.” Then the captain of the guard gave him a ration and a gift and released him.
يەرەمىيا تېخى يېنىدىن ماڭماي تۇرۇپ، نېبۇزار-ئادان ئۇنىڭغا: «بولدى، شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانىڭ يېنىغا قايت؛ بابىل پادىشاھى ئۇنى يەھۇدادىكى شەھەرلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا بەلگىلىگەن؛ خەلق ئارىسىدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرىۋەر، ياكى ھەرقانداق باشقا يەرگە باراي دېسەڭ شۇ يەرگە بارغىن» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن قاراۋۇل بېگى ئۇنىڭغا ئوزۇق-تۈلۈك ھەمدە بىر سوۋغات بېرىپ ئۇنى قويۇۋەتتى.
6 So Jeremiah went to Gedaliah son of Ahikam at Mizpah and stayed with him among the people who were left in the land.
شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا مىزپاھ شەھىرىگە، شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇقرالار ئارىسىدا تۇردى.
7 When all the commanders and men of the armies in the field heard that the king of Babylon had appointed Gedaliah son of Ahikam over the land and that he had put him in charge of the men, women, and children who were the poorest of the land and had not been exiled to Babylon,
دالادا قالغان يەھۇدانىڭ لەشكەر باشلىقلىرى ھەم لەشكەرلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى زېمىن ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا بەلگىلىگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا بابىلغا سۈرگۈن بولمىغان زېمىندىكى يوقسۇل ئەر-ئاياللار بالا-چاقىلىرى بىلەن تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى؛
8 they came to Gedaliah at Mizpah—Ishmael son of Nethaniah, Johanan and Jonathan the sons of Kareah, Seraiah son of Tanhumeth, the sons of Ephai the Netophathite, and Jezaniah son of the Maacathite—they and their men.
شۇنىڭ بىلەن بۇ لەشكەر باشلىقلىرى ئادەملىرى بىلەن مىزپاھ شەھىرىگە، گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى؛ باشلىقلىرى بولسا نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل، كارېئاھنىڭ ئوغۇللىرى يوھانان ھەم يوناتان، تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سېرايا، نەتوفاتلىق ئەفاينىڭ ئوغۇللىرى ۋە مائاكاتلىق بىرسىنىڭ ئوغلى يەزانىيا ئىدى.
9 Gedaliah son of Ahikam, the son of Shaphan, swore an oath to them and their men, assuring them, “Do not be afraid to serve the Chaldeans. Live in the land and serve the king of Babylon, and it will go well with you.
شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيا ئۇلار ۋە ئادەملىرىگە: «كالدىيلەرگە بېقىنىشتىن قورقماڭلار؛ زېمىندا ئولتۇراقلىشىپ بابىل پادىشاھىغا بېقىنىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار سىلەرگە ياخشى بولىدۇ.
10 As for me, I will stay in Mizpah to represent you before the Chaldeans who come to us. As for you, gather wine grapes, summer fruit, and oil, place them in your storage jars, and live in the cities you have taken.”
مەن بولسام كالدىيلەر زېمىنغا كەلگەندە [سىلەرگە] ۋەكىل بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇش ئۈچۈن مىزپاھ شەھىرىدە تۇرىمەن؛ سىلەر بولساڭلار، شاراب، ئەنجۈر-خورمىلار ۋە زەيتۇن مېيى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كۈپ-ئىدىشىڭلارغا قويۇڭلار، ئۆزۈڭلار تۇتقان شەھەرلەردە تۇرىۋېرىڭلار» ــ دەپ قەسەم ئىچتى.
11 When all the Jews in Moab, Ammon, Edom, and all the other lands heard that the king of Babylon had left a remnant in Judah and had appointed Gedaliah son of Ahikam, the son of Shaphan, over them,
ئوخشاشلا موئابدا، ئاممونىيلار ئارىسىدا، ئېدومدا ھەم باشقا ھەربىر يۇرتلاردا تۇرغان يەھۇدىيلارمۇ بابىل پادىشاھى يەھۇدادا خەلقنىڭ بىر قالدىسىنى قالدۇرغان ۋە ئۇلار ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى بەلگىلىگەن دەپ ئاڭلىدى؛
12 they all returned from all the places to which they had been banished and came to the land of Judah, to Gedaliah at Mizpah. And they gathered an abundance of wine grapes and summer fruit.
شۇنىڭ بىلەن بارلىق يەھۇدىيلار ھەيدەپ تارقىتىۋېتىلگەن ھەممە جاي-يۇرتلاردىن قايتىپ، يەھۇدا زېمىنىغا، مىزپاھ شەھىرىگە، گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار شاراب، ئەنجۈر-خورمىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى زور كەڭرىچىلىكتە ئالدى.
13 Meanwhile, Johanan son of Kareah and all the commanders of the armies in the field came to Gedaliah at Mizpah
كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە دالادا قالغان لەشكەرلەرنىڭ بارلىق باشلىقلىرى مىزپاھ شەھىرىگە، گەدالىيانىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:
14 and said to him, “Are you aware that Baalis king of the Ammonites has sent Ishmael son of Nethaniah to take your life?” But Gedaliah son of Ahikam did not believe them.
«سەن ئاممونىيلار پادىشاھى بائالىس نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىلنى سېنى ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟» ــ دېيىشتى. لېكىن ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيا ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىشەنمىدى.
15 Then Johanan son of Kareah spoke privately to Gedaliah at Mizpah. “Let me go and kill Ishmael son of Nethaniah,” he said. “No one will know it. Why should he take your life and scatter all the people of Judah who have gathered to you, so that the remnant of Judah would perish?”
كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان مىزپاھدا گەدالىياغا ئاستىرتىن سۆز قىلىپ: «ماڭا رۇخسەت قىلغايسەن، باشقىلار ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپقۇچە مەن بېرىپ نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىلنى ئۆلتۈرەي؛ ھېچكىم بۇنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ سېنى ئۆلتۈرۈپ، شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىڭغا يىغىلغان يەھۇدادىكىلەرنىڭ ھەممىسى تارقىتىۋېتىلىپ، يەھۇدانىڭ قالدىسى يوقىتىۋېتىلىشىنىڭ نېمە ھاجىتى بار؟ ــ دېدى.
16 But Gedaliah son of Ahikam said to Johanan son of Kareah, “Do not do such a thing! What you are saying about Ishmael is a lie.”
بىراق گەدالىيا كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانانغا: «سەن ئۇنداق قىلما؛ چۈنكى سەن ئىشمائىل توغرۇلۇق يالغان ئېيتىۋاتىسەن» ــ دېدى.

< Jeremiah 40 >