< Jeremiah 29 >

1 This is the text of the letter that Jeremiah the prophet sent from Jerusalem to the surviving elders among the exiles and to the priests, the prophets, and all the others Nebuchadnezzar had carried into exile from Jerusalem to Babylon.
يەرەمىيانىڭ يېرۇسالېمدىن سۈرگۈن بولغانلار ئارىسىدىكى ھايات قالغان ئاقساقاللارغا، كاھىنلارغا، پەيغەمبەرلەرگە ۋە نېبوقادنەسار ئەسىر قىلىپ بابىلغا ئېلىپ كەتكەن بارلىق خەلققە يېرۇسالېمدىن يوللىغان خېتى: ــ
2 (This was after King Jeconiah, the queen mother, the court officials, the officials of Judah and Jerusalem, the craftsmen, and the metalsmiths had been exiled from Jerusalem.)
(خەت پادىشاھ يەكونىياھ، خانىش، ۋەزىرلەر، يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىكى شاھزادە-ئەمىرلەر ۋە ھۈنەرۋەنلەر يېرۇسالېمدىن كەتكەندىن كېيىن،
3 The letter was entrusted to Elasah son of Shaphan and Gemariah son of Hilkiah, whom Zedekiah king of Judah sent to King Nebuchadnezzar in Babylon. It stated:
شافاننىڭ ئوغلى ئەلاساھنىڭ ۋە ھىلقىيانىڭ ئوغلى گەمارىيانىڭ قولى بىلەن يوللانغان ــ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا بۇ كىشىلەرنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا يوللىغان). يوللىغان خەت مۇنداق: ــ
4 This is what the LORD of Hosts, the God of Israel, says to all the exiles who were carried away from Jerusalem to Babylon:
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈنگە ئەۋەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دەيدۇ: ــ
5 “Build houses and settle down. Plant gardens and eat their produce.
ئۆيلەرنى قۇرۇڭلار، ئۇلاردا تۇرۇڭلار؛ باغلارنى بەرپا قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ مېۋىسىنى يەڭلار؛
6 Take wives and have sons and daughters. Take wives for your sons and give your daughters in marriage, so that they too may have sons and daughters. Multiply there; do not decrease.
ئۆيلىنىڭلار، ئوغۇل-قىزلىق بولۇڭلار؛ ئوغۇللىرىڭلار ئۈچۈن قىزلارنى ئېلىپ بېرىڭلار، قىزلىرىڭلارنى ئەرلەرگە ياتلىق قىلىڭلار؛ ئۇلارمۇ ئوغۇل-قىزلىق بولسۇن؛ شۇ يەردە كۆپىيىڭلاركى، ئازىيىپ كەتمەڭلار؛
7 Seek the prosperity of the city to which I have sent you as exiles. Pray to the LORD on its behalf, for if it prospers, you too will prosper.”
مەن سىلەرنى سۈرگۈنگە ئەۋەتكەن شەھەرنىڭ تىنچ-ئاۋاتلىقىنى ئىزدەڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ تىنچ-ئاۋاتلىقى بولسا، سىلەرمۇ تىنچ-ئاۋات بولىسىلەر.
8 For this is what the LORD of Hosts, the God of Israel, says: “Do not be deceived by the prophets and diviners among you, and do not listen to the dreams you elicit from them.
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاراڭلاردىكى پەيغەمبەرلەر ۋە سىلەرنىڭ پالچىلىرىڭلار سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن؛ سىلەر ئۇلارغا كۆرگۈزگەن چۈشلەرگە قۇلاق سالماڭلار؛
9 For they are falsely prophesying to you in My name; I have not sent them, declares the LORD.”
چۈنكى ئۇلار مېنىڭ نامىمدا يالغاندىن بېشارەت بېرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى ئەۋەتكەن ئەمەسمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
10 For this is what the LORD says: “When Babylon’s seventy years are complete, I will attend to you and confirm My promise to restore you to this place.
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بابىلغا بېكىتىلگەن يەتمىش يىل توشقاندا، مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كېلىپ سىلەرگە ئىلتىپات كۆرسىتىمەنكى، سىلەرنى مۇشۇ يۇرتقا قايتۇرۇشۇم بىلەن سىلەرگە قىلغان شاپائەتلىك ۋەدەمنى ئادا قىلىمەن؛
11 For I know the plans I have for you, declares the LORD, plans to prosper you and not to harm you, to give you a future and a hope.
چۈنكى ئۆزۈمنىڭ سىلەر توغرۇلۇق پىلانلىرىمنى، ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان ئەمەس، تىنچ-ئاۋاتلىق ئېلىپ كېلىدىغان، ئاخىردا سىلەرگە ئۈمىدۋار كېلەچەكنى ئاتا قىلىدىغان پىلانلىرىمنى ئوبدان بىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
12 Then you will call upon Me and come and pray to Me, and I will listen to you.
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ماڭا نىدا قىلىپ، يېنىمغا كېلىپ ماڭا دۇئا قىلىسىلەر ۋە مەن سىلەرنى ئاڭلايمەن.
13 You will seek Me and find Me when you search for Me with all your heart.
سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر ۋە مېنى تاپىسىلەر، چۈنكى سىلەر پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ماڭا ئىنتىلىدىغان بولىسىلەر.
14 I will be found by you, declares the LORD, and I will restore you from captivity and gather you from all the nations and places to which I have banished you, declares the LORD. I will restore you to the place from which I sent you into exile.”
مەن ئۆزۈمنى سىلەرگە تاپقۇزىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ۋە مەن سىلەرنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، مەن سىلەرنى ھەيدىۋەتكەن بارلىق ئەللەردىن ۋە ھەيدىۋەتكەن بارلىق جايلاردىن يىغىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن سىلەرنى ئېلىپ، ئەسلى سۈرگۈن قىلىپ ئايرىغان يۇرتقا قايتۇرىمەن.
15 Because you may say, “The LORD has raised up for us prophets in Babylon,”
سىلەر: «پەرۋەردىگار بىزگە بابىلدا پەيغەمبەرلەرنى تىكلىدى» دېسەڭلار،
16 this is what the LORD says about the king who sits on David’s throne and all the people who remain in this city, your brothers who did not go with you into exile—
ئەمدى پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھ ۋە بۇ شەھەردە تۇرۇۋاتقان بارلىق خەلق، يەنى سىلەر بىلەن بىللە سۈرگۈن قىلىنمىغان قېرىنداشلىرىڭلار توغرۇلۇق شۇنى دەيدۇ: ــ
17 this is what the LORD of Hosts says: “I will send against them sword and famine and plague, and I will make them like rotten figs, so bad they cannot be eaten.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنى ئازابلايدىغان قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا ئەۋەتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى خۇددى سېسىغان، يېگىلى بولمايدىغان ناچار ئەنجۈرلەردەك قىلىمەن؛
18 I will pursue them with sword and famine and plague. I will make them a horror to all the kingdoms of the earth—a curse, a desolation, and an object of scorn and reproach among all the nations to which I banish them.
ئۇلارنى قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن قوغلايمەن، ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھەيدەپ ئاپىرىمەن؛ ئۇلارنى شۇ ئەللەرگە ۋەھىمە، لەنەت، دەھشەت، ئۇش-ئۇش قىلىنىدىغان ۋە رەسۋا قىلىنىدىغان ئوبيېكت قىلىمەن.
19 I will do this because they have not listened to My words, declares the LORD, which I sent to them again and again through My servants the prophets. And neither have you exiles listened, declares the LORD.”
چۈنكى مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ سۆزلىرىمنى ئۇلارغا ئېيتقىنىم بىلەن، ئۇلار قۇلاق سالمىغان؛ سىلەر [سۈرگۈن بولغانلارمۇ] ھېچ قۇلاق سالمىغانسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
20 So hear the word of the LORD, all you exiles I have sent away from Jerusalem to Babylon.
لېكىن ئى سىلەر سۈرگۈن بولغانلار، مەن يېرۇسالېمدىن بابىلغا ئەۋەتكەنلەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ
21 This is what the LORD of Hosts, the God of Israel, says about Ahab son of Kolaiah and Zedekiah son of Maaseiah, who are prophesying to you lies in My name: “I will deliver them to Nebuchadnezzar king of Babylon, and he will kill them before your very eyes.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مېنىڭ نامىمدا سىلەرگە يالغاندىن بېشارەت بېرىدىغان كولايانىڭ ئوغلى ئاھاب توغرۇلۇق ۋە مائاسېياھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، ئۇ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىدۇ؛
22 Because of them, all the exiles of Judah who are in Babylon will use this curse: ‘May the LORD make you like Zedekiah and Ahab, whom the king of Babylon roasted in the fire!’
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسال قىلىنىپ بابىلدا تۇرغان يەھۇدادىكى بارلىق سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ئاغزىدا: «پەرۋەردىگار سېنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ئوتتا كاۋاب قىلغان زەدەكىيا ۋە ئاھابدەك قىلسۇن!» دېگەن لەنەت سۆزى بولىدۇ؛
23 For they have committed an outrage in Israel by committing adultery with the wives of their neighbors and speaking lies in My name, which I did not command them to do. I am He who knows, and I am a witness, declares the LORD.”
چۈنكى ئۇلار ئىسرائىل ئىچىدە ئىپلاسلىق قىلغان، قوشنىلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلغان ۋە مېنىڭ نامىمدا يالغان سۆزلەرنى، مەن ئۇلارغا ھېچ تاپىلمىغان سۆزلەرنى قىلغان؛ مەن بۇلارنى بىلگۈچى ۋە گۇۋاھ بولغۇچىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
24 You are to tell Shemaiah the Nehelamite that
«سەن يەرەمىيا نەھەلەملىك شېماياغا مۇنداق دېگىن: ــ
25 this is what the LORD of Hosts, the God of Israel, says: “In your own name you have sent out letters to all the people of Jerusalem, to the priest Zephaniah son of Maaseiah, and to all the priests. You said to Zephaniah:
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سەن ئۆز نامىڭدا يېرۇسالېمدىكى بارلىق خەلققە، كاھىن بولغان مائاسېياھنىڭ ئوغلى زەفانىياغا ۋە بارلىق كاھىنلارغا خەتلەر يوللىغىنىڭ تۈپەيلىدىن، ــ
26 ‘The LORD has appointed you priest in place of Jehoiada, to be the chief officer in the house of the LORD, responsible for any madman who acts like a prophet—you must put him in stocks and neck irons.
([سەن زەفانىياغا مۇنداق يازغان]: «پەرۋەردىگار سېنى كاھىن يەھۇيادانىڭ ئورنىغا كاھىن تىكلىگەن ئەمەسمۇ؟ ئۇ سېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە شۇنىڭغا نازارەتچى قىلغانكى، بېشارەت بېرىدىغان پەيغەمبەر بولۇۋالغان ھەربىر تەلۋىنى بېسىش ئۈچۈن پۇتى ۋە بوينىغا تاقاق سېلىشىڭ كېرەك.
27 So now, why have you not rebuked Jeremiah of Anathoth, who poses as a prophet among you?
ئەمدى سەن نېمىشقا سىلەرگە ئۆزىنى پەيغەمبەر قىلىۋالغان ئاناتوتلۇق يەرەمىيانى ئەيىبلىمىدىڭ؟
28 For he has sent to us in Babylon, claiming: Since the exile will be lengthy, build houses and settle down; plant gardens and eat their produce.’”
چۈنكى ئۇ ھەتتا بابىلدا تۇرۇۋاتقان بىزلەرگىمۇ: «شۇ يەردە بولغان ۋاقتىڭلار ئۇزۇن بولىدۇ؛ شۇڭا ئۆيلەرنى سېلىڭلار، ئۇلاردا تۇرۇڭلار، باغلارنى بەرپا قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ مېۋىسىنى يەڭلار» دەپ خەت يوللىدى!»)
29 (Zephaniah the priest, however, had read this letter to Jeremiah the prophet.)
ــ زەفانىيا مۇشۇ خەتنى يەرەمىيا پەيغەمبەر ئالدىدا ئوقۇدى.
30 Then the word of the LORD came to Jeremiah:
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
31 “Send a message telling all the exiles what the LORD says concerning Shemaiah the Nehelamite. Because Shemaiah has prophesied to you—though I did not send him—and has made you trust in a lie,
بارلىق سۈرگۈن بولغانلارغا خەت يوللاپ مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار نەھەلاملىق شەمايا توغرۇلۇق مۇناق دەيدۇ: چۈنكى مەن ئۇنى ئەۋەتمىگەن بولساممۇ، شېمايانىڭ سىلەرگە بېشارەت بېرىپ، سىلەرنى يالغانچىلىققا ئىشەندۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن،
32 this is what the LORD says: ‘I will surely punish Shemaiah the Nehelamite and his descendants. He will have no one left among this people, nor will he see the good that I will bring to My people, declares the LORD, for he has preached rebellion against the LORD.’”
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، نەھەلاملىق شېمايانى نەسلى بىلەن بىللە جازالايمەن؛ مۇشۇ خەلق ئارىسىدا ئۇنىڭ ھېچقانداق نەسلى تېپىلمايدۇ؛ ئۇ مەن ئۆز خەلقىم ئۈچۈن قىلماقچى بولغان ياخشىلىقنى ھېچ كۆرمەيدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار: ــ چۈنكى ئۇ ئادەملەرنى ماڭا ئاسىيلىققا قۇتراتتى.

< Jeremiah 29 >