< Jeremiah 16 >

1 Then the word of the LORD came to me, saying,
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
2 “You must not marry or have sons or daughters in this place.”
سەن ئايال زاتىنى ئەمرىڭگە ئالمايسەن، شۇنداقلا مۇشۇ زېمىندا ئوغۇل-قىز پەرزەنت تاپمايسەن.
3 For this is what the LORD says concerning the sons and daughters born in this place, and the mothers who bore them, and the fathers who fathered them in this land:
چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ يەردە تۇغۇلغان ئوغۇل-قىزلار، بۇ زېمىندا ئۇلارنى تۇغقان ئانىلار ۋە ئۇلارنى تۇغدۇرغان ئاتىلار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ــ
4 “They will die from deadly diseases. They will not be mourned or buried, but will lie like dung on the ground. They will be finished off by sword and famine, and their corpses will become food for the birds of the air and beasts of the earth.”
ئۇلار ئەلەملىك كېسەللەر بىلەن ئۆلىدۇ؛ ئۇلار ئۈچۈن ھېچ ماتەم تۇتۇلمايدۇ، ئۇلار كۆمۈلمەيدۇ؛ ئۆلۈكلىرى تېزەكتەك تۇپراق يۈزىدە ياتىدۇ، ئۇلار قىلىچ، قەھەتچىلىك بىلەن يەپ كېتىلىدۇ؛ جەسەتلىرى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ۋە زېمىندىكى ھايۋاناتلار ئۈچۈن ئوزۇق بولىدۇ.
5 Indeed, this is what the LORD says: “Do not enter a house where there is a funeral meal. Do not go to mourn or show sympathy, for I have removed from this people My peace, My loving devotion, and My compassion,” declares the LORD.
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن [يەرەمىيا]، ھازا بولۇۋاتقان ھېچبىر ئۆيگە كىرمە، ياكى ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ئاھ-زار كۆتۈرۈش ياكى ئۆكۈنۈشكە بارما؛ چۈنكى مەن بۇ خەلقتىن خاتىرجەملىكىمنى، مېھىر-مۇھەببىتىمنى ۋە رەھىمدىللىكلىرىمنى ئېلىپ تاشلىدىم، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
6 “Both great and small will die in this land. They will not be buried or mourned, nor will anyone cut himself or shave his head for them.
ئۇلۇغلاردىن تارتىپ پەسلەرگىچە بۇ زېمىندا ئۆلىدۇ؛ ئۇلار يەرگە كۆمۈلمەيدۇ؛ ھېچكىم ئۇلار ئۈچۈن ئاھ-زار كۆتۈرمەيدۇ، ياكى ئۇلارنى دەپ، يا ئەتلىرىنى تىلمايدۇ، يا چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتمەيدۇ؛
7 No food will be offered to comfort those who mourn the dead; not even a cup of consolation will be given for the loss of a father or mother.
ئۇلار قارىلىق تۇتقانلارنى يوقلاپ، نان ئوشتۇمايدۇ، ئۆلگەنلەر ئۈچۈن كۆڭۈل سورىمايدۇ؛ ئاتا-ئانىسى ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھېچكىم تەسەللى قەدەھىنى سۇنمايدۇ.
8 You must not enter a house where there is feasting and sit down with them to eat and drink.
سەن بولساڭ ئەل-يۇرت بىلەن بىللە يەپ-ئىچىشكە توي-بەزمە بولغان ئۆيگىمۇ كىرمە؛
9 For this is what the LORD of Hosts, the God of Israel, says: I am going to remove from this place, before your very eyes and in your days, the sounds of joy and gladness, the voices of the bride and bridegroom.
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۆز كۈنلىرىڭلاردا ۋە ئۆز كۆز ئالدىڭلاردا، بۇ يەردىن تاماشىنىڭ ساداسىنى، شاد-خۇراملىق ساداسىنى ۋە تويى بولۇۋاتقان يىگىت-قىزنىڭ ئاۋازلىرىنى توختىتىمەن.
10 When you tell these people all these things, they will ask you, ‘Why has the LORD pronounced all this great disaster against us? What is our guilt? What is the sin that we have committed against the LORD our God?’
شۇنداق بولىدۇكى، سەن بۇ خەلققە بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتقىنىڭدا، ئۇلار سەندىن: «نېمىشقا پەرۋەردىگار مۇشۇنداق زور بىر كۈلپەتنى بېشىمىزغا چۈشۈرۈشكە بېكىتكەن؟ بىزنىڭ قەبىھلىكىمىز زادى نېمە؟ پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئالدىدا زادى سادىر قىلغان نېمە گۇناھىمىز باردۇ؟» ــ دەپ سورايدۇ.
11 Then you are to answer them: ‘It is because your fathers have forsaken Me, declares the LORD, and followed other gods, and served and worshiped them. They abandoned Me and did not keep My instruction.
ئەمدى سەن ئۇلارغا مۇنداق دەيسەن: ــ چۈنكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مەندىن ۋاز كەچكەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ھەمدە باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغان، ئۇلارغا چوقۇنغان؛ ئۇلار مەندىن ۋاز كەچكەن، تەۋرات-قانۇنۇمنى ھېچ تۇتمىغان؛
12 And you have done more evil than your fathers. See how each of you follows the stubbornness of his evil heart instead of obeying Me.
سىلەر بولساڭلار، ئاتا-بوۋىلىلىرىڭلاردىن تېخىمۇ بەتتەر قىلغانسىلەر؛ مانا، ھەربىرىڭلار ئۆز رەزىل كۆڭلىدىكى جاھىللىقنىڭ كەينىگە كىرىپ، ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغانسىلەر؛
13 So I will cast you out of this land into a land that neither you nor your fathers have known. There you will serve other gods day and night, for I will show you no favor.’
شۇڭا مەن سىلەرنى بۇ زېمىندىن ئېلىپ، سىلەر ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ھېچ بىلمەيدىغان باشقا بىر زېمىنغا تاشلايمەن؛ سىلەر شۇ يەردە كېچە-كۈندۈز باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر؛ چۈنكى مەن سىلەرگە ھېچ مېھىرنى كۆرسەتمەيمەن.
14 Yet behold, the days are coming, declares the LORD, when they will no longer say, ‘As surely as the LORD lives, who brought the Israelites up out of the land of Egypt.’
شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «ئىسرائىللارنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دېگەن قەسەم قايتىدىن ئىشلىتىلمەيدۇ،
15 Instead they will say, ‘As surely as the LORD lives, who brought the Israelites up out of the land of the north and all the other lands to which He had banished them.’ For I will return them to their land that I gave to their forefathers.
بەلكى [شۇ كۈنلەردە] «ئىسرائىللارنى شىمالىي زېمىنىدىن ۋە ئۆزى ئۇلارنى ھەيدىگەن بارلىق زېمىنلەردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچىلىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنىغا قايتۇرىمەن.
16 But for now I will send for many fishermen, declares the LORD, and they will catch them. After that I will send for many hunters, and they will hunt them down on every mountain and hill, even from the clefts of the rocks.
ھالبۇكى، مانا ھازىر بولسا، مەن نۇرغۇن بېلىقچىلارنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى تۇتقۇزۇشقا چاقىرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئاندىن نۇرغۇن ئوۋچىلارنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى قوغلاپ ئوۋلاشقا چاقىرىمەن؛ ئۇلار ئۇلارنى ھەربىر تاغدىن، ھەربىر ئېگىزلىكتىن، قىيا تاشلارنىڭ غار-قىسىلچاقلىرىدىن تېپىۋالىدۇ.
17 For My eyes are on all their ways. They are not hidden from My face, and their guilt is not concealed from My eyes.
چۈنكى كۆزلىرىم ئۇلارنىڭ بارلىق يوللىرى ئۈستىدە تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئالدىمدا ھېچ سۇقۇنالمىدى، ئۇلارنىڭ قەبىھلىكى كۆزلىرىمدىن ھېچ يوشۇرۇلمىدى.
18 And I will first repay them double their iniquity and their sin, because they have defiled My land with the carcasses of their detestable idols, and they have filled My inheritance with their abominations.”
لېكىن مەن ئاۋۋال ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ۋە گۇناھىنى بېشىغا ھەسسىلەپ قايتۇرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار زېمىنىمنى يىرگىنچلىك نەرسىلەرنىڭ ئۆلۈكلىرى بىلەن بۇلغىغان، مېنىڭ مىراسىمنى لەنەتلىك نەرسىلىرى بىلەن تولدۇرغان.
19 O LORD, my strength and my fortress, my refuge in the day of distress, the nations will come to You from the ends of the earth, and they will say, “Our fathers inherited nothing but lies, worthless idols of no benefit at all.
ــ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ كۈچۈم ۋە قورغىنىمسەن، ئازاب-ئوقۇبەت كۈنىدە باشپاناھىمسەن. ئەللەر بولسا يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن يېنىڭغا كېلىدۇ ۋە: «بەرھەق، ئاتا-بوۋىلىرىمىز يالغانچىلىق ھەم بىمەنىلىككە مىراسخورلۇق قىلغان؛ بۇ نەرسىلەردە ھېچ پايدا يوقتۇر.
20 Can man make gods for himself? Such are not gods!”
ئىنسانلار ئۆز-ئۆزىگە خۇدالارنى ياسىيالامدۇ؟! لېكىن ياسىغىنى خۇدا ئەمەستۇر!» ــ دەيدۇ.
21 “Therefore behold, I will inform them, and this time I will make them know My power and My might; then they will know that My name is the LORD.
ــ شۇڭا، مانا، مەن بۇ قېتىم [بۇ رەزىل خەلققە] شۇنى ئوبدان بىلدۈرىمەن، ــ ئۇلارغا مېنىڭ قولۇم ۋە كۈچ-قۇدرىتىمنى ئوبدان بىلدۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ نامىمنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ!

< Jeremiah 16 >