< Isaiah 43 >

1 Now this is what the LORD says— He who created you, O Jacob, and He who formed you, O Israel: “Do not fear, for I have redeemed you; I have called you by your name; you are Mine!
بىراق ھازىر ئى ياقۇپ، سېنى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار، ئى ئىسرائىل، سېنى شەكىللەندۈرگۈچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «قورقما؛ چۈنكى مەن ساڭا ھەمجەمەت بولۇپ سېنى قۇتقۇزغان؛ سېنى ئۆز نامىم بىلەن ئاتىغانمەن؛ سەن مېنىڭكىدۇرسەن!
2 When you pass through the waters, I will be with you; and when you go through the rivers, they will not overwhelm you. When you walk through the fire, you will not be scorched; the flames will not set you ablaze.
سەن سۇلاردىن ئۆتكىنىڭدە، مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن؛ دەريالاردىن ئۆتكىنىڭدە، ئۇلار سېنى غەرق قىلمايدۇ؛ سەن ئوتتا مېڭىپ يۈرگىنىڭدە، سەن كۆيمەيسەن؛ يالقۇنلار ئۈستۈڭدە ئوت ئالمايدۇ.
3 For I am the LORD your God, the Holy One of Israel, your Savior; I give Egypt for your ransom, Cush and Seba in your place.
چۈنكى مەن بولسام خۇدايىڭ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى، قۇتقۇزغۇچىڭدۇرمەن؛ سېنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مىسىرنى بەدەل قىلىپ بەردىم، ئورنۇڭغا ئېفىئوپىيە ھەم سېبانى ئالماشتۇردۇم.
4 Because you are precious and honored in My sight, and because I love you, I will give men in exchange for you and nations in place of your life.
سەن نەزىرىمدە قىممەتلىك بولغاچقا، مەن ساڭا ئىززەت-ھۆرمەت كەلتۈرگەن ھەم سېنى سۆيگەن؛ شۇڭا مەن يەنە ئورنۇڭغا ئادەملەرنى، جېنىڭغا خەلقلەرنى تۇتۇپ بېرىمەن؛
5 Do not be afraid, for I am with you; I will bring your offspring from the east and gather you from the west.
قورقما، چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللەدۇرمەن؛ مەن نەسلىڭنى شەرقتىن، سېنى غەربتىن يىغىپ ئەپكېلىمەن؛
6 I will say to the north, ‘Give them up!’ and to the south, ‘Do not hold them back!’ Bring My sons from afar, and My daughters from the ends of the earth—
مەن شىمالغا: ــ «تاپشۇر ئۇلارنى!» ۋە جەنۇبقا: ــ «ئۇلارنى تۇتۇپ قالما! ئوغۇللىرىمنى يىراقتىن، قىزلىرىمنى جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدىن ئەپكېلىپ بەر؛
7 everyone called by My name and created for My glory, whom I have indeed formed and made.”
مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالغان ھەربىرسىنى، مەن ئۆز شان-شەرىپىم ئۈچۈن ياراتقان ھەربىرسىنى ئەپكېلىپ بەر!» ــ دەيمەن، ــ «مەن ئۇنى شەكىللەندۈردۈم، مەن ئۇنى ئاپىرىدە قىلدىم!»».
8 Bring out a people who have eyes but are blind, and who have ears but are deaf.
ئۇ «كۆزى بار» قارىغۇ خەلقنى، يەنى «قۇلىقى بار» گاسلارنى ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
9 All the nations gather together and the peoples assemble. Who among them can declare this, and proclaim to us the former things? Let them present their witnesses to vindicate them, so that others may hear and say, “It is true.”
ــ «بارلىق ئەللەر يىغىلسۇن، خەلقلەر جەم بولسۇن! ئۇلاردىن كىممۇ مۇنداق ئىشلارنى جاكارلىيالىسۇن؟ يەنى كىم مۇشۇنداق «ئىلگىرىكى ئىشلار»نى [ئالدىنئالا] بىزگە ئاڭلىتىپ باققان؟ بار بولسا، ئۆزلىرىنى ئىسپاتلاشقا گۇۋاھچىلىرىنى ئالدىغا كەلتۈرسۇن؛ بولمىسا، ئۇلار بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: ــ «بۇ بولسا ھەقىقەت!» دەپ ئېتىراپ قىلسۇن!
10 “You are My witnesses,” declares the LORD, “and My servant whom I have chosen, so that you may consider and believe Me and understand that I am He. Before Me no god was formed, and after Me none will come.
سىلەر [خەلقىم] مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم، ھەم مەن تاللىغان قۇلۇم [مەن ئۈچۈن] گۇۋاھچىدۇر، شۇنداق ئىكەن، سىلەر مېنى تونۇپ، ماڭا ئىشىنىپ، ھەم چۈشىنىپ يەتكەيسىلەركى: ــ «مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن، مەندىن ئىلگىرى ھېچ ئىلاھ شەكىللەنمىگەن، ھەم مەندىن كېيىنمۇ ھېچ شەكىللەنمەيدۇ؛
11 I, yes I, am the LORD, and there is no Savior but Me.
مەن، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەندىن باشقا قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر».
12 I alone decreed and saved and proclaimed— I, and not some foreign god among you. So you are My witnesses,” declares the LORD, “that I am God.
ــ ئاراڭلاردا «يات ئىلاھ» بولمىغان ۋاقىتتا، مەن [مەقسىتىمنى] جاكارلىغان، مەن قۇتقۇزغان ھەم شۇ ئىشلارنىڭ داڭقىنى چىقارغانمەن؛ شۇڭا سىلەر مېنىڭ تەڭرى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھچىسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
13 Even from eternity I am He, and none can deliver out of My hand. When I act, who can reverse it?”
«بەرھەق، ئەزەلدىن بۇيان مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن، مېنىڭ قولۇمدىن ھېچكىم ھېچكىمنى قۇتقۇزالمايدۇ؛ مەن ئىش قىلسام، كىم توسالىسۇن؟
14 Thus says the LORD your Redeemer, the Holy One of Israel: “For your sake, I will send to Babylon and bring them all as fugitives, even the Chaldeans, in the ships in which they rejoice.
ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭلار بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرنى دەپ مەن بابىلنى جازالاتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن كالدىيلەرنى، قاچقۇن سۈپىتىدە ئۆزلىرى خۇشاللىق بىلەن پەخىرلەنگەن كېمىلەرگە ئولتۇرۇشقا چۈشۈرىۋېتىمەن.
15 I am the LORD, your Holy One, the Creator of Israel, and your King.”
مەن بولسام پەرۋەردىگار، سىلەرگە مۇقەددەس بولغۇچى، ئىسرائىلنى ياراتقۇچى، سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلاردۇرمەن.
16 Thus says the LORD, who makes a way in the sea and a path through the surging waters,
دېڭىزدىن يولنى چىقارغۇچى، داۋالغۇغان سۇلاردىن يول ئاچقۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
17 who brings out the chariots and horses, the armies and warriors together, to lie down, never to rise again; to be extinguished, snuffed out like a wick:
(ئۇ جەڭ ھارۋىسىنى ۋە ئاتنى، قوشۇن-كۈچلەرنى چىقارغۇچىدۇر: ــ ئۇلار بىراقلا يىقىلىدۇ، تۇرالمايدۇ؛ ئۇلار ئۆچۈپ قالغان، چىراغ پىلىكىدەك ئۆچۈرۈلگەن)
18 “Do not call to mind the former things; pay no attention to the things of old.
ــ مۇشۇ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىمەڭلار، قەدىمكى ئىشلار توغرۇلۇقمۇ ئويلانماڭلار؛
19 Behold, I am about to do something new; even now it is coming. Do you not see it? Indeed, I will make a way in the wilderness and streams in the desert.
چۈنكى مانا مەن يېڭى بىر ئىشنى قىلىمەن؛ ئۇ ھازىرلا بارلىققا كېلىدۇ؛ سىلەر ئۇنى كۆرمەي قالامسىلەر؟! مەن ھەتتا دالالاردىمۇ يول ئاچىمەن، چۆل-باياۋاندا دەريالارنى بارلىققا كەلتۈرىمەن!
20 The beasts of the field will honor Me, the jackals and the ostriches, because I provide water in the wilderness and rivers in the desert, to give drink to My chosen people.
دالادىكى ھايۋانلار، چىلبۆرىلەر ھەم ھۇۋقۇشلار مېنى ئۇلۇغلايدۇ؛ چۈنكى مەن ئۆز خەلقىم، يەنى ئۆز تاللىغىنىمغا ئىچىملىك تەمىنلەشكە، دالالاردا سۇلارنى، چۆل-باياۋانلاردا دەريالارنى چىقىرىپ بېرىمەن.
21 The people I formed for Myself will declare My praise.
مەن مۇشۇ خەلقنى ئۆزۈم ئۈچۈن شەكىللەندۈرگەنمەن؛ ئۇلار ماڭا بولغان مەدھىيىلەرنى ئېيتىپ ئايان قىلىدۇ.
22 But you have not called on Me, O Jacob, because you have grown weary of Me, O Israel.
بىراق، ئى ياقۇپ، سەن نامىمنى چاقىرغىنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى ئىزدىمىدىڭ، ئى ئىسرائىل، ئەكسىچە سەن مەندىن كۆڭلۈڭ يېنىپ ھارسىندىڭ؛
23 You have not brought Me sheep for burnt offerings, nor honored Me with your sacrifices. I have not burdened you with offerings, nor wearied you with frankincense.
سەن ئېلىپ كەلگەن «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» قويلىرىڭنى ماڭا قىلغان ئەمەس، «ئىناق قۇربانلىق»لىرىڭ بىلەن مېنى ھۆرمەتلىگەن ئەمەسسەن؛ مەن «ئاشلىق ھەدىيە»نى قىلىش بىلەن سېنى «قۇللۇق»قا قويماقچى ئەمەسمەن، خۇشبۇي يېقىپ سېنى ھارسىندۇرماقچى بولغان ئەمەسمەن!
24 You have not bought Me sweet cane with your silver, nor satisfied Me with the fat of your sacrifices. But you have burdened Me with your sins; you have wearied Me with your iniquities.
سەن پۇلنى خەجلەپ ماڭا ھېچ ئېگىر ئېلىپ كەلمىگەنسەن، سەن «ئىناق قۇربانلىق»لىرىڭنىڭ يېغى بىلەن مېنى رازى قىلىپ قانائەتلەندۈرگەن ئەمەسسەن؛ ئەكسىچە سەن گۇناھلىرىڭ بىلەن مېنى قۇللۇققا قويماقچى بولغانسەن، ئىتائەتسىزلىكىڭ بىلەن مېنى ھارسىندۇردۇڭ.
25 I, yes I, am He who blots out your transgressions for My own sake and remembers your sins no more.
مەن، مەن ئۆزۈم ئۈچۈنلا سېنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭنى ئۆچۈرىۋەتكۈچىمەن، مەن سېنىڭ گۇناھلىرىڭنى ئېسىمگە كەلتۈرمەيمەن.
26 Remind Me, let us argue the matter together. State your case, so that you may be vindicated.
ئەمدى ئۆتمۈشۈڭ توغرۇلۇق مېنى ئەسلىتىپ قويغىن، مۇنازىرە قىلىشايلى، ئۆزۈڭنى ئاقلىغۇدەك گېپىڭ بولسا دەۋەرگىن!
27 Your first father sinned, and your spokesmen rebelled against Me.
بىرىنچى ئاتاڭ گۇناھ قىلغان؛ سېنىڭ شەرھچىلىرىڭ بولسا ماڭا ئاسىيلىق قىلدى.
28 So I will disgrace the princes of your sanctuary, and I will devote Jacob to destruction and Israel to reproach.”
شۇڭا مەن ئىبادەتخانامدىكى يېتەكلىگۈچىلەرنى ناپاك قىلىمەن، ھەمدە ياقۇپنى ھالاك لەنىتىگە ئۇچراشقا، ئىسرائىلنى رەسۋاچىلىقتا قالدۇرۇشقا بېكىتتىم.

< Isaiah 43 >