< Isaiah 34 >

1 Come near, O nations, to listen; pay attention, O peoples. Let the earth hear, and all that fills it, the world and all that springs from it.
يېقىن كېلىڭلار، ئى ئەللەر، ئاڭلاڭلار! ئى قوۋم-خەلقلەر، قۇلاق سېلىڭلار! يەر-زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلار، جىمى ئالەم ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىن چىققان ھەممە مەۋجۇداتلار، تىڭشاڭلار!
2 The LORD is angry with all the nations and furious with all their armies. He will devote them to destruction; He will give them over to slaughter.
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەللەرگە قارىتا غەزىپى بار، ئۇنىڭ دەرغەزىپى ئۇلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىغا قارشى تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى ھالاكەتكە پۈتۈپ قويغان، ئۇلارنى قىرغىنچىلىققا تاپشۇرۇۋەتكەن؛
3 Their slain will be left unburied, and the stench of their corpses will rise; the mountains will flow with their blood.
ئۇلاردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر سىرتقا تاشلىۋېتىلىدۇ، جەسەتلىرىدىن سېسىقچىلىق پۇرايدۇ، تاغلار ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن ئېرىتىلىدۇ؛
4 All the stars of heaven will be dissolved. The skies will be rolled up like a scroll, and all their stars will fall like withered leaves from the vine, like foliage from the fig tree.
ئاسمانلاردىكى جىمىكى جىسىم-قوشۇنلار چىرىپ يوق بولىدۇ، ئاسمانلار يۆگىمە كىتابدەك تۈرۈلىدۇ؛ ئۈزۈم تېلىنىڭ يوپۇرماقلىرى خازان بولۇپ، سولىشىپ چۈشكەندەك، يىگلەپ كەتكەن ئەنجۈر شېخىدىن چۈشكەندەك، ئۇلارنىڭ جىمىكى جىسىم-قوشۇنلىرى يىقىلىدۇ؛
5 When My sword has drunk its fill in the heavens, then it will come down upon Edom, upon the people I have devoted to destruction.
چۈنكى شەمشىرىم ئاسمانلاردا [قان بىلەن] سۇغۇرۇلدى؛ قاراڭلار، شەمشىرىم مېنىڭ ھالاكەت لەنىتىمگە ئۇچرىغان خەلققە، يەنى ئېدوم ئۈستىگە جازالاش ئۈچۈن چۈشىدۇ؛
6 The sword of the LORD is bathed in blood. It drips with fat— with the blood of lambs and goats, with the fat of the kidneys of rams. For the LORD has a sacrifice in Bozrah, a great slaughter in the land of Edom.
پەرۋەردىگارنىڭ بىر شەمشىرى بار؛ ئۇ قانغا بويالدى؛ ئۇ ياغلىق نەرسىلەرنىڭ يېغى بىلەن، ئۆچكە-قوزىلارنىڭ قېنى بىلەن، قوچقار بۆرىكىنىڭ يېغى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلغان؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بوزراھ شەھىرىدە بىر قۇربانلىقى، ئېدومدا زور بىر قىرغىنچىلىقى بار.
7 And the wild oxen will fall with them, the young bulls with the strong ones. Their land will be drenched with blood, and their soil will be soaked with fat.
مۇشۇ قىرغىنچىلىقلار بىلەن ياۋايى كالىلار، تورپاقلار ۋە كۈچلۈك بۇقىلارمۇ يىقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى قانغا چۆمۈلىدۇ، توپا-چاڭلىرى ياغ بىلەن مايلىشىپ كېتىدۇ.
8 For the LORD has a day of vengeance, a year of recompense for the cause of Zion.
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قىساس ئالىدىغان بىر كۈنى، زىئون دەۋاسىدىكى ھېساب ئالىدىغان يىلى بار.
9 Edom’s streams will be turned to tar, and her soil to sulfur; her land will become a blazing pitch.
[ئېدومدىكى] ئېقىنلار قارىمايغا، ئۇنىڭ توپىلىرى گۈڭگۈرتكە ئايلاندۇرۇلىدۇ؛ زېمىنى بولسا كۆيۈۋاتقان قارىماي بولىدۇ.
10 It will not be quenched—day or night. Its smoke will ascend forever. From generation to generation it will lie desolate; no one will ever again pass through it.
ئۇنىڭ ئوتى كېچە-كۈندۈز ئۆچۈرۈلمەيدۇ؛ ئىس-تۈتەكلىرى مەڭگۈگە ئۆرلەيدۇ؛ ئۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە خارابىلىكتە تۇرىدۇ؛ ھېچكىم ئىككىنچى ئۇ يەرگە ئاياغ باسمايدۇ.
11 The desert owl and screech owl will possess it, and the great owl and raven will dwell in it. The LORD will stretch out over Edom a measuring line of chaos and a plumb line of destruction.
چۆل ھۇۋقۇشى ۋە چىرقىرىغۇچى ھۇۋقۇشلار ئۇنى ئىگىلىۋالىدۇ؛ چوڭ ھۇۋقۇش ۋە قاغا-قۇزغۇنلار شۇ يەردە ئۇۋىلايدۇ؛ خۇدا ئۇنىڭغا «تەرتىپسىزلىك-بىمەنىلىكنى ئۆلچەيدىغان تانا»نى، ۋە «قۇپ-قۇرۇقلۇقنى ئۆلچەيدىغان تىك ئۆلچىگۈچ»نى تارتىدۇ.
12 No nobles will be left to proclaim a king, and all her princes will come to nothing.
بىرسى كېلىپ [ئېدومنىڭ] ئېسىلزادىلىرىنى پادىشاھلىقىنى [ئىدارە قىلىشقا] چاقىرسا، ئۇلاردىن ھېچكىم بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئەمىرلىرى يوق قىلىۋېتىلگەن بولىدۇ.
13 Her towers will be overgrown with thorns, her fortresses with thistles and briers. She will become a haunt for jackals, an abode for ostriches.
ئوردىلىرىدا تىكەنلەر، قەلئە-قورغانلىرىدا چاققاق-جىغانلار ئۆسۈپ چىقىدۇ؛ ئۇ چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانى، «ھۇۋقۇشلارنىڭ ئوردىسى» بولىدۇ.
14 The desert creatures will meet with hyenas, and one wild goat will call to another. There the night creature will settle and find her place of repose.
شۇ يەردە چۆل-باياۋاندىكى جانىۋارلار، ياۋايى ئىتلار جەم بولىدۇ؛ ھەربىر «ئۆچكە جىن» ئۆز قېرىندىشىغا توۋلايدۇ؛ تۈن مەخلۇقلىرى شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ، ئۇنى ئۆزىگە ئارامگاھ قىلىپ تۇرىدۇ.
15 There the owl will make her nest; she will lay and hatch her eggs and gather her brood under her shadow. Even there the birds of prey will gather, each with its mate.
«ئوق يىلان» شۇ يەردە ئۇۋىلايدۇ، ئۇنىڭ سايىسىدە تۇخۇملايدۇ، بالىلىرىنى يىغىپ باقىدۇ. قورۇلتاز-تاپقۇشلار ھەربىرى ئۆز جۈپى بىلەن شۇ يەردە توپلىنىدۇ؛
16 Search and read the scroll of the LORD: Not one of these will go missing, not one will lack her mate, because He has ordered it by His mouth, and He will gather them by His Spirit.
پەرۋەردىگارنىڭ يۆگىمە كىتابىدىن ئىزدەپ ئوقۇپ باققىن؛ ئۇلاردىن ھېچبىرى چۈشۈپ قالمايدۇ؛ ھېچقايسىسىنىڭ ئۆز جورىسى كەم بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۆزىنىڭ ئاغزى ئۇلارغا بۇيرۇغان؛ ئۇنىڭ ئۆز روھى ئۇلارنى توپلىغان.
17 He has allotted their portion; His hand has distributed it by measure. They will possess it forever; they will dwell in it from generation to generation.
چۈنكى [پەرۋەردىگار] ئۆزى ئۇلار ئۈچۈن چەك تاشلاپ، ئۆز قولى بىلەن زېمىنغا تانا تارتىپ ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن؛ ئۇلار ئۇنىڭغا مەڭگۈگە ئىگىدارلىق قىلىدۇ، دەۋردىن-دەۋرگىچە شۇ يەرنى ماكان قىلىدۇ.

< Isaiah 34 >