< Genesis 32 >

1 Jacob also went on his way, and the angels of God met him.
ياقۇپ ئۆز يولىغا كېتىپ باراتتى؛ يولدا خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئۇنىڭغا ئۇچرىدى.
2 When Jacob saw them, he said, “This is the camp of God.” So he named that place Mahanaim.
ياقۇپ ئۇلارنى كۆرۈپ: ــ بۇ جاي خۇدانىڭ بارگاھى ئىكەن! ــ دەپ، بۇ جاينىڭ نامىنى «ماھانائىم» دەپ قويدى.
3 Jacob sent messengers ahead of him to his brother Esau in the land of Seir, the country of Edom.
ئاندىن ياقۇپ سېئىر زېمىنىدىكى «ئېدوم يايلىقى»غا، ئاكىسى ئەساۋنىڭ قېشىغا ئالدىن خەۋەرچىلەرنى ئەۋەتىپ،
4 He instructed them, “You are to say to my master Esau, ‘Your servant Jacob says: I have been staying with Laban and have remained there until now.
ئۇلارغا جېكىلەپ: ــ سىلەر خوجامغا، يەنى ئەساۋغا: «كەمىنىلىرى ياقۇپ مۇنداق دېدى: ــ مەن لاباننىڭ قېشىدا مۇساپىر بولۇپ، تا مۇشۇ ۋاقىتقىچە تۇردۇم.
5 I have oxen, donkeys, flocks, menservants, and maidservants. I have sent this message to inform my master, so that I may find favor in your sight.’”
ئەمدى مەندە كالا، ئېشەك ۋە قويلار، قۇل-دېدەكلەرمۇ بار؛ مەن ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپارمەنمىكىن دەپ خوجامغا خەۋەر يەتكۈزۈشنى لايىق كۆردۈم»، دەڭلار، ــ دېدى.
6 When the messengers returned to Jacob, they said, “We went to your brother Esau, and now he is coming to meet you—he and four hundred men with him.”
خەۋەرچىلەر ياقۇپنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلىپ: ــ بىز ئاكىلىرى ئەساۋنىڭ قېشىغا باردۇق؛ ئۇ تۆت يۈز كىشىنى ئېلىپ، سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا كېلىۋاتىدۇ، ــ دېدى.
7 In great fear and distress, Jacob divided his people into two camps, as well as the flocks and herds and camels.
ياقۇپ ناھايىتى قورقۇپ، غەم-غۇسسىگە چۈشۈپ ئادەملىرىنى قوي، كالا ۋە تۆگىلىرىگە قوشۇپ، ئىككى توپقا ئايرىدى.
8 He thought, “If Esau comes and attacks one camp, then the other camp can escape.”
ئۇ: ــ «ئەگەر ئەساۋ كېلىپ بىر توپىمىزغا ھۇجۇم قىلسا، يەنە بىر توپى قېچىپ قۇتۇلۇپ قالار» ــ دەپ ئويلىدى.
9 Then Jacob declared, “O God of my father Abraham, God of my father Isaac, the LORD who told me, ‘Go back to your country and to your kindred, and I will make you prosper,’
ئاندىن ياقۇپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئى ئاتام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى ۋە ئاتام ئىسھاقنىڭ خۇداسى! ماڭا: «ئۆز زېمىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ قېشىغا يېنىپ كەتكىن، ساڭا ياخشىلىق قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغان پەرۋەردىگار!
10 I am unworthy of all the kindness and faithfulness You have shown Your servant. Indeed, with only my staff I came across the Jordan, but now I have become two camps.
ــ مەن سېنىڭ ئۆز قۇلۇڭغا كۆرسەتكەن ئۆزگەرمەس بارلىق مېھرىبانلىقىڭ ۋە بارلىق ۋاپادارلىقىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن بۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكىنىمدە يالغۇز بىر ھاسام بار ئىدى. ئەمدى مەن ئىككى توپ ئادەم بولۇپ قايتىۋاتىمەن.
11 Please deliver me from the hand of my brother Esau, for I am afraid that he may come and attack me and the mothers and children with me.
ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى ئاكام ئەساۋنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن؛ چۈنكى ئۇ كېلىپ مەن بىلەن خوتۇن-بالىلىرىمنى ئۆلتۈرۈۋېتەمدىكىن، دەپ قورقىمەن.
12 But You have said, ‘I will surely make you prosper, and I will make your offspring like the sand of the sea, too numerous to count.’”
سەن: «مەن جەزمەن ساڭا زور ياخشىلىق قىلىپ، سېنىڭ نەسلىڭنى دېڭىزدىكى قۇمدەك ھەددى-ھېسابسىز كۆپ قىلىمەن»، دېگەنىدىڭ، ــ دېدى.
13 Jacob spent the night there, and from what he had brought with him, he selected a gift for his brother Esau:
ئۇ شۇ كېچىسى شۇ يەردە قونۇپ قالدى؛ ئاندىن ئۇ قول ئىلىكىدىكى ماللاردىن ئېلىپ، ئاكىسى ئەساۋغا ئىككى يۈز ئۆچكە، يىگىرمە تېكە، ئىككى يۈز ساغلىق، يىگىرمە قوچقار، ئوتتۇز چىشى تۆگىنى تايلاقلىرى بىلەن، قىرىق ئىنەك، ئون بۇقا، يىگىرمە مادا ئېشەك، ئون ھاڭگا ئېشەكنى سوۋغات قىلىپ تەييارلاپ،
14 200 female goats, 20 male goats, 200 ewes, 20 rams,
15 30 milk camels with their young, 40 cows, 10 bulls, 20 female donkeys, and 10 male donkeys.
16 He entrusted them to his servants in separate herds and told them, “Go on ahead of me, and keep some distance between the herds.”
بۇلارنى ئايرىم-ئايرىم توپ قىلىپ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارغا جېكىلەپ: ــ سىلەر مەندىن بۇرۇن مېڭىپ، ھەر توپنىڭ ئارىسىدا ئارىلىق قويۇپ ھەيدەپ مېڭىڭلار، ــ دېدى.
17 He instructed the one in the lead, “When my brother Esau meets you and asks, ‘To whom do you belong, where are you going, and whose animals are these before you?’
ئۇ ئەڭ ئالدىدىكى توپ بىلەن ماڭغان كىشىكە ئەمر قىلىپ: ــ ئاكام ئەساۋ ساڭا ئۇچرىغاندا، ئەگەر ئۇ سەندىن: «كىمنىڭ ئادىمىسەن؟ قەيەرگە بارىسەن؟ ئالدىڭدىكى جانىۋارلار كىمنىڭ؟» ــ دەپ سورىسا،
18 then you are to say, ‘They belong to your servant Jacob. They are a gift, sent to my lord Esau. And behold, Jacob is behind us.’”
ئۇنداقتا سەن جاۋاب بېرىپ: «بۇلار كەمىنىلىرى ياقۇپنىڭ بولۇپ، خوجام ئەساۋغا ئەۋەتكەن سوۋغاتتۇر. مانا، ئۇ ئۆزىمۇ كەينىمىزدىن كېلىۋاتىدۇ» ــ دېگىن، دېدى.
19 He also instructed the second, the third, and all those following behind the herds: “When you meet Esau, you are to say the same thing to him.
شۇ تەرىقىدە ئۇ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى پادىلارنى ھەيدەپ ماڭغۇچى كىشىلەرگىمۇ ئوخشاش ئەمر قىلىپ: ــ ئەساۋ سىزلەرگە ئۇچرىغاندا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق دەڭلار، ئاندىن: ــ مانا، كەمىنىلىرى ياقۇپ ئۆزىمۇ ئارقىمىزدىن كېلىۋاتىدۇ، ــ دەڭلار، دېدى؛ چۈنكى ئۇ: ــ مەن ئالدىمدا بارغان سوۋغات بىلەن ئۇنى مېنى كەچۈرۈم قىلدۇرۇپ، ئاندىن يۈزىنى كۆرسەم، مېنى قوبۇل قىلارمىكىن، ــ دەپ ئويلىغانىدى.
20 You are also to say, ‘Look, your servant Jacob is right behind us.’” For he thought, “I will appease Esau with the gift that is going before me. After that I can face him, and perhaps he will accept me.”
21 So Jacob’s gifts went on before him, while he spent the night in the camp.
شۇنداق قىلىپ سوۋغات ئالدىن ئەۋەتىلدى؛ ئۇ شۇ كېچىسى بارگاھدا قونۇپ قالدى.
22 During the night Jacob got up and took his two wives, his two maidservants, and his eleven sons, and crossed the ford of the Jabbok.
ئۇ شۇ كېچىدە قوپۇپ، ئىككى ئايالى ۋە ئىككى دېدىكى ۋە ئون بىر ئوغلىنى ئېلىپ، ياببوك كېچىكىدىن ئۆتۈپ كەتتى.
23 He took them and sent them across the stream, along with all his possessions.
ئۇ ئۇلارنى ئېقىندىن ئۆتكۈزدى، شۇنداقلا ھەممە تەئەللۇقىنىمۇ ئۇ قارشى تەرەپكە ئۆتكۈزدى.
24 So Jacob was left all alone, and there a man wrestled with him until daybreak.
ياقۇپ بولسا بۇ قاتتا يالغۇز قالدى؛ بىر زات كېلىپ شۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن تاڭ ئاتقۇچە چېلىشتى.
25 When the man saw that he could not overpower Jacob, he struck the socket of Jacob’s hip and dislocated it as they wrestled.
لېكىن بۇ زات ئۇنى يېڭەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يوتىسىنىڭ يىرىقىغا قولىنى تەگكۈزۈپ قويدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چېلىشىۋاتقاندا ياقۇپنىڭ يوتىسى قازاندىن چىقىپ كەتتى.
26 Then the man said, “Let me go, for it is daybreak.” But Jacob replied, “I will not let you go unless you bless me.”
ئۇ زات: ــ مېنى قويۇپ بەرگىن، چۈنكى تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، دېدى. ــ سەن مېنى بەرىكەتلىمىگۈچە، سېنى قويۇپ بەرمەيمەن، دېدى ياقۇپ.
27 “What is your name?” the man asked. “Jacob,” he replied.
ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ ئېتىڭ نېمە؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ئېتىم ياقۇپ، ــ دېدى.
28 Then the man said, “Your name will no longer be Jacob, but Israel, because you have struggled with God and with men, and you have prevailed.”
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ ئېتىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ياقۇپ بولماي، بەلكى ئىسرائىل بولىدۇ؛ چۈنكى سەن خۇدا بىلەنمۇ، ئىنسان بىلەنمۇ ئېلىشىپ غالىب كەلدىڭ، ــ دېدى.
29 And Jacob requested, “Please tell me your name.” But he replied, “Why do you ask my name?” Then he blessed Jacob there.
ئاندىن ياقۇپ ئۇنىڭدىن: ــ نامىڭنى ماڭا دەپ بەرگىن، دېۋىدى، ئۇ: ــ نېمىشقا مېنىڭ نامىمنى سورايسەن؟ ــ دېدى ۋە شۇ يەردە ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلدى.
30 So Jacob named the place Peniel, saying, “Indeed, I have seen God face to face, and yet my life was spared.”
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ: ــ خۇدانى يۈزمۇ-يۈز كۆرۈپ، جېنىم قۇتۇلۇپ قالدى، دەپ ئۇ جاينىڭ نامىنى «پەنىئەل» دەپ ئاتىدى.
31 The sun rose above him as he passed by Penuel, and he was limping because of his hip.
ئۇ پەنىئەلدىن ئۆتۈپ ماڭغاندا، كۈن ئۇنىڭ ئۈستىبېشىنى يورۇتتى؛ ئەمما ئۇ يوتىسى تۈپەيلىدىن ئاقساپ ماڭاتتى.
32 Therefore to this day the Israelites do not eat the tendon which is at the socket of the hip, because the socket of Jacob’s hip was struck near that tendon.
بۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللار بۈگۈنگىچە يوتىنىڭ ئۈگىسىدىكى پەينى يېمەيدۇ؛ چۈنكى شۇ زات ياقۇپنىڭ يوتىسىنىڭ يىرىقىغا، يەنى ئۇنىڭ پېيىگە قولىنى تەگكۈزۈپ قويغانىدى.

< Genesis 32 >