< Genesis 23 >

1 Now Sarah lived to be 127 years old.
ساراھ بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ياشقىچە ئۆمۈر كۆردى. بۇ ساراھنىڭ ئۆمرىنىڭ يىللىرى ئىدى.
2 She died in Kiriath-arba (that is, Hebron) in the land of Canaan, and Abraham went out to mourn and to weep for her.
ساراھ قانائان زېمىنىدىكى كىرىئات-ئاربا، يەنى ھېبروندا ۋاپات بولدى. ئىبراھىم بېرىپ ساراھ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار قىلدى.
3 Then Abraham got up from beside his dead wife and said to the Hittites,
ئىبراھىم ئۆز مەرھۇمەسىنىڭ يېنىدىن قوپۇپ، ھىتتىيلارغا سۆز قىلىپ:
4 “I am a foreigner and an outsider among you. Give me a burial site among you so that I can bury my dead.”
ــ مەن بولسام ئاراڭلاردا مۇساپىر مېھمان، خالاس؛ سىلەر ئەمدى ئاراڭلاردىن ماڭا بىر يەرلىك بېرىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ مەرھۇمەمنى ئالدىمدا كۆرۈنۈپ تۇرمىسۇن ئۈچۈن ئېلىپ بېرىپ دەپنە قىلاي، ــ دېدى.
5 The Hittites replied to Abraham,
ھىتتىيلار ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئى خوجام، بىزگە قۇلاق سالغايلا! سىلى ئارىمىزدا خۇدانىڭ بىر شاھزادىسى ھېسابلىنىلا! ئارىمىزدىكى ئەڭ ئېسىل يەرلىكنى تاللاپ، شۇ يەردە مەرھۇمەلىرىنى دەپنە قىلغايلا! مەرھۇمەلىرىنى دەپنە قىلىشقا ھېچقايسىمىز ئۆز يەرلىكىنى سىلىدىن ئايىمايدۇ، ــ دېدى.
6 “Listen to us, sir. You are God’s chosen one among us. Bury your dead in the finest of our tombs. None of us will withhold his tomb for burying your dead.”
7 Then Abraham rose and bowed down before the people of the land, the Hittites.
ئىبراھىم ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇ زېمىندىكى خەلققە، يەنى ھىتتىيلارغا تەزىم قىلىپ،
8 “If you are willing for me to bury my dead,” he said to them, “listen to me, and approach Ephron son of Zohar on my behalf
ئۇلارغا: ــ ئەگەر مەرھۇمەمنىڭ كۆز ئالدىمدا تۇرىۋەرمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، دەپنە قىلىشىمنى راۋا كۆرسەڭلار، ئۇنداقتا سۆزۈمنى ئاڭلاپ مېنىڭ ئۈچۈن زوھارنىڭ ئوغلى ئەفرونغا سۆز قىلىپ،
9 to sell me the cave of Machpelah that belongs to him; it is at the end of his field. Let him sell it to me in your presence for full price, so that I may have a burial site.”
ئۇنىڭ ئېتىزىنىڭ ئايىغىدا ئۆزىنىڭكى بولغان ماكپېلاھنىڭ غارىنى ماڭا بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىڭلار. ئۇ ماڭا بۇنى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۆرىستان بولۇشقا تولۇق نەرخىدە بەرسۇن، ــ دېدى.
10 Now Ephron was sitting among the sons of Heth. So in the presence of all the Hittites who had come to the gate of his city, Ephron the Hittite answered Abraham,
شۇ چاغدا ئەفرون ھىتتىيلار ئارىسىدا ئولتۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن ھىتتىيلىق ئەفرون ھىتتىيلارنىڭ ئالدىدا، يەنى شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ: ــ
11 “No, my lord. Listen to me. I give you the field, and I give you the cave that is in it. I give it to you in the presence of my people. Bury your dead.”
يوقسۇ، ئەي خوجام، ماڭا قۇلاق سالغايلا. بۇ ئېتىزلىقنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى غارنى سىلىگە بېرەي؛ ئۇنى ئۆز خەلقىم بولغان ئادەملەرنىڭ ئالدىدا سىلىگە بەردىم؛ ئۆز مېيىتلىرىنى دەپنە قىلغايلا، ــ دېدى.
12 Again Abraham bowed down before the people of the land
ئاندىن ئىبراھىم يەنە زېمىن خەلقى ئالدىدا تەزىم قىلىپ،
13 and said to Ephron in their presence, “If you will please listen to me, I will pay you the price of the field. Accept it from me, so that I may bury my dead there.”
شۇ زېمىندىكى خەلقنىڭ قۇلاقلىرى ئالدىدا ئەفرونغا: ــ ئىلتىماسىمغا قۇلاق سالغايلا؛ مەن بۇ ئېتىزلىقنىڭ نەرخى بويىچە پۇل بېرەي، ئۇنى مەندىن قوبۇل قىلغايلا، ئاندىن مەن مېيىتىمنى شۇ يەردە دەپنە قىلاي، ــ دېدى.
14 Ephron answered Abraham,
ئەفرون ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا:
15 “Listen to me, my lord. The land is worth four hundred shekels of silver, but what is that between you and me? Bury your dead.”
ئەي خوجام، ماڭا قۇلاق سالغايلا؛ تۆت يۈز شەكەل كۈمۈشكە يارايدىغان بىر ئېتىزلىق، سىلى بىلەن مېنىڭ ئارامدا نېمە ئىدى؟ سىلى مېيىتلىرىنى دەپنە قىلغايلا ــ دېدى.
16 Abraham agreed to Ephron’s terms and weighed out for him the price he had named in the hearing of the Hittites: four hundred shekels of silver, according to the standard of the merchants.
ئىبراھىم ئەفروننىڭ سۆزىگە قوشۇلدى؛ ئاندىن ئەفرون ھىتتىيلار ئالدىدا ئېيتقان باھانى، يەنى شۇ چاغدىكى سودا ئۆلچىمى بويىچە تۆت يۈز شەكەل كۈمۈشنى تارازىدا تارتىپ بەردى.
17 So Ephron’s field at Machpelah near Mamre, the cave that was in it, and all the trees within the boundaries of the field were deeded over
شۇنداق قىلىپ مامرەنىڭ ئۇدۇلىدىكى ماكپېلاھقا جايلاشقان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقى، يەنى ئېتىزلىقنىڭ ئۆزى، ئۇنىڭدىكى غار، شۇنداقلا ئېتىزلىقنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدىكى بارلىق دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى
18 to Abraham’s possession in the presence of all the Hittites who had come to the gate of his city.
ھىتتىيلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئىبراھىمغا تاپشۇرۇلۇپ، [يەنى ئەفروننىڭ] شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن بارلىق كىرگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ مۈلكى قىلىپ بېكىتىلدى.
19 After this, Abraham buried his wife Sarah in the cave of the field at Machpelah near Mamre (that is, Hebron) in the land of Canaan.
شۇنىڭدىن كېيىن ئىبراھىم ئايالى ساراھنى قانائان زېمىنىدىكى مامرە (يەنى، ھېبرون)نىڭ ئۇدۇلىدىكى ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىنىڭ غارىدا دەپنە قىلدى.
20 So the field and its cave were deeded by the Hittites to Abraham as a burial site.
شۇ تەرىقىدە ئۇ ئېتىزلىق ۋە ئۇنىڭدىكى غار ھىتتىيلار تەرىپىدىن ئىبراھىمغا گۆرىستان بولۇشقا تايىن قىلىندى.

< Genesis 23 >