< Exodus 9 >

1 Then the LORD said to Moses, “Go to Pharaoh and tell him that this is what the LORD, the God of the Hebrews, says: ‘Let My people go, so that they may worship Me.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا ئىبادەت قىلىشىغا ئۆز قوۋمىمنى قويۇپ بەر.
2 But if you continue to restrain them and refuse to let them go,
ئەگەر ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ، يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇۋالىدىغان بولساڭ،
3 then the hand of the LORD will bring a severe plague on your livestock in the field—on your horses, donkeys, camels, herds, and flocks.
مانا، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئېتىزلىقتىكى چارپايلىرىڭنىڭ ئۈستىگە، ئات-ئېشەكلەر، تۆگىلەر، ۋە قوي-كالىلىرىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ ئىنتايىن ئېغىر بىر ۋابا كەلتۈرىدۇ.
4 But the LORD will make a distinction between the livestock of Israel and the livestock of Egypt, so that no animal belonging to the Israelites will die.’”
لېكىن پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ چارپايلىرىنى مىسىرلىقلارنىڭ چارپايلىرىدىن پەرقلەندۈرىدۇ. نەتىجىدە، ئىسرائىلنىڭ چارپايلىرىدىن ھېچبىرى ئۆلمەيدۇ» ــ دېگىن، دېدى.
5 The LORD set a time, saying, “Tomorrow the LORD will do this in the land.”
پەرۋەردىگار ۋاقىتنى بېكىتىپ: ــ ئەتە پەرۋەردىگار زېمىندا بۇ ئىشنى قىلىدۇ، دېدى.
6 And the next day the LORD did just that. All the livestock of the Egyptians died, but not one animal belonging to the Israelites died.
ئەتىسى پەرۋەردىگار شۇنداق قىلدى؛ مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق چارپايلىرى ئۆلدى؛ لېكىن ئىسرائىللارنىڭ چارپايلىرىدىن بىرىمۇ ئۆلمىدى.
7 Pharaoh sent officials and found that none of the livestock of the Israelites had died. But Pharaoh’s heart was hardened, and he would not let the people go.
پىرەۋن ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرىۋىدى، مانا، ئىسرائىللارنىڭ چارپايلىرىدىن بىرىمۇ ئۆلمىگەنىدى. لېكىن پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق قىلىنىپ، ئۇ قوۋمنى قويۇپ بەرمىدى.
8 Then the LORD said to Moses and Aaron, “Take handfuls of soot from the furnace; in the sight of Pharaoh, Moses is to toss it into the air.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا: ــ خۇمداننىڭ كۈلىدىن چاڭگىلىڭلارنى توشقۇزۇپ ئېلىڭلار، ئاندىن مۇسا ئۇنى پىرەۋننىڭ كۆز ئالدىدا ئاسمانغا قارىتىپ چاچسۇن.
9 It will become fine dust over all the land of Egypt, and festering boils will break out on man and beast throughout the land.”
شۇنداق قىلىشى بىلەن كۈل پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنى قاپلايدىغان چاڭ-توزان بولىدۇ ۋە مىسىر زېمىنىدىكى ھەممە يەردە ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىگە چۈشۈشى بىلەن ھۈررەك-ھۈررەك چاقا چىقىرىدۇ، ــ دېدى.
10 So they took soot from the furnace and stood before Pharaoh. Moses tossed it into the air, and festering boils broke out on man and beast.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇمداندىن كۈل ئېلىپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇردى ۋە مۇسا ئۇنى ئاسمانغا قارىتىپ چاچتى؛ ئۇ ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىگە چۈشۈشى بىلەن ھۈررەك-ھۈررەك چاقا چىقاردى.
11 The magicians could not stand before Moses, because the boils had broken out on them and on all the Egyptians.
جادۇگەرلەر چاقىلار دەستىدىن مۇسانىڭ ئالدىدا تۇرالماي قالدى؛ چۈنكى جادۇگەرلەرنىڭ بەدىنىنىمۇ، باشقا بارلىق مىسىرلىقلارنىمۇ ئوخشاش چاقا بېسىپ كەتكەنىدى.
12 But the LORD hardened Pharaoh’s heart, and he would not listen to them, just as the LORD had said to Moses.
لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلدى؛ شۇڭا پەرۋەردىگار دەل مۇساغا ئېيتقىنىدەك ئۇ ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى.
13 Then the LORD said to Moses, “Get up early in the morning, stand before Pharaoh, and tell him that this is what the LORD, the God of the Hebrews, says: ‘Let My people go, so that they may worship Me.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئەتە تاڭ سەھەر قوپۇپ، پىرەۋننىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا: «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قوۋمىمنى ماڭا ئىبادەت قىلىشقا قويۇپ بەر؛
14 Otherwise, I will send all My plagues against you and your officials and your people, so you may know that there is no one like Me in all the earth.
چۈنكى مەن بۇ قېتىم ھەممە بالايىئاپەتلىرىمنى يۈرىكىڭگە، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە پۇقرالىرىڭنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن. بۇنىڭ بىلەن سەن پۈتكۈل يەر يۈزىدە مەندەك باشقا بىرىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىسەن.
15 For by this time I could have stretched out My hand and struck you and your people with a plague to wipe you off the earth.
چۈنكى مەن قولۇمنى ئۇزىتىپ، ئۆزۈڭ ۋە قوۋمىڭنى ۋابا بىلەن ئۇرغان بولسامئىدى، بۇ ۋاقىتقىچە سەن يەر يۈزىدىن يوقىلىپ كېتەتتىڭ.
16 But I have raised you up for this very purpose, that I might display My power to you, and that My name might be proclaimed in all the earth.
ھالبۇكى، مېنىڭ سېنى ئورنۇڭغا تىكلىشىمدىكى مەقسىتىم شۇ ئىدىكى، دەل ئۆز قۇدرىتىمنى ساڭا كۆرسىتىش، شۇنداقلا نامىمنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىدە جاكارلىنىشى ئۈچۈن ئىدى.
17 Still, you lord it over My people and do not allow them to go.
سەن يەنە قوۋمىمغا چوڭچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىۋېرەمسەن؟
18 Behold, at this time tomorrow I will rain down the worst hail that has ever fallen on Egypt, from the day it was founded until now.
مانا، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا مىسىر دۆلىتى بىنا بولغاندىن بۇيان ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان قاتتىق مۆلدۈرنى ياغدۇرىمەن.
19 So give orders now to shelter your livestock and everything you have in the field. Every man or beast that remains in the field and is not brought inside will die when the hail comes down upon them.’”
شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىپ، ھايۋان ۋە ئېتىزدا بار-يوقۇڭنى يىغىپ ئىچكىرى سولىغىن؛ چۈنكى ئۆيگە قايتۇرۇلماي سىرتتا قالغان ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى مۆلدۈرنىڭ ئاستىدا قېلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ! ــ دېگىن، دېدى.
20 Those among Pharaoh’s officials who feared the word of the LORD hurried to bring their servants and livestock to shelter,
بۇنى ئاڭلاپ پىرەۋننىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئارىسىدىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىدىن قورققان ھەربىر ئادەم ئۆز قۇللىرى ۋە چارپايلىرىنى يۈگۈرتۈپ ئۆيلىرىگە ئېلىپ كەلدى.
21 but those who disregarded the word of the LORD left their servants and livestock in the field.
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئېتىبارغا ئالمىغانلار ئۆز قۇل ۋە ماللىرىنى تاشقىرىدا قالدۇرۇپ قويدى.
22 Then the LORD said to Moses, “Stretch out your hand toward heaven, so that hail may fall on all the land of Egypt—on man and beast and every plant of the field throughout the land of Egypt.”
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مىسىر زېمىنىدىكى ھەر يەردە، ئادەملەر ئۈستىگە، ماللارنىڭ ئۈستىگە، شۇنداقلا مىسىر زېمىنىدىكى دالالارنىڭ ھەممە ئوت-چۆپلىرىنىڭ ئۈستىگە مۆلدۈر ياغسۇن دەپ، ئاسمانغا قاراپ قولۇڭنى كۆتۈرگىن، دېدى.
23 So Moses stretched out his staff toward heaven, and the LORD sent thunder and hail, and lightning struck the earth. So the LORD rained down hail upon the land of Egypt.
مۇسا شۇنىڭ بىلەن ھاسىسىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈۋىدى، پەرۋەردىگار گۈلدۈرمامىنى گۈلدۈرلىتىپ، مۆلدۈر ياغدۇردى، يەر يۈزىدە چاقماق چېقىندىلىرى چېپىپ يۈرەتتى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار مىسىر زېمىنى ئۈستىگە مۆلدۈر ياغدۇردى.
24 The hail fell and the lightning continued flashing through it. The hail was so severe that nothing like it had ever been seen in all the land of Egypt from the time it became a nation.
مۆلدۈر يېغىپ، مۆلدۈر بىلەن ئوت ئارىلاش چۈشتى؛ مۆلدۈر شۇنچە ئېغىر بولدىكى، مىسىر دۆلىتى بىنا بولغاندىن تارتىپ ئۇنداق قاتتىق مۆلدۈر يېغىپ باقمىغانىدى.
25 Throughout the land of Egypt, the hail struck down everything in the field, both man and beast; it beat down every plant of the field and stripped every tree.
مۆلدۈر پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنىڭ ھەر يېرىدە چۈشۈپ، ئىنسان بولسۇن، ھايۋان بولسۇن، ھەممىسىنى ئۇردى؛ مۆلدۈر ئېتىزدىكى ھەممە ئوت-چۆپنى ئۇرۇپ، يەردىكى ھەممە دەل-دەرەخلەرنىمۇ سۇندۇرۇۋەتتى.
26 The only place where it did not hail was in the land of Goshen, where the Israelites lived.
پەقەت ئىسرائىللار ئولتۇرۇشلۇق گوشەن زېمىنىدىلا مۆلدۈر ياغمىدى.
27 Then Pharaoh summoned Moses and Aaron. “This time I have sinned,” he said. “The LORD is righteous, and I and my people are wicked.
پىرەۋن ئادەم ئەۋەتىپ مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ ئۇلارغا: ــ مەن بۇ قېتىم گۇناھ قىلدىم! پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ سەۋەنلىك بولسا مەن ۋە خەلقىمدىن ئۆتتى.
28 Pray to the LORD, for there has been enough of God’s thunder and hail. I will let you go; you do not need to stay any longer.”
يەنە بېرىپ پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈپ ئىلتىجا قىلىڭلار! خۇدادىن چىققان بۇ قاتتىق گۈلدۈرمامىلار ۋە مۆلدۈر يېتىپ ئاشتى! سىلەرنى قويۇپ بېرەي؛ سىلەر ئەمدى مۇشۇ يەردە تۇرۇۋەرسەڭلار بولمايدۇ، ــ دېدى.
29 Moses said to him, “When I have left the city, I will spread out my hands to the LORD. The thunder will cease, and there will be no more hail, so that you may know that the earth is the LORD’s.
مۇسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن شەھەردىن چىققاندا، پەرۋەردىگار تەرەپكە قاراپ قوللىرىمنى يېيىپ كۆتۈرىمەن؛ گۈلدۈرمامىلار شۇ ھامان بېسىقىپ مۆلدۈر يەنە ياغمايدۇ. يەر يۈزى پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر، دەپ بىلىشىڭ ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ.
30 But as for you and your officials, I know that you still do not fear the LORD our God.”
لېكىن سەن ۋە سېنىڭ ئەمەلدارلىرىڭ، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگار خۇدادىن تېخىچە قورقمايۋاتقىنىڭلارنى بىلىمەن، دېدى.
31 (Now the flax and barley were destroyed, since the barley was ripe and the flax was in bloom;
شۇ چاغدا ئارپا باش چىقىرىپ، زىغىر غۇنچىلىغان بولغاچقا، زىغىر ۋە ئارپا مۆلدۈردىن ۋەيران قىلىندى.
32 but the wheat and spelt were not destroyed, because they are late crops.)
لېكىن بۇغداي بىلەن قارا بۇغداي كېيىنرەك بىخ چىقارغاچقا، ۋەيران قىلىنمىدى.
33 Then Moses departed from Pharaoh, went out of the city, and spread out his hands to the LORD. The thunder and hail ceased, and the rain no longer poured down on the land.
مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن كېتىپ، شەھەردىن چىقىپ پەرۋەردىگار تەرەپكە قاراپ قوللىرىنى يېيىپ كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن گۈلدۈرماما ۋە مۆلدۈر توختاپ، يامغۇر يەرگە يەنە تۆكۈلمىدى.
34 When Pharaoh saw that the rain and hail and thunder had ceased, he sinned again and hardened his heart—he and his officials.
ئەمما پىرەۋن يامغۇر، مۆلدۈر ۋە گۈلدۈرمامىلارنىڭ توختىغىنىنى كۆرگەندە، يەنە گۇناھ سادىر قىلدى؛ ئۇمۇ، ئەمەلدارلىرىمۇ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىشتى.
35 So Pharaoh’s heart was hardened, and he would not let the Israelites go, just as the LORD had said through Moses.
بۇ تەرىقىدە پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق تۇرۇۋېرىپ، پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئېيتقاندەك، ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلدى.

< Exodus 9 >