< Exodus 20 >

1 And God spoke all these words:
خۇدا مۇنۇ بارلىق سۆزلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
2 “I am the LORD your God, who brought you out of the land of Egypt, out of the house of slavery.
مەن سېنى «قۇللۇق ماكانى» بولغان مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن.
3 You shall have no other gods before Me.
سېنىڭ مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭ بولمايدۇ.
4 You shall not make for yourself an idol in the form of anything in the heavens above, on the earth below, or in the waters beneath.
سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەيلى يۇقىرىدىكى ئاسماندا بولسۇن، مەيلى تۆۋەندىكى زېمىندا بولسۇن، ياكى يەر ئاستىدىكى سۇلاردا بولسۇن، ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىياپىتىدىكى ھېچقانداق ئويما شەكىلنى ياسىما.
5 You shall not bow down to them or worship them; for I, the LORD your God, am a jealous God, visiting the iniquity of the fathers on their children to the third and fourth generations of those who hate Me,
سەن بۇنداق نەرسىلەرگە باش ئۇرما ياكى ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرمە. چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى تەڭرىدۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزلىرىگە، ئوغۇللىرىغا، ھەتتا نەۋرە-چەۋرىلىرىگىچە چۈشۈرىمەن،
6 but showing loving devotion to a thousand generations of those who love Me and keep My commandments.
ئەمما مېنى سۆيىدىغان ۋە ئەمرلىرىمنى تۇتىدىغانلارغا مىڭ ئەۋلادىغىچە ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق كۆرسىتىمەن.
7 You shall not take the name of the LORD your God in vain, for the LORD will not leave anyone unpunished who takes His name in vain.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ نامىنى قالايمىقان تىلغا ئالما؛ چۈنكى كىمدەكىم نامىنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، پەرۋەردىگار ئۇنى گۇناھكار ھېسابلىماي قالمايدۇ.
8 Remember the Sabbath day by keeping it holy.
شابات كۈنىنى مۇقەددەس دەپ بىلىپ تۇتقىلى يادىڭدا ساقلىغىن.
9 Six days you shall labor and do all your work,
ئالتە كۈن ئىشلەپ بارلىق ئىشلىرىڭنى تۈگەتكىن؛
10 but the seventh day is a Sabbath to the LORD your God, on which you must not do any work—neither you, nor your son or daughter, nor your manservant or maidservant or livestock, nor the foreigner within your gates.
لېكىن يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان شابات كۈنىدۇر؛ سەن شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش قىلمايسەن؛ مەيلى سەن ياكى ئوغلۇڭ بولسۇن، مەيلى قىزىڭ، مەيلى قۇلۇڭ، مەيلى دېدىكىڭ، مەيلى بۇقاڭ ياكى سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن.
11 For in six days the LORD made the heavens and the earth and the sea and all that is in them, but on the seventh day He rested. Therefore the LORD blessed the Sabbath day and set it apart as holy.
چۈنكى ئالتە كۈن ئىچىدە پەرۋەردىگار ئاسمان بىلەن زېمىننى، دېڭىز بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارىنى ياراتتى ئاندىن يەتتىنچى كۈنىدە ئارام ئالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار شابات كۈنىنى بەخت-بەرىكەتلىك كۈن قىلىپ، ئۇنى مۇقەددەس كۈن دەپ بېكىتتى.
12 Honor your father and mother, so that your days may be long in the land that the LORD your God is giving you.
ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل. شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن.
13 You shall not murder.
قاتىللىق قىلما.
14 You shall not commit adultery.
زىنا قىلما.
15 You shall not steal.
ئوغرىلىق قىلما.
16 You shall not bear false witness against your neighbor.
قوشناڭ توغرۇلۇق يالغان گۇۋاھلىق بەرمە.
17 You shall not covet your neighbor’s house. You shall not covet your neighbor’s wife, or his manservant or maidservant, or his ox or donkey, or anything that belongs to your neighbor.”
سەن قوشناڭنىڭ ئۆي-ئىمارىتىگە كۆز قىرىڭنى سالما، نە قوشناڭنىڭ ئايالى، نە ئۇنىڭ قۇلىغا، نە ئۇنىڭ دېدىكى، نە ئۇنىڭ كالىسى، نە ئۇنىڭ ئىشىكى ياكى قوشناڭنىڭ ھەرقانداق باشقا نەرسىسىگە كۆز قىرىڭنى سالما.
18 When all the people witnessed the thunder and lightning, the sounding of the ram’s horn, and the mountain enveloped in smoke, they trembled and stood at a distance.
پۈتكۈل خەلق گۈلدۈرمامىلارنى، چېقىن-يالقۇنلارنى، كاناينىڭ ئاۋازى ۋە تاغدىن ئۆرلەپ چىققان ئىس-تۈتەكلەرنى كۆردى ۋە ئاڭلىدى؛ ئۇلار بۇلارنى كۆرۈپ، تىترىشىپ يىراق تۇرۇشتى
19 “Speak to us yourself and we will listen,” they said to Moses. “But do not let God speak to us, or we will die.”
ۋە مۇساغا: ــ بىزگە سەنلا سۆز قىلغايسەن، بىز ئاڭلايمىز؛ لېكىن خۇدا بىزگە ئۆزى سۆز قىلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇنداق قىلسا ئۆلۈپ كېتىمىز، دېدى.
20 “Do not be afraid,” Moses replied. “For God has come to test you, so that the fear of Him may be before you, to keep you from sinning.”
مۇسا خالايىققا جاۋابەن: ــ قورقماڭلار؛ چۈنكى خۇدانىڭ بۇ يەرگە كېلىشى سىلەرنى سىناش ئۈچۈن، يەنى سىلەرنىڭ ئۇنىڭ دەھشەتلىكىنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ، گۇناھ قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر، ــ دېدى.
21 And the people stood at a distance as Moses approached the thick darkness where God was.
شۇنىڭ بىلەن خالايىق نېرىدا تۇردى؛ لېكىن مۇسا خۇدا ئىچىدە تۇرغان قويۇق بۇلۇتنىڭ قېشىغا يېقىن باردى.
22 Then the LORD said to Moses, “This is what you are to tell the Israelites: ‘You have seen for yourselves that I have spoken to you from heaven.
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا مۇنۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «سىلەرگە ئەرشتىن سۆز قىلغىنىمنى كۆردۈڭلار.
23 You are not to make any gods alongside Me; you are not to make for yourselves gods of silver or gold.
سىلەر مېنىڭ ئورنۇمدا ئىلاھ دەپ كۈمۈشتىن بۇتلار ياسىماڭلار، ياكى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئالتۇندىن بۇتلارنى ياسىماڭلار.
24 You are to make for Me an altar of earth, and sacrifice on it your burnt offerings and peace offerings, your sheep and goats and cattle. In every place where I cause My name to be remembered, I will come to you and bless you.
ــ سەن مەن ئۈچۈن تۇپراقتىن بىر قۇربانگاھ ياساپ، شۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭنى، قوي-ئۆچكە بىلەن كالىلىرىڭنى سۇنغىن. ئومۇمەن مەن خەلققە نامىمنى [ھۆرمەت بىلەن] ئەسلىتىدىغان بارلىق جايلاردا، يېنىڭغا كېلىپ ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىمەن.
25 Now if you make an altar of stones for Me, you must not build it with stones shaped by tools; for if you use a chisel on it, you will defile it.
ــ ئەگەر ماڭا ئاتاپ تاشلاردىن قۇربانگاھ ياسىماقچى بولساڭ، يونۇلغان تاشلاردىن ياسىمىغىن؛ چۈنكى تاشلارغا ئەسۋابىڭنى تەگكۈزسەڭ، ئۇلار ناپاك بولۇپ قالىدۇ.
26 And you must not go up to My altar on steps, lest your nakedness be exposed on it.’
قۇربانگاھىمغا چىقىدىغان پەلەمپەي بولمىسۇن؛ ئۇنداق بولغاندا، پەلەمپەيدىن چىققۇچە ئەۋرىتىڭ كۆرۈنۈپ قېلىشى مۇمكىن»، ــ دېدى.

< Exodus 20 >