< Exodus 16 >

1 On the fifteenth day of the second month after they had left the land of Egypt, the whole congregation of Israel set out from Elim and came to the Desert of Sin, which is between Elim and Sinai.
ئاندىن ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئېلىمدىن يولغا ئاتلاندى؛ مىسىر زېمىنىدىن چىقىپ، ئىككىنچى ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدە ئېلىم بىلەن سىناينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىن چۆلىگە يېتىپ كەلدى.
2 And there in the desert they all grumbled against Moses and Aaron.
ئەمما ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى چۆلدە مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يامان گېپىنى قىلىپ غوتۇلداشقىلى تۇردى.
3 “If only we had died by the LORD’s hand in the land of Egypt!” they said. “There we sat by pots of meat and ate our fill of bread, but you have brought us into this desert to starve this whole assembly to death!”
ئىسرائىللار ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ قولى بىزنى مىسىر يۇرتىدىلا ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا بولماسمىدى! شۇ يەردە بىز گۆش قايناۋاتقان قازانلارنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، تويغۇدەك نان يېمىگەنمىدۇق؟ لېكىن سىلەر بۇ جامائەتنىڭ ھەممىسىنى ئاچلىق بىلەن ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ بىزنى بۇ چۆلگە ئېلىپ كەلدىڭلار! ــ دېيىشتى.
4 Then the LORD said to Moses, “Behold, I will rain down bread from heaven for you. Each day the people are to go out and gather enough for that day. In this way I will test whether or not they will follow My instructions.
بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مانا، مەن ئاسماندىن سىلەرگە نان ياغدۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن خەلق ھەر كۈنى چىقىپ، بىر كۈنلۈك لازىملىقىنى يىغىۋالسۇن. بۇ تەرىقىدە مەن ئۇلارنىڭ مېنىڭ قانۇن-ئەمرلىرىمدە ماڭىدىغان-ماڭمايدىغانلىقىنى سىنايمەن.
5 Then on the sixth day, when they prepare what they bring in, it will be twice as much as they gather on the other days.”
ھەر ھەپتىنىڭ ئالتىنچى كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار يىغىۋالغانلىرىنى تەييارلىسۇن؛ ئۇ باشقا كۈنلەردە ئېرىشىدىغىنىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولىدۇ، ــ دېدى.
6 So Moses and Aaron said to all the Israelites, “This evening you will know that it was the LORD who brought you out of the land of Egypt,
ئاندىن مۇسا بىلەن ھارۇن بارلىق ئىسرائىللارغا: ــ بۈگۈن ئاخشام سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققۇچىنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر ۋە
7 and in the morning you will see the LORD’s glory, because He has heard your grumbling against Him. For who are we that you should grumble against us?”
ئەتە سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىسىلەر؛ چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ غوتۇلداشقىنىڭلارنى ئاڭلىدى؛ بىزگە كەلسەك، سىلەر يامان گېپىمىزنى قىلىپ غوتۇلدىغۇدەك بىز كىم ئىدۇق؟ ــ دېدى.
8 And Moses added, “The LORD will give you meat to eat this evening and bread to fill you in the morning, for He has heard your grumbling against Him. Who are we? Your grumblings are not against us but against the LORD.”
مۇسا يەنە: پەرۋەردىگار بۈگۈن ئاخشام سىلەرگە يېگىلى گۆش بېرىپ، ئەتە ئەتىگەندە تويغۇدەك نان بەرگەندە [بۇنى بىلىسىلەر]؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەر ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ غوتۇلدىغىنىڭلارنى ئاڭلىدى. ئەمدى بىز نېمە ئىدۇق؟ سىلەرنىڭ غوتۇلداشقىنىڭلار بىزلەرگە قارىتىلغان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارغا قارىتىلغاندۇر، ــ دېدى.
9 Then Moses said to Aaron, “Tell the whole congregation of Israel, ‘Come before the LORD, for He has heard your grumbling.’”
ئاندىن مۇسا ھارۇنغا: ــ سەن ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە: «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىڭلار؛ چۈنكى ئۇ يامان گەپ بىلەن غوتۇلداشقىنىڭلارنى ئاڭلىدى»، دەپ ئېيتقىن، ــ دېدى.
10 And as Aaron was speaking to the whole congregation of Israel, they looked toward the desert, and there in a cloud the glory of the LORD appeared.
شۇنداق بولدىكى، ھارۇن ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە سۆزلەپ تۇرغىنىدا، ئۇلار چۆل تەرەپكە قارىۋىدى، مانا، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى بۇلۇتتا ئايان بولدى.
11 Then the LORD said to Moses,
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ
12 “I have heard the grumbling of the Israelites. Tell them, ‘At twilight you will eat meat, and in the morning you will be filled with bread. Then you will know that I am the LORD your God.’”
ــ مەن ئىسرائىللارنىڭ يامان گەپ قىلىپ غوتۇلداشقىنىنى ئاڭلىدىم؛ ئەمدى ئۇلارغا: «گۇگۇمدا سىلەر گۆش يەيسىلەر ۋە ئەتىگەندە ناندىن تويۇنىسىلەر، شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر» ــ دەپ ئېيتقىن، دېدى.
13 That evening quail came and covered the camp, and in the morning there was a layer of dew around the camp.
كەچقۇرۇندا شۇنداق بولدىكى، بۆدۈنىلەر ئۇچۇپ كېلىپ، چېدىرگاھنى قاپلاپ كەتتى؛ ئەتىسى ئەتىگەندە، چېدىرگاھنىڭ ئەتراپىدىكى يەرلەرگە شەبنەم چۈشكەنىدى.
14 When the layer of dew had evaporated, there were thin flakes on the desert floor, as fine as frost on the ground.
ئەتراپتا ياتقان شەبنەم كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن، مانا، چۆللۈكنىڭ يەر يۈزىدە قىراۋدەك نېپىز، كىچىك-كىچىك يۇمىلاق نەرسىلەر تۇراتتى.
15 When the Israelites saw it, they asked one another, “What is it?” For they did not know what it was. So Moses told them, “It is the bread that the LORD has given you to eat.
ئىسرائىللار ئۇنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگىنى ئۈچۈن: ــ بۇ نېمىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. مۇسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ بۇ پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلغان ئوزۇق-تۈلۈكتۇر.
16 This is what the LORD has commanded: ‘Each one is to gather as much as he needs. You may take an omer for each person in your tent.’”
پەرۋەردىگار شۇ ئىشنى ئەمر قىلىپ دېدىكى، «ھەربىرىڭلار يەيدىغىنىڭلارغا قاراپ ئۇنىڭدىن يىغىۋېلىڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئائىلىدىكى ئادەم سانىغا قاراپ، ھەربىر ئادەمگە بىر ئومەر مىقداردا يىغىڭلار؛ ھەر ئادەم ئۆز چېدىرىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن يىغىڭلار» ــ دېدى.
17 So the Israelites did this. Some gathered more, and some less.
ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ، بەزىسى كۆپرەك، بەزىسى ئازراق يىغىۋالدى.
18 When they measured it by the omer, he who gathered much had no excess, and he who gathered little had no shortfall. Each one gathered as much as he needed to eat.
ئۇلار ئۇنى ئومەر مىقدارى بىلەن ئۆلچىۋىدى، كۆپ يىغقانلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتمىدى، ئاز يىغقانلارنىڭمۇ كەملىك قىلمىدى؛ ھەربىر كىشى ئۆز يەيدىغىنىغا قاراپ يىغقانىدى.
19 Then Moses said to them, “No one may keep any of it until morning.”
مۇسا ئۇلارغا: ــ ھېچقانداق ئادەم بۇلاردىن ھېچنېمىنى ئەتىگە قالدۇرمىسۇن، دېدى.
20 But they did not listen to Moses; some people left part of it until morning, and it became infested with maggots and began to smell. So Moses was angry with them.
شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار مۇسانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى؛ بەزىلەر ئۇنىڭدىن بىر قىسمىنى ئەتىگە ساقلاپ قويدى. ئەمما ساقلاپ قويغىنى قۇرتلاپ سېسىپ كەتتى. بۇ ئىش ئۈچۈن مۇسا ئۇلارغا خاپا بولۇپ ئاچچىقلاندى.
21 Every morning each one gathered as much as was needed, and when the sun grew hot, it melted away.
شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى ھەر ئەتىگىنى چىقىپ ئۆز يەيدىغىنىغا قاراپ يىغىۋالاتتى؛ قالغانلىرى بولسا ئاپتاپ چىققاندا ئېرىپ كېتەتتى.
22 On the sixth day, they gathered twice as much food—two omers per person —and all the leaders of the congregation came and reported this to Moses.
لېكىن ئالتىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇلار كۈنلۈك ئوزۇقنىڭ ئىككى ھەسسىسىنى يىغدى؛ دېمەك، ھەربىر كىشى ئۈچۈن ئىككى ئومەر مىقداردا يىغىۋالدى؛ ئاندىن جامائەت ئەمىرلىرى ھەممىسى كېلىپ بۇنى مۇساغا ئېيتتى.
23 He told them, “This is what the LORD has said: ‘Tomorrow is to be a day of complete rest, a holy Sabbath to the LORD. So bake what you want to bake, and boil what you want to boil. Then set aside whatever remains and keep it until morning.’”
مۇسا ئۇلارغا: ــ مانا پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى: ــ ئەتە ئارام كۈنى، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس شابات كۈنى بولىدۇ؛ پىشۇرىدىغىنىڭلارنى پىشۇرۇپ، قاينىتىدىغىنىڭلارنى قايىنىتىپ، ئېشىپ قالغاننىڭ ھەممىسىنى ئەتىگە ساقلاپ قويۇڭلار، ــ دېدى.
24 So they set it aside until morning as Moses had commanded, and it did not smell or contain any maggots.
ئۇلار مۇسا بۇيرۇغاندەك، ئېشىپ قالغاننى ئەتىسىگە ساقلاپ قويۇۋىدى، ئۇلار سېسىپ قالمىدى، قۇرۇتلاپمۇ كەتمىدى.
25 “Eat it today,” Moses said, “because today is a Sabbath to the LORD. Today you will not find anything in the field.
مۇسا ئۇلارغا: ــ بۇنى بۈگۈن يەڭلار؛ چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان شابات كۈنى بولغىنى ئۈچۈن بۈگۈن دالادىن تاپالمايسىلەر.
26 For six days you may gather, but on the seventh day, the Sabbath, it will not be there.”
ئالتە كۈن سىلەر يىغساڭلار بولىدۇ؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى شابات بولغىنى ئۈچۈن ئۇ كۈنىدە ھېچنېمە تېپىلمايدۇ، ــ دېدى.
27 Yet on the seventh day some of the people went out to gather, but they did not find anything.
ھالبۇكى، يەتتىنچى كۈنى خەلقتىن بىرنەچچىسى ئوزۇق-تۈلۈك يىغقىلى چىقىۋىدى، ھېچنېمە تاپالمىدى.
28 Then the LORD said to Moses, “How long will you refuse to keep My commandments and instructions?
پەرۋەردىگار مۇساغا: «سىلەر قاچانغىچە مېنىڭ ئەمرلىرىم ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇشنى رەت قىلىسىلەر؟
29 Understand that the LORD has given you the Sabbath; that is why on the sixth day He will give you bread for two days. On the seventh day, everyone must stay where he is; no one may leave his place.”
مانا، پەرۋەردىگار سىلەرگە شابات كۈنىنى بېكىتىپ بەردى؛ شۇڭا يەتتىنچى كۈنى ھەربىرىڭلارنى ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ، سىرتلارغا چىقمىسۇن دەپ، ئالتىنچى كۈنى ئىككى كۈنلۈك ئوزۇق بېرىدۇ»، ــ دېدى.
30 So the people rested on the seventh day.
شۇنىڭ بىلەن خەلق يەتتىنچى كۈنى ئارام ئالدى.
31 Now the house of Israel called the bread manna. It was white like coriander seed and tasted like wafers made with honey.
ئىسرائىللار بۇ ئوزۇقنى «ماننا» دەپ ئاتىدى؛ ئۇنىڭ [شەكلى] يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىدەك، رەڭگى ئاق بولۇپ، تەمى ھەسەلگە مىلەنگەن قوتۇرماچقا ئوخشايتتى.
32 Moses said, “This is what the LORD has commanded: ‘Keep an omer of manna for the generations to come, so that they may see the bread I fed you in the wilderness when I brought you out of the land of Egypt.’”
مۇسا ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى شۇكى، ــ كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭلارغا مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا، مەن سىلەرگە چۆلدە يېيىشكە ئاتا قىلغان ناننى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن كومزەككە بىر ئومەر توشقۇزۇپ، ئۇلار ئۈچۈن ساقلاپ قويۇڭلار، ــ دېدى.
33 So Moses told Aaron, “Take a jar and fill it with an omer of manna. Then place it before the LORD to be preserved for the generations to come.”
مۇسا ھارۇنغا: ــ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىڭلارغا كۆرسىتىشكە ساقلاش ئۈچۈن بىر كومزەكنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا بىر ئومەر مىقداردا ماننا سېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قويۇپ قويغىن، ــ دېدى.
34 And Aaron placed it in front of the Testimony, to be preserved just as the LORD had commanded Moses.
[كېيىن،] ھارۇن پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك كومزەكنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئالدىدا قويۇپ قويدى.
35 The Israelites ate manna forty years, until they came to a land where they could settle; they ate manna until they reached the border of Canaan.
شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار ئادەم ئولتۇراقلاشقان بىر زېمىنغا يېتىپ كەلگۈچە قىرىق يىل «ماننا» يېدى؛ ئۇلار قانائان زېمىنىنىڭ چېگرالىرىغا يەتكۈچە ماننا يېدى.
36 (Now an omer is a tenth of an ephah.)
ئەينى چاغدا بىر «ئومەر» «ئەفاھ»نىڭ ئوندىن بىرىگە باراۋەر ئىدى.

< Exodus 16 >