< Exodus 10 >

1 Then the LORD said to Moses, “Go to Pharaoh, for I have hardened his heart and the hearts of his officials, that I may perform these miraculous signs of Mine among them,
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بارغىن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۇ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىشىم ئۈچۈن پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ قويدۇم.
2 and that you may tell your children and grandchildren how severely I dealt with the Egyptians when I performed miraculous signs among them, so that all of you may know that I am the LORD.”
بۇ ئىش بىلەن مېنىڭ مىسىرلىقلارنى قانداق رەسۋا قىلغانلىقىم ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرىمنى سەن ئوغلۇڭنىڭ ئاندىن نەۋرەڭنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزىسەن. بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر، دېدى.
3 So Moses and Aaron went to Pharaoh and told him, “This is what the LORD, the God of the Hebrews, says: ‘How long will you refuse to humble yourself before Me? Let My people go, so that they may worship Me.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈڭنى ئالدىمدا تۆۋەن تۇتۇشنى قاچانغىچە رەت قىلىسەن؟ ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن قوۋمىمنى قويۇپ بەر.
4 But if you refuse to let My people go, I will bring locusts into your territory tomorrow.
چۈنكى ئەگەر سەن قوۋمىمنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلساڭ، مانا، مەن ئەتە سېنىڭ يۇرتۇڭغا چېكەتكە ئەۋەتىمەن.
5 They will cover the face of the land so that no one can see it. They will devour whatever is left after the hail and eat every tree that grows in your fields.
ئۇلار سىلەر زېمىن يۈزىنى كۆرمىگۈدەك قىلىپ يېپىۋېتىدۇ، سىلەرنىڭ مۆلدۈردىن ئامان قالغان نەرسىلىرىڭلارنىمۇ، دالالاردا ئۆسكەن ھەممە دەل-دەرەخلىرىڭلارنىمۇ يەپ كېتىدۇ.
6 They will fill your houses and the houses of all your officials and every Egyptian—something neither your fathers nor your grandfathers have seen since the day they came into this land.’” Then Moses turned and left Pharaoh’s presence.
ئۇلار ئوردا-سارايلىرىڭغا، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ سارايلىرى، شۇنداقلا بارلىق مىسىرلىقلارنىڭ ئۆيلىرىگە تولۇپ كېتىدۇ؛ بۇنداق ئاپەتنى ئاتا-بوۋاڭلىرىڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ يەر يۈزىدە ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ كۆرۈپ باقمىغان» ــ دېدى-دە، بۇرۇلۇپ پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى.
7 Pharaoh’s officials asked him, “How long will this man be a snare to us? Let the people go, so that they may worship the LORD their God. Do you not yet realize that Egypt is in ruins?”
پىرەۋننىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا: ــ بۇ ئادەم بىزگە قاچانغىچە تۇزاق بولار؟ ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا بۇ ئادەملەرنى قويۇپ بەرگەيلا! مىسىرنىڭ خاراب بولغىنىنى تېخىچە كۆرمەيۋاتامدىلا؟ ــ دېدى.
8 So Moses and Aaron were brought back to Pharaoh. “Go, worship the LORD your God,” he said. “But who exactly will be going?”
شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىغا يەنە چاقىرىتىپ كېلىندى. ئۇ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بېرىڭلار؛ لېكىن بارىدىغانلار زادى كىملەر؟ ــ دېدى.
9 “We will go with our young and old,” Moses replied. “We will go with our sons and daughters, and with our flocks and herds, for we must hold a feast to the LORD.”
مۇسا جاۋاب بېرىپ: ــ ياشلىرىمىز ۋە قېرى-چۈرىلەر بىلەن، ئوغۇللىرىمىز ۋە قىزلىرىمىز بىلەن، قوي ۋە كالا پادىلىرىمىزنى ئېلىپ ھەممىمىز بارىمىز؛ چۈنكى بىز پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك، دېدى.
10 Then Pharaoh told them, “May the LORD be with you if I ever let you go with your little ones. Clearly you are bent on evil.
ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەرنى بالا-چاقاڭلار بىلەن قوشۇپ قويۇپ بەرگىنىمدە، پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە بولغاي! مانا، ئالدىڭلاردا بالايىئاپەت تۇرۇپتۇ!
11 No, only the men may go and worship the LORD, since that is what you have been requesting.” And Moses and Aaron were driven from Pharaoh’s presence.
يوقسۇ، بۇنداق قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ! پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا پەقەت ئاراڭلاردىن ئەر كىشىلەرلا بارسۇن! چۈنكى سىلەرنىڭ تەلىپىڭلار دەل شۇ ئەمەسمىدى! ــ دېدى-دە، ئۇلار پىرەۋننىڭ ئالدىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.
12 Then the LORD said to Moses, “Stretch out your hand over the land of Egypt, so that the locusts may swarm over it and devour every plant in the land—everything that the hail has left behind.”
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە قولۇڭنى ئۇزاتقىن. شۇنداق قىلساڭ، چېكەتكىلەر مىسىر زېمىنىنى بېسىپ، زېمىندىكى ھەرخىل ئوتياشلارنى، يەنى مۆلدۈردىن ئامان قالغاننىڭ ھەممىسىنى يەپ كېتىدۇ، دېدى.
13 So Moses stretched out his staff over the land of Egypt, and throughout that day and night the LORD sent an east wind across the land. By morning the east wind had brought the locusts.
مۇسا ھاسىسىنى مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە ئۇزاتتى؛ پەرۋەردىگار شۇ كۈنى ۋە كېچىسى زېمىن ئۈستىگە شەرق شامىلى چىقاردى. سەھەردە، شەرق شامىلى چېكەتكىلەرنى ئۇچۇرۇپ كەلدى.
14 The locusts swarmed across the land and settled over the entire territory of Egypt. Never before had there been so many locusts, and never again will there be.
چېكەتكىلەر مىسىرنىڭ پۈتكۈل زېمىنىغا يېيىلىپ، مىسىرنىڭ پۈتۈن چېگرىسىنىمۇ باستى. ئاپەت ئىنتايىن ئېغىر بولدى؛ ئىلگىرى بۇنداق چېكەتكە ئاپىتى بولۇپ باقمىغان، مۇندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭدەك بولمايدۇ.
15 They covered the face of all the land until it was black, and they consumed all the plants on the ground and all the fruit on the trees that the hail had left behind. Nothing green was left on any tree or plant in all the land of Egypt.
ئۇلار پۈتكۈل زېمىننىڭ يۈزىنى قاپلىدى، يەر قاراڭغۇلىشىپ كەتتى؛ ئۇلار مۆلدۈردىن ئامان قالغان زېمىندىكى ھەممە ئوتياشلارنى ۋە دەل-دەرەخلەرنىڭ بارلىق مېۋىلىرىنى يەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل مىسىر زېمىنى تەۋەسىدىكى دەل-دەرەخلەردە ياكى دالادىكى گۈل-گىياھلاردا ھېچ يېشىللىق قالمىدى.
16 Pharaoh quickly summoned Moses and Aaron and said, “I have sinned against the LORD your God and against you.
ئاندىن پىرەۋن ئالدىراپ-تېنەپ مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ ئۇلارغا: ــ مەن ھەم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا ھەم سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا گۇناھ قىلدىم.
17 Now please forgive my sin once more and appeal to the LORD your God, that He may remove this death from me.”
ئەمدى مۇشۇ بىر قېتىم گۇناھىمدىن ئۆتۈپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن بۇ ئۆلۈمنى مەندىن ئېلىپ كېتىشىنى ئىلتىجا قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن، ــ دېدى.
18 So Moses left Pharaoh’s presence and appealed to the LORD.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدى.
19 And the LORD changed the wind to a very strong west wind that carried off the locusts and blew them into the Red Sea. Not a single locust remained anywhere in Egypt.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار شامالنى بۇراپ غەرب تەرەپتىن ئىنتايىن كۈچلۈك بوران چىقىرىپ، چېكەتكىلەرنى ئۇچۇرۇپ، قىزىل دېڭىزغا غەرق قىلدى؛ مىسىرنىڭ پۈتكۈل تەۋەسىدە بىر تالمۇ چېكەتكە قالمىدى.
20 But the LORD hardened Pharaoh’s heart, and he would not let the Israelites go.
لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن ئۇ ئىسرائىللارنى قويۇپ بەرمىدى.
21 Then the LORD said to Moses, “Stretch out your hand toward heaven, so that darkness may spread over the land of Egypt—a palpable darkness.”
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ قولۇڭنى ئاسمانغا قارىتىپ ئۇزاتقىن؛ شۇنىڭ بىلەن قاتتىق بىر قاراڭغۇلۇق بولىدۇ، ھەتتا ئادەم سىلىسا قولىغا تۇيۇلغۇدەك قويۇق قاراڭغۇلۇق مىسىر زېمىنىنى قاپلايدۇ، ــ دېدى.
22 So Moses stretched out his hand toward heaven, and total darkness covered all the land of Egypt for three days.
ئاندىن مۇسا قولىنى ئاسمانغا قارىتىپ ئۇزىتىۋىدى، قويۇق بىر قاراڭغۇلۇق مىسىر زېمىنىنى ئۈچ كۈنگىچە قاپلاپ تۇردى.
23 No one could see anyone else, and for three days no one left his place. Yet all the Israelites had light in their dwellings.
ئۈچ كۈنگىچە بىرى يەنە بىرىنى كۆرەلمەس ۋە يا ھېچكىم ئۆز جايىدىن قوزغىلالماس بولدى؛ لېكىن بارلىق ئىسرائىللار ئولتۇرغان جايلاردا يورۇقلۇق بار ئىدى.
24 Then Pharaoh summoned Moses and said, “Go, worship the LORD. Even your little ones may go with you; only your flocks and herds must stay behind.”
پىرەۋن مۇسانى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا: ــ بېرىپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىڭلار. پەقەت قوي ۋە كالا پادىلىرىڭلار قالسۇن؛ بالا-چاقىلىرىڭلارنىمۇ ئېلىپ بارساڭلار بولىدۇ، دېدى.
25 But Moses replied, “You must also provide us with sacrifices and burnt offerings to present to the LORD our God.
مۇسا جاۋابەن: ــ ئۇنداقتا خۇدايىمىز پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشقا [ئىناقلىق] قۇربانلىقى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقىغا لازىملىق چارپايلارنى سەن بىزگە بېرەمسەن؟
26 Even our livestock must go with us; not a hoof will be left behind, for we will need some of them to worship the LORD our God, and we will not know how we are to worship the LORD until we arrive.”
ئۆزىمىزنىڭ چارپايلىرىمىز بىز بىلەن بىرگە كېتىشى كېرەك، بىر تۇيىقىمۇ كەينىدە قالسا بولمايدۇ؛ چۈنكى خۇدايىمىز پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا قۇربانلىق قىلىدىغىنىمىزنى بۇلاردىن تاللىشىمىز لازىم. ئۇ يەرگە يېتىپ بارمىغۇچە، پەرۋەردىگارغا قايسى قۇربانلىقلار بىلەن ئىبادەت قىلىدىغىنىمىزنى بىلمەيمىز، ــ دېدى.
27 But the LORD hardened Pharaoh’s heart, and he was unwilling to let them go.
لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلدى؛ ئۇ ئۇلارنى يەنىلا قويۇپ بەرمىدى.
28 “Depart from me!” Pharaoh said to Moses. “Make sure you never see my face again, for on the day you see my face, you will die.”
پىرەۋن مۇساغا: ــ ئالدىمدىن يوقال! ھېزى بول، ئىككىنچى ماڭا كۆرۈنگۈچى بولما! چۈنكى يۈزۈمنى يەنە كۆرگەن كۈنۈڭ جېنىڭدىن ئايرىلىسەن، ــ دېدى.
29 “As you say,” Moses replied, “I will never see your face again.”
مۇسا ئۇنىڭغا: ــ راست ئېيتتىڭ! مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى ئىككىنچى كۆرگۈچى بولمايمەن، ــ دېدى.

< Exodus 10 >