< Daniel 6 >

1 Now it pleased Darius to appoint 120 satraps to rule throughout the kingdom,
پادىشاھ دارىئۇس پۈتۈن پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن بىر يۈز يىگىرمە ۋەزىرنى ھەرقايسى يۇرتلارنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەشنى مۇۋاپىق كۆردى.
2 and over them three administrators, including Daniel, to whom these satraps were accountable so that the king would not suffer loss.
بۇنىڭدىن باشقا ئۇ بۇ ۋەزىرلەرنى نازارەت قىلىپ، بۇ ۋەزىرلەرنىڭ ھېسابىنى ئېلىش، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىمىسۇن دەپ دانىيال ۋە باشقا ئىككى كىشىنى نازارەتچىلىككە تەيىنلىدى.
3 Soon, by his extraordinary spirit, Daniel distinguished himself among the administrators and satraps. So the king planned to set him over the whole kingdom.
دانىيالدا ئالاھىدە بىر روھىي خۇسۇسىيەت بار بولغاچقا، ئۇ باشقا نازارەتچىلەردىن ۋە ۋەزىرلەردىن ئىقتىدارلىق چىقتى. شۇڭا پادىشاھ ئۇنى پۈتكۈل پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىشقا تەيىنلىمەكچى بولدى.
4 Thus the administrators and satraps sought a charge against Daniel concerning the kingdom, but they could find no charge or corruption, because he was trustworthy, and no negligence or corruption was found in him.
شۇنىڭ بىلەن باشقا نازارەتچى ۋە ۋەزىرلەر ئۇنىڭ پادىشاھلىقتىكى مەمۇرىي ئىشلىرىدىن سەۋەنلىك ئىزدىدى. لېكىن ئۇلار ئەرز قىلغۇدەك ھېچقانداق باھانە-سەۋەب ياكى سەۋەنلىك تاپالمىدى. چۈنكى دانىيال دىيانەتلىك ۋە ئىشەنچلىك بولۇپ، ئۇنىڭدىن قىلچە كەمچىلىك ياكى سەۋەنلىك چىقىرالمىغانىدى.
5 Finally these men said, “We will never find any charge against this Daniel, unless we find something against him concerning the law of his God.”
شۇڭا شۇ ئادەملەر ئۆزئارا: ــ دانىيالنىڭ خۇداسىنىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىدىن باشقا، ئۇنىڭدىن ئەيىبلىگۈدەك ھېچقانداق باھانە تاپالمايمىز، ــ دېيىشتى.
6 So the administrators and satraps went together to the king and said, “O King Darius, may you live forever!
شۇڭا ئۇلار ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۇپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ: ــ پادىشاھ دارىئۇس ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا!
7 All the royal administrators, prefects, satraps, advisers, and governors have agreed that the king should establish an ordinance and enforce a decree that for thirty days anyone who petitions any god or man except you, O king, will be thrown into the den of lions.
ئالىيلىرىنىڭ پادىشاھلىقلىرىدىكى بارلىق نازارەتچى، ۋالىي، ۋەزىر، مەسلىھەتچى، ھاكىم ۋە ئەمەلدارلار بىرلىكتە مەسلىھەتلەشتۇق؛ ھەرقانداق كىشى ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ھەرقانداق ئىلاھقا ھەرقانداق دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا ۋە ياكى ھەرقانداق كىشىدىن بىر نەرسە تىلەشكە رۇخسەت بولمىسۇن، ئى ئالىيلىرى، پەقەت سىلىدىنلا تىلىشى رۇخسەت بولسۇن دېگەن شاھانە يارلىقنىڭ چۈشۈرۈلۈشىنى لايىق كۆردۇق. بۇ پەرمان قەتىي بولسۇن، كىمكى بۇ پەرمانغا خىلاپلىق قىلسا، ئۇ شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلانسۇن!
8 Therefore, O king, establish the decree and sign the document so that it cannot be changed—in accordance with the law of the Medes and Persians, which cannot be repealed.”
ئەمدى، ئى ئالىيلىرى بۇ پەرماننى بېكىتىپ چۈشۈرگەيلا، ئۇنىڭ ئۆزگەرتىلمەسلىكى ئۈچۈن يارلىقنامىگە ئىمزا قويغايلا؛ چۈنكى مېدىئا ۋە پارس قانۇنى بويىچە، پەرمان چىقىرىلىشى بىلەنلا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ــ دېدى.
9 Therefore King Darius signed the written decree.
شۇنىڭ بىلەن دارىئۇس پەرماننى بېكىتىپ يارلىقنامىغا قول قويدى.
10 Now when Daniel learned that the document had been signed, he went into his house, where the windows of his upper room opened toward Jerusalem, and three times a day he got down on his knees, prayed, and gave thanks to his God, just as he had done before.
دانىيال بۇ يارلىقنامىگە ئىمزا قويۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدە بىر بالىخانا بولۇپ، دېرىزىسى يېروسالېمغا قارايدىغان بولۇپ، ئوچۇق تۇراتتى. ئۇ ئادىتى بويىچە دېرىزىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ شۈكۈر ئېيتاتتى.
11 Then these men went as a group and found Daniel petitioning and imploring his God.
لېكىن ھېلىقى ئادەملەر بىللە كېلىپ دانىيالنىڭ خۇداغا دۇئا ۋە تىلاۋەت قىلىۋاتقىنىنى كۆردى.
12 So they approached the king and asked about his royal decree: “Did you not sign a decree that for thirty days any man who petitions any god or man except you, O king, will be thrown into the den of lions?” The king replied, “According to the law of the Medes and Persians the order stands, and it cannot be repealed.”
ئاندىن ئۇلار بىرلىكتە پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ پەرمان توغرىسىدا گەپ ئېچىپ: ــ ئى ئالىيلىرى، ئۆزلىرى: ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ئۆزلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھدىن ياكى ھەرقانداق ئىنساندىن بىرەر نېمىنى تىلىگەن ھەرقانداق كىشى شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلانسۇن، دېگەن بىر پەرمانغا ئىمزا قويغان ئەمەسمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. پادىشاھ: ــ دەرۋەقە شۇنداق قىلدىم، مېدىئا ۋە پارس قانۇنى بويىچە پەرماننى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، ــ دېدى.
13 Then they told the king, “Daniel, one of the exiles from Judah, shows no regard for you, O king, or for the decree that you have signed. He still makes his petition three times a day.”
ئاندىن ئۇلار پادىشاھقا جاۋابەن: ــ يەھۇدادىن ئەسىر ئېلىپ كېلىنگەن كىشىلەردىن ھېلىقى دانىيال، ئى ئالىيلىرى، سىلىنى ۋە سىلى ئىمزا قويغان پەرماننى كۆزگە ئىلمايدۇ، بەلكى ھەر كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆز دۇئا-تىلاۋىتىنى قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشتى.
14 As soon as the king heard this, he was deeply distressed and set his mind on delivering Daniel, and he labored until sundown to rescue him.
بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ ئۆز-ئۆزىگە كايىپ، كۆڭۈل قويۇپ دانىيالنى قۇتقۇشۇشقا ئامال تاپماقچى بولۇپ، ئۇ كۈن پاتقۇچە ھەرخىل قۇتقۇزۇش ئامالى ئۈستىدە ئىزدىنىپ يۈردى.
15 Then the men approached the king together and said to him, “Remember, O king, that by the law of the Medes and Persians no decree or ordinance established by the king can be changed.”
لېكىن ئاخىردا ئۇ كىشىلەر يەنە ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا جەم بولۇپ ئۇنىڭغا: ــ ئى ئالىيلىرى، ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، مېدىئالار ۋە پارسلارنىڭ قانۇنى دەل شۇكى، پادىشاھنىڭ بېكىتكەن ھەرقانداق قارارى ياكى پەرمانىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ــ دېيىشتى.
16 So the king gave the order, and they brought Daniel and threw him into the den of lions. The king said to Daniel, “May your God, whom you serve continually, deliver you!”
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ ئەمر قىلىشى بىلەن دانىيال تۇتۇپ كېلىنىپ، شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلاندى. پادىشاھ دانىيالغا: ــ سەن ئۈزۈلدۈرمەي ئىبادەت قىلىدىغان خۇدايىڭ سېنى قۇتقۇزىۋالىدۇ! ــ دېدى.
17 A stone was brought and placed over the mouth of the den, and the king sealed it with his own signet ring and with the rings of his nobles, so that nothing concerning Daniel could be changed.
بىر تاش ئېلىنىپ، ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزى ئۇنىڭ بىلەن ئېتىلدى؛ دانىيالنىڭ ئىشلىرىغا ھېچكىم ئارىلاشمىسۇن دەپ ئۇنى پادىشاھ ئۆز مۆھۈرى ۋە ئۇنىڭ ئەمىر-ئەمەلدارلىرىنىڭ مۆھۈرلىرى بىلەن مۆھۈرلىدى.
18 Then the king went to his palace and spent the night fasting. No entertainment was brought before him, and sleep fled from him.
ئاندىن پادىشاھ ئوردىغا قايتىپ كېلىپ كېچىنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزدى؛ ئۆزىنىڭ توقال-كېنىزەكلىرىدىن ھېچقايسىسىنى ئۆز يېنىغا كەلتۈرمىدى، ئۇ كېچىچە ئۇخلىيالمىدى.
19 At the first light of dawn, the king got up and hurried to the den of lions.
تاڭ ئېتىشى بىلەنلا پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىراپ شىرلار ئۆڭكۈرىگە باردى.
20 When he reached the den, he cried out in a voice of anguish, “O Daniel, servant of the living God, has your God, whom you serve continually, been able to deliver you from the lions?”
پادىشاھ ئۆڭكۈرگە يېقىنلىشىپ ئازابلانغان ھالدا دانىيالنى چاقىرىپ: ــ ئەي دانىيال، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قۇلى، سەن ئۈزۈلمەس ئىبادەت قىلىدىغان خۇدايىڭ سېنى شىرلاردىن قۇتقۇزىۋالمىدىمۇ؟ ــ دەپ توۋلىدى.
21 Then Daniel replied, “O king, may you live forever!
دانىيال جاۋابەن: ــ ئى ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا!
22 My God sent His angel and shut the mouths of the lions. They have not hurt me, for I was found innocent in His sight, and I have done no wrong against you, O king.”
خۇدايىمنىڭ پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ شىرلارنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرۇشى بىلەن ئۇلار ماڭا ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمىدى؛ چۈنكى ئۇ مەندىن ھېچقانداق ئەيىب كۆرمىدى. ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ مەن ھېچقانداق زىيان يەتكۈزگۈدەك ئىش قىلمىدىم، ــ دېدى.
23 The king was overjoyed and gave orders to lift Daniel out of the den, and when Daniel was lifted out of the den, no wounds whatsoever were found on him, because he had trusted in his God.
بۇنى ئاڭلاپ پادىشاھ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئادەملىرىنى دانىيالنى ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دانىيالنى ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقتى. ئۇنىڭدىن قىلچە زېدە-زەخمەت تاپالمىدى؛ چۈنكى ئۇ خۇداسىغا تايانغانىدى.
24 At the command of the king, the men who had falsely accused Daniel were brought and thrown into the den of lions—they and their children and wives. And before they had reached the bottom of the den, the lions overpowered them and crushed all their bones.
ئاندىن پادىشاھ بۇيرۇق چۈشۈردى، [نەۋكەرلىرى] دانىيالنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى بالا-چاقىلىرى ۋە خوتۇنلىرى بىلەن قوشۇپ شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلىۋەتتى. ئۇلار ئۆڭكۈر تېگىگە چۈشۈپ بولمايلا شىرلار ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنىمۇ چايناپ قىيما-چىيما قىلىۋەتتى.
25 Then King Darius wrote to the people of every nation and language throughout the land: “May your prosperity abound.
شۇ ئىشتىن كېيىن دارىئۇس پادىشاھ يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى ئەل-يۇرت، ھەممە تائىپىلەر، ھەر تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق پۈتۈك چۈشۈردى: ــ «ھەممىڭلارغا ئامانلىق ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاي!
26 I hereby decree that in every part of my kingdom, men are to tremble in fear before the God of Daniel: For He is the living God, and He endures forever; His kingdom will never be destroyed, and His dominion will never end.
مەن ئۇشبۇ يارلىقنى چۈشۈرىمەنكى، پادىشاھلىقىمدىكى ھەربىر يۇرتتىكى پۇقرالار دانىيالنىڭ خۇداسى ئالدىدا تىترەپ قورقسۇن! ــ چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات خۇدادۇر، مەڭگۈ مۇستەھكەم ئۆزگەرمەستۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھالاك قىلىنماس، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئەبەدىلئەبەدگىچە بولىدۇ.
27 He delivers and rescues; He performs signs and wonders in the heavens and on the earth, for He has rescued Daniel from the power of the lions.”
ئۇ بالايىقازادىن قوغدايدۇ ۋە قۇتقۇزىدۇ، ئۇ ئاسمانلاردىمۇ، يەر يۈزىدىمۇ ئالامەت-كارامەتلەرنى يارىتىدۇ، ئۇ دانىيالنى شىرلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى».
28 So Daniel prospered during the reign of Darius and the reign of Cyrus the Persian.
دانىيالنىڭ بولسا شۇ ئىشلاردىن كېيىن دارىئۇس ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە، شۇنداقلا پارس پادىشاھى قۇرەش ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتلاردا ئىشلىرى راۋان يۈرۈشتى.

< Daniel 6 >