< Amos 5 >

1 Hear this word, O house of Israel, this lamentation I take up against you:
ئى ئىسرائىل جەمەتى، بۇ سۆزنى، يەنى مەن سەن توغرۇلۇق ئوقۇيدىغان بىر مەرسىيەنى ئاڭلاپ قوي: ــ
2 “Fallen is Virgin Israel, never to rise again. She lies abandoned on her land, with no one to raise her up.”
«پاك قىز ئىسرائىل يىقىلدى؛ ئۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرمايدۇ؛ ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا تاشلانغان، ئۇنى تۇرغۇزۇپ يۆلىگۈچى يوقتۇر».
3 This is what the Lord GOD says: “The city that marches out a thousand strong will only see a hundred return, and the one that marches out a hundred strong will have but ten left in the house of Israel.”
چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ [ئىسرائىلنىڭ] مىڭ [لەشكەر] چىققان بىر شەھىرىنىڭ يۈز [لەشكىرىلا] تىرىك قالىدۇ؛ يۈز لەشكەر چىققان بىر شەھىرىنىڭ ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن ئون [لەشكىرىلا] تىرىك قالىدۇ؛
4 For this is what the LORD says to the house of Israel: “Seek Me and live!
چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دەيدۇ: ــ مېنى ئىزدەڭلار، ھاياتقا ئېرىشىسىلەر؛
5 Do not seek Bethel or go to Gilgal; do not journey to Beersheba, for Gilgal will surely go into exile, and Bethel will come to nothing.
بەيت-ئەلنى ئىزدىمەڭلار، گىلگالغىمۇ بارماڭلار، بەئەر-شېباغا سەپەر قىلماڭلار؛ چۈنكى گىلگال ئەسىرگە ئېلىنىپ سۈرگۈن قىلىنماي قالمايدۇ، بەيت-ئەل يوققا چىقىدۇ.
6 Seek the LORD and live, or He will sweep like fire through the house of Joseph; it will devour everything, with no one at Bethel to extinguish it.
پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار، ھاياتقا ئېرىشىسىلەر؛ بولمىسا ئۇ يۈسۈپ جەمەتى ئىچىدە ئوت كەبى پارتلاپ، ئۇنى يەپ كېتىدۇ، ھەم بەيت-ئەلدە ئوتنى ئۆچۈرگۈدەك ئادەم تېپىلمايدۇ.
7 There are those who turn justice into wormwood and cast righteousness to the ground.
ئى ئادالەتنى ئەمەنگە ئايلاندۇرغۇچى، ھەققانىيلىقنى يەرگە تاشلىغۇچىلار،
8 He who made the Pleiades and Orion, who turns darkness into dawn and darkens day into night, who summons the waters of the sea and pours them over the face of the earth— the LORD is His name—
سىلەر ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە قەلب يۇلتۇز توپىنى ياراتقۇچى، ئۆلۈم كۆلەڭگىسىنى تاڭ نۇرىغا ئايلاندۇرغۇچى، كۈندۈزنى قاراڭغۇلۇق بىلەن كېچىگە ئايلاندۇرغۇچى، دېڭىزدىكى سۇلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە قۇيغۇچىنى ئىزدەڭلار؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر.
9 He flashes destruction on the strong, so that fury comes upon the stronghold.
ئۇ باتۇرلار ئۈستىگە تۇيۇقسىز ھالاكەتنى پارتلىتىدۇ، ئىستىھكام ئۈستىگە ھالاكەت چۈشۈرىدۇ.
10 There are those who hate the one who reproves in the gate and despise him who speaks with integrity.
شۇ [ئىسرائىللار] شەھەر دەرۋازىسىدا تەنبىھ بېرىدىغانلارغا ئۆچ، دۇرۇس سۆزلەيدىغانلاردىن يىرگىنىدۇ.
11 Therefore, because you trample on the poor and exact from him a tax of grain, you will never live in the stone houses you have built; you will never drink the wine from the lush vineyards you have planted.
ئەمدى سىلەر نامراتلارنى ئېزىپ، ئۇلاردىن بۇغداي «ھەدىيە»لەرنى ئالدىڭلار! ئويۇلغان تاشلاردىن ئۆيلەرنى سالدىڭلار، بىراق ئۇلاردا تۇرمايسىلەر؛ سىلەر گۈزەل ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلغانسىلەر، بىراق ئۇلارنىڭ شارابىنى ئىچەلمەيسىلەر.
12 For I know that your transgressions are many and your sins are numerous. You oppress the righteous by taking bribes; you deprive the poor of justice in the gate.
چۈنكى سىلەرنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭلارنىڭ قانچىلىك كۆپلۈكىنى، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنىڭ قانچىلىك زور ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن؛ ئۇلار ھەققانىي ئادەمنى ئېزىدۇ، ئۇلار پارا يەيدۇ، شەھەر دەرۋازىسىدا مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى قايرىۋالىدۇ.
13 Therefore, the prudent keep silent in such times, for the days are evil.
شۇڭا بۇنداق دەۋردە «پەملىك ئادەم» سۈكۈت قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ رەزىل بىر دەۋردۇر.
14 Seek good, not evil, so that you may live. And the LORD, the God of Hosts, will be with you, as you have claimed.
ھايات ياشاش ئۈچۈن يامانلىقنى ئەمەس، مېھرىبانلىق-ياخشىلىقنى ئىزدەڭلار؛ شۇنداق بولغاندا سىلەر دېگىنىڭلاردەك، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ.
15 Hate evil and love good; establish justice in the gate. Perhaps the LORD, the God of Hosts, will be gracious to the remnant of Joseph.”
يامانلىقتىن نەپرەتلىنىڭلار، مېھرىبانلىق-ياخشىلىقنى سۆيۈڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدا ئادالەتنى ئورنىتىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا بەلكىم يۈسۈپنىڭ قالدىسىغا شاپائەت كۆرسىتەر.
16 Therefore this is what the LORD, the God of Hosts, the Lord, says: “There will be wailing in all the public squares and cries of ‘Alas! Alas!’ in all the streets. The farmer will be summoned to mourn, and the mourners to wail.
شۇڭا پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا رەب مۇنداق دەيدۇ: ــ «بارلىق كەڭ رەستە-بازارلاردا ئاھ-زارلار ئاڭلىنىدۇ؛ ئۇلار ھەممە كوچىلاردا «ۋاي... ۋاي!...» دەپ ئاۋازىنى كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلار دېھقانلارنىمۇ ماتەم تۇتۇشقا، ئاھ-زارلار كۆتۈرگۈچى «ئۇستىلار»نى يىغلاشقا چاقىرىدۇ.
17 There will be wailing in all the vineyards, for I will pass through your midst,”
ھەم بارلىق ئۈزۈمزارلاردىمۇ ئاھ-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۆزۈم ئاراڭلاردىن ئۆتۈپ كېتىمەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
18 Woe to you who long for the Day of the LORD! What will the Day of the LORD be for you? It will be darkness and not light.
پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىگە تەقەززار بولغان سىلەرگە ۋاي! پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى سىلەرگە قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرەر؟ ئۇ يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇق ئېلىپ كېلىدۇ.
19 It will be like a man who flees from a lion, only to encounter a bear, or who enters his house and rests his hand against the wall, only to be bitten by a snake.
ئۇ كۈنى بىرسى شىردىن قېچىپ، ئېيىققا ئۇچراپ، ئاندىن ئۆيىگە كىرىپ، قولى بىلەن تامغا يۆلەنگەندە، يىلان ئۇنى چاققاندەك بىر ئىش بولىدۇ!
20 Will not the Day of the LORD be darkness and not light, even gloom with no brightness in it?
پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇقلا ئېلىپ كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭدا پەقەت قاراڭغۇلۇقلا بولۇپ، يورۇقلۇق ھېچ بولمايدىغۇ؟!
21 “I hate, I despise your feasts! I cannot stand the stench of your solemn assemblies.
ھېيتلىرىڭلارغا نەپرەتلىنىمەن، ئۇلاردىن بىزار بولدۇم، ئىبادەت سورۇنلىرىڭلارنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغۇم يوق.
22 Even though you offer Me burnt offerings and grain offerings, I will not accept them; for your peace offerings of fattened cattle I will have no regard.
چۈنكى سىلەر ماڭا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار ھەم «ئاش ھەدىيە»لىرىڭلارنى سۇنۇپ ئاتىساڭلارمۇ، مەن ئۇلارنى قوبۇل قىلمايمەن؛ سىلەرنىڭ بورداق ماللىرىڭلار بىلەن قىلغان «ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلار»غا قارىمايمەن.
23 Take away from Me the noise of your songs! I will not listen to the music of your harps.
مەندىن مۇناجاتلىرىڭلارنىڭ سادالىرىنى ئېپكېتىڭلار، چىلتارلىرىڭلارنىڭ كۈيلىرىنى ئاڭلىمايمەن؛
24 But let justice roll on like a river, and righteousness like an ever-flowing stream.
بۇنىڭ ئورنىدا ئادالەت خۇددى شارقىراتمىدەك، ھەققانىيلىق ئەبەدىي ئاقىدىغان ئېقىمدەك دولقۇنلىسۇن!
25 Did you bring Me sacrifices and offerings forty years in the wilderness, O house of Israel?
سىلەر چۆل-باياۋاندىكى قىرىق يىلدا قىلغان قۇربانلىق-ھەدىيىلەرنى ماڭا ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟!
26 You have taken along Sakkuth your king and Kaiwan your star god, the idols you made for yourselves.
بەرھەق، سىلەر «سۇككوت» دېگەن پادىشاھىڭلار، ھەم «قىئۇن» دېگەن بۇتلىرىڭلارنى، يەنى «يۇلتۇز ئىلاھى»ڭلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدىڭلار!
27 Therefore I will send you into exile beyond Damascus,” says the LORD, whose name is the God of Hosts.
ئەمدى مەن سىلەرنى ئەسىر قىلىپ، دەمەشقتىن يىراقلارغا سۈرگۈن قىلدۇرىمەن، ــ دەيدۇ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان پەرۋەردىگار.

< Amos 5 >