< Amos 4 >

1 Hear this word, you cows of Bashan on Mount Samaria, you women who oppress the poor and crush the needy, who say to your husbands, “Bring us more to drink.”
ئى باشاندىكى ئىنەكلەر، سامارىيە تېغىدا تۇرۇپ، نامراتلارنى خارلاۋاتقان، مىسكىنلەرنى ئېزىۋاتقانلار، خوجىلىرىغا: «[شارابنى] ئېلىپ كېلىڭلار، بىز ئىچىمىز» دەيدىغانلار، بۇ سۆزنى ئاڭلاڭلار: ــ
2 The Lord GOD has sworn by His holiness: “Behold, the days are coming when you will be taken away with hooks, and your posterity with fishhooks.
رەب پەرۋەردىگار ئۆز پاك-مۇقەددەسلىكى بىلەن قەسەم ئىچكەنكى، مانا، بېشىڭلارغا شۇنداق كۈنلەر چۈشىدۇكى، ئۇ سىلەرنى ئىلمەكلەر بىلەن، نەسلىڭلارنى چاڭگاكلار بىلەن ئېلىپ كېتىدۇ.
3 You will go out through broken walls, each one straight ahead of her, and you will be cast out toward Harmon,”
ھەم سىلەر [ئاياللار] ھەربىرىڭلار سېپىلنىڭ شورالىرىدىن قىسىلىپ ئۆتۈپ، ئۇدۇل مېڭىپ تىكىۋېتىسىلەر؛ ۋە سىلەر ھارمون تەرەپكە چۆرۈۋېتىلىسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
4 “Go to Bethel and transgress; rebel even more at Gilgal! Bring your sacrifices every morning, your tithes every three days.
ئەمدى بەيت-ئەلگە كېلىڭلار، ئاسىيلىق قىلىڭلار! گىلگالدىمۇ ئاسىيلىقنى كۆپەيتىڭلار! ئەتىگەندە قۇربانلىقلىرىڭلارنى، ھەر ئۈچىنچى كۈنى سىلەرنىڭ «ئوندىن بىر» ئۈلۈش ئۆشرىلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار،
5 Offer leavened bread as a thank offering, and loudly proclaim your freewill offerings. For that is what you children of Israel love to do,”
«تەشەككۈر قۇربانلىقى»نى خېمىرتۇرۇچ بىلەن بىللە كۆيدۈرۈڭلار ــ سىلەر «خالىس قۇربانلىقلار»ىڭلارنى جاكارلاپ ماختىنىپ يۈرۈڭلار؛ چۈنكى بۇنداق قىلىشقا ئامراقسىلەر، ئى ئىسرائىللار! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
6 “I beset all your cities with cleanness of teeth and all your towns with lack of bread, yet you did not return to Me,”
«مەن ھەممە شەھەرلىرىڭلاردا «چىشنىڭ پاكىزلىقى»نى چۈشۈردۈم، ھەممە يېرىڭلاردا سىلەرنى ئاش-نانغا بولغان ھاجەتمەن قىلدىم؛ بىراق سىلەر يەنىلا يېنىمغا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛
7 “I also withheld the rain from you when the harvest was three months away. I sent rain on one city but withheld it from another. One field received rain; another without rain withered.
ھوسۇلغا ئۈچ ئايلا قالغان بولسىمۇ، سىلەردىن يامغۇرنى تارتىۋېلىپ بەرمىدىم؛ بىر شەھەر ئۈستىگە يامغۇر ياغدۇردۇم، يەنە بىر شەھەرگە ياغدۇرمىدىم؛ بىر پارچە يەر ئۈستىگە يامغۇر ياغدى؛ يەنە بىر پارچە يەر يامغۇرسىز قاغجىراپ قالدى؛
8 People staggered from city to city for water to drink, but they were not satisfied; yet you did not return to Me,”
شۇنىڭ بىلەن ئىككى، ئۈچ شەھەرنىڭ [پۇقرالىرى] سۇ تىلەپ باشقا بىر شەھەرگە ئەلەڭشىپ باردى، لېكىن قانمىدى؛ بىراق سىلەر يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛
9 “I struck you with blight and mildew in your growing gardens and vineyards; the locust devoured your fig and olive trees, yet you did not return to Me,”
مەن سىلەرنى جۇدۇن ھەم ھال ئاپىتى بىلەن ئۇردۇم؛ «غاجىلىغۇچى قۇرت»لار نۇرغۇنلىغان بېغىڭلار، ئۈزۈمزارلىرىڭلار، ئەنجۈر دەرەخلىرىڭلار ھەم زەيتۈن دەرەخلىرىڭلارنى يەپ كەتتى؛ بىراق سىلەر يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛
10 “I sent plagues among you like those of Egypt; I killed your young men with the sword, along with your captured horses. I filled your nostrils with the stench of your camp, yet you did not return to Me,”
مەن ئاراڭلارغا مىسىرغا چۈشۈرۈلگەن ئاپەتلەردەك ئاپەتنى ئەۋەتتىم؛ يىگىتلىرىڭلارنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزدۇم، ئاتلىرىڭلارنى ئولجا بولۇشقا قويۇۋەتتىم؛ مەن قارارگاھىڭلاردىن [جەسەتلەرنىڭ] سېسىقچىلىقىنى پۇرۇتۇۋەتتىم، ئۇنى دىمىغىڭلارغىمۇ كىرگۈزدۇم، بىراق سىلەر يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛
11 “Some of you I overthrew as I overthrew Sodom and Gomorrah, and you were like a firebrand snatched from a blaze, yet you did not return to Me,”
مەن ئاراڭلاردىن بەزىلەرنى خۇدا سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى ئۆرۈۋەتكىنىدەك ئۆرۈۋەتتىم، شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئوتتىن تارتىۋېلىنغان بىر چۇچۇلا ئوتۇندەك بولۇپ قالدىڭلار؛ بىراق يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛
12 “Therefore, that is what I will do to you, O Israel, and since I will do this to you, prepare to meet your God, O Israel!
شۇڭا مەن ساڭا شۇنداق قىلىشىم كېرەك دەۋاتىمەن، ئى ئىسرائىل؛ مەن بۇنى ساڭا قىلىدىغانلىقىم تۈپەيلىدىن، خۇدايىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييارلان، ئى ئىسرائىل!
13 For behold, He who forms the mountains, who creates the wind and reveals His thoughts to man, who turns the dawn to darkness and strides on the heights of the earth— the LORD, the God of Hosts, is His name.”
چۈنكى مانا، تاغلارنى شەكىللەندۈرگۈچى، شامالنى ياراتقۇچى، ئىنسانغا ئۆزلىرىنىڭ ئوي-پىكرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايان قىلغۇچى، تاڭ سەھەرنى قاراڭغۇلۇققا ئايلاندۇرغۇچى، يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارنىڭ ئۈستىدە دەسسەپ يۈرگۈچى دەل شۇدۇر، پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا ئۇنىڭ نامىدۇر!

< Amos 4 >