< Amos 1 >

1 These are the words of Amos, who was among the sheepherders of Tekoa—what he saw concerning Israel two years before the earthquake, in the days when Uzziah was king of Judah and Jeroboam son of Jehoash was king of Israel.
ئۇززىيا يەھۇداغا، يوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، يەر تەۋرەشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى، تەكوئادىكى چارۋىچىلار ئارىسىدىكى ئاموسنىڭ ئىسرائىل توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلىرى: ــ
2 He said: “The LORD roars from Zion and raises His voice from Jerusalem; the pastures of the shepherds mourn, and the summit of Carmel withers.”
ئۇ: «پەرۋەردىگار زىئون تېغىدىن ھۆركىرەيدۇ، يېرۇسالېمدىن ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ؛ پادىچىلارنىڭ ئوتلاقلىرى ماتەم تۇتىدۇ، كارمەل چوققىسى غازاڭلىشىدۇ» ــ دېدى.
3 This is what the LORD says: “For three transgressions of Damascus, even four, I will not revoke My judgment, because they threshed Gilead with sledges of iron.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «دەمەشقنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار گىلېئادتىكىلەرنى تۆمۈر تىرنىلىق سۆرەملەر بىلەن سوققانىدى؛
4 So I will send fire upon the house of Hazael to consume the citadels of Ben-hadad.
شۇنداقلا ھازائەلنىڭ ئۆيىگە بىر ئوت ئەۋەتىمەن، ئۇ بەن-ھادادنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ.
5 I will break down the gates of Damascus; I will cut off the ruler of the Valley of Aven and the one who wields the scepter in Beth-eden. The people of Aram will be exiled to Kir,”
دەمەشق دەرۋازىسىدىكى تۆمۈر بالداقنى سۇندۇرىۋېتىمەن، ئاۋەن جىلغىسىدا تۇرغۇچىنى، بەيت-ئېدەندە شاھانە ھاسىسىنى تۇتقۇچىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ سۇرىيەنىڭ خەلقى ئەسىرگە چۈشۈپ كىرغا ئېلىپ كېتىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
6 This is what the LORD says: “For three transgressions of Gaza, even four, I will not revoke My judgment, because they exiled a whole population, delivering them up to Edom.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «گازا شەھىرىنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار ئېدومغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە، بارلىق تۇتقۇنلارنى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى.
7 So I will send fire upon the walls of Gaza, to consume its citadels.
ھەم مەن گازانىڭ سېپىلىغا ئوت ئەۋەتىمەن، ئۇ ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ؛
8 I will cut off the ruler of Ashdod and the one who wields the scepter in Ashkelon. I will turn My hand against Ekron, and the remnant of the Philistines will perish,”
مەن ئاشدودتا تۇرغۇچىنى، ئاشكېلوندا شاھانە ھاسىنى تۇتقۇچىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، ئەكرون شەھىرىگە قارشى قول كۆتۈرىمەن؛ فىلىستىيلەرنىڭ قالدۇقى يوقىلىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
9 This is what the LORD says: “For three transgressions of Tyre, even four, I will not revoke My judgment, because they delivered up a whole congregation of exiles to Edom and broke a covenant of brotherhood.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «تۇرنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار بارلىق تۇتقۇنلارنى ئېدومغا تاپشۇرۇۋەتتى، شۇنداقلا قېرىنداشلىق ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالمىدى.
10 So I will send fire upon the walls of Tyre to consume its citadels.”
ھەم مەن تۇرنىڭ سېپىلىغا ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ.
11 This is what the LORD says: “For three transgressions of Edom, even four, I will not revoke My judgment, because he pursued his brother with the sword and stifled all compassion; his anger raged continually, and his fury flamed incessantly.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئېدومنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇ بارلىق رەھىم-شەپقەتنى تاشلىۋېتىپ، قىلىچ بىلەن ئۆز قېرىندىشىنى قوغلىغان؛ ئۇ يىرىلغۇدەك غەزەپتە بولۇپ، دەرغەزىپتە بولغان ھالىتىنى ھەمىشە ساقلايدۇ؛
12 So I will send fire upon Teman to consume the citadels of Bozrah.”
ھەم مەن تېمان شەھىرىگە ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت بوزراھنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ».
13 This is what the LORD says: “For three transgressions of the Ammonites, even four, I will not revoke My judgment, because they ripped open the pregnant women of Gilead in order to enlarge their territory.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئامموننىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار چېگرىمىزنى كېڭەيتىمىز دەپ، گىلېئادتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساقلىرىنى يېرىۋەتتى.
14 So I will kindle a fire in the walls of Rabbah to consume its citadels amid war cries on the day of battle and a violent wind on the day of tempest.
ھەم مەن رابباھنىڭ سېپىلىغا ئوت ياقىمەن، جەڭ كۈنىدە قىيا-چىيالار ئىچىدە، قارا قۇيۇننىڭ كۈنىدە قاتتىق بوران ئىچىدە، ئوت ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ؛
15 Their king will go into exile — he and his princes together,”
ھەم ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئەسىرگە چۈشىدۇ، ــ ئۇ ئەمىرلىرى بىلەن بىللە ئەسىرگە چۈشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

< Amos 1 >