< 2 Samuel 19 >

1 Then it was reported to Joab, “The king is weeping and mourning over Absalom.”
بىرسى يوئابقا: پادىشاھ ئابشالوم ئۈچۈن يىغلاپ ماتەم تۇتماقتا، دەپ خەۋەر بەردى.
2 And that day’s victory was turned into mourning for all the people, because on that day they were told, “The king is grieving over his son.”
شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈندىكى نۇسرەت خەلق ئۈچۈن مۇسىبەتكە ئايلاندى؛ چۈنكى خەلق شۇ كۈنىدە: پادىشاھ ئۆز ئوغلى ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەت تارتىۋاتىدۇ، دەپ ئاڭلىدى.
3 So they returned to the city quietly that day, as people steal away in humiliation after fleeing a battle.
ئۇ كۈنى خەلق سوقۇشتىن قېچىپ خىجالەتتە قالغان ئادەملەردەك، ئوغرىلىقچە شەھەرگە كىردى.
4 But the king covered his face and cried out at the top of his voice, “O my son Absalom! O Absalom, my son, my son!”
پادىشاھ يۈزىنى يېپىپ: ئى، ئوغلۇم ئابشالوم، ئى ئابشالوم، مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ ئوغلۇم! ــ دەپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن پەرياد كۆتۈردى.
5 Then Joab went into the house and said to the king, “Today you have disgraced all your servants who have saved your life and the lives of your sons and daughters, of your wives, and of your concubines.
لېكىن يوئاب پادىشاھنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئۆز جېنىڭنى، ئوغۇللىرىڭ بىلەن قىزلىرىڭنىڭ جېنىنى، ئاياللىرىڭنىڭ جېنى بىلەن كېنىزەكلىرىڭنىڭ جېنىنى قۇتقۇزغان ھەممە خىزمەتكارلارنىڭ يۈزىنى سەن بۈگۈن خىجالەتتە قالدۇردۇڭ!
6 You love those who hate you and hate those who love you! For you have made it clear today that the commanders and soldiers mean nothing to you. I know today that if Absalom were alive and all of us were dead, it would have pleased you!
سەن ئۆزۈڭگە نەپرەتلىنىدىغانلارنى سۆيىسەن، سېنى سۆيىدىغانلارغا نەپرەتلىنىدىغاندەك قىلىسەن! چۈنكى سەن بۈگۈن سەردارلىرىڭنى ياكى خىزمەتكارلىرىڭنى نەزىرىڭدە ھېچنەرسە ئەمەس دېگەندەك قىلدىڭ! چۈنكى بۈگۈن ئابشالوم تىرىك قېلىپ، بىز ھەممىمىز ئۆلگەن بولساق، نەزىرىڭدە ياخشى بولاتتىكەن، دەپ بىلىپ يەتتىم.
7 Now therefore get up! Go out and speak comfort to your servants, for I swear by the LORD that if you do not go out, not a man will remain with you tonight. This will be worse for you than all the adversity that has befallen you from your youth until now!”
ئەمدى چىقىپ خىزمەتكارلىرىڭنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بەرگىن؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر چىقمىساڭ، بۈگۈن كېچە ھېچ ئادەم سېنىڭ بىلەن قالمايدۇ. بۇ بالا ياشلىقىڭدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۈستۈڭگە چۈشكەن ھەرقانداق بالادىن ئېغىر بولىدۇ، ــ دېدى.
8 So the king got up and sat in the gate, and all the people were told: “Behold, the king is sitting in the gate.” So they all came before the king. Meanwhile, the Israelites had fled, each man to his home.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ چىقىپ دەرۋازىدا ئولتۇردى، ھەممە خەلققە: مانا، پادىشاھ دەرۋازىدا ئولتۇرىدۇ، دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلگەندە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ قېشىغا كەلدى. ئەمما ئىسرائىللار بولسا ھەممىسى قېچىپ، ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.
9 And all the people throughout the tribes of Israel were arguing, “The king rescued us from the hand of our enemies and delivered us from the hand of the Philistines, but now he has fled the land because of Absalom.
ئەمدى ئىسرائىل قەبىلىسىدىكى ھەممە خەلق غۇلغۇلا قىلىشىپ: پادىشاھ بىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغان، بىزنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانىدى. ئەمما، ئۇ ھازىر ئابشالوم تۈپەيلىدىن زېمىندىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتىدۇ.
10 But Absalom, the man we anointed over us, has died in battle. So why do you say nothing about restoring the king?”
لېكىن بىز ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلغان ئابشالوم بولسا جەڭدە ئۆلدى. ئەمدى نېمىشقا پادىشاھنى ياندۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە گەپ قىلمايسىلەر؟ دېيىشتى.
11 Then King David sent this message to Zadok and Abiathar, the priests: “Say to the elders of Judah, ‘Why should you be the last to restore the king to his palace, since the talk of all Israel has reached the king at his quarters?
داۋۇت پادىشاھ زادوك بىلەن ئابىياتار كاھىنلارغا ئادەم ئەۋەتىپ: سىلەر يەھۇدانىڭ ئاقساقاللىرىغا: [پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ]: ــ ھەممە ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھنى ئوردىسىغا قايتۇرۇپ كېلەيلى، دېيىشكەن تەلىپلىرىنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن يەردە، نېمىشقا سىلەر بۇ ئىشتا ئۇلاردىن كېيىن قالىسىلەر؟
12 You are my brothers, my own flesh and blood. So why should you be the last to restore the king?’
سىلەر مېنىڭ قېرىنداشلىرىم، مېنىڭ ئەت-ئۇستىخانلىرىم تۇرۇپ، نېمىشقا پادىشاھنى ئېلىپ كېلىشتە ھەممىسىدىن كېيىن قالىسىلەر؟! ــ دەڭلار.
13 And say to Amasa, ‘Aren’t you my flesh and blood? May God punish me, and ever so severely, if from this time you are not the commander of my army in place of Joab!’”
ۋە شۇنداقلا يەنە ئاماساغىمۇ: پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن مېنىڭ ئەت-ئۇستىخانلىرىم ئەمەسمۇسەن؟ ئەگەر سېنى يوئابنىڭ ئورنىدا مېنىڭ قېشىمدا دائىم تۇرىدىغان قوشۇننىڭ سەردارى قىلمىسام، خۇدا مېنى ئۇرسۇن ھەم ئۇنىڭدىن ئارتۇق جازالىسۇن ــ دەڭلار، ــ دېدى.
14 So he swayed the hearts of all the men of Judah as though they were one man, and they sent word to the king: “Return, you and all your servants.”
بۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھۇدادىكى ئادەملەرنىڭ كۆڭۈللىرىنى بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىدەك ئۆزىگە مايىل قىلدى. ئۇلار پادىشاھقا ئادەم ماڭدۇرۇپ: سەن ئۆزۈڭ بىلەن ھەممە خىزمەتكارلىرىڭ بىرگە يېنىپ كېلىڭلار، دەپ خەۋەر يەتكۈزدى.
15 So the king returned, and when he arrived at the Jordan, the men of Judah came to Gilgal to meet him and escort him across the Jordan.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يېنىپ ئىئوردان دەرياسىغىچە كەلدى. يەھۇدادىكى ئادەملەر پادىشاھنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزىمىز دەپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا گىلگالغا بارغانىدى.
16 Then Shimei son of Gera, a Benjamite from Bahurim, hurried down with the men of Judah to meet King David,
باھۇرىمدىن چىققان بىنيامىنلىق گېرانىڭ ئوغلى شىمەي ئالدىراپ كېلىپ، يەھۇدادىكى ئادەملەر بىلەن چۈشۈپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا چىقتى.
17 along with a thousand men of Benjamin, as well as Ziba the steward of the house of Saul and his fifteen sons and twenty servants. They rushed down to the Jordan before the king
شىمەيگە بىنيامىن قەبىلىسىدىن مىڭ ئادەم ئەگەشتى؛ ئۇلار بىلەن سائۇلنىڭ جەمەتىدە خىزمەتكار بولغان زىبا، ئۇنىڭ ئون بەش ئوغلى ۋە يىگىرمە خىزمەتكارىمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كەلدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا چىقتى.
18 and crossed at the ford to carry over the king’s household and to do what was good in his sight. When Shimei son of Gera crossed the Jordan, he fell down before the king
بىر كېمە پادىشاھنىڭ ئىختىيارىغا قويۇلۇپ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇيان-بۇيان ئۆتۈپ يۈرەتتى. پادىشاھ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەندە، گېرانىڭ ئوغلى شىمەي كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ تۇرۇپ
19 and said, “My lord, do not hold me guilty, and do not remember your servant’s wrongdoing on the day my lord the king left Jerusalem. May the king not take it to heart.
پادىشاھقا: غوجام قۇللىرىغا قەبىھلىك سانىمىغايلا؛ غوجام پادىشاھ يېرۇسالېمدىن چىققان كۈندە قۇللىرىنىڭ قىلغان قەبىھلىكىنى ئەسلىرىگە كەلتۈرمىگەيلا؛ ئۇ پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە كەلمىسۇن.
20 For your servant knows that I have sinned, so here I am today as the first of all the house of Joseph to come down to meet my lord the king.”
چۈنكى قۇللىرى ئۆزىنىڭ گۇناھ قىلغىنىمنى ئوبدان بىلىدۇ؛ شۇڭا مانا، مەن يۈسۈپنىڭ جەمەتىدىن ھەممىدىن ئاۋۋال بۈگۈن غوجام پادىشاھنى قارشى ئېلىشقا چىقتىممەن، ــ دېدى.
21 But Abishai son of Zeruiah said, “Shouldn’t Shimei be put to death for this, because he cursed the LORD’s anointed?”
زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشاي بۇنى ئاڭلاپ: شىمەي پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىنى قارغىغان تۇرسا، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىش لازىم بولمامدۇ؟ ــ دېدى.
22 And David replied, “Sons of Zeruiah, what have I to do with you, that you should be my adversaries today? Should any man be put to death in Israel today? Am I not indeed aware that today I am king over Israel?”
لېكىن داۋۇت: ئى زەرۇئىيانىڭ ئوغۇللىرى، سىلەرنىڭ مېنىڭ بىلەن نېمە كارىڭلار؟ بۈگۈن سىلەر ماڭا قارشى چىقماقچمۇسىلەر؟ بۈگۈنكى كۈندە ئىسرائىلدا ئادەملەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەكمۇ؟ بۈگۈن ئىسرائىلغا پادىشاھ ئىكەنلىكىمنى بىلمەيمەنمۇ؟ ــ دېدى.
23 So the king said to Shimei, “You shall not die.” And the king swore an oath to him.
ئاندىن پادىشاھ شىمەيگە: سەن ئۆلمەيسەن، ــ دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا قەسەم قىلدى.
24 Then Mephibosheth, Saul’s grandson, went down to meet the king. He had not cared for his feet or trimmed his mustache or washed his clothes from the day the king had left until the day he returned safely.
ئەمدى سائۇلنىڭ نەۋرىسى مەفىبوشەت پادىشاھنى قارشى ئالغىلى كەلدى. پادىشاھ كەتكەن كۈندىن تارتىپ ساق-سالامەت قايتىپ كەلگەن كۈنگىچە، ئۇ يا پۇتلىرىنىڭ تىرنىقىنى ئالمىغان يا ساقىلىنى ياسىمىغان ۋە ياكى كىيىملىرىنى يۇمىغانىدى.
25 And he came from Jerusalem to meet the king, who asked him, “Mephibosheth, why did you not go with me?”
ئۇ پادىشاھنى قارشى ئالغىلى يېرۇسالېمدىن كەلگەندە، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ئى مەفىبوشەت، نېمىشقا مېنىڭ بىلەن بارمىدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى.
26 “My lord the king,” he replied, “because I am lame, I said, ‘I will have my donkey saddled so that I may ride on it and go with the king.’ But my servant Ziba deceived me,
ئۇ: ئى، غوجام پادىشاھ، قۇللىرى ئاقساق بولغاچقا، ئېشىكىمنى توقۇپ، مىنىپ پادىشاھ بىلەن بىللە باراي، دېدىم. ئەمما خىزمەتكارىم مېنى ئالداپ قويۇپتۇ؛
27 and he has slandered your servant to my lord the king. Yet my lord the king is like the angel of God, so do what is good in your eyes.
ئۇ يەنە غوجام پادىشاھىڭ ئالدىدا قۇللىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلدى. لېكىن غوجام پادىشاھ خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىدەكتۇر؛ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلىگە نېمە لايىق كۆرۈنسە، شۇنى قىلغايلا.
28 For all the house of my grandfather deserves death from my lord the king, yet you have set your servant among those who eat at your table. What further right, then, do I have to keep appealing to the king?”
چۈنكى ئاتامنىڭ جەمەتىنىڭ ھەممىسى غوجام پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۆلگەن ئادەملەردەك ئىدى؛ لېكىن سىلى ئۆز قۇللىرىنى ئۆزلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولغانلار ئارىسىدا قويدىلا؛ مېنىڭ پادىشاھنىڭ ئالدىدا پەرياد قىلغىلى نېمە ھەققىم بار؟ ــ دېدى.
29 The king replied, “Why say any more? I hereby declare that you and Ziba are to divide the land.”
پادىشاھ ئۇنىڭغا: نېمىشقا ئىشلىرىڭ توغرىسىدا سۆزلىۋېرىسەن؟ مېنىڭ ھۆكۈمۈم، سەن بىلەن زىبا يەرلەرنى بۆلۈشىۋېلىڭلار، ــ دېدى.
30 And Mephibosheth said to the king, “Instead, since my lord the king has safely come to his own house, let Ziba take it all!”
مەفىبوشەت پادىشاھقا: غوجام پادىشاھ ئامان-ېسەن ئۆز ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن، زىبا ھەممىسىنى ئالسىمۇ رازىمەن! ــ دېدى.
31 Now Barzillai the Gileadite had come down from Rogelim to cross the Jordan with the king and send him on his way from there.
گىلېئادلىق بارزىللايمۇ روگېلىمدىن چۈشۈپ پادىشاھنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشقا كېلىپ، پادىشاھ بىلەن بىللە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى.
32 Barzillai was quite old, eighty years of age, and since he was a very wealthy man, he had provided for the king while he stayed in Mahanaim.
ئەمدى بارزىللاي خېلى ياشانغان بىر ئادەم بولۇپ، سەكسەن ياشقا كىرگەنىدى. پادىشاھ ماھانائىمدا تۇرغان ۋاقىتتا، ئۇنى قامدىغان دەل مۇشۇ ئادەم ئىدى؛ چۈنكى ئۇ خېلى كاتتا بىر كىشى ئىدى.
33 The king said to Barzillai, “Cross over with me, and I will provide for you at my side in Jerusalem.”
پادىشاھ بارزىللايغا: مېنىڭ بىلەن بارغىن، مەن سەندىن يېرۇسالېمدا ئۆزۈمنىڭكىدە خەۋەر ئالىمەن، دېدى.
34 But Barzillai replied, “How many years of my life remain, that I should go up to Jerusalem with the king?
لېكىن بارزىللاي پادىشاھقا: مېنىڭ بىرنەچچە كۈنلۈك ئۆمرۈم قالغاندۇ، پادىشاھ بىلەن بىرگە يېرۇسالېمغا بارامدىم؟
35 I am now eighty years old. Can I discern what is good and what is not? Can your servant taste what he eats or drinks? Can I still hear the voice of singing men and women? Why should your servant be an added burden to my lord the king?
قۇللىرى سەكسەن ياشقا كىردىم. ياخشى-ياماننى يەنە پەرق ئېتەلەيمەنمۇ؟ يەپ-ئىچكىنىمنىڭ تەمىنى تېتالامدىم؟ يىگىت نەغمىچىلەر بىلەن قىز نەغمىچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالامدىم؟ نېمىشقا قۇللىرى غوجام پادىشاغا يەنە يۈك بولىمەن؟
36 Your servant could go with the king only a short distance past the Jordan; why should the king repay me with such a reward?
قۇللىرى پەقەت پادىشاھنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن ئازراق ئۇزىتىپ قوياي دېگەن؛ پادىشاھ بۇنىڭ ئۈچۈن نېمىشقا ماڭا شۇنچە شاپائەت كۆرسىتىدىلا؟
37 Please let your servant return, that I may die in my own city near the tomb of my father and mother. But here is your servant Chimham. Let him cross over with my lord the king, and do for him what is good in your sight.”
قۇللىرىنىڭ ئۆلگەندە ئۆز شەھىرىمدە، ئاتام بىلەن ئانامنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا يېتىشىم ئۈچۈن قايتىپ كېتىشىگە ئىجازەت بەرگەيلا. ئەمدى مانا، بۇ يەردە ئۆز قۇللىرى كىمھام بار ئەمەسمۇ؟ ئۇ غوجام پادىشاھ بىلەن ئۆتۈپ بارسۇن، ئۇنىڭغا ئۆزلىرىگە نېمە لايىق كۆرۈنسە شۇنى قىلغايلا، ــ دېدى.
38 The king replied, “Chimham will cross over with me, and I will do for him what seems good in your sight, and I will do for you whatever you desire of me.”
پادىشاھ: كىمھام مېنىڭ بىلەن ئۆتۈپ بارسۇن؛ ساڭا نېمە لايىق كۆرۈنسە ئۇنىڭغا شۇنى قىلاي، شۇنداقلا سەن مەندىن ھەر نېمە سورىساڭ، ساڭا قىلىمەن، ــ دېدى.
39 So all the people crossed the Jordan, and then the king crossed over. The king kissed Barzillai and blessed him, and Barzillai returned home.
ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى، پادىشاھمۇ ئۆتتى. ئاندىن پادىشاھ بارزىللاينى سۆيۈپ ئۇنىڭغا بەخت تىلىدى؛ بارزىللاي ئۆز يۇرتىغا يېنىپ كەتتى.
40 Then the king went on to Gilgal, and Chimham crossed over with him. All the troops of Judah and half the troops of Israel escorted the king.
پادىشاھ گىلگالغا چىقتى، كىمھام ئۇنىڭ بىلەن باردى. يەھۇدادىكى بارلىق ئادەملەر بىلەن ئىسرائىلنىڭ خەلقىنىڭ يېرىمى پادىشاھنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ ئۇزىتىپ قويغانىدى.
41 Soon all the men of Israel came to the king and asked, “Why did our brothers, the men of Judah, take you away secretly and bring the king and his household across the Jordan, together with all of David’s men?”
ئاندىن مانا، ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئادەملىرى پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: نېمىشقا قېرىنداشلىرىمىز يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئوغرىلىقچە پادىشاھنى ۋە پادىشاھنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى، شۇنداقلا داۋۇتقا ئەگەشكەن ھەممە ئادەملەرنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈشكە مۇيەسسەر بولىدۇ؟ ــ دېدى.
42 And all the men of Judah replied to the men of Israel, “We did this because the king is our relative. Why does this anger you? Have we ever eaten at the king’s expense or received anything for ourselves?”
يەھۇدانىڭ ھەممە ئادەملىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىگە جاۋاپ بېرىپ: چۈنكى پادىشاھ بىلەن بىزنىڭ تۇغقانچىلىقىمىز بار، نېمىشقا بۇ ئىش ئۈچۈن بىزدىن خاپا بولىسىلەر؟ بىز پادىشاھنىڭكىدىن بىر نېمىنى يىدۇقمۇ، ياكى ئۇ بىزگە بىر ئىنئام بەردىمۇ؟ ــ دېدى.
43 “We have ten shares in the king,” answered the men of Israel, “so we have more claim to David than you. Why then do you despise us? Were we not the first to speak of restoring our king?” But the men of Judah pressed even harder than the men of Israel.
ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى يەھۇدانىڭ ئادەملىرىگە جاۋاب بېرىپ: قەبىلە بويىچە ئالغاندا، پادىشاھنىڭ [ئون ئىككى] ئۈلۈشتىن ئونى بىزگە تەۋەدۇر، سىلەرگە نىسبەتەن بىزنىڭ داۋۇت بىلەن تېخىمۇ چوڭراق بۇرادەرچىلىكىمىز بار. نېمىشقا بىزنى كۆزگە ئىلمايسىلەر؟ پادىشاھىمىزنى ياندۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە ئاۋۋال تەشەببۇس قىلغانلار بىز ئەمەسمىدۇق؟ ــ دېدى. ئەمما يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنىڭ سۆزلىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىنىڭ سۆزلىرىدىن تېخىمۇ قاتتىق ئىدى.

< 2 Samuel 19 >