< 2 Samuel 18 >

1 Then David reviewed his troops and appointed over them commanders of hundreds and of thousands.
داۋۇت ئۆزى بىلەن بولغان خەلقنى يىغىپ ئېدىتلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مىڭبېشى بىلەن يۈزبېشى قويدى.
2 He sent out the troops, a third under Joab, a third under Joab’s brother Abishai son of Zeruiah, and a third under Ittai the Gittite. And the king said to the troops, “I will surely march out with you as well.”
ئاندىن داۋۇت خەلقنى ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ جەڭگە چىقاردى؛ بىرىنچى بۆلەكنى يوئابنىڭ قول ئاستىدا، ئىككىنچى بۆلەكنى زەرۇئىيانىڭ ئوغلى، يوئابنىڭ ئىنىسى ئابىشاينىڭ قول ئاستىدا ۋە ئۈچىنچى بۆلەكنى گاتلىق ئىتتاينىڭ قول ئاستىدا قويدى. پادىشاھ خەلققە: بەرھەق، مەنمۇ سىلەر بىلەن جەڭگە چىقىمەن، دېدى.
3 But the people pleaded, “You must not go out! For if we have to flee, they will pay no attention to us. Even if half of us die, they will not care; but you are worth ten thousand of us. It is better for now if you support us from the city.”
لېكىن خەلق: سىلى چىقمىسىلا، ئەگەر بىز قاچساق دۈشمەن بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ؛ ھەتتا يېرىمىمىز ئۆلۈپ كەتسەكمۇ بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ. چۈنكى ئۆزلىرى بىزنىڭ ئون مىڭىمىزگە باراۋەر بولىلا. ياخشىسى سىلى شەھەردە تۇرۇپ بىزگە ھەمدەم بولۇشقا تەييار تۇرغايلا، دېدى.
4 “I will do whatever seems best to you,” the king replied. So he stood beside the gate, while all the troops marched out by hundreds and by thousands.
پادىشاھ ئۇلارغا: سىلەرگە نېمە لايىق كۆرۈنسە، شۇنى قىلىمەن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق يۈزدىن، مىڭدىن بولۇپ شەھەردىن چىقىۋاتقاندا، پادىشاھ دەرۋازىنىڭ يېنىدا تۇردى.
5 Now the king had commanded Joab, Abishai, and Ittai, “Treat the young man Absalom gently for my sake.” And all the people heard the king’s orders to each of the commanders regarding Absalom.
پادىشاھ يوئاب بىلەن ئابشاي ۋە ئىتتايغا: مەن ئۈچۈن ئابشالومغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ ئاياڭلار، دېدى. پادىشاھنىڭ [ھەممە سەردارلىرىغا] ئابشالوم توغرىسىدا شۇنداق تاپىلىغىنىدا، بارلىق خەلق تاپىلىغىنىنى ئاڭلىدى.
6 So David’s army marched into the field to engage Israel in the battle, which took place in the forest of Ephraim.
ئاندىن خەلق ئىسرائىل بىلەن سوقۇشقىلى مەيدانغا چىقتى؛ سوقۇش ئەفرائىمنىڭ ئورمانلىقىدا بولدى.
7 There the people of Israel were defeated by David’s servants, and the slaughter was great that day—twenty thousand men.
ئۇ يەردە ئىسرائىل داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن مەغلۇپ بولدى. ئۇ كۈنى ئۇلار قاتتىق قىرغىن قىلىندى ــ يىگىرمە مىڭى ئۆلدى.
8 The battle spread over the whole countryside, and that day the forest devoured more people than the sword.
سوقۇش شۇ زېمىنغا يېيىلدى؛ ئورمانلىق يەۋەتكەنلەر قىلىچتا ئۆلگەنلەردىن كۆپ بولدى.
9 Now Absalom was riding on his mule when he met the servants of David, and as the mule went under the thick branches of a large oak, Absalom’s head was caught fast in the tree. The mule under him kept going, so that he was suspended in midair.
ئابشالوم داۋۇتنىڭ غۇلاملىرى بىلەن تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قالدى؛ ئابشالوم ئۆز قېچىرىغا مىنىپ، چوڭ دۇب دەرىخىنىڭ قويۇق شاخلىرىنىڭ تېگىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ بېشى دەرەخ شېخىغا كەپلىشىپ قېلىپ، ئۇ ئېسىلىپ قالدى؛ ئۇ مىنگەن قېچىر بولسا ئالدىغا كېتىپ قالدى.
10 When one of the men saw this, he told Joab, “I just saw Absalom hanging in an oak tree!”
بىرسى بۇنى كۆرۈپ يوئابقا خەۋەر بېرىپ: مانا، مەن ئابشالومنىڭ بىر دۇب دەرىخىدە ساڭگىلاپ تۇرغىنىنى كۆردۈم، دېدى.
11 “You just saw him!” Joab exclaimed. “Why did you not strike him to the ground right there? I would have given you ten shekels of silver and a warrior’s belt!”
يوئاب خەۋەر بەرگەن ئادەمگە: نېمە! سەن ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، نېمىشقا ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ يەرگە چۈشۈرمىدىڭ؟ شۇنداق قىلغان بولساڭ، ساڭا ئون كۈمۈش تەڭگە ۋە بىر كەمەر بېرەتتىم، ــ دېدى.
12 The man replied, “Even if a thousand shekels of silver were weighed out into my hands, I would not raise my hand against the son of the king. For we heard the king command you and Abishai and Ittai, ‘Protect the young man Absalom for my sake.’
ئۇ ئادەم يوئابقا: قولۇمغا مىڭ كۈمۈش تەڭگە تەگسىمۇ، قولۇمنى پادىشاھنىڭ ئوغلىغا ئۇزاتمايتتىم! چۈنكى پادىشاھنىڭ ھەممىمىز ئالدىدا ساڭا، ئابىشايغا ۋە ئىتتايغا: مېنىڭ ئۈچۈن ھەر بىرىڭلار ئابشالومنى ئاياڭلار، دەپ بۇيرۇغىنىنى ئاڭلىدۇق.
13 If I had jeopardized my own life —and nothing is hidden from the king—you would have abandoned me.”
ئەگەر مەن ئۆز جېنىمنى تەۋەككۇل قىلىپ، شۇنداق قىلغان بولسام (ھەرقانداق ئىش پادىشاھتىن يوشۇرۇن قالمايدۇ!) سەن مېنى تاشلاپ، دۈشمىنىڭ قاتارىدا كۆرەتتىڭ، ــ دېدى.
14 But Joab declared, “I am not going to wait like this with you!” And he took three spears in his hand and thrust them through the heart of Absalom while he was still alive in the oak tree.
يوئاب: سېنىڭ بىلەن بۇنداق دېيىشىشكە چولام يوق! ــ دېدى-دە، قولىغا ئۈچ نەيزىنى ئېلىپ دەرەختە ساڭگىلاقلىق ھالدا تىرىك تۇرغان ئابشالومنىڭ يۈرىكىگە سانجىدى.
15 And ten young men who carried Joab’s armor surrounded Absalom, struck him, and killed him.
ئاندىن يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى بولغان ئون غۇلام ئابشالومنىڭ چۆرىسىگە يىغىلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى.
16 Then Joab blew the ram’s horn, and the troops broke off their pursuit of Israel because Joab had restrained them.
ئاندىن يوئاب كاناي چالدى؛ خەلق ئىسرائىلنى قوغلاشتىن ياندى؛ چۈنكى يوئاب قوشۇننى چېكىنىشكە چاقىردى.
17 They took Absalom, cast him into a large pit in the forest, and piled a huge mound of stones over him. Meanwhile, all the Israelites fled, each to his home.
ئۇلار ئابشالومنى ئورمانلىقتىكى چوڭ بىر ئازگالغا تاشلاپ ئۈستىگە نۇرغۇن تاشلارنى دۆۋىلەپ قويدى. ئىسرائىللار بولسا قېچىپ ھەربىرى ئۆز ماكانىغا كەتتى.
18 During his lifetime, Absalom had set up for himself a pillar in the King’s Valley, for he had said, “I have no son to preserve the memory of my name.” So he gave the pillar his name, and to this day it is called Absalom’s Monument.
ئابشالوم تىرىك ۋاقتىدا پادىشاھ ۋادىسىدا ئۆزىگە بىر ئابىدە تۇرغۇزغانىدى. چۈنكى ئۇ: مېنىڭ نامىمنى قالدۇردىغانغا ئوغلۇم يوق دەپ، ئۇ تاش ئابىدىنى ئۆز نامى بىلەن ئاتىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ تاش بۈگۈنگە قەدەر «ئابشالومنىڭ يادىكارى» دەپ ئاتىلىدۇ.
19 Then Ahimaaz son of Zadok said, “Please let me run and tell the king the good news that the LORD has avenged him of his enemies.”
زادوكنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز [يوئابقا]: پەرۋەردىگار سېنى دۈشمەنلىرىڭدىن قۇتقۇزۇپ سەن ئۈچۈن ئىنتىقام ئالدى، دەپ پادىشاھقا خەۋەر بېرىشكە مېنى دەرھال ماڭغۇزغىن، ــ دېدى.
20 But Joab replied, “You are not the man to take good news today. You may do it another day, but you must not do so today, because the king’s son is dead.”
لېكىن يوئاب ئۇنىڭغا: سەن بۈگۈن خەۋەر بەرمەيسەن، بەلكى باشقا بىر كۈنى خەۋەر بېرىسەن؛ پادىشاھنىڭ ئوغلى ئۆلگىنى تۈپەيلىدىن، بۈگۈن خەۋەر بەرمەيسەن، دېدى.
21 So Joab said to a Cushite, “Go, tell the king what you have seen.” The Cushite bowed to Joab and took off running.
شۇنىڭ بىلەن يوئاب كۇشىيغا: بېرىپ پادىشاھقا كۆرگىنىڭنى دەپ بەرگىن، دېدى. كۇشىي يوئابقا تەزىم قىلىپ يۈگۈرۈپ كەتتى.
22 Ahimaaz son of Zadok, however, persisted and said to Joab, “Regardless of whatever may happen, please let me also run behind the Cushite!” “My son,” Joab replied, “why do you want to run, since you will not receive a reward?”
لېكىن زادوكنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز يوئابقا يەنە: قانداقلا بولمىسۇن بۇ كۇشىينىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈشكە ماڭا ئىجازەت بەرگىن، ــ دېدى. يوئاب: ئى ئوغلۇم، ساڭا ھېچقانداق سۆيۈنچى بەرگۈدەك خەۋەر بولمىسا، نېمىشقا يۈگۈرۈشنى خالايسەن؟ ــ دېدى.
23 “No matter what, I want to run!” he replied. “Then run!” Joab told him. So Ahimaaz ran by way of the plain and outran the Cushite.
ئۇ يەنە: قانداقلا بولمىسۇن، مېنى يۈگۈرگۈزگىن، دېدى. يوئاب ئۇنىڭغا: ماڭ، يۈگۈر، دېۋىدى، ئاخىمائاز ئىئوردان دەرياسىدىكى تۈزلەڭلىك بىلەن يۈگۈرۈپ كۇشىيگە يېتىشىپ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كەتتى.
24 Now David was sitting between the two gates when the watchman went up to the roof of the gateway by the wall, looked out, and saw a man running alone.
داۋۇت ئىچكى-تاشقى دەرۋازىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇراتتى. كۆزەتچى دەرۋازىنىڭ ئۆگزىسىدىن سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا بىر ئادەمنىڭ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقىنىنى كۆردى.
25 So he called out and told the king. “If he is alone,” the king replied, “he bears good news.” As the first runner drew near,
كۆزەتچى ۋارقىراپ پادىشاھقا خەۋەر بەردى. پادىشاھ: ئەگەر ئۇ يالغۇز بولسا ئۇنىڭدا چوقۇم خەۋەر بار، دېدى. خەۋەرچى بولسا يېقىنلىشىپ كېلىۋاتاتتى.
26 the watchman saw another man running, and he called out to the gatekeeper, “Look! Another man is running alone!” “This one also brings good news,” said the king.
ئاندىن كۆزەتچى يەنە بىر ئادەمنىڭ يۈگۈرۈپ كەلگىنىنى كۆردى. كۆزەتچى دەرۋازىۋەنگە: مانا يەنە بىر ئادەم يالغۇز يۈگۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ، ــ دېدى. پادىشاھ: بۇمۇ خەۋەرچى ئىكەن، دېدى.
27 The watchman said, “The first man appears to me to be running like Ahimaaz son of Zadok.” “This is a good man,” said the king. “He comes with good news.”
كۆزەتچى: ئاۋۋالقىسىنىڭ يۈگۈرۈشى ماڭا زادوكنىڭ ئوغلى ئاخىمائازنىڭ يۈگۈرشىدەك كۆرۈندى، ــ دېدى. پادىشاھ: ئۇ ياخشى ئادەم، خۇش خەۋەر يەتكۈزىدۇ، ــ دېدى.
28 Then Ahimaaz called out to the king, “All is well!” And he bowed facedown before the king. He continued, “Blessed be the LORD your God! He has delivered up the men who raised their hands against my lord the king.”
ئاخىمائاز پادىشاھقا توۋلاپ: سالام! دەپ پادىشاھقا يۈزىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ: غوجام پادىشاھقا زىيان يەتكۈرۈشكە قوللىرىنى كۆتۈرگەن ئادەملەرنى مەغلۇبىيەتكە مۇپتىلا قىلغان پەرۋەردىگار خۇدالىرى مۇبارەكتۇر! ــ دېدى.
29 The king asked, “Is the young man Absalom all right?” And Ahimaaz replied, “When Joab sent the king’s servant and your servant, I saw a great tumult, but I do not know what it was.”
پادىشاھ: ئابشالوم سالامەتمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئاخىمائاز جاۋاب بېرىپ: يوئاب پادىشاھنىڭ قۇلى ۋە پېقىرلىرىنى ماڭدۇرغاندا، پېقىر كىشىلەرنىڭ چوڭ قالايمىقانچىلىقىنى كۆردۇم، لېكىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمىدىم، ــ دېدى.
30 “Move aside,” said the king, “and stand here.” So he stepped aside.
پادىشاھ: بولدى، بۇياقتا تۇرۇپ تۇرغىن، دېدى. ئۇ بىر تەرەپكە بېرىپ تۇردى.
31 Just then the Cushite came and said, “May my lord the king hear the good news: Today the LORD has avenged you of all who rose up against you!”
ۋە مانا، كۇشىي يېتىپ كەلدى؛ كۇشىي: غوجام پادىشاھ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغايلا. پەرۋەردىگار بۈگۈن ئاسىيلىق قىلىپ قوزغالغان ھەممىسىدىن سىلىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالدى، دېدى.
32 The king asked the Cushite, “Is the young man Absalom all right?” And the Cushite replied, “May what has become of the young man happen to the enemies of my lord the king and to all who rise up against you to harm you.”
پادىشاھ كۇشىيغا: يىگىت ئابشالوم سالامەتمۇ؟ دەپ سورىدى. كۇشىيلىق: غوجام پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرى ۋە سىلىنى قەستلەشكە قوزغالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇ يىگىتكە ئوخشاش بولسۇن! ــ دېدى.
33 The king was shaken and went up to the gate chamber and wept. And as he walked, he cried out, “O my son Absalom! My son, my son Absalom! If only I had died instead of you, O Absalom, my son, my son!”
پادىشاھ تولىمۇ ئازابلىنىپ، دەرۋازىنىڭ تۆپىسىدىكى بالىخانىغا يىغلىغان پېتى چىقتى؛ ئۇ ماڭغاچ: ئى ئوغلۇم ئابشالوم! ئى ئوغلۇم، ئوغلۇم ئابشالوم! كاشكى، مەن سېنىڭ ئورنۇڭدا ئۆلسەم بولماسمىدى! ئى ئابشالوم، مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ ئوغلۇم! دېدى.

< 2 Samuel 18 >