< 1 Thessalonians 1 >

1 Paul, Silvanus, and Timothy, To the church of the Thessalonians in God the Father and the Lord Jesus Christ: Grace and peace to you.
مەنكى پاۋلۇس، سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدە بولغان، تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام. سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي!
2 We always thank God for all of you, remembering you in our prayers
بىز دۇئالىرىمىزدا سىلەرنى ياد ئېتىپ تۇرۇپ، خۇداغا سىلەر ئۈچۈن ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىمىز؛
3 and continually recalling before our God and Father your work of faith, your labor of love, and your enduring hope in our Lord Jesus Christ.
خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىدا ئېتىقادىڭلاردىن بولغان ئەمەللىرىڭلارنى، مېھىر-مۇھەببەتتىن چىققان جاپالىق ئەجرىڭلارنى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ئۈمىدتە بولغان چىداملىقىڭلارنى ئىزچىل ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمىز.
4 Brothers who are beloved by God, we know that He has chosen you,
چۈنكى ئەي قېرىنداشلار، خۇدا سۆيگەنلەر، ئۇنىڭ سىلەرنى تاللىغانلىقى بىزگە ئايان.
5 because our gospel came to you not only in word, but also in power, in the Holy Spirit, and with great conviction—just as you know we lived among you for your sake.
چۈنكى خۇش خەۋىرىمىز سىلەرگە يەتكۈزۈلگىنىدە سۆزلەر بىلەنلا ئەمەس، بەلكى كۈچ-قۇدرەت بىلەن، مۇقەددەس روھ بىلەن، مۇتلەق جەزملەشتۈرۈلگەن ھالدا سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىزنىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولغىنىمىزدا سىلەرنى دەپ ئۆزىمىزنى قانداق تۇتقانلىقىمىزنى ئوبدان بىلىسىلەر.
6 And you became imitators of us and of the Lord when you welcomed the message with the joy of the Holy Spirit, in spite of your great suffering.
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە تۇرۇقلۇقمۇ، مۇقەددەس روھنىڭ شادلىقى بىلەن سۆز-كالامنى قوبۇل قىلىپ، بىزنى، شۇنداقلا رەبنىڭ ئۆزىنى ئۈلگە قىلىپ ئەگەشتىڭلار،
7 As a result, you have become an example to all the believers in Macedonia and Achaia.
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ماكېدونىيە ۋە ئاقايا ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق ئېتىقادچىلارغا ئۈلگە بولۇپ چىقتىڭلار؛
8 For not only did the message of the Lord ring out from you to Macedonia and Achaia, but your faith in God has gone out to every place, so that we have no need to say anything more.
چۈنكى رەبنىڭ سۆز-كالامى سىلەردىن پەقەت ماكېدونىيە ۋە ئاقاياغىلا ياڭراپ قالماستىن، بەلكى ھەممە يەرگە خۇداغا باغلانغان ئېتىقادىڭلار توغرۇلۇق ھەممە يەرگە خەۋەر تارقىلىپتۇ؛ نەتىجىدە، بىزنىڭ [شۇ يەرلەردە خۇش خەۋەر توغرۇلۇق] ھېچنېمە دېيىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى.
9 For they themselves report what kind of welcome you gave us, and how you turned to God from idols to serve the living and true God
چۈنكى [بىز بارغانلىكى جايدىكى] كىشىلەر سىلەرنىڭ بىزنى قانداق قارشى ئالغانلىقىڭلارنى، سىلەرنىڭ بۇتلاردىن قانداق ۋاز كېچىپ تىرىك ۋە ھەقىقىي خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ، يەنى ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن، كەلگۈسىدە كېلىدىغان غەزەپتىن بىزنى قۇتقۇزغۇچى ئەيسانىڭ ئەرشتىن كېلىشىنى كۈتۈشكە خۇداغا باققانلىقىڭلارنى بايان قىلىشىدۇ.
10 and to await His Son from heaven, whom He raised from the dead—Jesus our deliverer from the coming wrath.

< 1 Thessalonians 1 >