< 1 Kings 18 >

1 After a long time, in the third year of the drought, the word of the LORD came to Elijah: “Go and present yourself to Ahab, and I will send rain upon the face of the earth.”
ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى [قۇرغاقچىلىقنىڭ] ئۈچىنچى يىلىدا ئىلىياسقا كېلىپ: ــ سەن بېرىپ ئۆزۈڭنى ئاھابنىڭ ئالدىدا ئايان قىلغىن، ۋە مەن يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىمەن، دېيىلدى.
2 So Elijah went to present himself to Ahab. The famine was severe in Samaria,
شۇنىڭ بىلەن ئىلىياس ئۆزىنى ئاھابنىڭ ئالدىدا ئايان قىلغىلى چىقىپ كەتتى. ئاچارچىلىق بولسا سامارىيەدە قاتتىق ئىدى.
3 and Ahab summoned Obadiah, who was in charge of the palace. (Now Obadiah greatly feared the LORD,
ئاھاب ئوردىسىدىكى غوجىدار ئوبادىيانى چاقىردى (ئوبادىيا تولىمۇ تەقۋادار كىشى بولۇپ پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن قورقاتتى.
4 for when Jezebel had slaughtered the prophets of the LORD, Obadiah had taken a hundred prophets and hidden them, fifty men per cave, providing them with food and water.)
يىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ يوقىتىۋاتقاندا ئوبادىيا يۈز پەيغەمبەرنى ئېلىپ ئەللىكتىن-ئەللىكتىن ئايرىم-ئايرىم ئىككى غارغا يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ۋە سۇ بىلەن باققانىدى).
5 Then Ahab said to Obadiah, “Go throughout the land to every spring and every valley. Perhaps we will find grass to keep the horses and mules alive so that we will not have to destroy any livestock.”
ئاھاب ئوبادىياغا: ــ زېمىننى كېزىپ ھەممە بۇلاق ۋە ھەممە جىلغىلارغا بېرىپ باققىن؛ ئۇ يەرلەردە ئات-قېچىرلارنى تىرىك ساقلىغۇدەك ئوت-چۆپ تېپىلارمىكىن؟ شۇنداق بولسا بىزنىڭ ئۇلاغلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىنى سويماي تۇرالارمىز، دېدى.
6 So they divided the land to explore. Ahab went one way by himself, and Obadiah went the other way by himself.
ئۇلار ھەربىرى جايلارغا بۆلۈنۈپ ماڭدى؛ ئاھاب ئۆز ئالدىغا ماڭدى، ئوبادىيامۇ ئۆز ئالدىغا ماڭدى.
7 Now as Obadiah went on his way, Elijah suddenly met him. When Obadiah recognized him, he fell facedown and said, “Is it you, my lord Elijah?”
ئوبادىيا ئۆز يولىدا كېتىپ بارغاندا، مانا، ئۇنىڭغا ئىلىياس ئۇچرىدى. ئۇ ئۇنى تونۇپ يەرگە يىقىلىپ دۈم يېتىپ: بۇ راست سەن، غوجام ئىلىياسمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
8 “It is I,” he answered. “Go tell your master, ‘Elijah is here!’”
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ بۇ مەن. بېرىپ ئۆز غوجاڭغا: ــ ئىلىياس قايتىپ كەلدى! دەپ ئېيتقىن، دېدى.
9 But Obadiah replied, “How have I sinned, that you are handing your servant over to Ahab to put me to death?
ئۇ ئىلىياسقا مۇنداق دېدى: ــ «سەن قانداقسىگە كەمىنەڭنى ئۆلتۈرگىلى ئاھابنىڭ قولىغا تاپشۇرماقچى بولىسەن، مەن زادى نېمە گۇناھ قىلدىم؟
10 As surely as the LORD your God lives, there is no nation or kingdom where my lord has not sent someone to search for you. When they said, ‘He is not here,’ he made that kingdom or nation swear that they had not found you.
ئۆز خۇدايىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، غوجام ئادەم ئەۋەتىپ سېنى ئىزدىمىگەن ھېچ ئەل ۋە مەملىكەت قالمىدى. شۇ ئەل، مەملىكەتلەر: «ئۇ بۇ يەردە يوق» دېسە، پادىشاھ ئۇلارغا سېنى تاپالمىغانغا قەسەم ئىچكۈزدى.
11 And now you say, ‘Go tell your master that Elijah is here!’
لېكىن سەن ماڭا ھازىر: ــ «بېرىپ غوجاڭغا: ــ ئىلىياس قايتىپ كەلدى! دېگىن» ــ دەيسەن!
12 I do not know where the Spirit of the LORD may carry you off when I leave you. Then when I go and tell Ahab and he does not find you, he will kill me. But I, your servant, have feared the LORD from my youth.
مەن قېشىڭدىن كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ روھى سېنى مەن بىلمىگەن يەرگە ئېلىپ بارىدۇ؛ شۇنداقتا مەن ئاھابقا خەۋەر يەتكۈزۈپ، لېكىن ئۇ سېنى تاپالمىسا، مېنى ئۆلتۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كەمىنەڭ ياشلىقىمدىن تارتىپ پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ كەلگەنمەن.
13 Was it not reported to my lord what I did when Jezebel slaughtered the prophets of the LORD? I hid a hundred prophets of the LORD, fifty men per cave, and I provided them with food and water.
يىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرگەندە مېنىڭ قانداق قىلغىنىم، يەنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن يۈزنى ئەللىكتىن-ئەللىكتىن ئايرىم-ئايرىم ئىككى غارغا يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەپ باققانلىقىم سەن غوجامغا مەلۇم قىلىنغان ئەمەسمۇ؟
14 And now you say, ‘Go tell your lord that Elijah is here!’ He will kill me!”
ئەمدى سەن ھازىر ماڭا: ــ «بېرىپ غوجاڭغا: ــ مانا ئىلىياس كەلدى دېگىن»، ــ دېدىڭ. شۇنداق قىلسام ئۇ مېنى ئۆلتۈرىدۇ!».
15 Then Elijah said, “As surely as the LORD of Hosts lives, before whom I stand, I will present myself to Ahab today.”
لېكىن ئىلىياس: ــ مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن جەزمەن بۈگۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئايان بولىمەن، دېدى.
16 So Obadiah went to inform Ahab, who went to meet Elijah.
شۇنىڭ بىلەن ئوبادىيا ئاھابنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا خەۋەر بەردى. ئاھاب ئىلىياس بىلەن كۆرۈشكىلى باردى.
17 When Ahab saw Elijah, he said to him, “Is that you, O troubler of Israel?”
ئاھاب ئىلىياسنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا: ــ بۇ سەنمۇ، ئى ئىسرائىلغا بالا كەلتۈرگۈچى؟! ــ دېدى.
18 “I have not troubled Israel,” Elijah replied, “but you and your father’s house have, for you have forsaken the commandments of the LORD and have followed the Baals.
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئىسرائىلغا بالا كەلتۈرگۈچى مەن ئەمەس، بەلكى سەن بىلەن ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىكىلەر! چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىنى تاشلاپ بائال دېگەن بۇتلارغا تايىنىپ ئەگەشكەنسىلەر.
19 Now summon all Israel to meet me on Mount Carmel, along with the four hundred and fifty prophets of Baal and the four hundred prophets of Asherah who eat at Jezebel’s table.”
ئەمدى ئادەم ئەۋەتىپ كارمەل تېغىدا پۈتكۈل ئىسرائىلنى يېنىمغا جەم قىل، شۇنداقلا يىزەبەلنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنىدىغان بائالنىڭ تۆت يۈز ئەللىك پەيغەمبىرى بىلەن ئاشەراھنىڭ تۆت يۈز پەيغەمبىرىنى يىغدۇر، ــ دېدى.
20 So Ahab summoned all the Israelites and assembled the prophets on Mount Carmel.
شۇنىڭ بىلەن ئاھاب ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە ئادەملەرنى ئەۋەتىپ، پەيغەمبەرلەرنى كارمەل تېغىغا يىغدۇردى.
21 Then Elijah approached all the people and said, “How long will you waver between two opinions? If the LORD is God, follow Him. But if Baal is God, follow him.” But the people did not answer a word.
ئىلىياس بارلىق خەلققە يېقىن كېلىپ: ــ قاچانغىچە ئىككى پىكىر ئارىسىدا ئارىسالدى تۇرىسىلەر؟ ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدا بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار؛ بائال خۇدا بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، دېدى. ئەمما خەلق ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەي، ئۈن-تىن چىقارمىدى.
22 Then Elijah said to the people, “I am the only remaining prophet of the LORD, but Baal has four hundred and fifty prophets.
ئىلىياس خەلققە: ــ پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن پەقەت مەن يالغۇز قالدىم. ئەمما بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرى تۆت يۈز ئەللىك كىشىدۇر.
23 Get two bulls for us. Let the prophets of Baal choose one bull for themselves, cut it into pieces, and place it on the wood but not light the fire. And I will prepare the other bull and place it on the wood but not light the fire.
ئەمدى بىزگە ئىككى بۇقا بېرىلسۇن. ئۇلار ئۆزلىرىگە بىر بۇقىنى تاللاپ، سويۇپ پارچىلاپ ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويسۇن، ئەمما ئوت ياقمىسۇن. مەنمۇ باشقا بىر بۇقىنى تەييار قىلىپ ئوت ياقماي ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قوياي.
24 Then you may call on the name of your god, and I will call on the name of the LORD. The God who answers by fire, He is God.” And all the people answered, “What you say is good.”
سىلەر بولساڭلار، ئۆز ئىلاھلىرىڭلارنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىڭلار. مەن بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىمەن. قايسى خۇدا ئوت بىلەن جاۋاب بەرسە، شۇ خۇدا بولسۇن، دېدى. ھەممە خەلق: ــ بۇ ئوبدان گەپ، دەپ جاۋاب بەردى.
25 Then Elijah said to the prophets of Baal, “Since you are so numerous, choose for yourselves one bull and prepare it first. Then call on the name of your god, but do not light the fire.”
ئىلىياس بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە: سىلەر كۆپ بولغاچ ئاۋۋال ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بىر بۇقىنى تاللاپ تەييار قىلىڭلار؛ ئاندىن ھېچ ئوت ياقماي ئۆز ئىلاھىڭلارنىڭ نامىنى قىچقىرىپ نىدا قىلىڭلار، دېدى.
26 And they took the bull that was given them, prepared it, and called on the name of Baal from morning until noon, shouting, “O Baal, answer us!” But there was no sound, and no one answered as they leaped around the altar they had made.
ئۇلار ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بۇقىنى ئېلىپ ئۇنى تەييار قىلدى. ئەتىگەندىن چۈشكىچە ئۇلار بائالنىڭ نامىنى قىچقىرىپ: ــ ئى بائال، بىزگە جاۋاب بەرگىن! دەپ نىدا قىلدى. لېكىن ھېچ ئاۋاز ياكى ھېچ جاۋاب بولمىدى. ئۇلار راسلانغان قۇربانگاھ چۆرىسىدە توختىماي سەكرەيتتى.
27 At noon Elijah began to taunt them, saying, “Shout louder, for he is a god! Perhaps he is deep in thought, or occupied, or on a journey. Perhaps he is sleeping and must be awakened!”
چۈش كىرگەندە ئىلىياس ئۇلارنى زاڭلىق قىلىپ: ــ ئۈنلۈكرەك قىچقىرىڭلار؛ چۈنكى ئۇ بىر ئىلاھ ئەمەسمۇ؟ بەلكىم ئۇ چوڭقۇر خىيالغا چۆمۈپ كەتكەندۇ، ياكى ئىش بىلەن چىقىپ كەتكەندۇ، ياكى بىر سەپەرگە چىقىپ كەتكەندۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇ ئۇخلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنى ئويغىتىشىڭلار كېرەك؟! ــ دېدى.
28 So they shouted louder and cut themselves with knives and lances, as was their custom, until the blood gushed over them.
ئۇلار تېخىمۇ ئۈنلۈك چاقىرىپ ئۆز قائىدىسى بويىچە قانغا مىلىنىپ كەتكۈچە ئۆزلىرىنى قىلىچ ۋە نەيزە بىلەن تىلاتتى.
29 Midday passed, and they kept on raving until the time of the evening sacrifice. But there was no response; no one answered, no one paid attention.
چۈشتىن كېيىن ئۇلار «بېشارەت بېرىۋاتقان» ھالەتكە چۈشۈپ كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىغىچە شۇ ھالەتتە تۇردى. لېكىن ھېچ ئاۋاز ئاڭلانمىدى، ياكى جاۋاب بەرگۈچى ياكى ئىجابەت قىلغۇچى مەلۇم بولمىدى.
30 Then Elijah said to all the people, “Come near to me.” So all the people approached him, and he repaired the altar of the LORD that had been torn down.
ئىلىياس ھەممە خەلققە: ــ يېنىمغا يېقىن كېلىڭلار، دېدى. ھەممە خەلق ئۇنىڭغا يېقىن كەلگەندىن كېيىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ شۇ يەردىكى يىقىتىلغان قۇربانگاھىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى.
31 And Elijah took twelve stones, one for each tribe of the sons of Jacob, to whom the word of the LORD had come and said, “Israel shall be your name.”
ئىلىياس ئون ئىككى تاشنى ئالدى. بۇ تاشلارنىڭ سانى پەرۋەردىگارنىڭ «نامىڭ ئىسرائىل بولسۇن» دېگەن سۆزىنى تاپشۇرۇۋالغان ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرىدىن چىققان قەبىلىلەرنىڭ سانى بىلەن ئوخشاش ئىدى.
32 And with the stones, Elijah built an altar in the name of the LORD. Then he dug a trench around the altar large enough to hold two seahs of seed.
شۇ تاشلاردىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن بىر قۇربانگاھنى ياسىدى. ئۇ قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىدە ئىككى سېئاھ دان پاتقۇدەك ئازگال كولىدى.
33 Next, he arranged the wood, cut up the bull, placed it on the wood,
ئاندىن ئۇ ئوتۇننى راستلاپ، بۇقىنى پارچىلاپ ئوتۇننىڭ تۆپىسىگە قويدى.
34 and said, “Fill four waterpots and pour the water on the offering and on the wood.” “Do it a second time,” he said, and they did it a second time. “Do it a third time,” he said, and they did it a third time.
ئۇ: ــ تۆت ئىدىشنى سۇغا توشقۇزۇپ ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئوتۇننىڭ ئۈستىگە تۆكۈڭلار، ــ دېدى. ئاندىن: يەنە بىر قېتىم قىلىڭلار» ــ دېۋىدى، ئۇلار شۇنداق قىلدى. ئۇ يەنە: ــ ئۈچىنچى مەرتىۋە شۇنداق قىلىڭلار، دېدى. ئۇلار ئۈچىنچى مەرتىۋە شۇنداق قىلغاندا
35 So the water ran down around the altar and even filled the trench.
سۇ قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىدىن ئېقىپ چۈشۈپ، كولانغان ئازگالنىمۇ سۇ بىلەن تولدۇردى.
36 At the time of the evening sacrifice, Elijah the prophet approached the altar and said, “O LORD, God of Abraham, Isaac, and Israel, let it be known this day that You are God in Israel and that I am Your servant and have done all these things at Your command.
كەچلىك قۇربانلىقنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئىلىياس پەيغەمبەر قۇربانلىققا يېقىن كېلىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئەي پەرۋەردىگار، ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ئۆزۈڭنىڭ ئىسرائىلدا خۇدا بولغىنىڭنى ئاشكارا قىلغايسەن، شۇنداقلا مېنىڭ سېنىڭ قۇلۇڭ بولۇپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇيرۇقۇڭ بىلەن قىلغانلىقىمنى بۈگۈن بىلدۈرگەيسەن.
37 Answer me, O LORD! Answer me, so that this people will know that You, the LORD, are God, and that You have turned their hearts back again.”
ماڭا ئىجابەت قىلغايسەن، ئەي پەرۋەردىگار، ئىجابەت قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن بۇ خەلققە سەن پەرۋەردىگارنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىڭنى ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى توغرا يولغا ياندۇرغۇچى ئۆزۈڭ ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرگەيسەن، دېدى.
38 Then the fire of the LORD fell and consumed the sacrifice, the wood, the stones, and the dust, and it licked up the water in the trench.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئوتى چۈشۈپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى، ئوتۇننى، تاشلارنى ۋە توپىنى كۆيدۈرۈپ ئازگالدىكى سۇنىمۇ يوقىتىۋەتتى.
39 When all the people saw this, they fell facedown and said, “The LORD, He is God! The LORD, He is God!”
خەلقلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى كۆرۈپلا، ئۇلار دۈم يىقىلىپ: ــ پەرۋەردىگار، ئۇ خۇدادۇر، پەرۋەردىگار، ئۇ خۇدادۇر، دېيىشتى.
40 Then Elijah ordered them, “Seize the prophets of Baal! Do not let a single one escape.” So they seized them, and Elijah brought them down to the Kishon Valley and slaughtered them there.
ئىلىياس خەلققە بۇيرۇپ: ــ بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى تۇتۇڭلار، ھېچقايسىنى قويۇپ بەرمەڭلار، ــ دېدى. ئۇلار ئۇلارنى تۇتقاندا ئىلىياس ئۇلارنى كىشۇن جىلغىسىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە قەتل قىلدۇردى.
41 And Elijah said to Ahab, “Go up, eat and drink, for there is the sound of a heavy rain.”
ئىلىياس ئاھابقا بولسا: ــ چىقىپ يەپ-ئىچكىن. چۈنكى قاتتىق يامغۇرنىڭ شالدىرلىغان ئاۋازى ئاڭلانماقتا، ــ دېدى.
42 So Ahab went up to eat and drink. But Elijah climbed to the summit of Carmel, bent down on the ground, and put his face between his knees.
ئاھاب قوپۇپ يەپ-ئىچىش ئۈچۈن چىقتى. ئەمما ئىلىياس كارمەلنىڭ چوققىسىغا چىقىپ يەرگە ئېڭىشىپ، بېشىنى تىزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ تىزلىنىپ
43 “Go and look toward the sea,” he said to his servant. So the servant went and looked, and he said, “There is nothing there.” Seven times Elijah said, “Go back.”
خىزمەتكارىغا: ــ چىقىپ دېڭىز تەرەپكە قارىغىن، دېدى. ئۇ چىقىپ سەپسېلىپ قاراپ: ــ ھېچنەرسە كۆرۈنمەيدۇ، دېدى. ئۇ جەمئىي يەتتە قېتىم: ــ بېرىپ قاراپ باققىن، دەپ بۇيرۇدى.
44 On the seventh time the servant reported, “There is a cloud as small as a man’s hand rising from the sea.” And Elijah replied, “Go and tell Ahab, ‘Prepare your chariot and go down before the rain stops you.’”
يەتتىنچى قېتىم كەلگەندە ئۇ: ــ مانا، دېڭىزدىن چىقىۋاتقان، ئادەم ئالىقىنىدەك كىچىك بىر بۇلۇتنى كۆردۇم ــ دېدى. ئىلىياس ئۇنىڭغا: ــ چىقىپ ئاھابقا: ــ «ھارۋىنى قېتىپ تۆۋەنگە چۈشكىن، بولمىسا يامغۇر سېنى توسۇۋالىدۇ»، دەپ ئېيتقىن، ــ دېدى.
45 Meanwhile, the sky grew dark with clouds and wind, and a heavy rain began to fall. So Ahab rode away and went to Jezreel.
ئاڭغۇچە ئاسمان بۇلۇت بىلەن تۇتۇلۇپ، بوران چىقىپ قاتتىق بىر يامغۇر ياغدى. ئاھاب ھارۋىغا چىقىپ يىزرەئەلگە كەتتى.
46 And the hand of the LORD came upon Elijah, and he tucked his cloak into his belt and ran ahead of Ahab all the way to Jezreel.
پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئىلىياسنىڭ ۋۇجۇدىدا تۇرغاچ، ئۇ بېلىنى باغلاپ ئاھابنىڭ ئالدىدا يىزرەئەلنىڭ كىرىش ئېغىزىغىچە يۈگۈرۈپ ماڭدى.

< 1 Kings 18 >