< 1 Chronicles 29 >

1 Then King David said to the whole assembly, “My son Solomon, the one whom God has chosen, is young and inexperienced. The task is great because this palace is not for man, but for the LORD God.
داۋۇت پۈتكۈل جامائەتكە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «خۇدا ئۆزى تاللىغان ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش، بىر يۇمران كۆچەت، خالاس، بۇ قۇرۇلۇش بولسا تولىمۇ چوڭ؛ چۈنكى بۇ مۇقەددەس ئوردا ئىنسان ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدا ئۈچۈن ياسىلىدۇ.
2 Now with all my ability I have made provision for the house of my God—gold for the gold articles, silver for the silver, bronze for the bronze, iron for the iron, and wood for the wood, as well as onyx for the settings, turquoise, stones of various colors, all kinds of precious stones, and slabs of marble—all in abundance.
مەن خۇدايىمنىڭ ئۆيى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈمنى چىقىرىپ، ئالتۇن بىلەن ياسىلىدىغانلىرىغا ئالتۇن، كۈمۈش بىلەن ياسىلىدىغانلىرىغا كۈمۈش، مىس بىلەن ياسىلىدىغانلىرىغا مىس، تۆمۈر بىلەن ياسىلىدىغانلىرىغا تۆمۈر، ياغاچ بىلەن ياسىلىدىغانلىرىغا ياغاچ تەييارلاپ قويدۇم؛ يەنە ئاق ھېقىق، كۆزلۈك ياقۇت، رەڭلىك تاش ۋە ھەرخىل ئېسىل تاشلارنى، يەنە ناھايىتى كۆپ مەرمەرنى يىغىپ قويدۇم.
3 Moreover, because of my delight in the house of my God, I now give for it my personal treasures of gold and silver, over and above all that I have provided for this holy temple:
مەن خۇدايىمنىڭ ئۆيىدىن سۆيۈنىدىغانلىقىم ئۈچۈن خۇدايىمنىڭ ئۆيىنى سېلىشقا تەييارلىغان بارلىق نەرسىلەردىن باشقا، ئۆزۈمنىڭ تەئەللۇقاتىدىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى خۇدايىمنىڭ ئۆيىگە ئاتىدىم؛
4 three thousand talents of gold (the gold of Ophir) and seven thousand talents of refined silver, to overlay the walls of the buildings,
يەنى ئۆينىڭ تاملىرىنى قاپلاش ئۈچۈن ئوفىر ئالتۇنىدىن ئۈچ مىڭ تالانت، ساپ كۈمۈشتىن يەتتە مىڭ تالانت تەقدىم قىلدىم؛
5 for the gold work and the silver work, and for all the work to be done by the craftsmen. Now who will volunteer to consecrate himself to the LORD today?”
ئالتۇندىن ياسىلىدىغانلىرىغا ئالتۇن، كۈمۈشتىن ياسىلىدىغانلىرىغا كۈمۈش ۋە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ قولى بىلەن ھەرخىل ياسىلىدىغانلىرىغا كېرەك بولغىنىنى تەقدىم قىلدىم. بۈگۈن يەنە كىملەرنىڭ پەرۋەردىگارغا بىرنېمە ئاتىغۇسى بار؟».
6 Then the leaders of the households, the officers of the tribes of Israel, the commanders of thousands and of hundreds, and the officials in charge of the king’s work gave willingly.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى ھەرقايسى جەمەت باشلىرى، قەبىلە باشلىقلىرى، مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە پادىشاھنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان غوجىدارلارمۇ بېغىشلاشقا كىرىشتى.
7 Toward the service of God’s house they gave 5,000 talents and 10,000 darics of gold, 10,000 talents of silver, 18,000 talents of bronze, and 100,000 talents of iron.
ئۇلار خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ئىبادەت خىزمەتلىرى ئۈچۈن بەش مىڭ تالانت ئالتۇن ۋە ئون مىڭ دارىك ئالتۇن، ئون مىڭ تالانت كۈمۈش، ئون سەككىز مىڭ تالانت مىس ۋە بىر يۈز مىڭ تالانت تۆمۈر تەقدىم قىلدى.
8 Whoever had precious stones gave them to the treasury of the house of the LORD, under the care of Jehiel the Gershonite.
ياقۇتى بارلار ياقۇتنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىسىگە، يەنى گەرشونىي يەھىيەلنىڭ قولىغا تاپشۇردى.
9 And the people rejoiced at the willing response of their leaders, for they had given to the LORD freely and wholeheartedly. And King David also rejoiced greatly.
خالايىق كىشىلەرنىڭ مۇنداق ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەقدىم قىلغانلىقلىرىدىن خۇشال بولۇپ كېتىشتى؛ چۈنكى ئۇلار چىن قەلبىدىن پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلىشقانىدى. داۋۇتمۇ ئالامەت خۇش بولدى.
10 Then David blessed the LORD in the sight of all the assembly and said: “May You be blessed, O LORD, God of our father Israel, from everlasting to everlasting.
شۇڭا داۋۇت پۈتكۈل جامائەت ئالدىدا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئاھ پەرۋەردىگار، بوۋىمىز ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە ھەمدۇساناغا لايىقسەن.
11 Yours, O LORD, is the greatness and the power and the glory and the splendor and the majesty, for everything in heaven and on earth belongs to You. Yours, O LORD, is the kingdom, and You are exalted as head over all.
ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلۇق، كۈچ-قۇدرەت، شان-شەرەپ، شانۇ-شەۋكەت ۋە ھەيۋەت ساڭا مەنسۇپتۇر؛ ئاسماندىكى ۋە يەردىكى بار-يوقى سېنىڭكىدۇر؛ ئى پەرۋەردىگار، پادىشاھلىق سېنىڭكىدۇر، ھەممىدىن ئۈستۈن بولغان ئىدارە قىلغۇچىسەن.
12 Both riches and honor come from You, and You are the ruler over all. In Your hands are power and might to exalt and give strength to all.
دۆلەت بىلەن ئىززەت سېنىڭدىنلا كېلىدۇ، سەن ھەممىگە ھۆكۈمدارسەن. كۈچ بىلەن قۇدرەت سېنىڭ قولۇڭدا؛ ھەركىمنى ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك قىلىش پەقەت قولۇڭدىندۇر.
13 Now therefore, our God, we give You thanks, and we praise Your glorious name.
ئەمدى، ئاھ خۇدايىمىز، بىز ساڭا تەشەككۈر ئوقۇيمىز، شان-شەرەپلىك نامىڭغا مەدھىيە ئوقۇيمىز!
14 But who am I, and who are my people, that we should be able to give as generously as this? For everything comes from You, and from Your own hand we have given to You.
مانا مۇشۇنداق ئۆزلۈكۈمىزدىن تەقدىم قىلالايدىغان بولغان مەن كىم ئىدىم، خەلقىم نېمە ئىدى؟ چۈنكى بارلىق نەرسە سەندىن كېلىدۇ، بىز پەقەت ئۆز قولۇڭدىن كەلگىنىدىن ئۆزۈڭگە قايتۇردۇق، خالاس!
15 For we are foreigners and strangers in Your presence, as were all our forefathers. Our days on earth are like a shadow, without hope.
بىز سېنىڭ ئالدىڭدا ياقا يۇرتلۇقلار، بارلىق ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش مۇساپىرمىز، خالاس؛ يەر يۈزىدىكى كۈنلىرىمىز گويا بىر سايە، ئۈمىدسىز ئۆتكۈزۈلىدۇ.
16 O LORD our God, from Your hand comes all this abundance that we have provided to build You a house for Your holy Name, and all of it belongs to You.
ئى خۇدايىمىز پەرۋەردىگار، بىز سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ ئۆي سېلىشقا تەييارلاپ يىغقان بۇ بايلىق-دۇنيانىڭ ھەممىسى سېنىڭ قولۇڭدىن كەلگەن، ئەسلى سېنىڭكىدۇر.
17 I know, my God, that You test the heart and delight in uprightness. All these things I have given willingly and with an upright heart, and now I have seen Your people who are present here giving joyfully and willingly to You.
ئى خۇدايىم، شۇنى بىلىمەنكى، سەن ئىنساننىڭ قەلبىنى سىناپ، دۇرۇسلۇقتىن خۇرسەن بولىسەن؛ مەن بولسام دۇرۇس قەلبىمدىن بۇلارنى ئىختىيارەن تەقدىم قىلدىم؛ ۋە بۇ يەردە ھازىر تۇرغان خەلقىڭنىڭمۇ ساڭا تەقدىم قىلغىنىنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن كۆردۈم.
18 O LORD, God of our fathers Abraham, Isaac, and Israel, keep this desire forever in the intentions of the hearts of Your people, and direct their hearts toward You.
ئى پەرۋەردىگار، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ئۆز خەلقىڭنىڭ كۆڭلىدىكى بۇنداق ئوي-نىيەتنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلغايسەن، كۆڭلىنى ئۆزۈڭگە تارتقۇزغايسەن!
19 And give my son Solomon a whole heart to keep and carry out all Your commandments, decrees, and statutes, and to build Your palace for which I have made provision.”
ئوغلۇم سۇلايمانغا سېنىڭ ئەمرلىرىڭ، ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ ۋە بەلگىلىمىلىرىڭنى تۇتۇپ، ھەممىنى ئادا قىلىپ، مەن ھازىرلاپ قويغانلىرىمنى ئىشلىتىپ ئوردىنى ياساشقا دۇرۇس بىر قەلب بەرگەيسەن».
20 Then David said to the whole assembly, “Blessed be the LORD your God.” So the whole assembly blessed the LORD, the God of their fathers. They bowed down and paid homage to the LORD and to the king.
داۋۇت پۈتۈن جامائەتكە: «سىلەر خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇپ مەدھىيىلەڭلار!» دېۋىدى، پۈتۈن جامائەت ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇپ سەجدە قىلدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگار ھەم پادىشاھ ئالدىدا باش ئۇردى.
21 The next day they offered sacrifices and presented burnt offerings to the LORD: a thousand bulls, a thousand rams, and a thousand lambs, along with their drink offerings, and other sacrifices in abundance for all Israel.
ئەتىسى ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىقلار ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى كەلتۈردى؛ شۇ كۈنى ئۇلار مىڭ بۇقا، مىڭ قوچقار، مىڭ قوزىنى شاراب ھەدىيەلىرى بىلەن قوشۇپ تەقدىم قىلدى، شۇنداقلا يەنە پۈتۈن ئىسرائىل ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى تەقدىم قىلدى.
22 That day they ate and drank with great joy in the presence of the LORD. Then, for a second time, they designated David’s son Solomon as king, anointing him before the LORD as ruler, and Zadok as the priest.
ئۇلار شۇ كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئالامەت خۇشال بولۇپ غىزالاندى. ئۇلار داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننى ئىككىنچى قېتىم پادىشاھ تىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى؛ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا شاھ بولۇشقا، زادوكنى كاھىن بولۇشقا مەسىھ قىلدى.
23 So Solomon sat on the throne of the LORD as king in place of his father David. He prospered, and all Israel obeyed him.
شۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان پەرۋەردىگارغا تەۋە تەختكە ئولتۇرۇپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى ۋە ئىنتايىن راۋاج تاپتى؛ پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى.
24 All the officials and mighty men, as well as all of King David’s sons, pledged their allegiance to King Solomon.
بارلىق ئەمەلدارلار، پالۋانلار ۋە شۇنداقلا پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى سۇلايمانغا بېقىنىپ بويسۇندى.
25 The LORD highly exalted Solomon in the sight of all Israel and bestowed on him royal majesty such as had not been bestowed on any king in Israel before him.
پەرۋەردىگار سۇلايماننى ئىسرائىل خەلقى ئالدىدا ناھايىتى ئۇلۇغ قىلدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان شاھانە ھەيۋەت شۇنداق يۇقىرىكى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ھەرقانداق ئىسرائىل پادىشاھلىرىدا ھېچ بولۇپ باققان ئەمەس.
26 David son of Jesse was king over all Israel.
يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلغا شۇنداق پادىشاھ بولغانىدى.
27 The length of David’s reign over Israel was forty years—seven years in Hebron and thirty-three years in Jerusalem.
ئۇنىڭ ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى جەمئىي قىرىق يىل بولدى؛ ئۇ ھېبروندا يەتتە يىل، يېرۇسالېمدا ئوتتۇز ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى.
28 He died at a ripe old age, full of years, riches, and honor, and his son Solomon reigned in his place.
ئۇ ئۇزۇن ئۆمۈر، دۆلەت-بايلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كۆرۈپ، خېلى كۆپ ياشاپ، ئالەمدىن ئۆتتى؛ ئورنىغا ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمان پادىشاھ بولدى.
29 Now the acts of King David, from first to last, are indeed written in the Chronicles of Samuel the Seer, the Chronicles of Nathan the Prophet, and the Chronicles of Gad the Seer,
پادىشاھ داۋۇتنىڭ بارلىق ئىشلىرى، باشتىن ئاخىرىغىچە مانا ئالدىن كۆرگۈچى سامۇئىلنىڭ خاتىرىلىرى، ناتان پەيغەمبەرنىڭ خاتىرىلىرى ۋە ئالدىن كۆرگۈچى گادنىڭ خاتىرىلىرىدە پۈتۈلگەندۇر.
30 together with all the details of his reign, his might, and the circumstances that came upon him and Israel and all the kingdoms of the lands.
ئۇنىڭ سەلتەنىتى، كۆرسەتكەن كۈچ-قۇۋۋىتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ، ئىسرائىل ۋە ھەرقايسى دۆلەت-مەملىكەتلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرمۇ شۇ خاتىرىلەردە پۈتۈلگەندۇر.

< 1 Chronicles 29 >