< 2 Thessalonians 3 >

1 Finally, brethren, pray for us, that the word of the Lord may run and be glorified even as among you;
ئاخىرىدا، ئى قېرىنداشلار، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلاركى، رەبنىڭ سۆزى خۇددى سىلەرگە يەتكەن چاغدىكىگە ئوخشاش، [ھەرقانداق يەردە] تېز تارقالسۇن ۋە شان-شەرەپلىك دەپ ئۇلۇغلانسۇن؛
2 and that we may be delivered from wicked and evil men; for all have not the disposition for faith.
شۇنىڭدەك بىزنىڭ قەبىھ ۋە رەزىل ئادەملەردىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى ھەممىلا ئادەم ئىشەنچ-ئېتىقادلىق بولۇۋەرمەيدۇ.
3 But the Lord is faithful, and he will strengthen you, and keep you from the evil one.
ئەمما رەب ئۆزى ئىشەنچلىكتۇر؛ ئۇ سىلەرنى مۇستەھكەم قىلىدۇ ھەم رەزىل بولغۇچىدىن ساقلايدۇ.
4 And we have confidence in the Lord with respect to you, that you both do, and will continue to do, the things which we command you.
ئەمما رەبدە، سىلەرگە تاپىلىغىنىمىزنى قىلىۋاتىسىلەر، شۇنداقلا داۋاملىق قىلىۋېرىدۇ، دەپ خاتىرجەممىز.
5 And the Lord direct your hearts to the love of God, and to the patience of the Christ.
ئەمدى رەب قەلبىڭلارنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ھەم مەسىھنىڭ سەۋر-چىداملىقىغا چۆمكەشكە يېتەكلىگەي.
6 Now we command you, brethren, in the name of our Lord Jesus Christ, that you withdraw from every brother that walks disorderly, and not according to the tradition which he received from us.
ئەمدى قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا شۇنى تاپىلايمىزكى، بىزدىن ئالغان تەلىملەرگە رىئايە قىلماي، تەرتىپسىز يۈرگەنلەردىن ئۆزۈڭلارنى نېرى تۇتۇڭلار.
7 For you yourselves know how you ought to imitate us: for we did not behave in a disorderly manner among you,
بىزدىن قانداق ئۈلگە ئېلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر؛ چۈنكى بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا تەرتىپسىز يۈرمىگەنىدۇق.
8 nor did we eat any one’s bread for nothing: but worked with labor and toil, night and day, that we might not burden any one of you;
ھېچكىمنىڭ نېنىنى بىكارغا يېمەيتتۇق؛ بەلكى بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈزلەپ تىرىشىپ-تىرمىشىپ جاپالىق ئىشلەيتتۇق.
9 this we did, not because we have not authority, but that we might give ourselves to you as an example, in order that you might imitate us.
بۇنداق قىلىشىمىز، سىلەردىن ياردەم كۈتۈشكە ھەقلىق بولمىغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنى سىلەرگە بىزدىن ياخشى ئۈلگە قالدۇرۇپ، سىلەرنىڭ بىزگە ئەگىشىشىڭلار ئۈچۈن ئىدى.
10 For when we were with you, we gave you this commandment, that if any one will not work, neither let him eat.
چۈنكى بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولغىنىمىزدا سىلەرگە: «بىرسى ئىشلىمەيمەن دېسە، ئۇ يېمىسۇن!» دەپ تاپىلىغانىدۇق.
11 For we hear that some walk about among you in a disorderly manner, doing no work, but being busybodies.
چۈنكى بىز ئاراڭلاردا بەزىلەرنىڭ تەرتىپسىز لاغايلاپ، ھېچ ئىشلىمەي باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرىدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق.
12 Now we command such, and exhort them by our Lord Jesus Christ, that they work with quietness, and eat their own bread.
بىز مۇشۇنداقلارغا رەب ئەيسا مەسىھدە شۇنداق بۇيرۇيمىز ۋە ئۇلاردىن ئۆتۈنۈپ سورايمىزكى، تىنچ ياشاپ، ئەمگىكىڭلار بىلەن ئۆز نېنىڭلارنى تېپىپ يەڭلار.
13 And you, brethren, should not be weary in well-doing.
لېكىن سىلەر، ئى قېرىنداشلار، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن ئېرىنمەڭلار.
14 And if any one obey not our word by this letter, note that man, and do not keep company with him, that he may be ashamed;
ئەمما ئەگەر ئۇشبۇ خېتىمىزدىكى سۆزلەرگە ئىتائەت قىلمايدىغان بىرسى بولسا، ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەڭلار ۋە ئۇنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلماڭلار.
15 and yet do not regard him as an enemy, but admonish him as a brother.
بىراق، ئۇنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرمەي، ئەكسىچە ئۇنىڭغا بىر قېرىنداش سۈپىتىدە نەسىھەت قىلىڭلار.
16 Now the Lord of peace himself give you peace always by all means. The Lord be with you all.
خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان رەب ھەر ۋاقىت ھەر يولدا شەخسەن سىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلغاي. رەب ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي!
17 The salutation of Paul with my own hand, which is the token in every letter: so I write.
مەنكى پاۋلۇس بۇ ئاخىرقى سالىمىمنى ئۆز قولۇم بىلەن يازدىم؛ بۇ، مېنىڭ ھەممە خەتلىرىمنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىسىدۇر. مانا بۇ مېنىڭ ئۆز قەلىمىمدۇر.
18 The grace of our Lord Jesus Christ be with you all. Amen.
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي!

< 2 Thessalonians 3 >