< Numbers 11 >

1 The people were complaining in the ears of the LORD. When the LORD heard it, his anger burned; and the LORD’s fire burned among them, and consumed some of the outskirts of the camp.
ۋە شۇنداق بولدىكى، خەلق غوتۇلدىشاتتى، ئۇلارنىڭ غوتۇلداشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ ئىنتايىن رەزىل ئاڭلاندى؛ ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىدى ۋە ئۇنىڭ غەزىپى قوزغالدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئوت-يالقۇنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇتىشىپ، بارگاھنىڭ چېتىدىكى بەزىلەرنى كۆيدۈرۈشكە باشلىدى.
2 The people cried to Moses; and Moses prayed to the LORD, and the fire abated.
خەلق بۇ چاغدا مۇساغا يالۋۇرىۋىدى، مۇسا پەرۋەردىگاردىن تىلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئوت پەسىيىپ ئۆچتى.
3 The name of that place was called Taberah, because the LORD’s fire burned among them.
پەرۋەردىگارنىڭ ئوتى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇتاشقانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۇ يەرگە «تابەراھ» دەپ ئات قويدى.
4 The mixed multitude that was among them lusted exceedingly; and the children of Israel also wept again, and said, “Who will give us meat to eat?
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شالغۇت كىشىلەرنىڭ نەپسى تاقىلداپ كەتتى، ئىسرائ‍ىللارمۇ يەنە يىغلاشقا باشلىدى: «ئەمدى بىزگە كىم گۆش بېرىدۇ؟
5 We remember the fish, which we ate in Egypt for nothing; the cucumbers, and the melons, and the leeks, and the onions, and the garlic;
ھېلىمۇ ئېسىمىزدىكى، بىز مىسىردىكى چاغلاردا پۇل خەجلىمەي تۇرۇپمۇ بېلىق يېيەلەيتتۇق، يەنە تەرخەمەك، تاۋۇز، پىياز ۋە كۈدە پىياز بىلەن سامساقمۇ بار ئىدى.
6 but now we have lost our appetite. There is nothing at all except this manna to look at.”
مانا بۇ يەردە ھازىر كۆز ئالدىمىزدا ماننادىن باشقا ھېچنېمە يوق، ئەمدى بىزنىڭ جېنىمىزمۇ قۇرۇپ كېتىۋاتىدۇ» دېيىشتى.
7 The manna was like coriander seed, and it looked like bdellium.
ماننا گويا يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىغا، كۆرۈنۈشى گويا كەھرىۋاغا ئوخشايتتى.
8 The people went around, gathered it, and ground it in mills, or beat it in mortars, and boiled it in pots, and made cakes of it. Its taste was like the taste of fresh oil.
كىشىلەر ئۇيان-بۇيان چېپىپ ئۇنى يىغىپ، بەزىدە يارغۇنچاقتا ئېزىپ، بەزىدە ھاۋانچىدا سوقۇپ، يا بەزىدە قازاندا پىشۇرۇپ نان قىلىپ يەيتتى؛ تەمى زەيتۇن مايلىق توقاچلارغا ئوخشايتتى.
9 When the dew fell on the camp in the night, the manna fell on it.
كېچىدە بارگاھقا شەبنەم چۈشكەندە، ماننامۇ شۇنىڭ ئۈستىگە چۈشەتتى.
10 Moses heard the people weeping throughout their families, every man at the door of his tent; and the LORD’s anger burned greatly; and Moses was displeased.
مۇسا خەلقنىڭ ئائىلىمۇ-ئائىلە ھەربىرى ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يىغا-زار قىلىشىۋاتقىنىنى ئاڭلىدى؛ بۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى قاتتىق قوزغالدى، بۇ ئىش مۇسانىڭ نەزىرىدىمۇ يامان كۆرۈندى.
11 Moses said to the LORD, “Why have you treated your servant so badly? Why have not I found favor in your sight, that you lay the burden of all this people on me?
مۇسا پەرۋەردىگارغا: — سەن بۇ بارلىق خەلقنىڭ ئېغىر يۈكىنى ماڭا ئارتىپ قويۇپ، مەن قۇلۇڭنى نېمىشقا بۇنداق قىينايسەن؛ نېمىشقا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ئىلتىپات تاپمايمەن؟
12 Have I conceived all this people? Have I brought them out, that you should tell me, ‘Carry them in your bosom, as a nurse carries a nursing infant, to the land which you swore to their fathers’?
يا مەن بۇ پۈتۈن خەلققە ھامىلىدار بولۇپ، ئۇلارنى تۇغدۇممۇ؟ سەن تېخى ماڭا: «سەن ئۇلارنى مەن قەسەم ئىچىپ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا مىراس قىلغان شۇ يەرگە يەتكۈزگۈچە، خۇددى باققان ئاتىسى ئەمچەكتىكى بوۋاقنى باغرىغا ئالغاندەك باغرىڭغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭ» دەۋاتىسەن؟
13 Where could I get meat to give all these people? For they weep before me, saying, ‘Give us meat, that we may eat.’
مەن بۇ خەلققە نەدىن گۆش تېپىپ بېرەلەيمەن؟ چۈنكى ئۇلار ماڭا يىغلاپ: «سەن بىزگە يېگۈدەك گۆش تېپىپ بەر!» دېيىشمەكتە.
14 I am not able to bear all this people alone, because it is too heavy for me.
مەن بۇ خەلقنى كۆتۈرۈشنى يالغۇز ئۈستۈمگە ئېلىپ كېتەلمەيدىكەنمەن، بۇ ئىش ماڭا بەك ئېغىر كېلىۋاتىدۇ.
15 If you treat me this way, please kill me right now, if I have found favor in your sight; and do not let me see my wretchedness.”
ئەگەر سەن ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلماقچى بولساڭ، مەن ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇ خاراب ھالىتىمنى ماڭا كۆرسەتمەي، ئىلتىپات قىلىپ مېنى ئۆلتۈرۈۋەت! — دېدى.
16 The LORD said to Moses, “Gather to me seventy men of the elders of Israel, whom you know to be the elders of the people and officers over them; and bring them to the Tent of Meeting, that they may stand there with you.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ئىچىدىن، سەن يېنىمغا تونۇيدىغان خەلق ئاقساقاللىرى ۋە بەگلەردىن يەتمىشنى تاللاپ يىغقىن، ئۇلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكەل. ئۇلار سېنىڭ بىلەن بىللە شۇ يەردە تۇرسۇن.
17 I will come down and talk with you there. I will take of the Spirit which is on you, and will put it on them; and they shall bear the burden of the people with you, that you do not bear it yourself alone.
مەن شۇ يەرگە چۈشۈپ سېنىڭ بىلەن سۆزلىشىمەن؛ ۋە سېنىڭ ئۈستۈڭدە تۇرۇۋاتقان روھنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگىمۇ بۆلۈپ قويىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سەن بىلەن بىللە خەلقنى كۆتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئاندىن سەن ئۇنى ئۆزۈڭ يالغۇز كۆتۈرمەيدىغان بولىسەن.
18 “Say to the people, ‘Sanctify yourselves in preparation for tomorrow, and you will eat meat; for you have wept in the ears of the LORD, saying, “Who will give us meat to eat? For it was well with us in Egypt.” Therefore the LORD will give you meat, and you will eat.
سەن خەلققە مۇنداق دېگىن: «ئەتە گۆش يىيىشكە تەييارلىنىپ ئۆزەڭلەرنى [خۇداغا] ئاتاپ پاكلاڭلار؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىنى ئاغرىتىپ يىغلاپ: «ئەمدى كىم بىزگە گۆش بېرىدۇ؟ ئاھ، مىسىردىكى ھالىمىز بەك ياخشى ئىدى!» دېگەنىدىڭلار ئەمەسمۇ؟ پەرۋەردىگار دەرۋەقە سىلەرگە گۆش بېرىدۇ، سىلەر ئۇنىڭدىن يەيسىلەر.
19 You will not eat just one day, or two days, or five days, or ten days, or twenty days,
سىلەر بىر كۈن، ئىككى كۈن ئەمەس، بەش كۈن، ئون كۈن ئەمەس، يىگىرمە كۈنمۇ ئەمەس،
20 but a whole month, until it comes out at your nostrils, and it is loathsome to you; because you have rejected the LORD who is among you, and have wept before him, saying, “Why did we come out of Egypt?”’”
بەلكى پۈتۈن بىر ئاي يەيسىلەر، تاكى بۇرنىڭلاردىن ئېتىلىپ چىقىپ ھۆ بولغۇچە يەيسىلەر؛ چۈنكى سىلەر ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنى مەنسىتمەي، ئۇنىڭ ئالدىدا يىغلاپ تۇرۇپ: «بىز نېمە ئۈچۈن مىسىردىن چىقتۇق؟» — دېدىڭلار».
21 Moses said, “The people, among whom I am, are six hundred thousand men on foot; and you have said, ‘I will give them meat, that they may eat a whole month.’
مۇسا: — مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان بۇ خەلقتىن يولغا چىقالايدىغان ئەركەكلەر ئالتە يۈز مىڭ تۇرسا، سەن تېخى: «مەن ئۇلارنى گۆش يەيدىغان، ھەتتا پۈتۈن بىر ئاي گۆش يەيدىغان قىلىمەن» دەيسەن؛
22 Shall flocks and herds be slaughtered for them, to be sufficient for them? Shall all the fish of the sea be gathered together for them, to be sufficient for them?”
ئەمىسە قوي، كالا پادىلىرىنىڭ ھەممىسى سويۇلسا ئۇلارغا يېتەمدۇ؟ ياكى دېڭىزدىكى ھەممە بېلىق ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ يىيىشىگە يىتەرمۇ؟ — دېدى.
23 The LORD said to Moses, “Has the LORD’s hand grown short? Now you will see whether my word will happen to you or not.”
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: — پەرۋەردىگارنىڭ قولى قىسقا بولۇپ قاپتىمۇ؟ ئەمدى كۆرۈپ باققىنە، مېنىڭ ساڭا دېگەن سۆزۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلامدۇ-يوق؟ — دېدى.
24 Moses went out, and told the people the LORD’s words; and he gathered seventy men of the elders of the people, and set them around the Tent.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى خەلققە يەتكۈزدى ۋە خەلق ئىچىدىكى ئاقساقاللاردىن يەتمىش ئادەمنى تاللاپ يىغىپ ئۇلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئەتراپىدا تۇرغۇزدى.
25 The LORD came down in the cloud, and spoke to him, and took of the Spirit that was on him, and put it on the seventy elders. When the Spirit rested on them, they prophesied, but they did so no more.
ئاندىن پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدىن چۈشۈپ، مۇسا بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنىڭدىكى روھتىن ئېلىپ يەتمىش ئاقساقالغا قويدى؛ روھ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قونۇشى بىلەن ئۇلار بېشارەت بېرىشكە كىرىشتى. لېكىن شۇ ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى.
26 But two men remained in the camp. The name of one was Eldad, and the name of the other Medad; and the Spirit rested on them. They were of those who were written, but had not gone out to the Tent; and they prophesied in the camp.
لېكىن ئۇ چاغدا ئۇلاردىن ئىككى ئادەم بارگاھتا قالدى؛ بىرسىنىڭ ئىسمى ئەلداد، ئىككىنچىسى مېداد ئىدى ‹ئۇلار ئەسلىدە ئاقساقاللارنىڭ ئارىسىدا تىزىملانغانىدى، لېكىن ئىبادەت چېدىرىغا چىقماي قالغانىدى›. روھ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىمۇ قوندى ۋە ئۇلار بارگاھ ئىچىدە بېشارەت بېرىشكە باشلىدى.
27 A young man ran, and told Moses, and said, “Eldad and Medad are prophesying in the camp!”
ياش بىر يىگىت يۈگۈرۈپ كېلىپ مۇساغا: — ئەلداد بىلەن مېداد بارگاھتا بېشارەت بېرىۋاتىدۇ، — دېدى.
28 Joshua the son of Nun, the servant of Moses, one of his chosen men, answered, “My lord Moses, forbid them!”
مۇسانىڭ خىزمەتكارى، مۇسا تاللىغان سەرخىل يىگىتلىرىدىن بىرى، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا قوپۇپ: — ئى خوجام مۇسا، ئۇلارنى توسۇغايلا، — دېدى.
29 Moses said to him, “Are you jealous for my sake? I wish that all the LORD’s people were prophets, that the LORD would put his Spirit on them!”
لېكىن مۇسا ئۇنىڭغا: — سەن مېنىڭ سەۋەبىمدىن ھەسەت قىلىۋاتامسەن؟ پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن خەلقى پەيغەمبەر بولۇپ كەتسە ئىدى، پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ روھىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويسا ئىدى! — دېدى.
30 Moses went into the camp, he and the elders of Israel.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى بارگاھقا قايتىپ كېتىشتى.
31 A wind from the LORD went out and brought quails from the sea, and let them fall by the camp, about a day’s journey on this side, and a day’s journey on the other side, around the camp, and about two cubits above the surface of the earth.
ئەمدى پەرۋەردىگار ئالدىدىن بىر شامال چىقىپ، ئۇ دېڭىز تەرەپتىن بۆدۈنىلەرنى ئۇچۇرتۇپ كېلىپ، بارگاھنىڭ ئەتراپىغا يېيىۋەتتى؛ بۆدۈنىلەر بارگاھنىڭ ئۇ تەرىپىدىمۇ بىر كۈنلۈك يول، بۇ تەرىپىدىمۇ بىر كۈنلۈك يول كەلگۈدەك يەر يۈزىنى ئىككى گەز ئېگىزلىكتە كەلگۈدەك قاپلىدى.
32 The people rose up all that day, and all of that night, and all the next day, and gathered the quails. He who gathered least gathered ten homers; and they spread them all out for themselves around the camp.
خەلق ئورنىدىن تۇرۇپ پۈتكۈل شۇ كۈنى، شۇ كېچىسى ۋە ئەتىسى پۈتۈن كۈن بۆدۈنە تۇتۇپ يىغدى، ئەڭ ئاز دېگەنلىرىمۇ ئالاھازەل ئىككى خومىر يىغدى؛ ئۇلار بۇلارنى بارگاھنىڭ تۆت ئەتراپىغا ئۆزلىرى ئۈچۈن يېيىشتى.
33 While the meat was still between their teeth, before it was chewed, the LORD’s anger burned against the people, and the LORD struck the people with a very great plague.
ئۇلار گۆشنى چايناپ ئېزىپ بولماي، گۆش تېخى چىشلىرى ئارىسىدا تۇرغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۇلارغا قوزغىلىپ، خەلقنى ئىنتايىن ئېغىر بىر ۋابا بىلەن ئۇردى.
34 The name of that place was called Kibroth Hattaavah, because there they buried the people who lusted.
شۇڭا كىشىلەر شۇ يەرنى «قىبروت-ھاتتاۋاھ» دەپ ئاتىدى؛ چۈنكى ئۇلار شۇ يەردە نەپسى تاقىلدىغان كىشىلەرنى يەرلىككە قويغانىدى.
35 From Kibroth Hattaavah the people traveled to Hazeroth; and they stayed at Hazeroth.
كېيىن خەلق قىبروت-ھاتتاۋاھتىن يولغا چىقىپ ھازىروتقا كېلىپ، ھازىروتتا توختىدى.

< Numbers 11 >