شۇنداق بولدىكى، ھەزەكىيا بۇنى ئاڭلىغاندا، كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتىپ، ئۆزىنى بۆز بىلەن قاپلاپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى. |
ئۇ ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردا دىۋانبېگى شەبنا ۋە كاھىنلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى بۆز يېپىنچاقلىغان پېتى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرگە ئەۋەتتى. |
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ «ھەزەكىيا مۇنداق دەيدۇ: ــ «بالىلار تۇغۇلاي دەپ قالغاندا ئانىنىڭ تۇغقۇدەك ھالى قالمىغاندەك، مۇشۇ كۈن كۈلپەت چۈشىدىغان، رەسۋا ۋە مازاق قىلىنىدىغان بىر كۈندۇر. |
ئۆز خوجىسى بولغان ئاسۇرىيە پادىشاھى تىرىك خۇدانى مازاق قىلىشقا ئەۋەتكەن راب-شاكەھنىڭ گەپلىرىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ نەزىرىگە ئېلىپ تىڭشىسا، بۇلارنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ گەپلەر ئۈچۈن ئۇنىڭ دەككىسىنى بېرەرمىكىن؟ شۇڭا قېپ قالغان قالدىلار ئۈچۈن ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، بىر دۇئايىڭنى بەرسەڭ»» ــ دېدى. |
شۇ گەپلەر بىلەن ھەزەكىيانىڭ خىزمەتكارلىرى يەشايانىڭ ئالدىغا كەلدى. |
يەشايا ئۇلارغا: ــ «خوجايىنىڭلارغا: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ «ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ چاپارمەنلىرىنىڭ سەن ئاڭلىغان ئاشۇ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغۇچى گەپلىرىدىن قورقما؛ |
مانا، مەن ئۇنىڭغا بىر روھنى كىرگۈزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىغۋانى ئاڭلاپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. ئۇ ئۆز زېمىنىدا تۇرغاندا ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزىمەن» ــ دەڭلار» ــ دېدى. |
راب-شاكەھ كەلگەن يولى بىلەن قايتىپ ماڭغاندا، ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ لاقىش شەھىرىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئاسۇرىيە پادىشاھى لىبناھ شەھىرىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقانىدى. |
ئاندىن پادىشاھ: «ئېفىئوپىيە پادىشاھى تىرھاكاھ سىزگە قارشى جەڭ قىلماقچى بولۇپ يولغا چىقتى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىدى. شۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا ئۇ يەنە ھەزەكىياغا ئەلچىلەرنى مۇنداق خەت بىلەن ئەۋەتتى: ــ |
«سىلەر يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىياغا مۇنداق دەڭلار: ــ «سەن تايىنىدىغان خۇدايىڭنىڭ ساڭا: «يېرۇسالېم ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلمايدۇ» دېگىنىگە ئالدانما؛ |
مانا، سەن ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ ھەممە ئەل-يۇرتلارنى نېمە قىلغانلىرىنى، ئۇلارنى ئىلاھ-بۇتلىرىغا ئاتاپ ھالاك قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانسەن؛ ئەمدى ئۆزۈڭ قانداقمۇ قۇتقۇزۇلىسەن؟ |
ئاتا-بوۋىلىرىم ھالاك قىلغان ئەللەرنى بولسا، ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قۇتقۇزغانمۇ؟ گوزان، ھاران، رەزەف شەھىرىدىكىلەرنىچۇ؟ تېلاسساردا تۇرغان ئېدەنلەرنىچۇ؟ |
خامات پادىشاھى، ئارپاد پادىشاھى، سەفارۋائىم، خېنا ھەم ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرى قېنى؟»». |
ھەزەكىيا خەتنى ئەكەلگۈچىلەرنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئوقۇپ چىقتى. ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خەتنى يېيىپ قويدى. |
ھەزەكىيا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ |
«ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى: ــ سەن ئۆزۈڭدۇرسەن، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۈستىدىكى خۇدا پەقەت ئۆزۈڭدۇرسەن؛ ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىسەن. |
ئى پەرۋەردىگار، قۇلىقىڭنى تۆۋەن قىلىپ ئاڭلىغايسەن؛ كۆزۈڭنى ئاچقايسەن، ئى پەرۋەردىگار، كۆرگەيسەن؛ سەنناخېرىبنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ مەڭگۈ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئېيتقان ھەممە گەپلىرىنى ئاڭلىغايسەن! |
ئى پەرۋەردىگار، ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى ھەقىقەتەن ھەممە يۇرتلارنى ۋە شۇلارغا بېقىندى بولغان يۇرتلارنىمۇ خارابە قىلىپ، |
ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنى ئوتقا تاشلىۋەتكەن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئىلاھ ئەمەس، بەلكى ئىنسان قولى بىلەن ياسالغانلار، ياغاچ ۋە تاش، خالاس؛ شۇڭا ئاسۇرىيەلىكلەر ئۇلارنى ھالاك قىلدى. |
ئەمدى، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارغا سېنىڭ، پەقەت سېنىڭلا پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن!». |
شۇنىڭ بىلەن ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا ھەزەكىياغا سۆز ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: ــ ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سەن ماڭا سەنناخېرىب توغرۇلۇق دۇئا قىلىشىڭ بىلەن، |
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا دېگەن سۆزى شۇدۇركى: ــ «پاك قىز، يەنى زىئوننىڭ قىزى سېنى كەمسىتىدۇ، سېنى مازاق قىلىپ كۈلىدۇ؛ يېرۇسالېمنىڭ قىزى كەينىڭگە قاراپ بېشىنى چايقايدۇ؛ |
سەن كىمنى مازاق قىلىپ كۇپۇرلۇق قىلدىڭ؟ سەن كىمگە قارشى ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، نەزىرىڭنى ئۈستۈن قىلدىڭ؟ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارشى! |
قۇللىرىڭ ئارقىلىق سەن رەبنى مازاق قىلىپ: ــ «مەن نۇرغۇنلىغان جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن تاغ چوققىلىرىغا، لىۋان تاغ باغىرلىرىغا يېتىپ كەلدىمكى، ئۇنىڭ ئېگىز كېدىر دەرەخلىرىنى، ئېسىل قارىغايلىرىنى كېسىۋېتىمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېگىزلىكىگە يامىشىپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئەڭ بۈك-باراقسان ئورمانزارلىقىغا كىرىپ يېتىمەن. |
ئۆزۈم قۇدۇق كولاپ سۇ ئىچتىم؛ پۇتۇمنىڭ ئۇچىدىلا مەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريا-ئۆستەڭلىرىنى قۇرۇتۇۋەتتىم ــ دېدىڭ. |
ــ سەن شۇنى ئاڭلاپ باقمىغانمىدىڭ؟ ئۇزۇندىن بۇيان مەن شۇنى بېكىتكەنمەنكى، قەدىمدىن تارتىپ شەكىللەندۈرگەنمەنكى، ھازىر ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردۇمكى، مانا، سەن قەلئە-قورغانلىق شەھەرلەرنى خارابىلەرگە ئايلاندۇردۇڭ؛ |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلار كۈچسىزلىنىپ، يەرگە قارىتىپ قويۇلدى، شەرمەندە قىلىندى؛ ئۇلار ئېتىزدىكى ئوتتەك، يۇمران كۆك چۆپلەردەك، ئۆگزىدىكى ئوت-چۆپلەر ئۆسمەي قۇرۇپ كەتكەندەك بولدى. |
بىراق سېنىڭ ئولتۇرغىنىڭنى، ئورنۇڭدىن تۇرغىنىڭنى، چىقىپ-كىرگىنىڭنى ۋە ماڭا قارشى غالجىرلىشىپ كەتكىنىڭنى بىلىمەن؛ |
ماڭا قارشى غالجىرلىشىپ كەتكەنلىكىڭنىڭ، ھاكاۋۇرلىشىپ كەتكەنلىكىڭنىڭ قۇلىقىمغا يەتكىنى تۈپەيلىدىن، مەن قارمىقىمنى بۇرنىڭدىن ئۆتكۈزىمەن، يۈگىنىمنى ئاغزىڭغا سالىمەن، ئۆزۈڭ كەلگەن يول بىلەن سېنى قايتۇرىمەن. |
ئى [ھەزەكىيا]، شۇ ئىش ساڭا ئالامەت بېشارەت بولىدۇكى، ــ مۇشۇ يىلى ئۆزلۈكىدىن ئۆسكەن، ئىككىنچى يىلى شۇلاردىن چىققانلارمۇ رىزقىڭلار بولىدۇ؛ ئۈچىنچى يىلى بولسا تېرىيسىلەر، ئورىسىلەر، ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى تىكىسىلەر؛ ئۇلاردىن چىققان مېۋىلەرنى يەيسىلەر. |
يەھۇدا جەمەتىدىكى قۇتۇلغان قالدىسى بولسا يەنە تۆۋەنگە قاراپ يىلتىز تارتىدۇ، يۇقىرىغا قاراپ مېۋە بېرىدۇ؛ |
چۈنكى يېرۇسالېمدىن بىر قالدىسى، زىئون تېغىدىن قېچىپ قۇتۇلغانلار چىقىدۇ؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى مۇشۇنى ئادا قىلىدۇ. |
شۇڭا پەرۋەردىگار ئاسۇرىيە پادىشاھى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇ نە مۇشۇ شەھەرگە يېتىپ كەلمەيدۇ، نە ئۇنىڭغا بىر تال ئوقمۇ ئاتمايدۇ؛ نە قالقاننى كۆتۈرۈپ ئالدىغا كەلمەيدۇ، نە ئۇنىڭغا قارىتا قاشالارنىمۇ ياسىمايدۇ. |
ئۇ قايسى يول بىلەن كەلگەن بولسا، شۇ يول بىلەن قايتىدۇ ۋە مۇشۇ شەھەرگە كەلمەيدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
ــ چۈنكى ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن بۇ شەھەرنى ئەتراپىدىكى سېپىلدەك قوغداپ قۇتقۇزىمەن». |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى چىقىپ، ئاسۇرىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدا بىر يۈز سەكسەن بەش مىڭ ئەسكەرنى ئۇردى. مانا، كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى! |
شۇڭا ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب چېكىنىپ، يولغا چىقىپ، نىنەۋە شەھىرىگە قايتىپ تۇردى. |
شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆز بۇتى نىسروقنىڭ بۇتخانىسىدا ئۇنىڭغا چوقۇنۇۋاتقاندا، ئوغۇللىرى ئادراممەلەك ھەم شارئېزەر ئۇنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ ئاندىن ئۇلار ئارارات دېگەن يۇرتقا قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ئېسارھاددون ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |