< Psalms 67 >

1 God be merciful to us, and bless us, and cause his face to shine upon us (Selah)
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن چېلىنسۇن، دەپ يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ خۇدا بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بىزنى بەرىكەتلەپ، ئۆز جامالىنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە چاچقاي! سېلاھ!
2 that thy way may be known upon earth, thy salvation among all nations.
شۇنداق قىلغاندا يولۇڭ پۈتكۈل جاھاندا، قۇتۇلدۇرۇش-نىجاتلىقىڭ بارلىق ئەللەر ئارىسىدا ئايان بولىدۇ.
3 Let the peoples praise thee, O God. Let all the peoples praise thee.
بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي، ئى خۇدا؛ بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي!
4 O let the nations be glad and sing for joy. For thou will judge the peoples with equity, and govern the nations upon earth. (Selah)
جىمى قوۋملار خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىپ كۈيلىگەي، چۈنكى سەن خەلق-مىللەتلەرگە ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىسەن، يەر يۈزىدىكى تائىپىلەرنى، سەن يېتەكلەيسەن؛ سېلاھ.
5 Let the peoples praise thee, O God. Let all the peoples praise thee.
بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي، ئى خۇدا؛ بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي!
6 The earth has yielded its increase. God, even our own God, will bless us.
ۋە يەر-زېمىن كۆكلىرىنى ئۈندۈرىدۇ؛ خۇدا، بىزنىڭ خۇدايىمىز، بىزنى بەرىكەتلەيدۇ؛
7 God will bless us, and all the ends of the earth shall fear him.
خۇدا بىزنى بەرىكەتلەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزندىكىلەر چەت-ياقىلارغىچە ئۇنىڭدىن ئەيمىنىشىدۇ!

< Psalms 67 >