< Jeremiah 48 >

1 Of Moab. Thus says Jehovah of hosts, the God of Israel: Woe to Nebo! For it is laid waste. Kiriathaim is put to shame; it is taken. Misgab is put to shame and broken down.
موئاب توغرۇلۇق: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ نېبونىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇ خارابە قىلىنىدۇ؛ كىرىئاتايىم خىجالەتكە قالدۇرۇلۇپ، ئىشغال قىلىنىدۇ؛ يۇقىرى قورغان بولسا خىجالەتكە قالدۇرۇلۇپ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى.
2 The praise of Moab is no more. In Heshbon they have devised evil against her: Come, and let us cut her off from being a nation. Thou also, O madmen, shall be brought to silence. The sword shall pursue thee.
موئاب يەنە ھېچ ماختالمايدۇ؛ ھەشبوندا كىشىلەر ئۇنىڭغا: «ئۇنى ئەل قاتارىدىن يوقىتايلى» دەپ سۇيىقەست قىلىدۇ؛ سەنمۇ، ئى مادمەن، تۈگەشتۈرۈلىسەن؛ قىلىچ سېنى قوغلايدۇ.
3 The sound of a cry from Horonaim: Desolation and great destruction!
ھورونائىمدىن ئاھ-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ: ــ «ئاھ، ۋەيرانچىلىق، دەھشەتلىك پاتىپاراقچىلىق!»
4 Moab is destroyed. Her little ones have caused a cry to be heard.
موئاب بىتچىت قىلىندى! ئۇنىڭ كىچىكلىرىدىن پەريادلىرى ئاڭلىنىدۇ.
5 For they shall go up by the ascent of Luhith with continual weeping, for at the descent of Horonaim they have heard the distress of the cry of destruction.
بەرھەق، لۇھىتقا چىقىدىغان داۋان يولىدىن توختىماي يىغىلار كۆتۈرۈلىدۇ؛ ھورونائىمغا چۈشىدىغان يولدا ھالاكەتتىن ئازابلىق نالە-پەريادلار ئاڭلىنىدۇ.
6 Flee, save your lives, and be like the heath in the wilderness.
قېچىڭلار، جېنىڭلارنى ئېلىپ يۈگۈرۈڭلار! چۆلدىكى بىر چاتقال بولۇڭلار!
7 For, because thou have trusted in thy works and in thy treasures, thou also shall be taken. And Chemosh shall go forth into captivity, his priests and his rulers together.
چۈنكى سەن ئۆز قىلغانلىرىڭغا ۋە بايلىقلىرىڭغا تايانغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، سەنمۇ ئەسىرگە چۈشىسەن؛ [بۇتۇڭ] كېموش، ئۇنىڭ كاھىنلىرى ھەم ئەمىرلىرى بىلەن بىللە سۈرگۈن بولىدۇ.
8 And the destroyer shall come upon every city, and no city shall escape. The valley also shall perish, and the plain shall be destroyed, as Jehovah has spoken.
ۋەيران قىلغۇچى ھەربىر شەھەرگە جەڭ قىلىدۇ؛ شەھەرلەردىن ھېچقايسى قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ؛ پەرۋەردىگار دېگەندەك جىلغىمۇ خارابە بولىدۇ، تۈزلەڭلىكمۇ ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ.
9 Give wings to Moab, that she may fly and get her away. And her cities shall become a desolation, without any to dwell therein.
دالدىغا بېرىپ قېچىش ئۈچۈن موئابقا قاناتلارنى بېرىڭلار! چۈنكى ئۇنىڭ شەھەرلىرى خارابىلىك، ئادەمزاتسىز بولىدۇ
10 Cursed be he who does the work of Jehovah negligently, and cursed be he who keeps back his sword from blood.
(پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالسۇن! قىلىچىنى قان تۆكۈشتىن قالدۇرغان كىشى لەنەتكە قالسۇن!).
11 Moab has been at ease from his youth, and he has settled on his lees, and has not been emptied from vessel to vessel, nor has he gone into captivity. Therefore his taste remains in him, and his scent is not changed.
موئاب ياشلىقىدىن تارتىپ كەڭ-كۇشادە ياشاپ ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شارابتەك ئەندىشىسىز بولۇپ كەلگەن؛ ئۇ ھېچقاچان كۈپتىن كۈپكە قۇيۇلغان ئەمەس، ياكى ھېچ سۈرگۈن بولغان ئەمەس؛ شۇڭا ئۇنىڭ تەمى بىرخىل بولۇپ، پۇرىقى ھېچ ئۆزگەرمىگەن.
12 Therefore, behold, the days come, says Jehovah, that I will send to him those who pour off, and they shall pour him off. And they shall empty his vessels, and break their bottles in pieces.
شۇڭا ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئۇنىڭ يېنىغا ئۇلارنى ئۆز كۈپىدىن تۆكىدىغان تۆككۈچىلەرنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار ئۇنىڭ كۈپلىرىنى قۇرۇقدايدۇ، ئۇنىڭ چۆگۈنلىرىنى چېقىۋېتىدۇ.
13 And Moab shall be ashamed of Chemosh, as the house of Israel was ashamed of Bethel their confidence.
ئۆتكەندە ئىسرائىل جەمەتى ئۆز تايانچىسى بولغان بەيت-ئەل تۈپەيلىدىن يەرگە قاراپ قالغاندەك موئابمۇ كېموش تۈپەيلىدىن يەرگە قاراپ قالىدۇ.
14 How can ye say, We are mighty men, and valiant men for the war?
سىلەر قانداقمۇ: «بىز باتۇر، جەڭگىۋار پالۋانمىز!» ــ دېيەلەيسىلەر؟
15 Moab is laid waste, and they have gone up into his cities. And his chosen young men have gone down to the slaughter, says the King, whose name is Jehovah of hosts.
موئابنىڭ زېمىنى خارابە قىلىنىدۇ؛ [دۈشمەن] ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ [سېپىللىرىغا] چىقىدۇ؛ ئۇنىڭ ئېسىل يىگىتلىرى قەتل قىلىنىشقا چۈشىدۇ، ــ دەيدۇ پادىشاھ، يەنى نامى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
16 The calamity of Moab is near to come, and his affliction hastens fast.
ــ موئابنىڭ ھالاكىتى يېقىنلاشتى، ئۇنىڭ كۈلپىتى بېشىغا چۈشۈشكە ئالدىرايدۇ.
17 All ye who are round about him, bemoan him, and all ye who know his name, say, How the strong staff has broken, the beautiful rod!
ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار؛ ئۇنىڭ نام-شۆھرىتىنى بىلگەنلەر: «كۈچلۈك شاھانە ھاسىسى، گۈزەل تايىقىمۇ شۇنچە سۇندۇرۇلدىغۇ!» ــ دەڭلار.
18 O thou daughter who dwells in Dibon, come down from thy glory, and sit in thirst, for the destroyer of Moab has come up against thee. He has destroyed thy strongholds.
شان-شۆھرىتىڭدىن چۈشۈپ قاغجىراپ كەتكەن يەردە ئولتۇر، ئى دىبوندا تۇرۇۋاتقان قىز؛ چۈنكى موئابنى ھالاك قىلغۇچى ساڭا جەڭ قىلىشقا يېتىپ كەلدى؛ ئۇ ئىستىھكام-قورغانلىرىڭنى بەربات قىلىدۇ.
19 O inhabitant of Aroer, stand by the way, and watch. Ask him who flees, and her who escapes. Say, What has been done?
يول بويىدا كۆزەت قىل، ئى ئاروئەردە تۇرۇۋاتقان قىز؛ بەدەر تىكىۋاتقان ئەردىن ۋە قېچىۋاتقان قىزدىن: «نېمە بولدى؟» دەپ سورا؛
20 Moab is put to shame, for it is broken down. Wail and cry, tell ye it by the Arnon, that Moab is laid waste.
«موئاب خىجالەتكە قالدى، چۈنكى ئۇ بىتچىت قىلىندى!» [دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ]. ئاھ-زار تارتىپ نالە-پەرياد كۆتۈرۈڭلار؛ ئارنوندا: «موئاب ھالاك قىلىندى» ــ دەپ جاكارلاڭلار.
21 And judgment has come upon the plain country: upon Holon, and upon Jahzah, and upon Mephaath,
جازا ھۆكۈمى تۈزلەڭلىك جايلىرى ئۈستىگە چىقىرىلدى؛ ھولون، ياھاز ۋە مەفائات ئۈستىگە،
22 and upon Dibon, and upon Nebo, and upon Beth-diblathaim,
دىبون، نېبو ھەم بەيت-دىبلاتائىم ئۈستىگە،
23 and upon Kiriathaim, and upon Beth-gamul, and upon Beth-meon,
كىرىئاتايىم، بەيت-گامۇل ھەم بەيت-مېئون ئۈستىگە،
24 and upon Kerioth, and upon Bozrah, and upon all the cities of the land of Moab, far or near.
كېرىئوت، بوزراھ ھەم موئابدىكى يىراق-يېقىن بارلىق شەھەرلەرنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلىدۇ.
25 The horn of Moab is cut off, and his arm is broken, says Jehovah.
موئابنىڭ مۈڭگۈزى كېسىۋېتىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلىكى سۇندۇرۇلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
26 Make ye him drunken, for he magnified himself against Jehovah. And Moab shall wallow in his vomit, and he also shall be in derision.
ــ ئۇنى مەست قىلىڭلار، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا ئالدىدا ھاكاۋۇرلۇق قىلغان؛ موئاب ئۆز قۇسۇقىدا ئېغىناپ ياتسۇن، شۇنىڭ بىلەن رەسۋا قىلىنسۇن.
27 For was not Israel a derision to thee? Was he found among thieves? For as often as thou speak of him, thou wag the head.
چۈنكى سەن [موئاب] ئىسرائىلنى مازاق قىلغان ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئوغرىلار قاتارىدا تۇتۇۋېلىنغانمۇ، سەن ئۇنى تىلغا ئالساڭلا بېشىڭنى چايقايسەن؟!
28 O ye inhabitants of Moab, leave the cities, and dwell in the rock, and be like the dove that makes her nest over the mouth of an abyss.
شەھەرلەردىن چىقىپ تاش-قىيالار ئارىسىنى تۇرالغۇ قىلىڭلار، ئى موئابدا تۇرۇۋاتقانلار؛ غار ئاغزىدا ئۇۋىلىغان پاختەكتەك بولۇڭلار!
29 We have heard of the pride of Moab, that he is very proud, his loftiness, and his pride, and his arrogance, and the haughtiness of his heart.
بىز موئابنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى (ئۇ ئىنتايىن ھاكاۋۇر!)، يەنى ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقى، ھاكاۋۇرلۇقى، كۆڭلىدىكى مەغرۇر-كۆرەڭلىكى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق.
30 I know his wrath, says Jehovah, that it is nothing. His boastings have wrought nothing.
مەن ئۇنىڭ نوچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بىراق [نوچىلىقى] كارغا يارىمايدۇ؛ ئۇنىڭ چوڭ گەپلىرى بىكار بولىدۇ.
31 Therefore I will wail for Moab, yea, I will cry out for all Moab. For they shall mourn the men of Kir-heres.
شۇڭا مەن موئاب ئۈچۈن زار يىغلايمەن، موئابنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن زار-زار كۆتۈرىمەن؛ كىر-خارەسەتتىكىلەر ئۈچۈن ئاھ-پىغان ئاڭلىنىدۇ.
32 With more than the weeping of Jazer I will weep for thee, O vine of Sibmah. Thy branches passed over the sea. They reached even to the sea of Jazer. The destroyer has fallen upon thy summer fruits and upon thy vintage.
ئى سىبماھتىكى ئۈزۈم تېلى، مەن يائازەرنىڭ زار-يىغىسى بىلەن تەڭ سەن ئۈچۈن يىغلايمەن؛ سېنىڭ پېلەكلىرىڭ سوزۇلۇپ، ئەسلىدە «ئۆلۈك دېڭىز»نىڭ نېرىغا يەتكەنىدى؛ ئۇلار ئەسلىدە يائازەر شەھىرىگىچىمۇ يەتكەنىدى. لېكىن سېنىڭ يازلىق مېۋىلىرىڭگە، ئۈزۈم ھوسۇلۇڭ ئۈستىگە بۇزغۇچى بېسىپ كېلىدۇ.
33 And gladness and joy is taken away from the fruitful field and from the land of Moab. And I have caused wine to cease from the winepresses. None shall tread with shouting. The shouting shall be no shouting.
شۇنىڭ بىلەن شادلىق ۋە خۇشاللىق موئابنىڭ باغ-ئېتىزلىرىدىن ۋە زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ مەن ئۈزۈم كۆلچەكلەردىن شارابنى يوقىتىمەن؛ ئۈزۈم چەيلىگۈچىلەرنىڭ تەنتەنە ئاۋازلىرى قايتىدىن ياڭرىمايدۇ؛ ئاۋازلار بولسا تەنتەنە ئاۋازلىرى ئەمەس، جەڭ ئاۋازلىرى بولىدۇ.
34 From the cry of Heshbon even to Elealeh, even to Jahaz they have uttered their voice, from Zoar even to Horonaim, to Eglath-shelishiyah. For the waters of Nimrim also shall become desolate.
چۈنكى نالە-پەريادلار ھەشبوندىن كۆتۈرۈلۈپ، ياھازغىچە ۋە ئېلېئالاھغىچە يېتىدۇ؛ نالە ئاۋازلىرى زوئاردىن كۆتۈرۈلۈپ، ھورونائىمغىچە ۋە ئەگلات-شېلىشىياغىچە يېتىدۇ؛ ھەتتا نىمرىمدىكى سۇلارمۇ قۇرۇپ كېتىدۇ.
35 Moreover I will cause to cease in Moab, says Jehovah, him who offers in the high place, and him who burns incense to his gods.
مەن موئابتا «يۇقىرى جايلار»دا قۇربانلىق قىلغۇچىلارنى ۋە يات ئىلاھلارغا خۇشبۇي ياققۇچىلارنى يوقىتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
36 Therefore my heart sounds for Moab like pipes, and my heart sounds like pipes for the men of Kir-heres. Therefore the abundance that he has gotten is perished.
ــ شۇڭا مېنىڭ قەلبىم موئاب ئۈچۈن نەيدەك مۇڭلۇق مەرسىيە كۆتۈرىدۇ؛ مېنىڭ قەلبىم كىر-ھەرەستىكىلەر ئۈچۈنمۇ نەيدەك مۇڭلۇق مەرسىيە كۆتۈرىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئىگىلىۋالغان بايلىق-خەزىنىلەر يوقاپ كېتىدۇ.
37 For every head is bald, and every beard clipped. Upon all the hands are cuttings, and upon the loins sackcloth.
ھەممە باش تاقىر قىلدۇرۇلغان، ھەممە ساقال چۈشۈرۈلگەن؛ ھەممە قول تىتما-تىتما كېسىلگەن، ھەممە چاتىراققا بۆز كىيىلگەن.
38 On all the housetops of Moab and in the streets thereof there is lamentation everywhere. For I have broken Moab like a vessel of which none delights, says Jehovah.
موئابنىڭ بارلىق ئۆي ئۆگزىلىرى ئۈستىدە ۋە مەيدانلاردا ماتەم تۇتۇشتىن باشقا ئىش بولمايدۇ؛ چۈنكى مەن موئابنى ھېچكىمگە ياقمايدىغان بىر قاچىدەك چېقىپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار،
39 How it is broken down! How they do wail! How Moab has turned the back with shame! So Moab shall become a derision and a horror to all who are round about him.
ــ ئۇلار پىغاندىن زارلىشىدۇ؛ [موئاب] شۇنچىلىك پارە-پارە قىلىۋېتىلىدۇكى، ئۇ خىجالەتتىن كۆپچىلىككە ئارقىسىنى قىلىدۇ؛ موئاب ئەتراپىدىكى ھەممە تەرىپىدىن رەسۋا قىلىنىدىغان، ۋەھىمە سالغۇچى ئوبيېكت بولىدۇ.
40 For thus says Jehovah: Behold, he shall fly as an eagle, and shall spread out his wings against Moab.
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بىرسى بۈركۈتتەك قاناتلىرىنى كېرىپ [پەرۋاز قىلىپ]، موئاب ئۈستىگە شۇڭغۇپ چۈشىدۇ.
41 Kerioth is taken, and the strongholds are seized, and the heart of the mighty men of Moab at that day shall be as the heart of a woman in her pangs.
شەھەرلىرى ئىشغال بولىدۇ، ئىستىھكاملار ئىگىلىۋېلىنىدۇ؛ شۇ كۈنى موئابدىكى پالۋانلارنىڭ يۈرىكى تولغاققا چۈشكەن ئايالنىڭ يۈرىكىدەك بولىدۇ.
42 And Moab shall be destroyed from being a people, because he has magnified himself against Jehovah.
موئاب ئەل قاتارىدىن يوقىتىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا ھاكاۋۇرلۇق قىلغان؛
43 Fear and the pit and the snare are upon thee, O inhabitant of Moab, says Jehovah.
ۋەھشەت، ئورا ۋە قىلتاق بېشىڭلارغا چۈشۈشنى كۈتمەكتە، ئى موئابدا تۇرۇۋاتقانلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
44 He who flees from the fear shall fall into the pit, and he who gets up out of the pit shall be taken in the snare. For I will bring upon him, even upon Moab, the year of their visitation, says Jehovah.
ــ ۋەھشەتتىن قاچقان ئورىغا يىقىلىدۇ؛ ئورىدىن چىققان قىلتاققا تۇتۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەنى موئاب ئۈستىگە جازالىنىش يىلىنى چۈشۈرىمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
45 Those who fled stand without strength under the shadow of Heshbon. For a fire has gone forth out of Heshbon, and a flame from the midst of Sihon, and has devoured the corner of Moab, and the crown of the head of the tumultuous ones.
قاچقانلار ھەشبون [سېپىلىنىڭ] دالدىسىدا تۇرۇپ ئامالسىز قالىدۇ؛ چۈنكى ھەشبوندىن ئوت، ھەم [مەھرۇم] سىھون [پادىشاھ]نىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدىن بىر يالقۇن پارتلاپ چىقىدۇ ۋە موئابنىڭ چېكىلىرىنى، سوقۇشقاق خەلقنىڭ باش چوققىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ.
46 Woe to thee, O Moab! The people of Chemosh is undone, for thy sons are taken away captive, and thy daughters into captivity.
ھالىڭغا ۋاي، ئى موئاب! كېموشقا تەۋە بولغان ئەل نابۇت بولدى؛ ئوغۇللىرىڭ ئەسىرگە چۈشىدۇ، قىزلىرىڭ سۈرگۈن بولىدۇ.
47 Yet I will bring back the captivity of Moab in the latter days, says Jehovah. Thus far is the judgment of Moab.
لېكىن، ئاخىرقى زامانلاردا موئابنى سۈرگۈنلۈكىدىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. موئاب ئۈستىگە چىقىرىدىغان ھۆكۈم مۇشۇ يەرگىچە.

< Jeremiah 48 >