ئاساف يازغان كۈي: ــ قادىر خۇدا، يەنى پەرۋەردىگار ئېغىز ئېچىپ، كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقىچە يەر يۈزىدىكىلەرگە مۇراجىئەت قىلدى. |
گۈزەللىكنىڭ جەۋھىرى بولغان زىئون تېغىدىن، خۇدا جۇلالىدى. |
خۇدايىمىز كېلىدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ سۈكۈت ئىچىدە تۇرمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئالدىدا يەۋەتكۈچى ئوت كېلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدا زور بوران-چاپقۇن قاينايدۇ. |
ئۆز خەلقىنى سوراق قىلىش ئۈچۈن، ئۇ يۇقىرىدىن ئاسمانلارنى، يەرنىمۇ گۇۋاھلىققا چاقىرىدۇ: ــ |
«مېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمنى، يەنى مەن بىلەن قۇربانلىق ئارقىلىق ئەھدە تۈزگۈچىلەرنى ھۇزۇرۇمغا چاقىرىپ يىغىڭلار!» |
ئاسمانلار ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېلان قىلىدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆزى سوراق قىلغۇچىدۇر! سېلاھ. |
«ئاڭلاڭلار، ئى خەلقىم، مەن سۆز قىلاي؛ ئى ئىسرائىل، مەن ساڭا ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويايكى، مەنكى خۇدا، سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن. |
ھازىر ئەيىبلىگىنىم سېنىڭ قۇربانلىقلىرىڭ سەۋەبىدىن، ياكى ھەمىشە ئالدىمدا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس؛ |
مەن سېنىڭ ئېغىلىڭدىن ھېچبىر ئۆكۈزنى، قوتانلىرىڭدىن ھېچبىر تېكىنى ئالماقچى ئەمەسمەن. |
چۈنكى ئورمانلىقلاردىكى بارلىق ھايۋاناتلار ماڭا مەنسۇپتۇر، مىڭلىغان تاغدىكى مال-ۋارانلارمۇ مېنىڭكىدۇر؛ |
تاغلاردىكى پۈتۈن ئۇچار-قاناتلارنى بىلىمەن، دالادىكى بارلىق جانىۋارلار مېنىڭكىدۇر. |
قارنىم ئاچسىمۇ ساڭا ئېيتمايمەن؛ چۈنكى ئالەم ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە نەرسىلەر مېنىڭكىدۇر. |
ئەجەبا، مەن ئۆكۈزنىڭ گۆشىنى يەمدىمەن؟ تېكىنىڭ قېنىنى ئىچەمدىمەن؟ |
قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا تەشەككۈرلەرنى ئېيت؛ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قىلغان ۋەدەڭگە ۋاپا قىل. |
بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە ماڭا مۇراجىئەت قىل؛ مەن سېنى قۇتۇلدۇرىمەن، سەن بولساڭ مېنى ئۇلۇغلىغايسەن». |
لېكىن رەزىللەرگە خۇدا شۇنداق دەيدۇ: ــ «مېنىڭ ئەمىرلىرىمنى بايان قىلىشقا نېمە ھەققىڭ بار؟ ئەھدەمنى تىلغا ئالغۇدەك سەن كىم ئىدىڭ؟ |
سەن مېنىڭ تەلىملىرىمدىن يىرگەندىڭ، سۆزلىرىمنى رەت قىلدىڭ ئەمەسمۇ؟ |
ئوغرىنى كۆرسەڭ، سەن ئۇنىڭدىن زوق ئالدىڭ، زىناخورلار بىلەن شېرىك بولدۇڭ؛ |
ئاغزىڭدىن يامان گەپ چۈشمەيدۇ؛ تىلىڭ يالغانچىلىقنى توقۇيدۇ. |
ئۆز قېرىندىشىڭنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ ئولتۇرىسەن، ئاناڭنىڭ ئوغلىغا تۆھمەت قىلىسەن. |
سەن بۇ ئىشلارنى قىلغىنىڭدا، مەن ئۈن چىقارمىدىم؛ دەرۋەقە، سەن مېنى ئۆزۈڭگە ئوخشاش دەپ ئويلىدىڭ؛ لېكىن مەن سېنى ئەيىبلەپ، بۇ ئىشلارنى كۆز ئالدىڭدا ئەينى بويىچە ساڭا كۆرسىتىمەن. |
ــ ئى، تەڭرىنى ئۇنتۇغانلار، بۇنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! بولمىسا، سىلەرنى پارە-پارە قىلىۋېتىمەن؛ ھېچكىم سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ. |
بىراق قۇربانلىق سۈپىتىدە رەھمەت ئېيتقانلارنىڭ ھەرقايسىسى ماڭا شەرەپ كەلتۈرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆز نىجاتلىقىمنى كۆرسىتىشىمگە يول تەييارلىغان بولىدۇ. |