يەھۇدالار قەبىلىسىنىڭ مىراسى بولسا جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە چەك تاشلىنىپ ئېرىشكەن زېمىن بولۇپ، جەنۇبىي تەرەپنىڭ ئۇچى ئېدومنىڭ چېگرىسىغا ۋە زىن چۆلىگە تۇتاشتى؛ |
جەنۇبىي چېگرىسى «شور دېڭىزى»نىڭ ئايىغىدىن، يەنى جەنۇبىي تەرەپكە چوقچىيىپ چىققان قولتۇقتىن باشلىنىپ، |
«سېرىق ئېشەك داۋىنى»نىڭ جەنۇب تەرىپىدىن ئۆتۈپ، زىنغا تۇتاشتى؛ ئاندىن قادەش-بارنېئانىڭ جەنۇبىنى ياقىلاپ ھەزرونغا ئۆتۈپ، ئاددارغا بېرىپ، كاركائاھقا بۇرۇلۇپ، |
ئازمونغا ئۆتۈپ مىسىر ئېقىنى بىلەن چىقىپ، ئۇچى دېڭىزغا تاقىشاتتى. بۇ ئۇلارنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى ئىدى. |
شەرقىي چېگرىسى بولسا شور دېڭىزىدىن ئىئوردان دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىغىچە ئىدى؛ شىمالىي چېگرىسى بولسا دېڭىزنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىدىن باشلىنىپ، |
ئاندىن بەيت-ھوگلاھغا بېرىپ، بەيت-ئاراباھنىڭ شىمالىدىن ئۆتۈپ، رۇبەننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ تېشىنىڭ قېشىغىچە ئىدى؛ |
ئاندىن چېگرا ئاقور جىلغىسىدىن دەبىرگە قاراپ ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن شىمال تەرىپىگە بۇرۇلۇپ، جىلغىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئادۇممىمغا چىقىدىغان داۋاننىڭ ئۇدۇلىدىكى گىلگالغا يېتىپ بېرىپ، ئاندىن ئەن-شەمەش سۇلىرىدىن ئۆتۈپ، ئەن-روگەل بۇلىقىغا تۇتىشاتتى؛ |
ئۇ يەردىن «بەن-ھىننومنىڭ جىلغىسى»غا چىقىپ، يەبۇسىيلار ئېگىزلىكىدىن، يەنى يېرۇسالېمنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى داۋاندىن ئۆتۈپ، ئاندىن ھىننوم جىلغىسىنىڭ ئالدىغا، يەنى غەرب تەرەپكە، رەفايىيلارنىڭ جىلغىسىنىڭ شىمالىي بېشىدىكى تاغنىڭ چوققىسىغا چىقتى؛ |
چېگرا بۇ تاغنىڭ چوققىسىدىن نەفتوئاھ سۈيىنىڭ بۇلىقىغا بېرىپ، ئاندىن ئەفرون تېغىدىكى شەھەرلىرىنىڭ يېنى بىلەن چىقىپ، ئۇ يەردىن بائالاھ (يەنى كىرىئات-يېئارىم)غا يېتىپ بېرىپ، |
ئاندىن بائالاھتىن ئۆتۈپ، غەرب تەرىپىگە قايرىلىپ سېئىر تېغىغا بېرىپ، يېئارىم تېغى (يەنى كېسالون)نىڭ شىمالىي باغرىدىن ئۆتۈپ، بەيت-شەمەشكە چۈشۈپ، تىمناھتىن ئۆتتى؛ |
ئاندىن شىمالغا قاراپ ئەكروننىڭ داۋىنى بىلەن چىقىپ شىكرونغا ئۆتۈپ، بائالاھ تېغىنىڭ يېنىغا تۇتىشىپ، يابنەئەلگە يېتىپ، ئاندىن ئۇچى دېڭىزغا تاقاشقانىدى. |
غەرب تەرىپىدىكى چېگرىسى بولسا دېڭىز بويلىرى ئىدى. يەھۇدالارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا توختىتىلغان تۆت تەرىپىدىكى چېگرا مانا شۇ ئىدى. |
يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبگە بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا بەرگەن ئەمرى بويىچە، ئۇنىڭغا يەھۇدالارنىڭ ئارىسىدا بىر ئۈلۈش، يەنى ئاناكنىڭ ئاتىسى ئاربانىڭ شەھىرى بولغان ھېبرون ئاتا قىلىندى. |
كالەب شۇ يەردىن شېشاي، ئاھىمان ۋە تالماي دېگەن ئۈچ ئاناكىينى قوغلىۋەتتى؛ ئۇلار ئۈچى ئاناكنىڭ ئەۋلادى ئىدى. |
ئاندىن شۇ يەردىن چىقىپ، دەبىردە تۇرۇۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى (ئىلگىرى دەبىرنىڭ نامى كىرىئات-سەفەر ئىدى). |
كالەب: ــ كىمكى كىرىئات-سەفەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالسا، ئۇنىڭغا قىزىم ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بېرىمەن، دېگەنىدى. |
كالەبنىڭ ئۇكىسى كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئۇنى ئىشغال قىلدى، كالەب ئۇنىڭغا قىزى ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بەردى. |
شۇنداق بولدىكى، قىز ياتلىق بولۇپ ئۇنىڭ قېشىغا بارار چاغدا، ئېرىنى ئاتىسىدىن بىر پارچە يەر سوراشقا ئۈندىدى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشىگە كالەب ئۇنىڭدىن: ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى. |
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مېنى ئالاھىدە بىر بەرىكەتلىگەيسەن؛ سەن ماڭا نەگەۋدىن [قاغجىراق] يەر بەرگەنىكەنسەن، ماڭا بىرنەچچە بۇلاقنىمۇ بەرگەيسەن، ــ دېدى. شۇنى دېۋىدى، كالەب ئۇنىڭغا ئۈستۈن بۇلاقلار بىلەن ئاستىن بۇلاقلارنى بەردى. |
تۆۋەندىكىلەر يەھۇدا قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تەگكەن مىراس ئۈلۈشلەردۇر: ــ |
يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ئېدوم چېگرىسى تەرەپتىكى شەھەرلەر: ــ كابزەئەل، ئېدەر، ياگۇر، |
كىناھ، دىموناھ، ئاداداھ، |
كەدەش، ھازور، يىتنان، |
زىف، تەلەم، بېئالوت، |
ھازور-ھاداتتاھ، كېرىئوت-ھەزرون (يەنى ھازور)، |
ئامام، سېما، مولاداھ، |
ھازار-گادداھ، ھەشمون، بەيت-پەلەت، |
ھازار-شۇئال، بەئەر-شېبا، بىزىئوتىيا، |
بائالاھ، ئىجىم، ئېزەم، |
ئەلتولاد، كېسىل، خورماھ، |
زىكلاگ، مادمانناھ، سانسانناھ، |
لىبائوت، شىلھىم، ئايىن ۋە رىممون قاتارلىقلار جەمئىي يىگىرمە توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. |
شەفەلاھ ئويمانلىقىدىكى شەھەرلەر بولسا ئەشتائول، زورېئاھ، ئاشناھ، |
زانوئاھ، ئەن-گاننىم، تاپپۇئاھ، ئەنام، |
يارمۇت، ئادۇللام، سوكوھ، ئازىكاھ، |
شائارايىم، ئادىتائىم، گەدەراھ ۋە گەدەروتائىم بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. |
بۇلاردىن باشقا يەنە زىنان، ھاداشاھ، مىگدال-گاد، |
دىلېئان، مىزپاھ، يوقتەئەل، |
لاقىش، بوزكات، ئەگلون، |
كاببون، لاھماس، قىتلىش، |
گەدەروت، بەيت-داگون، نائاماھ ۋە ماككەداھ بولۇپ، جەمئىي ئون ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. |
بۇنىڭدىن باشقا يەنە لىبناھ، ئېتەر، ئاشان، |
يەفتاھ، ئاشناھ، نەزىب، |
كېئىلاھ، ئاقزىب ۋە مارەشاھ بولۇپ، جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە يەنە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلارمۇ بار ئىدى؛ |
يەنە ئەكرون بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-كەنتلەر، |
شۇنداقلا ئەكروننىڭ غەرب تەرىپىدىن تارتىپ ئاشدودنىڭ يېنىدىكى ھەممە شەھەرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ كەنت-قىشلاقلىرى قوشۇلۇپ، |
ئاشدود ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار ۋە كەنت-قىشلاقلار، گازا شەھىرى ۋە شۇنداقلا مىسىر ئېقىنىغىچە ۋە ئۇلۇغ دېڭىزنىڭ قىرغىقىغىچە، ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار ۋە كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى. |
تاغلىق رايوندىكى شەھەرلەر: ــ شامىر، ياتتىر، سوكوھ، |
دانناھ، كىرىئات-سانناھ (يەنى دەبىر)، |
ئاناب، ئەشتەموھ، ئانىم، |
گوشەن، ھولون ۋە گىلوھ بولۇپ، جەمئىي ئون بىر شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. |
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاراب، دۇماھ، ئېشان، |
يانىم، بەيت-تاپپۇئاھ، ئافىكاھ، |
ھۇمتاھ، كىرىئات-ئاربا (يەنى ھېبرون) ۋە زىئور بولۇپ، جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى. |
بۇنىڭدىن باشقا يەنە مائون، كارمەل، زىف، يۇتتاھ، |
يىزرەئەل، يوكدېئام، زانوئاھ، |
كايىن، گىبېئاھ ۋە تىمناھ بولۇپ، جەمئىي ئون شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى. |
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھالھۇل، بەيت-زۇر، گەدور، |
مائارات، بەيت-ئانوت ۋە ئەلتەكون بولۇپ، جەمئىي ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى. |
بۇنىڭدىن باشقا يەنە كىرىئات-بائال (يەنى كىرىئات-يېئارىم) ۋە رابباھ دېگەن ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى. |
چۆلدىكى شەھەرلەر بولسا: ــ بەيت-ئاراباھ، مىددىن، سەكاكاھ، |
نىبشان، «شور شەھىرى» ۋە ئەن-گەدى، جەمئىي ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. |
لېكىن يېرۇسالېمدا ئولتۇرۇقلۇق يەبۇسىيلارنى بولسا يەھۇدالار قوغلىۋېتەلمىگەن؛ شۇڭا تا بۈگۈنگىچە يەبۇسىيلار يەھۇدالار بىلەن يېرۇسالېمدا بىللە تۇرماقتا. |