سەن تاغدىكى ياۋا ئۆچكىلەرنىڭ قاچان تۇغىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ جەرەنلەرنىڭ بالىلىغانلىقىنى كۆزىتىپ باققانمۇسەن؟ |
ئۇلارنىڭ بوغاز بولغىلى نەچچە ئاي بولغانلىقىنى سانىيالامسەن؟ ئۇلارنىڭ بالىلايدىغان ۋاقتىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ |
ئۇلار قەددىنى پۈكۈپ، يېتىپ بالىلىرىنى تۇغىدۇ، ئۇلار ئۆزىدىكى تولغاقنى چىقىرىپ تاشلايدۇ؛ |
ئۇلارنىڭ بالىلىرى كۈچلىنىپ يېتىلىدۇ، ئۇلار دالادا ئۆسۈپ، [ئانىسىنىڭ] يېنىدىن چىقىپ قايتىپ كەلمەيدۇ. |
ياۋا ئېشەكنى دالاغا قويۇۋېتىپ ئەركىنلىككە چىقارغان كىم؟ شاش ئېشەكنىڭ نوختىلىرىنى يېشىۋەتكەن كىم؟ |
چۆل-باياۋاننى ئۇنىڭ ئۆيى قىلغانمەن، شورلۇقنىمۇ ئۇنىڭ تۇرالغۇسى قىلغانمەن. |
ئۇ شەھەرنىڭ قىيقاس-سۈرەنلىرىدىن يىراق تۇرۇپ ئۇنى مازاق قىلىدۇ؛ ئۇ ئېشەكچىنىڭ ۋارقىرىشىنىمۇ ئاڭلىمايدۇ. |
ئۇ تاغلارنى ئۆز يايلىقىم دەپ كېزىدۇ، شۇ يەردىكى ھەممە گۈل-گىياھنى ئىزدەپ يۈرىدۇ. |
ياۋا كالا بولسا خىزمىتىڭگە كىرىشكە رازى بولامدۇ؟ سېنىڭ ئوقۇرۇڭنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا ئۇنامدۇ؟ |
ياۋا كالىنى تانا بىلەن باغلاپ، تاپقا چۈشۈرەلەمسەن؟! ئۇ ساڭا ئەگىشىپ جىلغىلاردا مېڭىپ تىرنا تارتامدۇ؟ |
ئۇنىڭ كۈچى زور بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تايىنامسەن؟ ئەمگىكىڭنى ئۇنىڭغا ئامانەت قىلامسەن؟ |
دانلىرىڭنى ئۆيگە كۆتۈرۈپ ئەكىلىشنى ئۇنىڭغا تاپشۇرامسەن؟ «[دانلىرىمنى] خامىنىمغا يىغىشتۇرىدۇ» دەپ ئۇنىڭغا ئىشەنەمسەن؟ |
تۆگىقۇش قاناتلىرىنى شادلىق بىلەن قاقىدۇ، بىراق بۇلار لەيلەكنىڭ قانات ئۇچلىرى ھەم پەيلىرىگە يېتەمدۇ؟ |
ئۇ تۇخۇملىرىنى يەرگە تاشلاپ قويىدۇ، تۇخۇملىرىم توپىدا ئىسسىتىلسۇن، دەيدۇ. |
ئۇلارنىڭ تاسادىپىي دەسسىلىپ يانجىلىدىغانلىقىنى، دالىدىكى بىرەر ھايۋاننىڭ ئاسانلا ئۇلارنى دەسسەپ-چەيلەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ. |
بالىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك باغرىنى قاتتىق قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئەجرى بىكارغا كېتىدۇ، بىراق ئۇ پىسەنت قىلمىغاندەك تۇرىدۇ. |
چۈنكى تەڭرى ئۇنى كەم ئەقىل قىلغان، ئۇنىڭغا دانالىقنى بەرمىگەن. |
ھالبۇكى، ئۇ يۈگۈرۈش ئالدىدا مەيدىسىنى يۇقىرىغا كۆتۈرگىنىدە، ئات ھەم ئاتلىقلارنى كەمسىتىپ مازاق قىلىدۇ. |
سەن ئاتقا كۈچ بېغىشلىغانمىدىڭ؟ سەن ئۇنىڭ بوينىغا يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان يايلىنى كىيگۈزگەنمىدىڭ؟ |
سەن ئۇنى ھەيۋەتلىك پۇرقۇشلىرى بىلەن ئادەمنى قورقۇتىدىغان، چېكەتكىدەك سەكرەيدىغان قىلالامسەن؟ |
ئۇ ئەشەددىيلىك بىلەن يەر تاتىلاپ-زوخچۇپ، ئۆز كۈچىدىن شادلىنىپ كېتىدۇ، قوراللىق قوشۇن بىلەن جەڭ قىلىشقا ئاتلىنىدۇ. |
ئۇ قورقۇنچقا نىسبەتەن كۈلۈپلا قويىدۇ، ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ؛ قىلىچنىڭ بىسىدىن ئۇ يانمايدۇ. |
ئوقدان، جۇلالىق نەيزە، گۆرزىمۇ ئۇنىڭ يېنىدا شاراقشىيدۇ، |
ئۇ يەرنى ئاچچىق ھەم غەزەپ بىلەن يۇتۇۋېتىدۇ، [جەڭ] كانايىنى بىر ئاڭلاپلا ھاياجانلىنىپ قىن-قىنىغا پاتماي كېتىدۇ. |
كانايلارنىڭ ئاۋازى بىلەنلا ئۇ: «ئايھاي!» دەيدۇ، ئۇ جەڭنى يىراقتىن پۇراپ بولىدۇ. ئۇ سەركەردىلەرنىڭ توۋلاشلىرىنى، جەڭچىلەرنىڭ ۋارقىراشلىرىنى خۇشاللىق بىلەن ئاڭلايدۇ. |
سار سېنىڭ ئەقلىڭ بىلەن ئۇچامدۇ، قاناتلىرىنى جەنۇبقا قاراپ كېرەمدۇ؟ |
بۈركۈت بۇيرۇقۇڭ بىلەن يۇقىرىغا پەرۋاز قىلىپ كۆتۈرۈلەمدۇ، ئۇۋىسىنى يۇقىرىغا سالامدۇ؟ |
ئۇ قورام تاشنىڭ ئۈستىدە ماكانلىشىدۇ، ئۇ تاغنىڭ چوققىسىغا قونىدۇ، تىك قىيانىمۇ تۇرالغۇسى قىلىدۇ. |
شۇ يەردىن ئۇ ئوۋنى پايلاپ بايقىۋالىدۇ، كۆزلىرى يىراق-يىراقلارنى كۆزىتىدۇ. |
ئۇنىڭ بالىلىرى قان شورايدۇ؛ ئۆلتۈرۈلگەنلەر نەدە بولسا، ئۇ شۇ يەردە بولىدۇ». |