< 2 Weche Mag Ndalo 13 >

1 E higa mar apar gaboro mar loch Jeroboam, Abija nobedo ruodh Juda,
پادىشاھ يەروبوئامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى ئابىيا يەھۇدانىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولدى.
2 kendo norito piny kuom higni adek kodak Jerusalem. Min mare ne nyinge Maaka ma nyar Uriel ja-Gibea. Ne nitiere lweny e kind Abija kod Jeroboam.
ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مىكايا بولۇپ، ئۇ گىبېئاھلىق ئۇرىيەلنىڭ قىزى ئىدى. ئابىيا بىلەن يەروبوئام ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولدى.
3 Abija nodhi e kedo ka en gi jolweny molony alufu mia angʼwen to Jeroboam nochano jolweny moyier marateke alufu mia aboro.
ئابىيا جەڭ قىلىش ئۈچۈن خىللانغان جەڭچىلەردىن تۆت يۈز مىڭنى باشلاپ چىقتى؛ يەروبوئاممۇ خىللانغان باتۇر جەڭچىلەردىن سەككىز يۈز مىڭنى باشلاپ چىقىپ، ئابىياغا قارشى سەپ تۈزۈپ تۇردى.
4 Abija nochungo e Got Zemaraim e piny gode mag Efraim kowacho niya, “Winjauru in Jeroboam kod jo-Israel duto!
ئابىيا ئەفرائىم تاغلىق رايونىدىكى زەمارايىم تېغىغا چىقىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئى يەروبوئام ۋە ئىسرائىل خەلقى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار!
5 Donge ungʼeyo ni Jehova Nyasaye ma Nyasach jo-Israel nomiyo Daudi kod nyikwaye loch Israel nyaka chiengʼ kotimo kodgi singruok ma ok tow?
بىلمەمسىلەر، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار «تۇزلۇق ئەھدە» قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىكى پادىشاھلىقنى داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈگە تەقدىم قىلغانغۇ؟
6 To kata obedo kamano Jeroboam wuod Nebat jatelo mar Solomon wuod Daudi nongʼanyo ni ruodhe.
لېكىن داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ قۇلى، نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام قوزغىلىپ ئۆز غوجىسىدىن يۈز ئۆرىدى.
7 Ji moko ma timbegi mono noriwore kode mi negikwedo Rehoboam wuod Solomon kane pod en rawera mayom yom kendo ne ok otek monyalo sirogi.
شۇنىڭ بىلەن بەزى مۇتتەھەملەر، «بېلىيالنىڭ بالىلىرى» ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئام بىلەن قارشىلىشىشقا ئۆزلىرىنى كۈچلەندۈردى؛ رەھوبوئام ئۇ چاغدا تېخى ياش، سەبىي بالىدەك بولغاچقا، ئۇلارغا تەڭ كېلەلمىدى.
8 “To koro sani ichano mondo itamri loch Jehova Nyasaye mantiere e lwet nyikwa Daudi. Adieri un kod jolweny mangʼeny kendo un kod nyiroye mag dhahabu mane Jeroboam oloso mondo obed nyisecheu.
ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان پادىشاھلىقىغا قارشى چىقىپ «ئۆزىمىزنى كۆرسىتىمىز» دەيسىلەر؛ سىلەرنىڭ ئادىمىڭلار دەرۋەقە كۆپتۇر؛ سىلەردە يەنە يەروبوئام سىلەرگە ياساپ بەرگەن، ئىلاھلار دەپ قارىلىدىغان ئالتۇن موزايلار بار.
9 To donge nuriembo jodolo mag Jehova Nyasaye ma yawuot Harun kaachiel gi jo-Lawi kendo ne uyiero jodolo magu kaka jopinje mamoko timo? Ngʼato angʼata mobiro opwodhore gi nyarwath kod imbe abiriyo nyalo bedo jadolo mar gik ma ok nyiseche.
سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرى بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن لاۋىيلارنى قوغلىۋېتىپ، يەر يۈزىدىكى باشقا ئەللەر قىلغىنىدەك ئۆزلىرىڭلارغا [خالىغانچە] كاھىن تىكلىۋالغان ئەمەسمىدىڭلار؟ كىمدەكىم بىر تورپاق ۋە يەتتە قوزىنى ئېلىپ كېلىپ ئۆزۈمنى [كاھىنلىققا] بېغىشلايمەن دېسە، ئۇ خۇدا بولمىغان بۇتلارغا كاھىن بولالايدۇ!
10 “Wan to Jehova Nyasaye en Nyasachwa kendo ok waseweye ngangʼ. Jodolo matiyone Jehova Nyasaye gin yawuot Harun kendo jo-Lawi konyogi e tijno.
لېكىن بىز بولساق، پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، بىز ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىدۇق؛ پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولغان كاھىنلار بولسا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدۇر، لاۋىيلار ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە تۇرماقتا.
11 Okinyi godhiambo gichiwone Jehova Nyasaye misengini miwangʼo pep kod gik mangʼwe ngʼar kendo giketo makati e mesa mopwodhi kendo gimoko teche moket e rachungi taya mar dhahabu godhiambo pile ka pile. Wan warito chike Jehova Nyasaye ma Nyasachwa, un to useweye.
ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىسى-ئاخشىمى پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، ئېسىل خۇشبۇي ياقىدۇ. پاكىز شىرەگە «تەقدىم نانلار»مۇ تىزىپ قويۇلىدۇ، ھەر كۈنى كەچتە ئۇلار ئالتۇن چىراغدان ئۈستىدىكى چىراغلارنى ياندۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى بىز خۇدايىمىز پەرۋەردىگارنىڭ تاپشۇرۇقىغا ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بىراق سىلەر بولساڭلار ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتىڭلار.
12 Nyasaye ni kodwa; en e jatendwa. Jodolo mage biro goyo turumbete miluong ji mondo oked kodu. Jo-Israel, kik uked gi Jehova Nyasaye, ma Nyasach kwereu nikech ok ubiloyo.”
قاراڭلار، خۇدا بىزنى باشلىغۇچى بولۇپ بىز بىلەن بىللىدۇر؛ قوللىرىغا كاناي ئالغان، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا سىگنال چىلىشقا تەييار تۇرىدىغان ئۇنىڭ كاھىنلىرىمۇ بىز بىلەن بىللىدۇر. ئى ئىسرائىل بالىلىرى، ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار بىلەن جەڭ قىلماڭلار؛ چۈنكى سىلەر ھەرگىز غەلىبە قازىنالمايسىلەر».
13 Jeroboam noseoro jolweny mondo oluor e tokgi mondo ni kane en e nyim Juda to jolweny moko mondo omonjgi gi ka tokgi.
لېكىن يەروبوئام ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ھۇجۇم قىلماق ئۈچۈن بۆكتۈرمە قويغانىدى. شۇنداقكى، ئىسرائىللار يەھۇدالارنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئىدى ۋە بۆكتۈرمە قوشۇن ئۇلارنىڭ ئارقا تەرىپىدە ساقلاپ تۇراتتى.
14 Kane jo-Juda olokore moneno nine imonjogi gi ka tokgi kod e nyimgi eka negiywagore ni Jehova Nyasaye. To jodolo bende nogoyo turumbete
يەھۇدالار بۇرۇلۇپ قارىسا، مانا ئۆزلىرى ئالدى-ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتاتتى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى، كاھىنلارمۇ كانايلارنى چالدى.
15 eka jo-Juda nongʼiyo kendo kane gigiyo kamano Nyasaye nokeyo Jeroboam kaachiel gi jo-Israel duto e nyim Abija kod jo-Juda.
بۇنىڭ بىلەن يەھۇدالار قاتتىق چۇقان كۆتۈرۈشتى؛ ۋە شۇنداق بولدىكى، يەھۇدالار قاتتىق چۇقان كۆتۈرۈشۈۋاتقاندا، خۇدا يەروبوئام بىلەن بارلىق ئىسرائىللارنى ئابىيا بىلەن يەھۇدالارنىڭ ئالدىدىن ئۇرۇپ تېرە-پەرەڭ قىلدى.
16 Jo-Israel noringo akeya nono e nyim jo-Juda nikech Nyasaye nochiwogi e lwet jo-Juda.
ئىسرائىللار يەھۇدالارنىڭ ئالدىدىن قاچتى؛ خۇدا ئۇلارنى يەھۇدالارنىڭ قولىغا تاپشۇردى.
17 Abija kod joge nonegogi malich ahinya ma joma nohinyore kuom jo-Israel marateke moyier ne gin ji alufu mia abich.
ئابىيا بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىسرائىللارنى قاتتىق قىرغىن قىلدى؛ ئىسرائىللاردىن خىللانغان بەش يۈز مىڭ ئەسكەر قەتل قىلىندى.
18 Kamano e kaka ne olo jo-Israel chiengʼno, jo-Juda nolocho nikech negigeno kuom Jehova Nyasaye, ma Nyasach kweregi.
بۇ چاغدا ئىسرائىللار تۆۋەن قىلىندى؛ يەھۇدادىكىلەر ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تايانغانلىقى ئۈچۈن غەلىبە قازاندى.
19 Abija nolawo Jeroboam mokawo mieche kaka Bethel gi Jeshana kod Efron kod mier matindo mokiewo kode.
ئابىيا يەروبوئامنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئىلكىدىن بىرقانچە شەھىرىنى، يەنى بەيت-ئەل ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-بازارلارنى، يېشاناھ ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-بازارلارنى، ئەفرون ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-بازارلارنى تارتىۋالدى.
20 Loch Jeroboam ne ok ochako obedo motegno e kinde Abija. Bangʼe Jehova Nyasaye nogoye motho.
يەروبوئام ئابىيانىڭ كۈنلىرىدە قايتىدىن كۈچلىنەلمىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى ئۇرۇشى بىلەن ئۇ ئۆلدى.
21 Loch Abija nomedo gurore motegno. Nokendo mon apar gangʼwen kendo ne en gi yawuowi piero ariyo gariyo kod nyiri apar gauchiel.
ئابىيا بولسا ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزدى؛ ئۇ ئون تۆت خوتۇن ئېلىپ، يىگىرمە ئىككى ئوغۇل، ئون ئالتە قىز پەرزەنت كۆردى.
22 Weche moko mag loch Abija, timbene duto kod gik mane owacho ondiki e kitap Ido janabi.
ئابىيانىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ ماڭغان يوللىرى ۋە ئېيتقان سۆزلىرى «ئىددو پەيغەمبەرنىڭ تەھلىلى»دە پۈتۈلگەندۇر.

< 2 Weche Mag Ndalo 13 >