< Salme 94 >

1 HERRE du hævnens Gud, du Hævnens Gud, træd frem i Glans;
ئى ئىتىقاملار ئالغۇچى تەڭرى، پەرۋەردىگار! ئى ئىنتىقاملار ئالغۇچى تەڭرى، پارلىغايسەن!
2 stå op, du Jordens Dommer, øv Gengæld mod de hovmodige!
كۆتۈرۈلگىن، ئۆزۈڭنى كۆتۈرگىن، ئى جاھاننى سوراق قىلغۇچى، مەغرۇرلارغا جازاسىنى بەرگىن!
3 Hvor længe skal gudløse, HERRE, hvor længe skal gudløse juble?
قاچانغىچە رەزىللەر، ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە رەزىللەر تەنتەنە قىلىپ يۈرىۋېرىدۇ؟
4 De fører tøjlesløs Tale, hver Udådsmand ter sig som Herre;
قاچانغىچە ھاكاۋۇرلارچە سۆزلەپ ۋالاقشىيدۇ، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يوغان گەپ قىلىپ يۈرىدۇ؟
5 de underkuer, o HERRE, dit Folk og undertrykker din Arvelod;
ئۇلار خەلقىڭنى ئېزىدۇ، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ مىراسىڭغا جەبىر-جاپا سالماقتا.
6 de myrder Enke og fremmed faderløse slår de ihjel;
تۇل ئايال ۋە غېرىپ-مۇساپىرلارنى قىرىپ، يېتىم-يېسىرلەرنى ئۆلتۈرۈپ: ــ
7 de siger: "HERREN kan ikke se, Jakobs Gud kan intet mærke!"
«ياھ كۆرمەيدۇ»، «ياقۇپنىڭ خۇداسى كۆڭۈل بۆلمەيدۇ»، ــ دەيدۇ.
8 Forstå dog, I Tåber blandt Folket! Når bliver I kloge, I Dårer?
سىلەر كۆڭۈل قويۇڭلار، ئى ئەلنىڭ ھاماقەتلىرى! ئەخمەقلەر، قاچان دانا بولىسىلەر؟
9 Skulde han, som plantede Øret, ej høre, han, som dannede Øjet, ej se?
قۇلاقنى تىكلىگۈچىنىڭ ئۆزى ئاڭلىمامدۇ؟ كۆزنى ياسىغۇچىنىڭ ئۆزى كۆرمەمدۇ؟
10 Skulde Folkenes Tugtemester ej revse, han som lærer Mennesket indsigt?
ئەللەرنى تەربىيىلىگۈچى، ئىنسانغا ئەقىل-بىلىم ئۆگەتكۈچىنىڭ ئۆزى ئادەمنى ئەيىبلىمەمدۇ؟
11 HERREN kender Menneskets Tanker, thi de er kun Tomhed.
پەرۋەردىگار ئىنساننىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ تۇتامى يوقلۇقىنى بىلىدۇ.
12 Salig den Mand, du tugter, HERRE, og vejleder ved din Lov
سەن تەربىيىلىگەن ئادەم بەختلىكتۇر، ئى ياھ، يەنى سەن تەۋرات-قانۇنۇڭدىن ئەقىل ئۆگىتىدىغان كىشى بەختلىكتۇر!
13 for at give ham Ro for onde Dage, indtil der graves en Grav til den gudløse;
شۇنداق قىلىپ، تاكى پاسىقلار ئۈچۈن ئورەك كولانغۇچە ــ سەن ئۇنى يامان كۈنلەردىن خاتىرجەم ساقلايسەن.
14 thi HERREN bortstøder ikke sit Folk og svigter ikke sin Arvelod.
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى تەرك ئەتمەيدۇ، ياكى ئۆز مىراسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ.
15 Den retfærdige kommer igen til sin Ret, en Fremtid har hver oprigtig af Hjertet.
چۈنكى ھۆكۈم-پەرمان ھوقۇقى ھامان ئادالەتكە قايتىدۇ، بارلىق دىلى دۇرۇسلار بولسا، ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ.
16 Hvo står mig bi mod Ugerningsmænd? hvo hjælper mig mod Udådsmænd?
مەن ئۈچۈن يامانلار بىلەن قارشىلىشىشقا كىم ئورنىدىن تۇرىدۇ؟ مەن ئۈچۈن قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن قارشىلىشىشىقا كىم مەيدانغا چىقىدۇ؟
17 Var HERREN ikke min Hjælp, snart hviled min Sjæl i det stille.
ئەگەر پەرۋەردىگار ماڭا ياردەمدە بولمىغان بولسا، جېنىم بالدۇر چىقىپ سۈكۈت دىيارىدا ياتار ئىدى.
18 Når jeg tænkte: "Nu vakler min Fod", støtted din Nåde mig, HERRE;
ئايىغىم پۇتلىشاي دېگىنىدە، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ، ئى پەرۋەردىگار، مېنى يۆلىدى.
19 da mit Hjerte var fuldt af ængstede Tanker, husvaled din Trøst min Sjæl.
ئىچىمدىكى كۆپلىگەن غەم-ئەندىشىلەر ئارىسىدا، سېنىڭ تەسەللىلىرىڭ جېنىمنى سۆيۈندۈردى.
20 står du i Pagt med Fordærvelsens Domstol, der skaber Uret i Lovens Navn?
ئىنساپسىزلىقنى قانۇنغا ئايلاندۇرىدىغان، ئاچ كۆز ئولتۇرغان بىر تەخت، سەن بىلەن ئالاقىدە بولامدۇ؟
21 Jager de end den ret, færdiges Liv og dømmer uskyldigt Blod,
ئۇلار ھەققانىيلارنىڭ جېنىغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىدۇ، بىگۇناھ قاننى تۆكىدىغان ھۆكۈملەرنى چىقارماقتا.
22 HERREN er dog mit Bjærgested, min Gud er min Tilflugtsklippe;
بىراق پەرۋەردىگار مېنىڭ ئېگىز قورغىنىم بولىدۇ؛ ھە، مېنىڭ خۇدايىم پاناھ قورام تېشىمدۇر.
23 han vender deres Uret imod dem selv, udsletter dem for deres Ondskab; dem udsletter HERREN vor Gud.
ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئۆز بېشىغا سالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ياۋۇزلۇقلىرى بىلەن ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ، بەرھەق، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلار.

< Salme 94 >