< Salme 5 >

1 (Til sangmesteren. El-hannehilot. En salme af David.) HERRE, lytt til mit Ord og agt på mit suk,
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، نەيلەر بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ ئاھلىرىمغا كۆڭۈل بۆلگەيسەن.
2 lån Øre til mit Nødråb, min Konge og Gud, thi jeg beder til dig!
كۆتۈرگەن پەريادلىرىمنى ئاڭلا، مېنىڭ پادىشاھىم، مېنىڭ خۇدايىم، چۈنكى ساڭىلا دۇئا قىلىمەن.
3 Årle hører du, HERRE, min Røst, årle bringer jeg dig min Sag og spejder.
ئى پەرۋەردىگار، سەھەردە سەن ئاۋازىمنى ئاڭلايسەن؛ مەن سەھەردە ئۆزۈمنى ساڭا قارىتىمەن، يۇقىرىغا كۆز تىكىمەن.
4 Thi du er ikke en Gud, der ynder Ugudelighed, den onde kan ikke gæste dig,
چۈنكى سەن رەزىللىكتىن ھۇزۇر ئالغۇچى ئىلاھ ئەمەسدۇرسەن؛ يامانلىق ھەرگىز سەن بىلەن بىللە تۇرمايدۇ.
5 for dig skal Dårer ej træde frem, du hader hver Udådsmand,
پوچى-تەكەببۇرلار كۆزۈڭ ئالدىدا تۇرالمايدۇ؛ قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ساڭا يىرگىنچلىكتۇر.
6 tilintetgør dem, der farer med Løgn; en blodstænkt, svigefuld Mand er HERREN en Afsky.
يالغان سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىسەن؛ پەرۋەردىگار قانخور، ئالدامچى كىشىلەرگە نەپرەت قىلۇر.
7 Men jeg kan gå ind i dit Hus af din store Nåde og vendt mod dit hellige Tempel bøje mig i din Frygt.
بىراق مەن بولسام، مېھرى-شەپقىتىڭنىڭ كەڭرىچىلىكىدىن ئۆيۈڭگە كىرىمەن؛ ساڭا بولغان ئەيمىنىشتىن مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ سەجدە قىلىمەن؛
8 Så led mig for mine Fjenders Skyld i din Retfærd, HERRE, jævn din Vej for mit Ansigt!
مېنى ئۆچ كۆرگەنلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ھەققانىيلىقىڭ بىلەن مېنى يېتەكلىگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ يولۇڭنى ئالدىمدا تۈز قىلغىن.
9 Thi blottet for Sandhed er deres Mund, deres Hjerte en Afgrund, Struben en åben Grav, deres Tunge er glat.
چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاغزىدا ھېچقانداق سەمىمىيلىك يوقتۇر؛ ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى بولسا پاسىقلىقتۇر، ئۇلارنىڭ گاللىرى ئېچىلغان قەبرىدەك سېسىقتۇر، ئۇلار تىلى بىلەن خۇشامەت قىلىۋاتىدۇ.
10 Døm dem, o Gud, lad dem falde for egne Rænker, bortstød dem for deres Synders Mængde, de trodser jo dig.
ئۇلارنىڭ گۇناھىنى بېكىتكەيسەن، ئى خۇدا؛ ئۇلار ئۆز پىلانلىرى بىلەن ئۆزلىرى موللاق ئاتسۇن؛ ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىتائەتسىزلىكلىرى بىلەن ھەيدەپ چىقارغايسەن؛ چۈنكى ئۇلار ساڭا ئاسىيلىق قىلدى.
11 Lad alle glædes, som lider på dig, evindelig frydes, skærm dem, som elsker dit Navn, lad dem juble i dig!
شۇنداق قىلغاندا ساڭا تايانغانلارنىڭ ھەممىسى شادلىنىدۇ؛ ئۇلار مەڭگۈ شادلىق بىلەن تەنتەنە قىلىدۇ؛ سەن ئۇلارنى قوغدايسەن؛ سېنىڭ نامىڭنى سۆيگەنلەر سېنىڭدىن يايرايدۇ.
12 Thi du velsigner den retfærdige, HERRE, du dækker ham med Nåde som Skjold.
چۈنكى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ھەققانىي ئادەمگە بەخت ئاتا قىلىسەن؛ ئۇنى شاپائىتىڭ بىلەن قالقان كەبى ئورايسەن.

< Salme 5 >