< Salme 42 >

1 (Til sangmesteren. En maskil af Koras sønner.) Som Hjorten skriger efter rindende Vand, således skriger min Sjæl efter dig, o Gud.
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان «ماسقىل»: ــ كېيىك ئېرىقلاردىكى سۇغا تەشنا بولغاندەك، جېنىم ساڭا تەشنادۇر، ئى خۇدا.
2 Min Sjæl tørster efter Gud, den levende Gud; når skal jeg komme og stedes for Guds Åsyn?
مېنىڭ جېنىم خۇداغا، ھايات تەڭرىگە ئىنتىزاردۇر؛ ئاھ، مەن قاچانمۇ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كۆرۈنۈشكە مۈيەسسەر بولىمەن؟
3 Min Gråd er blevet mit Brød både Dag og Nat, fordi de stadig spørger mig: "Hvor er din Gud?"
مېنىڭ كېچە-كۈندۈز يېگىنىم كۆز ياشلىرىم بولۇپ كەلگەن؛ خەقلەر كۈن بويى مەندىن: «خۇدايىڭ قەيەردە؟» دەپ سورايدۇ.
4 Min Sjæl er opløst, når jeg kommer i Hu, hvorledes jeg vandred med Skaren op til Guds Hus under Jubelråb og Lovsang i Højtidsskaren.
ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ، جېنىمنىڭ دەردلىرىنى تۆكۈۋاتىمەن (مەن كۆپچىلىك بىلەن كېتىۋېتىپ، خۇدانىڭ ئۆيىگە تەنتەنە قىلىپ مېڭىپ، خۇشاللىقتا ھەمدۇسانا ئوقۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ھېيتنى تەبرىكلىگەن توپ-توپ قوشۇندەك، جامائەت بىلەن بىللە باراتتىم!).
5 Hvorfor er du nedbøjet, Sjæl, hvi bruser du i mig? Bi efter Gud, thi end skal jeg takke ham, mit Åsyns Frelse og min Gud!
ــ ئى جېنىم، سەن تېنىمدە نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟ نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق مەيۈسلىنىپ كەتتىڭ؟ خۇداغا ئۈمىد باغلا؛ چۈنكى ئۇنىڭ جامالىدىن چىققان نىجاتلىقتىن، مەن ئۇنى يەنىلا ئۇلۇغلايمەن، ــ مېنىڭ خۇدايىمنى!
6 Nedbøjet er min Sjæl, derfor mindes jeg dig fra Jordans og Hermontindernes Land, fra Mizars Bjerg.
جېنىم ئىچىمدە مەيۈسلىنىپ كەتتى؛ شۇڭا مەن سېنى سېغىنىمەن؛ ھەتتا مۇساپىرلىقتا ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى ۋادىلاردا، ھەرمون تاغلىرىدا، مىزار تېغىدىمۇ سېنى سېغىنىمەن.
7 Dyb råber til Dyb ved dine Vandfalds Brusen, alle dine Brændinger og Bølger skyller hen over mig.
سېنىڭ شارقىراتمىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرىغا، چوڭقۇر ھاڭ بىلەن چوڭقۇر ھاڭ ماسلىشىپ ھۆركىرىمەكتە. سېنىڭ ھەممە دولقۇنلىرىڭ ھەم قاينام-تاشقىنلىرىڭ مېنى غەرق قىلدى.
8 Sin Miskundhed sender HERREN om Dagen, hans Sang er hos mig om Natten, en Bøn til mit Livs Gud.
كۈندۈزى پەرۋەردىگار ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى [ماڭا] بۇيرۇيدۇ، كېچىلىرى ئۇنىڭ ناخشىسى، ۋە ھەم ھاياتىم بولغان تەڭرىگە قىلغان دۇئا ماڭا ھەمراھ بولىدۇ.
9 Jeg siger til Gud, min Klippe: Hvorfor har du glemt mig, hvorfor skal jeg vandre sorgfuld, trængt af Fjender?
مەن قورام تېشىم بولغان خۇداغا: ــ «مېنى نېمىشقا ئۇنتۇپ قالدىڭ؟ مەن نېمىشقا دۈشمەننىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ، ھەمىشە ئازاب چېكىپ يۈرۈۋاتىمەن؟» ــ دەيمەن.
10 Det er, som knustes mine Ben, når Fjenderne håner mig, når de stadig spørger mig: "Hvor er din Gud?"
سۆڭەكلىرىمنى ئەزگەندەك رەقىبلىرىم مېنى مەسخىرە قىلىپ ئەيىبلەيدۇ؛ ئۇلار كۈن بويى مەندىن: «خۇدايىڭ قەيەردە؟» ــ دەپ سورىماقتا.
11 Hvorfor er du nedbøjet, Sjæl, hvi bruser du i mig? Bi efter Gud, thi end skal jeg takke ham, mit Åsyns Frelse og min Gud!
ئى جېنىم، تېنىمدە نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟ نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق مەيۈسلىنىپ كەتتىڭ؟ خۇداغا ئۈمىد باغلا؛ چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن، يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن! ئۇ مېنىڭ خۇدايىمدۇر!

< Salme 42 >