< Salme 2 >

1 Hvorfor fnyser Hedninger, hvi pønser Folkefærd på hvad fåfængt er?
ئەللەر نېمىشقا چۇقان سالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن خەلقلەر بىكاردىن-بىكار سۇيىقەست ئويلايدۇ؟
2 Jordens Konger rejser sig, Fyrster samles til Råd mod HERREN og mod hans Salvede:
دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپكە تىزىلىپ، ئەمەلدارلار قارا نىيەت ئەيلىشىپ، پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى بىلەن قارشىلىشىپ: ــ
3 "Lad os sprænge deres Bånd og kaste Rebene af os!"
«ئۇلارنىڭ چەكلىمىلىرىنى چۆرۈۋېتەيلى، ئۇلارنىڭ ئاسارەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلايلى!» ــ دېيىشىدۇ.
4 Han, som troner i Himlen, ler, Herren, han spotter dem.
ئاسماندا ئولتۇرغۇچى كۈلىدۇ، رەب ئۇلارنى مازاق قىلىدۇ؛
5 Så taler han til dem i Vrede, forfærder dem i sin Harme:
ھەم ئاچچىقىدا ئۇلارغا سۆزلەپ، قەھرى بىلەن ئۇلارنى ۋەھىمىگە سېلىپ: ــ
6 "Jeg har dog indsat min Konge på Zion, mit hellige Bjerg!"
«ئۆزۈم بولسام زىئوندا، يەنى مۇقەددەس تېغىمدا، ئۆزۈم مەسىھ قىلغان پادىشاھنى تىكلىدىم».
7 Jeg kundgør HERRENs Tilsagn. Han sagde til mig: "Du er min Søn, jeg har født dig i Dag!
«مەن [ئەرشتىكى] پەرماننى جاكارلايمەنكى، پەرۋەردىگار ماڭا: ــ «سەن مېنىڭ ئوغلۇم؛ ئۆزۈم سېنى بۈگۈنكى كۈندە تۇغۇلدۇردۇم؛
8 Bed mig, og jeg giver dig Hedningefolk til Arv og den vide Jord i Eje;
مەندىن سورا، مەن ساڭا مىراس بولۇشقا ئەللەرنى، تەئەللۇقۇڭ بولۇشقا يەر يۈزىنى چەت-چەتلىرىگىچە بېرىمەن؛
9 med Jernspir skal du knuse dem og sønderslå dem som en Pottemagers Kar!"
سەن تۆمۈر تاياق بىلەن ئۇلارنى بىتچىت قىلىۋېتىسەن؛ ساپال چىنىنى كۇكۇم-تالقان قىلغاندەك، سەن ئۇلارنى پارە-پارە قىلىۋېتىسەن» ــ دېدى».
10 Og nu, I Konger, vær kloge, lad eder råde, I Jordens Dommere,
ئەمدى، ھەي پادىشاھلار، ئەقىلدار بولۇڭلار! جاھاندىكى سوراقچىلار ساۋاق ئېلىڭلار؛
11 tjener HERREN i Frygt, fryd jer med Bæven!
پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار؛ تىترەك ئىچىدە خۇشاللىنىڭلار!
12 Kysser Sønnen, at ikke han vredes og I forgår! Snart blusset hans Vrede op. Salig hver den, der lider på ham!
ئوغۇلنىڭ غەزىپىنىڭ قوزغالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى سۆيۈڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى سەللا قاينىسا، يولۇڭلاردىلا ھالاك بولىسىلەر؛ ئۇنىڭغا تايانغانلار نەقەدەر بەختلىكتۇر!

< Salme 2 >