< Ordsprogene 2 >

1 Min Søn, når du tager imod mine ord og gemmer mine Pålæg hos dig,
ئى ئوغلۇم، ئەگەر سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلساڭ، نەسىھەتلىرىمنى قەلبىڭگە پۈكسەڭ،
2 idet du låner Visdom Øre og bøjer dit Hjerte til Indsigt,
ئەگەردە دانالىققا قۇلاق سالساڭ، يورۇقلۇققا ئېرىشىشكە كۆڭۈل بەرسەڭ،
3 ja, kalder du på Forstanden og løfter din Røst efter Indsigt,
ئەگەر ئەقىل-پاراسەتكە تەشنا بولۇپ ئىلتىجا قىلساڭ، يورۇقلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن يۇقىرى ئاۋازدا يېلىنساڭ،
4 søger du den som Sølv og leder den op som Skatte,
ئەگەر كۈمۈشكە ئىنتىلگەندەك ئىنتىلسەڭ، يوشۇرۇن گۆھەرنى ئىزدىگەندەك ئىزدىسەڭ،
5 da nemmer du HERRENs Frygt og vinder dig Kundskab om Gud.
ئۇنداقتا پەرۋەردىگاردىن [ھەقىقىي] قورقۇشنى بىلىدىغان بولىسەن، ۋە ساڭا خۇدانى تونۇش نېسىپ بولىدۇ.
6 Thi HERREN, han giver Visdom, fra hans Mund kommer Kundskab og Indsigt.
چۈنكى پەرۋەردىگار دانالىق بەرگۈچىدۇر؛ ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىلىم بىلەن يورۇقلۇق چىقىدۇ.
7 Til retsindige gemmer han Lykke, han er Skjold for alle med lydefri Vandel,
ئۇ دۇرۇس ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن مول ھېكمەت تەييارلاپ قويغاندۇر، ئۇ ۋىجدانلىق ئادەملەر ئۈچۈن قالقاندۇر.
8 idet han værner Rettens Stier og vogter sine frommes Vej.
ئۇ ئادىللىق قىلغۇچىلارنىڭ يوللىرىنى ئاسرايدۇ، ئىخلاسمەن بەندىلىرىنىڭ يولىنى قوغدايدۇ.
9 Da nemmer du Retfærd, Ret og Retsind, hvert et Spor, som er godt.
ئۇ چاغدا ھەققانىيلىق، ئادىللىق ۋە دۇرۇسلۇقنى، شۇنداقلا ھەرقانداق گۈزەل يولنى چۈشىنىدىغان بولىسەن.
10 Thi Visdom kommer i dit Hjerte, og Kundskab er liflig for din Sjæl;
دانالىق قەلبىڭگە كىرىشى بىلەنلا، بىلىم كۆڭلۈڭگە يېقىشى بىلەنلا،
11 Kløgt skal våge over dig, Indsigt være din Vogter -
پەم-پاراسەت سېنى قوغدايدۇ، يورۇقلۇق سېنى ساقلايدۇ.
12 idet den frier dig fra den ondes Vej, fra Folk, hvis Ord kun er vrange, -
ئۇلار سېنى يامان يولدىن، تىلى زەھەر ئادەملەردىن قۇتقۇزىدۇ؛
13 som går fra de lige Stier for at vandre på Mørkets Veje.
يەنى توغرا يولدىن چەتنىگەنلەردىن، قاراڭغۇ يوللاردا ماڭىدىغانلاردىن،
14 som glæder sig ved at gøre ondt og jubler over vrangt og ondt,
رەزىللىك قىلىشنى ھۇزۇر كۆرىدىغانلاردىن، يامانلىقنىڭ زىيانلىرىنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغانلاردىن،
15 de, som går krogede Stier og følger bugtede Spor -
يەنى ئەگرى يوللاردا ماڭىدىغانلاردىن، قىڭغىر يولدا ماڭىدىغانلاردىن قۇتقۇزىدۇ.
16 idet den frier dig fra Andenmands Hustru, fra fremmed Kvinde med sleske Ord,
[دانالىق] سېنى بۇزۇق ئايالدىن، يەنى شىرىن سۆزلەر بىلەن ئازدۇرماقچى بولغان نامەھرەم ئاياللاردىن قۇتقۇزىدۇ.
17 der sviger sin Ungdoms Ven og glemmer sin Guds Pagt;
[بۇنداق ئاياللار] ياش ۋاقتىدا تەگكەن جورىسىنى تاشلاپ، خۇدا ئالدىدىكى نىكاھ قەسىمىنى ئۇنتۇغان ۋاپاسىزلاردىندۇر.
18 thi en Grav til Døden er hendes Hus, til Skyggerne fører hendes Spor;
ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان يول ئۆلۈمگە ئاپىرىدىغان يولدۇر، ئۇنىڭ ماڭىدىغان يوللىرى ئادەمنى ئەرۋاھلار ماكانىغا باشلايدۇ.
19 tilbage vender ingen, som går ind til hende, de når ej Livets Stier
ئۇنىڭ قېشىغا بارغانلارنىڭ بىرىمۇ قايتىپ كەلگىنى يوق، ئۇلاردىن بىرىمۇ ھاياتلىق يوللىرىغا ئېرىشكىنى يوق.
20 at du må vandre de godes Vej og holde dig til de retfærdiges Stier;
[شۇلارنى چۈشەنسەڭ] ياخشىلارنىڭ يولىدا ماڭىسەن، ھەققانىيلارنىڭ يوللىرىنى تۇتىسەن.
21 thi retsindige skal bo i Landet, lydefri levnes deri,
چۈنكى دۇرۇس ئادەم زېمىندا ياشاپ قالالايدۇ، مۇكەممەل كىشى بۇ يەردە ماكانلىشالايدۇ.
22 men gudløse ryddes af Landet, troløse rykkes derfra.
لېكىن رەزىللەر زېمىندىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، ۋاپاسىزلار ئۇنىڭدىن يۇلۇۋېتىلىدۇ.

< Ordsprogene 2 >