< Esajas 2 >

1 Dette er, hvad Esajas, Amoz's Søn, skuede om Jerusalem:
بۇلار ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا توغرىسىدا كۆرگەن كالامدۇر: ــ
2 Det skal ske i de sidste Dage, at HERRENs Huses Bjerg, grundfæstet på Bjergenes Top, skal løfte sig op over Højene. Did skal Folkene strømme
ئاخىر زامانلاردا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى جايلاشقان تاغ تاغلارنىڭ بېشى بولۇپ بېكىتىلىدۇ، ھەممە دۆڭ-ئېگىزلكتىن ئۈستۈن قىلىپ كۆتۈرۈلىدۇ؛ بارلىق ئەللەر ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشىدۇ.
3 og talrige Folkeslag vandre: "Kom, lad os drage til HERRENs Bjerg, til Jakobs Guds Hus; han skal lære os sine Veje, så vi kan gå på hans Stier; thi fra Zion udgår Åbenbaring, fra Jerusalem, HERRENs Ord:"
نۇرغۇن خەلق-مىللەتلەر چىقىپ بىر-بىرىگە: ــ «كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ ئۆيىگە چىققايلى؛ ئۇ ئۆز يوللىرىدىن بىزگە ئۆگىتىدۇ، بىز ئۇنىڭ تەرىقىلىرىدە ماڭىمىز» ــ دېيىشىدۇ. ــ چۈنكى قانۇن-يوليورۇق زىئوندىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى يېرۇسالېمدىن چىقىدىغان بولىدۇ.
4 Da dømmer han Folk imellem, skifter Ret mellem talrige Folkeslag; deres Sværd skal de smede til Plovjern, deres Spyd til Vingårdsknive; Folk skal ej løfte Sværd mod Folk, ej øve sig i Våbenfærd mer.
ئۇ ئەللەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ھەق-ناھەقلىرىگە كېسىم قىلىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلىچلىرىنى ساپان چىشلىرى، نەيزىلىرىنى ئورغاق قىلىپ سوقۇشىدۇ؛ بىر ئەل يەنە بىر ئەلگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، ئۇلار ھەم يەنە ئۇرۇشنى ئۆگەنمەيدۇ.
5 Kom, Jakobs Hus, lad os vandre i HERRENs Lys!
ــ «ئى ياقۇپ جەمەتىدىكىلەر، كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ نۇرىدا ماڭايلى!».
6 Thi du forskød dit Folk, Jakobs Hus; de er fulde af Østens Væsen og spår, som var de Filistre, giver Folk fra Udlandet Håndslag.
ــ سەن ئۆز خەلقىڭ بولغان ياقۇپ جەمەتىنى تاشلاپ قويدۇڭ؛ چۈنكى ئۇلار شەرقتىكى خۇراپاتلار بىلەن تولدۇرۇلدى؛ ئۇلار فىلىستىيلەردەك پال سالىدۇ؛ ئۇلار چەتئەللىكلەر بىلەن قول تۇتۇشىدۇ؛
7 Deres Land er fuldt af Sølv og Guld, talløse er deres Skatte; deres Land er fuldt af Heste, talløse er deres vogne;
زېمىنى بولسا ئالتۇن-كۈمۈشكە تولۇپ كەتتى؛ بايلىقلىرى تۈگىمەس؛ يەر-زېمىنى ئاتلارغىمۇ تولۇپ كەتتى، جەڭ ھارۋىلىرى ھەم تۈگىمەس؛
8 deres Land er fuldt af Afguder, de tilbeder Værk af deres Hænder, Ting, deres Fingre har lavet.
زېمىنى بۇتلار بىلەنمۇ لىق بولۇپ كەتتى؛ ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغانلىرىغا، بارماقلىرى بىلەن شەكىللەندۈرگەنلىرىگە سەجدە قىلىشىدۇ.
9 Men bøjes skal Mennesket, Manden ydmyges, tilgiv dem ikke!
شۇنىڭ بىلەن پۇقرالار ئېگىلدۈرۈلىدۇ، مۆتىۋەرلەرمۇ تۆۋەن قىلىنىدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ قەددىنى رۇسلىمايسەن ھەم ھېچ كەچۈرۈم قىلمايسەن.
10 Gå ind i Klippen, skjul dig, i Støvet for HERRENs Rædsel, hans Højheds Herlighed!
ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھشىتىدىن، ھەيۋىسىنىڭ شان-شەرىپىدىن ئۆزۈڭنى قاچۇر، [خادا] تاشلار ئىچىگە كىرىۋال، توپا-چاڭلار ئىچىگە مۆكۈۋال!
11 Sine stolte Øjne skal Mennesket slå ned, Mændenes Hovmod skal bøjes, og HERREN alene være høj på hin Dag.
چۈنكى ئادەمنىڭ تەكەببۇر كۆزلىرى يەرگە قارىتىلىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى پەس قىلىنىدۇ؛ شۇ كۈنىدە يالغۇز پەرۋەردىگارلا ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلىنىدۇ.
12 Thi en Dag har Hærskarers HERRE mod alt det høje og knejsende, mod alt ophøjet og stolt,
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ شۇنداق بىر كۈنى تەييار تۇرىدۇ: ــ شۇ كۈنى ھەربىر تەكەببۇر ۋە مەمەدانلارنىڭ ئۈستىگە، ئۆزىنى يۇقىرى سانىغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ (شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەس قىلىنىدۇ!)،
13 med alle Libanons Cedre, de knejsende høje, og alle Basans Ege,
شۇنىڭدەك لىۋاننىڭ ئېگىز، پەلەككە يېتىدىغان بارلىق كېدىر دەرەخلىرىنىڭ ئۈستىگە، باشاندىكى بارلىق دۇب دەرەخلىرىنىڭ ئۈستىگە،
14 mod alle knejsende Bjerge og alle høje Fjelde,
ئېگىز تاغلارنىڭ ھەممىسىگە، يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بارلىق دۆڭلەرنىڭ ئۈستىگە،
15 mod alle stolte Tårne og alle stejle Mure,
ھەربىر ھەيۋەتلىك مۇنارنىڭ ئۈستىگە، ھەربىر مۇستەھكەم سېپىلنىڭ ئۈستىگە،
16 mod alle Tarsisskibe og hver en kostelig Ladning.
تارشىشتىكى ھەربىر سودا كېمىسىنىڭ ئۈستىگە، شۇنداقلا بارلىق گۈزەل كېمە گەۋدىسىنىڭ ئۈستىگە شۇ كۈنى چۈشۈشكە تەييار تۇرىدۇ.
17 Da skal Menneskets Stolthed bøjes, Mændenes Hovmod ydmyges. og HERREN alene være høj på hin Dag.
ئادەملەرنىڭ كۆرەڭلىكى تۆۋەن قىلىنىپ چۈشۈرۈلۈپ، ئىنسانلارنىڭ تەكەببۇرلىقى پەس قىلىنىدۇ، شۇ كۈنىدە يالغۇز پەرۋەردىگارلا ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلىنىدۇ.
18 Afguderne skal helt forsvinde.
بۇتلار بولسا ھەممىسى كۆزدىن يوقىلىدۇ.
19 Og man skal gå ind i Klippehuler og Jordhuller for HERRENs Rædsel, hans Højheds Herlighed når han står op for at forfærde Jorden.
پەرۋەردىگار يەرنى دەھشەتلىك سىلكىندۈرۈشكە ئورنىدىن تۇرىدىغان چاغدا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ ۋەھشىتىدىن، ئۇنىڭ ھەيۋىسىنىڭ شان-شەرىپىدىن قاچۇرۇپ، خادا تاش غارلىرىنىڭ ئىچىگە، يەر يۈزىدىكى ئۆڭكۈرلەرگە كىرىۋالىدۇ؛
20 På hin Dag skal Mennesket slænge sine Guder af Sølv og Guld, som han lavede sig for at tilbede dem, hen til Muldvarpe og Flagermus
شۇ كۈنىدە كىشىلەر ئۆزىگە چوقۇنۇشقا ياسىغان كۈمۈش بۇتلىرى ۋە ئالتۇن بۇتلىرىنى قارىغۇ چاشقانلارغا ۋە شەپەرەڭلەرگە تاشلاپ بېرىدۇ؛
21 for at gå ind i Klipperevner og Fjeldkløfter for HERRENs Rædsel, hans Højheds Herlighed, når han står op for at forfærde Jorden.
پەرۋەردىگار يەرنى دەھشەتلىك سىلكىندۈرۈشكە ئورنىدىن تۇرىدىغان چاغدا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ ۋەھشىتىدىن، ئۇنىڭ ھەيۋىسىنىڭ شان-شەرىپىدىن قاچۇرۇپ، خادا تاش چاكلىرىنىڭ ئىچىگە، يارلارنىڭ يېرىقلىرىغا كىرىۋالىدۇ؛
22 Slå ikke mer eders Lid til Mennesker, i hvis Næse der kun er flygtig Ånde, thi hvad er de at regne for?
ئۈمىدىڭلارنى نەپىسى دىمىغىدىلا تۇرىدىغان ئىنساندىن ئۈزۈڭلار، چۈنكى ئىنسان زادى نېمە ئىدى؟!

< Esajas 2 >