< Første Kongebog 17 >

1 Tisjbiten Elias fra Tisjbe i Gilead sagde til Akab: "Så sandt HERREN, Israels Gud, lever, han, for hvis Åsyn jeg står, i de kommende År skal der ikke falde dug eller Regn uden på mit udtrykkelige Bud!"
ئەمدى گىلېئادتا تۇرۇۋاتقانلاردىن بولغان تىشبىلىق ئىلىياس ئاھابقا: ــ مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ سۆزۈمسىز بۇ يىللاردا نە شەبنەم نە يامغۇر چۈشمەيدۇ، دېدى.
2 Derpå kom HERRENs Ord til ham således:
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كېلىپ: ــ
3 "Gå bort herfra og begiv dig østerpå og hold dig skjult ved Bækken Krit østen for Jordan;
بۇ يەردىن كېتىپ، مەشرىق تەرەپكە بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى قېرىت ئېقىنىنىڭ بويىدا ئۆزۈڭنى يوشۇرغىن؛
4 du skal drikke af Bækken, og Ravnene har jeg pålagt at sørge for Føde til dig der."
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، سەن ئېقىننىڭ سۈيىدىن ئىچىسەن؛ مانا، ساڭا ئۇ يەردە ئوزۇق يەتكۈزۈپ بېرىشكە قاغا-قۇزغۇنلارنى بۇيرۇدۇم، دېيىلدى.
5 Da gik han og gjorde efter HERRENs Ord, han gik hen og tog Bolig ved Bækken Krit østen for Jordan;
شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگار بۇيرۇغاندەك قىلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى قېرىت ئېقىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى.
6 og Ravnene bragte ham Brød om Morgenen og kød om Aftenen, og han drak af Bækken.
قاغا-قۇزغۇنلار ئەتىگەندە نان بىلەن گۆش، ھەر كەچتە يەنە نان بىلەن گۆش يەتكۈزۈپ بېرەتتى. ئۇ ئۆزى ئېقىننىڭ سۈيىدىن ئىچەتتى.
7 Men nogen Tid efter tørrede Bækken ud, eftersom der ingen Regn faldt i Landet.
لېكىن زېمىندا يامغۇر ياغمىغىنى ئۈچۈن بىرمەزگىلدىن كېيىن ئېقىن سۇ قۇرۇپ كەتتى.
8 Da kom HERRENs Ord til ham således:
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كېلىپ: ــ
9 "Begiv dig til Zarepta, som hører til Zidon, og tag Bolig der; se, jeg har pålagt en Enke der at sørge for Føde til dig."
ئورنۇڭدىن تۇرۇپ زىدوندىكى زارەفاتقا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇرغىن؛ مانا، مەن ئۇ يەردىكى بىر تۇل خوتۇننى سېنى بېقىشقا بۇيرۇدۇم، دېيىلدى.
10 Så begav han sig til Zarepta, og da han kom til Byens Port, fik han Øje på en Enke, som var ved at sanke Brænde, og råbte til hende: "Hent mig lidt Vand i et Kar, for at jeg kan drikke!"
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ زارەفاتقا بېرىپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا كەلگەندە، مانا ئۇ يەردە بىر تۇل خوتۇن ئوتۇن تېرىپ تۇراتتى. ئۇ تۇل خوتۇننى چاقىرىپ: ــ ئۆتۈنىمەن، قاچىدا ماڭا ئىچكىلى ئازراق سۇ ئېلىپ كەلگەيسەن، دېدى.
11 Og da hun gik bort for at hente det, råbte han efter hende: "Tag også et Stykke Brød med til mig!"
ئۇ سۇ ئالغىلى ماڭغاندا، ئۇ يەنە: ــ ئۆتۈنىمەن، ماڭا قولۇڭدا بىر چىشلەم نانمۇ ئالغاچ كەلگەيسەن، دېدى.
12 Men hun svarede: "Så sandt HERREN din Gud lever, jeg ejer ikke Brød, men kun en Håndfuld Mel i Krukken og lidt Olie i Dunken; jeg var nettop ved at sanke et Par Stykker Brænde for at gå hjem og tillave det til mig og min Søn; og når vi har spist det, må vi dø!"
ئەمما ئۇ: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ھاياتى بىلەن، ساڭا قەسەم قىلىمەنكى، مەندە ھېچ نان يوق، پەقەت ئىدىشتا بىر چاڭگال ئۇن، كوزىدا ئازغىنە ماي بار، مانا ئىككى تال ئوتۇن تېرىۋاتىمەن؛ ئاندىن بېرىپ ئۆزۈم بىلەن ئوغلۇمغا نان ئېتىپ، ئۇنى يەپ ئۆلىمىز، دېدى.
13 Da sagde Elias til hende: "Frygt ikke! Gå hjem og gør, som du siger; men lav først et lille Brød deraf til mig og bring mig det; siden kan du lave noget til dig selv og din Søn!
ئىلىياس ئۇنىڭغا: ــ قورقمىغىن؛ بېرىپ ئېيتقىنىڭدەك قىلغىن؛ لېكىن ئاۋۋال بىر كىچىك توقاچ ئېتىپ، ماڭا ئېلىپ كەلگىن؛ ئاندىن ئۆزۈڭ بىلەن ئوغلۇڭغا نان ئەتكىن.
14 Thi så siger HERREN, Israels Gud: Melkrukken skal ikke blive tom, og Olien i Dunken skal ikke slippe op, før den Dag HERREN sender Regn over Jorden!"
چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «پەرۋەردىگار يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىدىغان كۈنگىچىلىك ئىدىشتىكى ئۇن تۈگىمەيدۇ ۋە كوزىدىكى ماي كېمەيمەيدۇ»، دېدى.
15 Da gik hun og gjorde, som Elias sagde; og både hun og han og hendes Søn havde noget at spise en Tid lang.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ، ئىلىياسنىڭ ئېيتقىنىدەك قىلدى ۋە ئۇ، ئىلىياس ۋە ئايالنىڭ ئۆيىدىكىلەر خېلى كۈنلەرگىچە يېدى.
16 Melkrukken blev ikke tom, og olien i Dunken slap ikke op, efter det Ord HERREN havde talet ved Elias.
پەرۋەردىگارنىڭ ئىلىياس ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى بويىچە، ئىدىشتىكى ئۇن تۈگىمىدى ۋە كوزىدىكى مايمۇ كېمەيمىدى.
17 Men nogen Tid efter blev Kvindens, Husets Ejerindes, Søn syg, og hans Sygdom tog heftigt til, så der til sidst ikke mere var Liv i ham.
شۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۆينىڭ ئىگىسى بولغان بۇ ئايالنىڭ ئوغلى كېسەل بولدى. ئۇنىڭ كېسىلى شۇنداق ئېغىرلىشىپ كەتتىكى، ئۇنىڭدا نەپەس قالمىدى.
18 Da sagde hun til Elias: "Hvad har jeg med dig at gøre, du Guds Mand! Er du kommet for at bringe min Synd i Erindring og volde min Søns Død?"
ئايال ئىلىياسقا: ــ ئى خۇدانىڭ ئادىمى، مېنىڭ سەن بىلەن نېمە ئالاقەم بار ئىدى؟ سەن گۇناھىمنى يادقا كەلتۈرۈپ، ئوغلۇمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشقا كەلدىڭمۇ؟ ــ دېدى.
19 Men han svarede hende: "Lad mig få din Søn!" Og han tog ham fra hendes Skød og bar ham op i Stuen på Taget, hvor han boede, og lagde ham på sin Seng.
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئوغلۇڭنى قولۇمغا بەرگىن، دەپ ئۇنى ئۇنىڭ قۇچىقىدىن ئېلىپ ئۆزى ئولتۇرغان بالىخانىغا ئېلىپ چىقىپ ئۆز ئورنىغا قويۇپ،
20 Så råbte han til HERREN: "HERRE min Gud, vil du virkelig handle så ilde mod den Enke; i hvis Hus jeg er Gæst, at du lader hendes Søn dø?"
پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ــ ئى خۇدايىم پەرۋەردىگار، مەن مېھمان بولغان بۇ تۇل خوتۇننىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئۇنىڭ بېشىغىمۇ بالا چۈشۈردۇڭمۇ؟ ــ دەپ نىدا قىلدى.
21 Derpå strakfe han sig tre Gange hen over Drengen og råbte til HERREN: "HERRE min Gud, lad dog Drengens Sjæl vende tilbage!"
ئۇ بالىنىڭ ئۈستىگە ئۈچ قېتىم ئۆزىنى چاپلاپ، پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ــ ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، بۇ بالىنىڭ جېنى ئۆزىگە يەنە يېنىپ كىرسۇن! ــ دەپ نىدا قىلدى.
22 Og HERREN hørte Eliass Røst; Drengens Sjæl vendte tilbage, så han blev levende.
پەرۋەردىگار ئىلىياسنىڭ پەريادىنى ئاڭلىدى؛ بالىنىڭ جېنى ئۇنىڭغا يېنىپ كىرىشى بىلەن ئۇ تىرىلدى.
23 Så tog Elias Drengen og bragte ham fra Stuen på Taget ned i Huset og gav hans Moder ham, idet han sagde: "Se, din Søn lever!"
ئىلىياس بالىنى بالىخانىدىن ئېلىپ چۈشۈپ، ئۆيگە كىرىپ، ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئىلىياس: ــ مانا ئوغلۇڭ تىرىكتۇر، دېدى.
24 Da sagde Kvinden til Elias: "Nu ved jeg vist, at du er en Guds Mand, og at HERRENs Ord i din Mund er Sandhed."
ئايال ئىلىياسقا: ــ مەن شۇ ئىش ئارقىلىق ئەمدى سېنىڭ خۇدانىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىڭنى، ئاغزىڭدىن چىققان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلدىم، دېدى.

< Første Kongebog 17 >