< Første Krønikebog 10 >

1 Filisterne angreb Israel; og Israels Mænd flygtede for Filisterne, og de faldne laa rundt om paa Gilboas Bjerg.
فىلىستىيلەر ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلىۋىدى، ئىسرائىللار فىلىستىيلەرنىڭ ئالدىدىن قاچتى، ئۇلار گىلبوئا تېغىدا قىرىپ يوقىتىلدى.
2 Og Filisterne forfulgte Saul og hans Sønner og dræbte Sauls Sønner, Jonatan, Abinadab og Malkisjua.
فىلىستىيلەر سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى تاپ بېسىپ قوغلىدى؛ ئۇلار ئاخىرى سائۇلنىڭ ئوغۇللىرىدىن يوناتان، ئابىناداب، مالكى-شۇئالارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى.
3 Kampen rasede om Saul, og han blev opdaget af Bueskytterne og grebes af stor Angst for dem.
سائۇلغا قارشى جەڭ ئىنتايىن شىددەتلىك بولدى؛ ئوقياچىلار سائۇلغا يېتىشىپ ئوقيا ئېتىپ ئۇنى يارىلاندۇردى.
4 Da sagde Saul til sin Vaabendrager: »Drag dit Sværd og gennembor mig, for at ikke disse uomskaarne skal komme og mishandle mig!« Men Vaabendrageren vilde ikke, thi han gøs tilbage derfor. Da tog Saul Sværdet og styrtede sig i det,
ئاندىن سائۇل ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: قىلىچىڭنى سۇغۇرۇپ مېنى سانجىپ ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ بولمىسا بۇ خەتنىسىزلەر كېلىپ مېنى سانجىپ، مېنى خورلۇققا قويۇشى مۇمكىن، دېدى. لېكىن ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىنتايىن قورقۇپ كېتىپ، ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل قىلىچنى ئېلىپ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىدى.
5 og da Vaabendrageren saa, at Saul var død, styrtede ogsaa han sig i sit Sværd og døde.
ياراغ كۆتۈرگۈچىسى سائۇلنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنى قىلىچنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆلدى.
6 Saaledes fulgtes Saul, hans tre Sønner og hele hans Slægt i Døden.
شۇنىڭ بىلەن سائۇل، ئۈچ ئوغلى ھەم پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر شۇ كۈندە بىراقلا ئۆلدى.
7 Men da alle Israeliterne i Dalen saa, at Israels Mænd var flygtet, og at Saul og hans Sønner var faldet, forlod de deres Byer og flygtede, hvorpaa Filisterne kom og besatte dem.
ئەمدى ۋادىدا تۇرغان ئىسرائىللار ئەسكەرلىرىنىڭ قاچقانلىقىنى ۋە سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرگىنىدە، ئۇلار شەھەرلىرىنى تاشلاپ قاچتى، فىلىستىيلەر كېلىپ ئۇ جايلاردا ئورۇنلاشتى.
8 Da Filisterne Dagen efter kom for at plyndre de faldne, fandt de Saul og hans Sønner liggende paa Gilboas Bjerg.
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئەتىسى فىلىستىيلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋالغىلى كەلگەندە گىلبوئا تېغىدا سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلۈك ياتقانلىقىنى كۆردى-دە،
9 De plyndrede ham da og tog hans Hoved og Vaaben med sig og sendte Bud rundt Filisternes Land for at bringe deres Afguder og Folket Glædesbudet.
كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، كاللىسىنى ۋە ساۋۇت-ياراغلىرىنى ئېلىپ كەتتى ھەمدە بۇلارنى فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىنىڭ ھەممە يەرلىرىگە ئاپىرىپ، ئۆز بۇتلىرىغا ۋە خەلققە خۇش خەۋەر يەتكۈزدى.
10 Vaabnene lagde de i deres Guds Hus, men Hovedskallen hængte de op i Dagons Hus.
ئۇلار سائۇلنىڭ ساۋۇت-ياراغلىرىنى ئۇلارنىڭ بۇتخانىسىدا قويۇپ، كاللىسىنى داگون بۇتخانىسىغا ئېسىپ قويدى.
11 Men da alle de, som boede i Gilead, hørte alt, hvad Filisterne havde gjort ved Saul,
ئەمدى يابەش-گىلېئاددا ئولتۇرغۇچىلار فىلىستىيلەرنىڭ سائۇلغا بارلىق قىلغانلىرىنى ئاڭلىغاندا
12 brød alle vaabenføre Mænd op, og de tog Sauls og hans Sønners Lig ned, bragte dem med til Jabesj og jordede deres Ben under Terebinten i Jabesj og fastede syv Dage.
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە باتۇرلار ئاتلىنىپ، سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى يابەشكە قايتۇرۇپ كېلىپ، يابەشتىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلدى ۋە يەتتە كۈن روزا تۇتتى.
13 Saaledes døde Saul for den Utroskabs Skyld, han havde vist HERREN, fordi han ikke havde givet Agt paa HERRENS Ord, ogsaa fordi han havde adspurgt en Aand for at faa et Raad
شۇنىڭ بىلەن سائۇل پەرۋەردىگارغا قىلغان ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن ئۆلدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىغا كىرمەي ۋە ھەتتا پەرۋەردىگاردىن يول سورىماي، بەلكى پالچى جىنكەشنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن يول سورىغانىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھلىقىنى يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتقا ئۆتكۈزۈپ بەردى.
14 og ikke søgt; Raad hos HERREN. Derfor lod han ham dø, og Kongemagten lod han gaa over til David, Isajs Søn.

< Første Krønikebog 10 >