< Salme 25 >

1 En Psalme af David. Til dig, Herre! opløfter jeg min Sjæl.
داۋۇت يازغان كۈي: پەرۋەردىگار، جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛
2 Jeg forlader mig paa dig, min Gud! lad mig ikke beskæmmes, at mine Fjender ikke skulle fryde sig over mig.
ساڭا تايىنىمەن، ئى خۇدايىم؛ مېنى يەرگە قارىتىپ خىجالەتتە قالدۇرمىغايسەن؛ ۋە ياكى دۈشمەنلىرىمنى ئۈستۈمدىن غالىب قىلىپ شادلاندۇرمىغايسەن؛
3 Ja, ingen, som bier efter dig, skal beskæmmes; beskæmmes skulle de, som handle troløst uden Aarsag.
بەرھەق، سېنى كۈتكۈچىلەردىن ھېچقايسىسى شەرمەندە بولماس؛ بىراق ھېچبىر سەۋەبسىز خائىنلىق قىلغۇچىلار شەرمەندە بولىدۇ.
4 Herre! lad mig kende dine Veje, lær mig dine Stier.
مېنى سېنىڭ ئىزلىرىڭنى بىلىدىغان قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ يوللىرىڭنى ماڭا ئۆگىتىپ قويغايسەن.
5 Gør, at jeg gaar frem i din Sandhed, og lær mig den; thi du er min Frelses Gud, jeg bier efter dig den ganske Dag.
مېنى ھەقىقىتىڭدە ماڭدۇرۇپ، ماڭا ئۆگەتكەيسەن؛ چۈنكى ئۆزۈڭ مېنىڭ نىجاتلىقىم بولغان خۇدايىمدۇرسەن؛ مەن كۈن بويى ساڭا قاراپ تەلمۈرىمەن؛
6 Herre! kom din Barmhjertighed og din Miskundhed i Hu; thi de have været fra Evighed.
ئۆز رەھىمدىللىقلىرىڭنى، ئۆزگەرمەس مېھىرلىرىڭنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار! چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن تارتىپ بار بولۇپ كەلگەندۇر؛
7 Kom ikke mine Ungdoms Synder eller mine Overtrædelser i Hu; men kom du mig i Hu efter din Miskundhed for din Godheds Skyld, Herre!
مېنىڭ ياشلىقىمدىكى گۇناھلىرىمنى، شۇنداقلا ئىتائەتسىزلىكلىرىمنى ئېسىڭگە كەلتۈرمىگەيسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ، مېھرىبانلىقىڭ بىلەن، مېنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
8 Herren er god og oprigtig, derfor underviser han Syndere om Vejen.
پەرۋەردىگار مېھرىبان ۋە دۇرۇستۇر؛ شۇڭا ئۇ گۇناھكارلارنى دۇرۇس يولغا سالىدۇ.
9 Han skal gøre, at de ydmygede komme til Ret, og han skal lære de ydmygede sin Vej.
مۆمىنلەرنى ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە ئۇ يېتەكلەيدۇ؛ مۆمىنلەرگە ئۆز يولىنى ئۆگىتىدۇ.
10 Alle Herrens Stier ere Miskundhed og Sandhed for dem, som bevare hans Pagt og hans Vidnesbyrd.
ئۇنىڭ ئەھدىسى ۋە ھۆكۈم-گۇۋاھلىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسىگە نىسبەتەن، پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق يوللىرى ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەتتۇر.
11 For dit Navns Skyld, Herre, forlad mig dog min Misgerning; thi den er stor.
ئۆز نامىڭ ئۈچۈن، ئى پەرۋەردىگار، قەبىھلىكىم ئىنتايىن ئېغىر بولسىمۇ، سەن ئۇنى كەچۈرىۋەتكەنسەن.
12 Hvo er den Mand, som frygter Herren? han skal undervise ham om den Vej, som han skal udvælge.
كىمكى پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسە، خۇدا ئۆزى تاللىغان يولدا ئۇنىڭغا [ھەقىقەتنى] ئۆگىتىدۇ؛
13 Hans Sjæl skal bo i Lyksalighed, og hans Sæd skal arve Landet.
ئۇنىڭ جېنى ئازادە-ياخشىلىقتا ياشايدۇ، ئۇنىڭ نەسلى يەر يۈزىگە مىراس بولىدۇ.
14 Herrens Omgang er med dem, som frygte ham, og hans Pagt er med dem, til at lade dem kende den.
پەرۋەردىگار ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلار بىلەن سىرداشتۇر؛ ئۇ ئۇلارغا ئۆز ئەھدىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
15 Mine Øjne ere stedse til Herren; thi han skal drage mine Fødder ud af Garnet.
مېنىڭ كۆزلىرىم ھەمىشە پەرۋەردىگارغا تىكىلىپ قارايدۇ؛ چۈنكى ئۇ پۇتلىرىمنى توردىن چىقىرىۋېتىدۇ.
16 Vend dit Ansigt til mig og vær mig naadig; thi jeg er enlig og elendig.
ماڭا قاراپ مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ چۈنكى مەن غېرىبانە، دەردمەندۇرمەن.
17 Mit Hjertes Ængstelser have vidt udbredt sig; før mig ud af mine Trængsler!
كۆڭلۈمنىڭ ئازارلىرى كۆپىيىپ كەتتى؛ مېنى باسقان قىسماقلاردىن چىقارغايسەن.
18 Se hen til min Elendighed og min Møje, og forlad mig alle mine Synder!
دەردلىرىمنى، ئازابلىرىمنى نەزىرىڭگە ئالغىن، بارلىق گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن!
19 Se hen til mine Fjender, thi de ere mange; og de hade mig med uretfærdigt Had.
مېنىڭ دۈشمەنلىرىمنى نەزىرىڭگە ئالغىن، چۈنكى ئۇلار كۆپتۇر؛ ئۇلار ماڭا چوڭقۇر ئۆچمەنلىك بىلەن نەپرەتلىنىدۇ.
20 Bevar min Sjæl og red mig, at jeg ikke beskæmmes, thi jeg tror paa dig.
جېنىمنى ساقلىغايسەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ مېنى شەرمەندىلىكتە قالدۇرمىغايسەن؛ چۈنكى مەن سېنى باشپاناھىم قىلدىم.
21 Lad Retsindighed og Oprigtighed bevare mig; thi jeg bier efter dig.
كۆڭۈل ساپلىقى ۋە دۇرۇسلۇق مېنى قوغدىغاي؛ چۈنكى مەن ساڭا ئۈمىد باغلاپ كۈتۈۋاتىمەن.
22 Forløs, o Gud, Israel af al dets Nød!
ئى خۇدا، ئىسرائىلنى بارلىق كۈلپەتلىرىدىن قۇتقۇزۇپ ھۆرلۈككە چىقارغايسەن!

< Salme 25 >