< Esajas 13 >

1 En Profeti imod Babel, som Esajas, Amoz's Søn, saa.
ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا كۆرگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن بابىل توغرىسىدىكى ۋەھىي: ــ
2 Oprejser Banner paa et nøgent Bjerg, opløfter Røsten til dem, vinker med Haanden, at de gaa ind ad Fyrsternes Døre.
[بابىل] ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوۋۇقلاردىن ئۆتۈپ كىرىشى ئۈچۈن، قاقاس تاغ ئۈستىدە تۇغ كۆتۈرۈڭلار، ئۇلارنى يۇقىرى ئاۋازدا چاقىرىڭلار، قولۇڭلارنى پۇلاڭلىتىپ ئىشارەت قىلىڭلار.
3 Jeg har givet Befaling til dem, jeg har helliget og kaldet til min Vredes Tjeneste, mine vældige, mine stoltelig jublende.
مەن بولسام، مەخسۇس تاللىغانلىرىمغا بۇيرۇق چۈشۈرگەنمەن، ئۆز پالۋانلىرىمنى، يەنى تەكەببۇرلۇقتىن يايراپ كەتكەن ئادەملىرىمنى غەزىپىمنى بەجا كەلتۈرۈشكە چاقىردىم.
4 Der høres en Tummel paa Bjergene som af et stort Folk, et Bulder af samlede Hedningeriger; den Herre Zebaoth mønstrer Krigshær.
ئاڭلاڭلار، بۈيۈك بىر ئەلنىڭ ئادەملىرىدەك توپ-توپ ئادەملەرنىڭ تاغلاردا ياڭراتقان قىيقاس-سۈرەنلىرىنى، ھەممە ئەل-يۇرتلار ۋە پادىشاھلىقلار [جەڭگە] يىغىلىپ دولقۇنلاتقان قاينام-تاشقىنلىقنى! ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار قوشۇنلارنى جەڭگە يىغىدۇ.
5 De komme fra et langt fraliggende Land, fra Himmelens Ende, Herren og hans Vredes Vaaben til at ødelægge den hele Jord.
ئۇلار، يەنى پەرۋەردىگار ۋە ئۆز غەزىپىنىڭ قوراللىرى، يىراق يۇرتتىن، ھەتتا ئاسمانلارنىڭ قەرىدىنمۇ پۈتكۈل جاھاننى ھالاك قىلىشقا كەلگەن.
6 Hyler, thi Herrens Dag er nær, den skal komme som en Ødelæggelse fra den Almægtige.
پەرياد چېكىپ ھۇۋلاڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىنلاشتى؛ ئۇ ھەممىگە قادىردىن كېلىدىغان ھالاكەتتەك كېلىدۇ.
7 Derfor skulle alle Hænder slappes og hvert Menneskehjerte blive modfaldent.
بۇنىڭدىن ھەربىر قول بوشىشىپ كېتىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ يۈرىكى ئېرىپ كېتىدۇ.
8 Og de skulle forfærdes, Veer og Smerter skulle betage dem, de skulle vride sig som den, der føder, de skulle forfærdede se, den ene paa den anden, deres Ansigter skulle blusse som Lue.
ئۇلار ۋەھىمىگە چۈشىدۇ؛ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە قايغۇ-ھەسرەت ئۇلارنى قاپلايدۇ، تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئۇلار تولغىنىپ كېتىدۇ، ئۇلار بىر-بىرىگە ۋەھىمە ئىچىدە تىكىلىپ قارىشىدۇ؛ يۈزلىرى بولسا يالقۇندەك قىزىرىپ كېتىدۇ.
9 Se, Herrens Dag kommer grum og fuld af Harme og brændende Vrede for at gøre Jorden til en Ørk og udslette dens Synder derfra.
مانا پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى كېلىدۇ، شۇ كۈن جىمى يەر-جاھاننى ۋەيران قىلىشقا، رەھىمسىز بولۇپ، غەزەپ ۋە قەھر بىلەن تولغاندۇر؛ ئۇ گۇناھكارلارنى جاھاندىن يوقىتىدۇ.
10 Thi Stjernerne paa Himmelen og deres Stjernebilleder skulle ikke lade deres Lys skinne, Solen skal formørkes, naar den gaar op, og Maanen skal ikke lade sit Lys skinne.
چۈنكى ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ھەم يۇلتۇز تۈركۈملىرى نۇرىنى بەرمەيدۇ؛ قۇياش بولسا چىقىپلا قاراڭغۇلىشىدۇ، ئايمۇ ھېچ يورۇمايدۇ.
11 Og jeg vil hjemsøge Jorderige for det onde og de ugudelige for deres Misgerning; og jeg vil bringe de hovmodiges Stolthed til at høre op og bøje Voldsmænds Overmod.
مەن دۇنيانى رەزىللىكى ئۈچۈن، قەبىھلەرنى گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن؛ ھاكاۋۇرلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى تۈگەل يوقىتىمەن؛ زوراۋانلارنىڭ كىبىرلىرىنى پەس قىلىمەن.
12 Jeg vil gøre Folk sjældnere end Guld og Mennesker sjældnere end Guld fra Ofir.
مەن ئىنسانلارنى ساپ ئالتۇندىن ئاز قىلىمەن، ئادەمنى ھەتتا ئوفىردىكى ئالتۇندىن ئاز قىلىمەن.
13 Derfor vil jeg ryste Himmelen, og Jorden skal skælvende vige fra sit Sted, i den Herre Zebaoths Fortørnelse og paa hans brændende Vredes Dag.
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدە، ئۇنىڭ قاينىغان قەھرلىك كۈنىدە، مەن [خۇدا] ئاسمانلارنى تەۋرىتىمەن، يەر بولسا ئۆز ئورنىدىن يۆتكىلىدۇ؛
14 Og det skal gaa som med en jaget Raa og som med Faar, hvilke ingen samler: De skulle vende sig hver til sit Folk og fly hver til sit Land.
شۇڭا ئوۋلانغان بىر جەرەندەك، ھېچكىم يىغمايدىغان بىر پادىدەك، ھەربىرسى ئۆز ئەل-جامائىتىنى ئىزدەپ كەتمەكچى بولىدۇ، ھەربىرى ئۆز يۇرت-ماكانىغا قاچماقچى بولىدۇ؛
15 Hver den, som bliver naaet, skal gennemstikkes, og hver den, som gribes, skal falde ved Sværdet.
قېچىپ تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى سانجىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ؛ ئەسىرگە چۈشكەنلەرمۇ قىلىچلىنىدۇ.
16 Og deres spæde Børn skulle knuses for deres Øjne, deres Huse plyndres og deres Hustruer skændes.
ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ كۆز ئالدىدا پارە-پارە قىلىنىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ، ئاياللىرىمۇ ئاياغ ئاستى قىلىنىدۇ.
17 Se, imod dem vil jeg opvække Mederne, dem, som ikke agte Sølv, ej heller have Lyst til Guld;
مانا، مەن ئۇلارغا قارشى تۇرۇشقا مېدىئالىقلارنى قوزغايمەن، ئۇلار كۈمۈشلەرگە ھېچ قارىمايدۇ، ئالتۇندىن بولسا ئۇلار زوق ئالمايدۇ.
18 men deres Buer skulle sønderknuse Drenge, og de skulle ikke forbarme sig over Livs Frugt, deres Øje skal ikke skaane Børnene.
ئۇلارنىڭ ئوقيالىرى يىگىتلەرنى ئۆتمە-تۆشۈك قىلىۋېتىدۇ، ئۇلار بالىياتقۇنىڭ مېۋىسىگە ھېچ رەھىم قىلمايدۇ، كۆزلىرى بالىلارنى ھېچ ئايىمايدۇ.
19 Og Babel, Rigernes Krone, Kaldæernes herlige Prydelse, skal blive, som da Gud omkastede Sodoma og Gomorra.
پادىشاھلىقلارنىڭ گۆھىرى، كالدىيلەرنىڭ پەخىرلىنىدىغان گۈزەللىكى بولغان بابىل بولسا، خۇدانىڭ سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى ئۆرۈۋەتكىنىگە ئوخشاش بولىدۇ.
20 Den skal i Evighed ikke rejse sig, og den skal ikke bebos fra Slægt til Slægt, og ingen Araber skal opslaa Telt der, ej heller Hyrder lade Kvæg ligge der.
ئۇ يەردە ھېچكىم ھەرگىز تۇرمايدۇ، دەۋردىن-دەۋرگىچە ئۇ ئادەمزاتسىز قالىدۇ. ئەرەبلەر بولسا شۇ يەردە چېدىر تىكمەيدۇ، مالچىلار پادىلىرىنى شۇ يەردە ياتقۇزمايدۇ.
21 Men Ørkens Vildt skal ligge der, og deres Huse skulle være fulde af hylende Dyr, og Strudser skulle bo der og Skovtrolde springe der.
بىراق چۆل-باياۋاندىكى جانىۋارلار شۇ يەردە قونىدۇ، ئۇلارنىڭ [خاراب] ئۆيلىرىگە ھۇۋلايدىغان مەخلۇقلار تولىدۇ، ھۇۋقۇشلار شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ، «ئۆچكە جىن»لار سەكرەپ ئويناقلىشىدۇ.
22 Og Ulve skulle tude imod hverandre i de forladte Huse og Drager i de lystige Paladser; og det er nær for Haanden, at dens Tid kommer, og dens Dage skulle ikke forhales.
ياۋايى ئىتلار قەلئە-قورغانلاردا، چىلبۆرىلەر ئۇنىڭ ھەشەمەتلىك ئوردىلىرىدا ھۇۋلىشىدۇ، بەرھەق، ئۇنىڭ ۋاقتى توشۇشقا ئاز قالدى، ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.

< Esajas 13 >