< 1 Samuel 15 >

1 Og Samuel sagde til Saul: Herren sendte mig til at salve dig til Konge over sit Folk, over Israel: Saa hør nu Herrens Ords Røst!
ئەمدى سامۇئىل سائۇلغا: ــ پەرۋەردىگار سېنى ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ بولۇش ئۈچۈن مەسىھ قىلغىلى مېنى ئەۋەتكەنىدى؛ ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىن.
2 Saaledes sagde Herren Zebaoth: Jeg vil hjemsøge over det, som Amalek gjorde ved Israel, da han satte sig imod ham paa Vejen, der han drog op af Ægypten.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئامالەكلەرنىڭ ئىسرائىلغا قىلغان مۇئامىلىسىنى، يەنى ئىسرائىل مىسىردىن چىققاندا ئۇلارنىڭ يولدا ئۇلارغا قانداق قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى كۆڭلۈمگە پۈككەنمەن.
3 Gak nu hen, og du skal slaa Amalek, og I skulle ødelægge alt det, han har, og du skal ikke spare ham; men du skal slaa ihjel baade Mand og Kvinde, baade spædt og diende Barn, baade Okse og Lam, baade Kamel og Asen.
ئەمدى بېرىپ ئامالەكلەرنى ئۇرۇپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىپ ئۇلارنى ھېچ ئايىمايلا، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ئۆسمۈر بولسۇن، بوۋاق بولسۇن، كالا-قوي، تۆگە ۋە ئىشەك ھەممىسىنى يوقاتقىن، دېدى.
4 Og Saul lod Folket høre det og talte dem i Telaim, to Hundrede Tusinde Fodfolk og ti Tusinde Mand af Juda.
سائۇل خەلقنى جەم قىلىپ ئۇلارنى تەلائىم شەھىرىدە سانىۋىدى، ئىككى يۈز مىڭ پىيادە ئەسكەر، يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئون مىڭ ئادەم چىقتى.
5 Der Saul kom til Amaleks Stad, da lagde han et Baghold i Dalen.
سائۇل ئامالەكلەرنىڭ شەھىرىگە كەلگەندە شۇ يەردىكى ۋادىدا بۆكتۈرمە قويدى.
6 Og Saul sagde til Keniten: Gak hen, vig bort, drag ned fra Amalek, at jeg ikke skal lægge dig øde med ham; thi du gjorde Miskundhed mod alle Israels Børn, der de droge op af Ægypten; saa drog Keniten fra Amalek.
ئاندىن سائۇل كېنىيلەرگە: ــ چىقىپ كېتىڭلار، سىلەرنى ئۇلار بىلەن قوشۇپ يوقاتماسلىقىم ئۈچۈن ئامالەكلەرنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار؛ چۈنكى ئىسرائىل مىسىردىن چىققاندا سىلەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مېھرىبانلىق كۆرسەتكەنسىلەر، دېدى. شۇنىڭ بىلەن كېنىيلەر ئامالەكلەردىن چىقىپ كەتتى.
7 Da slog Saul Amalek, fra Hevila indtil man kommer til Sur, som ligger lige for Ægypten.
ئەمدى سائۇل ئامالەكلەرنى ھاۋىلاھدىن تارتىپ مىسىرنىڭ ئۇدۇلىدىكى شۇرغىچە قوغلاپ ئۇردى.
8 Og han greb Agag, Amalekiternes Konge, levende, og han ødelagde alt Folket med skarpe Sværd.
ئۇ ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى تىرىك تۇتتى، ئەمما بارلىق خەلقنى قىلىچ بىسى بىلەن پۈتۈنلەي يوقاتتى.
9 Men Saul og Folket sparede Agag, og hvad der var godt af smaat Kvæg og stort Kvæg og det næstbedste og Lammene, ja, alt det, som var godt, og de vilde ikke ødelægge det; men hver ringe og ubrugbar Ting ødelagde de.
لېكىن سائۇل بىلەن خەلق ئاگاگنى ئايىدى ۋە قوي-كالا، بوردالغان مال ۋە قوزىلاردىن ئەڭ ئېسىللەرنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن نېمە ياخشى بولسا شۇنى ئاياپ ئۇلارنى ھالاك قىلىشقا قولى بارمىدى؛ لېكىن نېمە يارىماس ۋە زەئىپ بولسا شۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار يوقاتتى.
10 Da skete Herrens Ord til Samuel saaledes:
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سامۇئىلغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
11 Det angrer mig, at jeg gjorde Saul til Konge, thi han har vendt sig bort fra mig og har ikke holdt mine Ord; og Samuels Vrede optændtes, og han raabte til Herren den ganske Nat.
«سائۇلنى پادىشاھ قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم، چۈنكى ئۇ ماڭا ئەگىشىشتىن يېنىپ مېنىڭ سۆزۈمگە ئەمەل قىلمىدى». سامۇئىل ئازار چېكىپ پۈتكۈل بىر كېچە پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى.
12 Og Samuel stod tidlig op for at gaa Saul i Møde om Morgenen; og det blev Samuel tilkendegivet og sagt: Saul var kommen til Karmel, og se, han har sat sig et Mindesmærke, og han er vendt om, draget forbi og gaaet ned til Gilgal.
ئەتىسى سامۇئىل سائۇلنىڭ ئالدىغا چىقىش ئۈچۈن تاڭ سەھەردىلا ئورنىدىن تۇردى. سامۇئىلغا: ــ سائۇل كارمەلگە باردى ۋە مانا، ئۇ ئۆزىگە بىر ئابىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن يېنىپ گىلگالغا چۈشۈپتۇ، دېگەن خەۋەر بېرىلدى.
13 Og Samuel kom til Saul, og Saul sagde til ham: Velsignet være du for Herren! jeg har holdt Herrens Ord.
سامۇئىل سائۇلنىڭ قېشىغا كەلگەندە سائۇل ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار سېنى مۇبارەكلىگەي! پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلدىم، دېدى.
14 Men Samuel svarede: Hvad er dette for en Lyd af smaat Kvæg for mine Øren? og Lyd af stort Kvæg, som jeg hører?
لېكىن سامۇئىل: ــ ئۇنداق بولسا قۇلىقىمغا ئاڭلانغان قوينىڭ مەرىشى بىلەن مەن ئاڭلاۋاتقان كالىنىڭ مۆرىشى زادى نەدىن كەلدى؟ ــ دېدى.
15 Da sagde Saul: De have ført det fra Amalekiterne, idet Folket sparede det, som var godt af smaat Kvæg og af stort Kvæg, for at ofre til Herren din Gud; men det øvrige have vi ødelagt.
سائۇل جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلار ئامالەكلەردىن ئېلىپ كېلىندى؛ چۈنكى خەلق خۇدايىڭ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن قوي-كالىنىڭ ئېسىللىرىنى ئاياپ قالدۇرۇپ قويدى؛ قالغىنىنى بولسا پۈتۈنلەي يوقاتتۇق، دېدى.
16 Da sagde Samuel til Saul: Hold op! saa vil jeg give dig til Kende, hvad Herren har talet til mig i Nat; og han sagde til ham: Tal!
سامۇئىل سائۇلغا: ــ قوي، بۇ گېپىڭنى! مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ كېچە ماڭا نېمە دېگىنىنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي، دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئېيتقىن، دېدى.
17 Og Samuel sagde: Er det ikke saa? der du var liden i dine Øjne, blev du Israels Stammers Hoved, og Herren salvede dig til en Konge over Israel.
سامۇئىل مۇنداق دېدى: ــ ئۆز نەزىرىڭدە كىچىك ھېسابلانغان ۋاقتىڭدىلا پەرۋەردىگار سېنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولسۇن دەپ، مەسىھ قىلىشى بىلەن سەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بېشى بولغان ئەمەسمىدىڭ؟
18 Og Herren sendte mig paa Vejen og sagde: Drag hen, ødelæg de Syndere, Amalekiterne, og strid imod dem, indtil du faar gjort Ende paa dem.
ئاندىن پەرۋەردىگار سېنى: ــ سەن بېرىپ گۇناھكار ئامالەكلەرنى ھالاك قىلغىن؛ ئۇلارنى يوقاتقۇچە ئۇلار بىلەن سوقۇشقىن، دەپ ئەۋەتكەنىدى.
19 Og hvorfor adlød du ikke Herrens Røst? men du styrtede dig over Byttet, og gjorde det onde for Herrens Øjne.
ئەمدى نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، بەلكى ئولجا ئۈستىگە دۈم چۈشۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغاننى قىلدىڭ؟
20 Da sagde Saul til Samuel: Jeg adlød dog Herrens Røst og gik paa den Vej, paa hvilken Herren sendte mig; og jeg førte Agag, Amalekiternes Konge, hid, og ødelagde Amalekiterne;
سائۇل سامۇئىلغا: ــ مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدىمغۇ! پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتكەن يول بىلەن ماڭدىم ۋە ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى ئېلىپ كېلىپ ئامالەكلەرنىڭ ئۆزىنى پۈتۈنلەي يوقاتتىم.
21 men Folket tog af Rovet smaat Kvæg og stort Kvæg, det ypperste af det, som var sat i Band, for at ofre til Herren din Gud i Gilgal.
ئەمما خەلق بولسا ئولجىدىن قوي بىلەن كالا، يەنى يوقىتىشقا بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئەڭ ئېسىلىنى ئېلىپ خۇدايىڭ پەرۋەردىگارغا گىلگالدا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلدى، دېدى.
22 Men Samuel sagde: Mon Herren har Behagelighed i Brændofre og Slagtofre, saaledes som i Lydighed mod Herrens Røst? se, at adlyde er bedre end Offer og at være hørsom end det fede af Vædre.
سامۇئىل: ــ پەرۋەردىگار كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈرۈشتىن سۆيۈنەمدۇ، يا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىشتىن سۈيۈنەمدۇ؟ مانا ئىتائەت قىلماقلىق قۇربانلىق قىلماقلىقتىن ئەۋزەل، كۆڭۈل قويۇش قوچقار يېغىنى سۇنۇشتىن ئەۋزەلدۇر.
23 Thi Genstridighed er en Trolddoms Synd, og Haardnakkethed er Uretfærdighed og Afgudsdyrkelse; efterdi du har forkastet Herrens Ord, da har han og forkastet dig, at du ikke skal være Konge.
چۈنكى ئاسىيلىق بولسا جادۇگەرلىك گۇناھى بىلەن ئوخشاشتۇر، باشپاشتاقلىق قەبىھلىك ۋە بۇتپەرەسلىككە باراۋەردۇر. سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى تاشلىغىنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سېنى تاشلاپ پادىشاھلىقتىن مەھرۇم قىلدى، ــ دېدى.
24 Da sagde Saul til Samuel: Jeg har syndet ved, at jeg har overtraadt Herrens Befaling og dine Ord; thi jeg frygtede for Folket og adlød dets Røst.
سائۇل سامۇئىلغا: ــ مەن گۇناھ سادىر قىلدىم، چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىدىن ۋە سېنىڭ سۆزۈڭدىنمۇ چىقتىم؛ چۈنكى مەن خەلقتىن قورقۇپ ئۇلارنىڭ سۆزىگە كىردىم.
25 Og nu, kære, borttag min Synd, og vend tilbage med mig, saa vil jeg tilbede for Herren.
ئەمدى گۇناھىمنى ئەپۇ قىلغىن؛ مېنىڭ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىشىم ئۈچۈن مېنىڭ بىلەن قايتىپ بارغىن، دېدى.
26 Da sagde Samuel til Saul: Jeg vil ikke vende tilbage med dig; thi du har forkastet Herrens Ord, og Herren har forkastet dig, at du ikke skal være Konge over Israel.
سامۇئىل سائۇلغا: ــ مەن سېنىڭ بىلەن قايتىپ بارمايمەن؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى تاشلىغانسەن، ۋە پەرۋەردىگار سېنى تاشلاپ پادىشاھلىقتىن مەھرۇم قىلدى، دېدى.
27 Der Samuel vendte sig omkring for at gaa, da holdt han fast ved Fligen af hans Kappe, og den blev reven itu.
سامۇئىل كېتىشكە بۇرۇلغىنىدا سائۇل ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى تۇتۇۋالدى، ئۇ يىرتىلىپ كەتتى.
28 Da sagde Samuel til ham: Herren har i Dag revet Israels Kongerige fra dig, og han har givet det til din Næste, som er bedre end du.
سامۇئىل ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقىنى سەندىن يىرتىپ ئېلىپ سەندىن ئەۋزەل بولغان بىر يېقىنىڭغا تاپشۇردى.
29 Og han, som er Israels Herlighed, lyver ikke, og det skal ikke angre ham; thi han er ikke et Menneske, at han skulde angre.
ئىسرائىلنىڭ جانابىي ئالىيىسى بولغۇچى يالغان سۆزلىمەيدۇ ياكى نىيىتىدىن يانمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئادەم بالىسىدەك نىيىتىدىن يانغۇچى ئەمەستۇر، دېدى.
30 Og han sagde: Jeg har syndet, men, kære, ær mig nu for mit Folks Ældste og for Israel; og vend tilbage med mig, at jeg maa tilbede for Herren din Gud.
سائۇل: ــ مەن گۇناھ سادىر قىلدىم. لېكىن خەلقىمنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ۋە ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا ماڭا ئىززەت قىلىپ مېنىڭ بىلەن يېنىپ بارغىن؛ شۇنىڭ بىلەن خۇدايىڭ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلالايمەن، دېدى.
31 Saa vendte Samuel tilbage med Saul, og Saul tilbad for Herren.
شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل سائۇل بىلەن يېنىپ باردى ۋە سائۇل پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى.
32 Da sagde Samuel: Fører Agag, Amalekiternes Konge, frem til mig, og Agag gik til ham lystelig, og Agag sagde: Visseligen, Dødens Beskhed er bortvegen.
ئاندىن سامۇئىل: ــ ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئاگاگ بولسا خۇشلۇق بىلەن ئۇنىڭ قېشىغا باردى. ئاگاگ كۆڭلىدە: ــ شۈبھىسىزكى، ئۆلۈم دەھشىتى ئۆتۈپ كەتتى، دېدى.
33 Men Samuel sagde: Ligesom dit Sværd har berøvet Kvinder deres Børn, saa skal iblandt Kvinderne din Moder berøves sine Børn; og Samuel sønderhuggede Agag for Herrens Ansigt i Gilgal.
ئەمما سامۇئىل: ــ سېنىڭ قىلىچىڭ خوتۇنلارنى بالىسىز قىلغاندەك سېنىڭ ئاناڭمۇ خوتۇنلارنىڭ ئارىسىدا بالىسىز بولىدۇ، دېۋىدى، سامۇئىل ئاگاگنى گىلگالدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا چاناپ پارە-پارە قىلدى.
34 Og Samuel gik til Rama; men Saul drog op til sit Hus i Sauls Gibea.
ئاندىن سامۇئىل راماھقا باردى. سائۇل بولسا «سائۇلنىڭ يۇرتى گىبېئاھ» دېگەن جايدىكى ئۆيىگە چىقىپ كەتتى.
35 Og Samuel besøgte ikke Saul mere indtil sin Døds Dag, thi Samuel sørgede over Saul; og det angrede Herren, at han havde gjort Saul til Konge over Israel.
سامۇئىل ئۆلگەن كۈنىگىچە سائۇل بىلەن قايتا كۆرۈشمىدى. ئەمما سامۇئىل سائۇل ئۈچۈن قايغۇردى. پەرۋەردىگار سائۇلنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ قىلغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندى.

< 1 Samuel 15 >