< Micheáš 4 >

1 Ale stane se v posledních dnech, že utvrzena bude hora domu Hospodinova na vrchu hor, a vyvýšena nad pahrbky, i pohrnou se k ní národové.
بىراق ئاخىرقى زاماندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى جايلاشقان تاغ تاغلارنىڭ بېشى بولۇپ بېكىتىلىدۇ، ھەممە دۆڭ-ئېگىزلىكتىن ئۈستۈن قىلىنىپ كۆتۈرۈلىدۇ؛ بارلىق خەلقلەر ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشىدۇ.
2 A půjdou lidé mnozí, říkajíce: Poďte, a vstupme na horu Hospodinovu, totiž do domu Boha Jákobova, a bude nás vyučovati cestám svým, i budeme choditi po stezkách jeho. Nebo z Siona vyjde zákon, a slovo Hospodinovo z Jeruzaléma.
نۇرغۇن قوۋم-مىللەتلەر چىقىپ بىر-بىرىگە: ــ «كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كېلەيلى؛ ئۇ ئۆز يوللىرىدىن بىزگە ئۆگىتىدۇ، ۋە بىز ئۇنىڭ ئىزلىرىدا ماڭىمىز» ــ دېيىشىدۇ. چۈنكى قانۇن-يوليورۇق زىئوندىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى يېرۇسالېمدىن چىقىدىغان بولىدۇ.
3 Onť bude souditi mezi národy mnohými, a trestati bude národy silné za dlouhé časy. I skují meče své v motyky, a oštípy své v srpy. Nepozdvihne národ proti národu meče, a nebudou se více učiti boji.
ئۇ بولسا كۆپ خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۇ كۈچلۈك ئەللەر، يىراقتا تۇرغان ئەللەرنىڭ ھەق-ناھەقلىرىگە كېسىم قىلىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز قىلىچلىرىنى ساپان چىشلىرى، نەيزىلىرىنى ئورغاق قىلىپ سوقۇشىدۇ؛ بىر ئەل يەنە بىر ئەلگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، ئۇلار ھەم يەنە ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگەنمەيدۇ؛
4 Ale seděti bude každý pod vinným kmenem svým, a pod fíkovím svým, a nebude žádného, kdo by přestrašil; nebo ústa Hospodina zástupů mluvila.
بەلكى ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۈزۈم تېلى ۋە ئۆز ئەنجۈر دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرىدۇ، ۋە ھېچكىم ئۇلارنى قورقاتمايدۇ؛ چۈنكى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق ئېيتتى.
5 Všickni zajisté národové choditi budou jeden každý ve jménu boha svého, ale my choditi budeme ve jménu Hospodina Boha našeho na věky věků.
بارلىق خەلقلەر ئۆز «ئىلاھ»ىنىڭ نامىدا ماڭسىمۇ، بىراق بىز خۇدايىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا ئەبەدىلئەبەدگىچە ماڭىمىز.
6 V ten den, dí Hospodin, zberu zase kulhavou, a zahnanou shromáždím, i tu, kteréž jsem zle činil.
شۇ كۈنىدە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن مېيىپ بولغۇچىلارنى، ھەيدىۋېتىلگەنلەرنى ۋە ئۆزۈم ئازار بەرگەنلەرنى يىغىمەن؛
7 I dám té kulhavé potomky, a pryč zahnané národ silný, a bude kralovati Hospodin nad nimi na hoře Sion od tohoto času až na věky.
ۋە مېيىپ بولغۇچىنى بىر «قالدى»، ھەيدىۋېتىلگەننى كۈچلۈك بىر ئەل قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار زىئون تېغىدا ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ، شۇ كۈندىن باشلاپ مەڭگۈگىچە.
8 A tak ty věže bravná, bašto dcery Sionské, až k tobě přijde, přijde, pravím, panování první, a království k dceři Jeruzalémské.
ۋە سەن، ئى پادىنى كۆزەتكۈچى مۇنار، ــ زىئون قىزىنىڭ ئېگىزلىكى، [پادىشاھلىق] ساڭا كېلىدۇ: ــ ــ بەرھەق، ساڭا ئەسلىدىكى ھوقۇق-ھۆكۈمرانلىق كېلىدۇ؛ پادىشاھلىق يېرۇسالېم قىزىغا كېلىدۇ.
9 Pročež nyní tak velice křičíš? Zdaliž není žádného krále v tobě? Zdali rádce tvůj zahynul, že tě zachvátila bolest jako rodičku?
ئەمدى سەن ھازىر نېمىشقا نىدا قىلىپ نالە كۆتۈرىسەن؟ سەندە پادىشاھ يوقمىدى؟ سېنىڭ مۇشاۋىرىڭمۇ ھالاك بولغانمىدى، ئايالنى تولغاق تۇتقاندەك ئازابلار سېنى تۇتۇۋالغانمىدى؟
10 Pracujž ku porodu a úpěj, dcero Sionská, jako rodička; nebo již vyjdeš z města, a budeš bydliti na poli, a přijdeš až do Babylona. Tam vytržena budeš, tam tě vykoupí Hospodin z ruky nepřátel tvých.
ئازابقا چۈش، تولغاق تۇتقان ئايالدەك تۇغۇشقا تولغىنىپ تىرىشقىن، ئى زىئون قىزى؛ چۈنكى سەن ھازىر شەھەردىن چىقىسەن، ھازىر دالادا تۇرىسەن، سەن ھەتتا بابىلغىمۇ چىقىسەن. سەن ئاشۇ يەردە قۇتقۇزۇلىسەن؛ ئاشۇ يەردە پەرۋەردىگار ساڭا ھەمجەمەت بولۇپ دۈشمەنلىرىڭدىن قۇتقۇزىدۇ.
11 Sbírajíť se nyní sic proti tobě národové mnozí, říkající: Nechť jest poškvrněn Sion, a nechť se podívají na to oči naše.
ۋە ھازىر نۇرغۇن ئەللەر: ــ «ئۇ ئاياغ ئاستى قىلىنىپ بۇلغانسۇن! كۆزىمىز زىئوننىڭ [ئىزاسىنى] كۆرسۈن!» ــ دەپ ساڭا قارشى جەڭ قىلىشقا يىغىلىدۇ؛
12 Však oni neznají myšlení Hospodinových, aniž rozumějí radě jeho, že je shromažďuje jako snopy na humno.
بىراق ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئويلىرىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ نىشانىنى چۈشەنمەيدۇ؛ چۈنكى ئۆنچىلەرنى خامانغا يىغقاندەك ئۇ ئۇلارنى يىغىپ قويدى.
13 Vstaniž a mlať, dcero Sionská; nebo rok tvůj učiním železný, a kopyta tvá učiním ocelivá. I zetřeš národy mnohé, a posvětím Hospodinu jmění jejich, a zboží jejich Pánu vší země.
ئورنۇڭدىن تۇرۇپ خاماننى تەپ، ئى زىئون قىزى، چۈنكى مەن مۈڭگۈزۈڭنى تۆمۈر، تۇياقلىرىڭنى مىس قىلىمەن؛ نۇرغۇن ئەللەرنى سوقۇپ پارە-پارە قىلىۋېتىسەن؛ مەن ئۇلارنىڭ غەنىمىتىنى پەرۋەردىگارغا، ئۇلارنىڭ مال-دۇنيالىرىنى پۈتكۈل يەر-زېمىن ئىگىسىگە بېغىشلايمەن.

< Micheáš 4 >