< Marek 5 >

1 Tedy přeplavili se přes moře do krajiny Gadarenských.
ئۇلار دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا، گادارالىقلارنىڭ يۇرتىغا يېتىپ باردى.
2 A jakž vyšel z lodí, hned se s ním potkal člověk z hrobů, maje ducha nečistého.
ئۇ كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، ناپاك روھ چاپلاشقان بىر ئادەم گۆر ئۆڭكۈرلىرىدىن چىقىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.
3 Kterýž bydlil v hrobích, a aniž ho kdo již mohl řetězy svázati,
ئۇ ئادەم ئۆڭكۈرلەرنى ماكان قىلغان بولۇپ، ھەتتا ئۇنى ھېچكىم زەنجىرلەر بىلەنمۇ باغلىيالمايتتى.
4 Nebo často jsa pouty a řetězy okován, polámal řetězy a pouta roztrhal, a žádný nemohl ho zkrotiti.
چۈنكى كۆپ قېتىم پۇت-قوللىرى كىشەن-زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان بولسىمۇ، ئۇ زەنجىرلەرنى ئۈزۈۋېتىپ، كىشەنلەرنى چېقىۋەتكەنىدى؛ ھېچكىم ئۇنى بويسۇندۇرالمىغانىدى.
5 A vždycky ve dne i v noci na horách a v hrobích byl, křiče a tepa se kamením.
ئۇ كېچە-كۈندۈز مازارلىقتا ۋە تاغلار ئارىسىدا توختاۋسىز ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرەتتى، ئۆز-ئۆزىنى تاشلار بىلەن كېسىپ يارىلاندۇراتتى.
6 Uzřev pak Ježíše zdaleka, běžel a poklonil se jemu,
لېكىن ئۇ ئەيسانى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، سەجدە قىلدى
7 A křiče hlasem velikým, řekl: Co jest tobě do mne, Ježíši, Synu Boha nejvyššího? Zaklínám tě skrze Boha, abys mne netrápil.
ۋە قاتتىق ئاۋازدا ۋارقىراپ: ــ ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، سېنىڭ مېنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ! خۇدا ھەققى، سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى قىينىما! ــ دېدى
8 (Nebo pravil jemu: Vyjdiž, duchu nečistý, z člověka tohoto.)
(چۈنكى ئەيسا ئۇنىڭغا: «ھەي ناپاك روھ، ئۇنىڭدىن چىق!» دېگەنىدى).
9 I otázal se ho: Jakť říkají? A on odpovídaje, řekl: Množství jméno mé jest, neb jest nás mnoho.
ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ ئىسمىڭ نېمە؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئىسمىم «قوشۇن» ــ چۈنكى سانىمىز كۆپ، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
10 I prosil ho velmi, aby jich nevyháněl z té krajiny.
ۋە ئۇ ئەيسادىن ئۇلارنى بۇ يۇرتتىن ھەيدىۋەتمىگەيسەن، دەپ كۆپ ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى.
11 Bylo pak tu při horách stádo vepřů veliké pasoucích se.
تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوتلاپ يۈرەتتى.
12 I prosili ho všickni ti ďáblové, řkouce: Pusť nás do vepřů, ať do nich vejdeme.
جىنلار ئۇنىڭغا: ــ بىزنى مۇشۇ توڭگۇزلارغا ئەۋەتكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشكە يول قويغايسەن، ــ دەپ يالۋۇرۇشتى.
13 I povolil jim hned Ježíš. A vyšedše duchové nečistí, vešli do vepřů. I běželo to stádo s vrchu dolů do moře, (a bylo jich ke dvěma tisícům, ) i ztonuli v moři.
ئەيسا دەرھال يول قويدى. شۇنىڭ بىلەن ناپاك روھلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىشى بىلەنلا، توڭگۇزلار تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، دېڭىزغا غەرق بولدى. ئۇلار ئىككى مىڭغا يېقىن ئىدى.
14 Ti pak, kteříž ty vepře pásli, utekli a oznámili to v městě i ve vsech. I vyšli lidé, aby viděli, co je se to stalo.
توڭگۇز باققۇچىلار بولسا ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر-يېزىلاردا بۇ ئىشلارنى پۇر قىلدى. شۇ يەردىكىلەر نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرگىلى چىقىشتى.
15 I přišli k Ježíšovi, a uzřeli toho, kterýž byl trápen od ďábelství, an sedí, odín jsa a maje zdravý rozum, toho totiž, kterýž měl tmu ďáblů. I báli se.
ئۇلار ئەيسانىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئىلگىرى جىنلار چاپلىشىۋالغان ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىملەرنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ئولتۇرغىنىنى ــ يەنى «قوشۇن جىنلار» چاپلاشقان شۇ ئادەمنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىشتى.
16 A kteříž to viděli, vypravovali jim, kterak se stalo tomu, kterýž měl ďábelství, i o vepřích.
بۇ ۋەقەنى كۆرگەنلەر جىنلار چاپلاشقان ئادەمدە نېمە يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە توڭگۇزلارنىڭ ئاقىۋىتىنى خەلققە بايان قىلىپ بەردى.
17 Tedy počali ho prositi, aby odšel z krajin jejich.
بۇنىڭ بىلەن خالايىق ئەيساغا: يۇرتلىرىمىزدىن چىقىپ كەتكەيسەن، دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى.
18 A když vstoupil na lodí, prosil ho ten, kterýž trápen byl od ďábelství, aby byl s ním.
ئۇ كېمىگە چىقىۋاتقاندا، ئىلگىرى جىنلار چاپلاشقان ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭدىن: مەنمۇ سەن بىلەن بىللە باراي، دەپ ئۆتۈندى.
19 Ježíš pak nedopustil mu, ale řekl jemu: Jdi k svým do domu svého, a zvěstuj jim, kterak jest veliké věci učinil tobě Hospodin, a slitoval se nad tebou.
لېكىن ئۇ بۇنىڭغا ئۇنىماي: ــ ئۆز ئۆيدىكىلىرىڭ ۋە يۇرتداشلىرىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا شۇنچىلىك ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ساڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى خەۋەرلەندۈرگىن، ــ دېدى.
20 I odšel, a počal ohlašovati v krajině Desíti měst, kterak veliké věci učinil mu Ježíš. I divili se všickni.
ئۇ قايتىپ بېرىپ، ئەيسانىڭ ئۆزىگە قانداق ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغانلىقىنى «ئون شەھەر رايونى»دا جار قىلىشقا باشلىدى. بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى تولىمۇ ھەيران قېلىشتى.
21 A když se přeplavil Ježíš na lodí zase na druhou stranu, sšel se k němu zástup mnohý. A on byl u moře.
ئەيسا قايتىدىن كېمە بىلەن دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتكەندە، زور بىر توپ خالايىق ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلدى؛ ئۇ دېڭىز بويىدا تۇراتتى.
22 A aj, přišel jeden z knížat školy Židovské, jménem Jairus, a uzřev jej, padl k nohám jeho,
مانا، مەلۇم بىر سىناگوگنىڭ چوڭى يائىرۇس ئىسىملىك بىر كىشى كەلدى. ئۇ ئۇنى كۆرۈپ ئايىغىغا يىقىلىپ: ــ كىچىك قىزىم ئۆلەي دەپ قالدى. بېرىپ ئۇنىڭغا قوللىرىڭىزنى تەگكۈزۈپ قويسىڭىز، ئۇ ساقىيىپ ياشىغاي! ــ دەپ قاتتىق يېلىندى.
23 A velmi ho prosil, řka: Dcerka má skonává. Prosím, pojď, vlož na ni ruce, aby uzdravena byla, a budeť živa.
24 I šel s ním, a zástup mnohý šel za ním, i tiskli jej.
ئەيسا ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى. زور بىر توپ خالايىقمۇ ئولىشىپ قىستاشقان ھالدا كەينىدىن مېڭىشتى.
25 (Tedy žena jedna, kteráž tok krve měla dvanácte let,
خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال بار بولۇپ،
26 A mnoho byla trápena od mnohých lékařů, a vynaložila všecken statek svůj, a nic jí bylo neprospělo, ale vždy se hůře měla,
ئۇ نۇرغۇن تېۋىپلارنىڭ قولىدا كۆپ ئازاب تارتىپ، بار-يوقىنى خەجلەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق ئۈنۈمى بولماي، تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى.
27 Uslyšavši o Ježíšovi, přišla v zástupu pozadu, a dotkla se roucha jeho.
بۇ ئايال ئەيسا ھەققىدىكى گەپلەرنى ئاڭلاپ، خالايىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قىستىلىپ كېلىپ، ئارقا تەرەپتىن ئۇنىڭ تونىنى سىلىدى.
28 Neb řekla byla: Dotknu-li se jen roucha jeho, uzdravena budu.
چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە: «ئۇنىڭ تونىنى سىلىساملا ساقايماي قالمايمەن» دەپ ئويلىغانىدى.
29 A hned přestal jest krvotok její, a pocítila na těle, že by uzdravena byla od neduhu svého.
خۇن شۇئان توختاپ، ئايال كېسەل ئازابىدىن ساقايتىلغانلىقىنى ئۆز تېنىدە سەزدى.
30 A hned Ježíš poznav sám v sobě, že jest moc vyšla z něho k uzdravení, obrátiv se v zástupu, řekl: Kdo se dotekl roucha mého?
ئەيسا دەرھال ۋۇجۇدىدىن قۇدرەتنىڭ چىققانلىقىنى سېزىپ، خالايىقنىڭ ئىچىدە كەينىگە بۇرۇلۇپ: ــ كىيىمىمنى سىلىغان كىم؟ ــ دەپ سورىدى.
31 I řekli mu učedlníci jeho: Vidíš, že tě zástup tiskne, a pravíš: Kdo se mne dotekl?
مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا: ــ خالايىقنىڭ ئۆزۈڭنى قىستاپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق، يەنە: «مېنى سىلىغان كىم؟» دەپ سورايسەنغۇ؟ ــ دېيىشتى.
32 I hleděl vůkol, aby ji uzřel, která jest to učinila.
بىراق ئەيسا ئۆزىنى سىلىغۇچىنى تېپىش ئۈچۈن تېخىچە ئەتراپىغا قاراۋاتاتتى.
33 Ta pak žena s bázní a s třesením, věduci, co se stalo při ní, přistoupila a padla před ním, a pověděla mu všecku pravdu.
ئۆزىدە نېمە ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سەزگەن ئايال قورقۇپ-تىترىگەن ھالدا كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى پۈتۈنلەي ئېيتتى.
34 On pak řekl jí: Dcero, víra tvá tě uzdravila, jdiž u pokoji, a buď zproštěna od trápení svého.)
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! تىنچ-خاتىرجەملىكتە قايت! كېسىلىڭنىڭ ئازابىدىن ساقايغىن، ــ دېدى.
35 A když on ještě mluvil, přišli někteří z domu knížete školy, řkouce: Dcera tvá umřela, proč již zaměstknáváš Mistra?
ئۇ بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، سىناگوگنىڭ چوڭىنىڭ ئۆيىدىن بەزىلەر بەزىلەر كېلىپ ئۇنىڭغا: قىزىڭىز ئۆلدى. ئەمدى ئۇستازنى نېمىشقا يەنە ئاۋارە قىلىسىز؟! ــ دېيىشتى.
36 Ježíš pak, hned jakž uslyšel to, což oni mluvili, řekl knížeti školy: Neboj se, toliko věř.
لېكىن ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ دەرھال سىناگوگنىڭ چوڭىغا: قورقمىغىن! پەقەت ئىشەنچتە بول! ــ دېدى.
37 I nedal žádnému za sebou jíti, jediné Petrovi, Jakubovi a Janovi, bratru Jakubovu.
ئۇ پەقەت پېترۇس، ياقۇپ ۋە ياقۇپنىڭ ئىنىسى يۇھاننا بىلەن يولغا چىقتى؛ باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە بېرىشىغا يول قويمىدى.
38 I přišel do domu knížete školy, a viděl tam hluk, ano plačí a kvílí velmi.
ئۇ سىناگوگنىڭ چوڭىنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلگەندە، قىيقاس-چۇقاننى، خالايىقنىڭ قاتتىق نالە-پەرياد ۋە ئاھ-زار كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ،
39 I všed tam, řekl jim: Co se bouříte a plačete? Neumřelať jest děvečka, ale spí.
ئۆيگە كىرىپ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا قىيقاس-چۇقان ۋە ئاھ-زار كۆتۈرىسىلەر؟ بالا ئۆلمەپتۇ، ئۇخلاپ قاپتۇ، ــ دېدى.
40 I posmívali se jemu. On pak vyhnav všecky, pojal toliko otce a matku děvečky, a ty, kteříž s ním byli, i všel tam, kdež děvečka ležela.
ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى؛ لېكىن ئۇ ھەممەيلەننى تاشقىرىغا چىقىرىۋېتىپ، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ۋە ئۆز ھەمراھلىرىنى ئېلىپ، بالا ياتقان ئۆيگە كىردى.
41 A vzav ruku děvečky, řekl jí: Talitha kumi, jenž se vykládá: Děvečko, (toběť pravím, ) vstaň.
ئۇ بالىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا: «تالىتا كۇمى» دېدى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «قىزىم، ساڭا ئېيتىمەنكى، ئورنۇڭدىن تۇر» دېگەنلىك ئىدى.
42 A hned vstala děvečka, a chodila; nebo byla ve dvanácti letech. I zděsili se divením převelikým.
قىز دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى (ئۇ ئون ئىككى ياشتا ئىدى). ئۇلار بۇ ئىشقا مۇتلەق ھەيران قېلىشتى.
43 A přikázal jim pilně, aby žádný o tom nezvěděl. I rozkázal jí dáti jísti.
ئۇ ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى قاتتىق تاپىلىدى، شۇنداقلا قىزغا يېگۈدەك بىرنېمە بېرىشنى ئېيتتى.

< Marek 5 >